ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-5-24 22:03:52

سېغىنىشلىق سۆيگۈ سالامى

سەھپىمىزدە سۆزلەيدىغىنىمىز؛ساناقلىق ساندىكى سۆيگۈ سەۋدايىلىرىنىڭ سەپسەتىلىرى،ساپ سۆيگۈنى سەتلەشتۈرۈپ،سۆيگۈنى سۆرۈنلەشتۈرگەنلەرنىڭ سىماسىدۇر..سەمىڭىز سەھپىمىزدىكى «سېغىنىشلىق سۆيگۈ سالامى»غاسېلىنسۇن...
سۆيۈملىكىم«س»سالامەتمۇسىز؟سىزنى سەمىمى سۆيگەنلىكىمدىن سىزنى سېغىنىپ،سۈپسۈزۈك سۇدەك،ساپ سۆيگۈ سۆزلىرىمنى سىزگە سۇندۇم.سىزمۇ سېغىنغانسىزمۇ؟سىغىنسىڭىزمۇ سېغىنغانسىز؟ سېغىنغانلىقىڭىزنى سورىسام سېغىنغانلىقىڭىزنى سۆزلەيدىغانسىز...سېغىنغىنىڭىز ساختا،سېغىنمىغانلىقىڭىز سۆزسىزكى سەمىمى سۆزىڭىزدۇر.سەۋەبىنى سورسىڭىز:سىزدىن سۆيگۈ سوراپ،سالجىدەك.سايىڭىزدەك سۆرەلگەنلىرىمدە سىز سۆيگۈمنى سەتلەشتۈرۈپ،سۆيگۈمدىن سەسكىنىپ،سۆيگۈ سىرلىرىمنى سورىماستىن،سۈبھى سالۇنىدىكى سادىققا سىھىرلىنىپ،سادىقنى سالاھىتىڭىزگە سەپلەپ،سۆيگۈڭىزدە سادىقنى سالقىنلىتىپ،سىبىرىيەگە سەپەرلەندىڭىز..سىز سىبىرىيەدە سەيياھلىنىۋاتقانلىرىڭىزدا سىزنى سېغىنىپ،ساسلىقتىكى سۆگەتنىڭ سايسىدا سالىقىندىغاچ،سىزنىڭ سۈرىتىڭىزنى سانسىزلاپ سىزدىم.سىزىپ سىنچىلاپ سەپسالدىم.سەپسالغانسىرى،سېغىنىپ سوسلشىپ سەۋدالاشتىم.سۈيۈملۈكىم«س»سىزگە سىرىمنى سۆزلىسەم سىر ساقلىيالامسىزكىن..سىرىمنى سۆزلىگەندە سەپرالىشىپ سىلكىۋەتمەسسىز...سىزنى سانسىز سۈبھىيلەردە ساقلاۋەردىم.سەبىيلىرىڭىزنىڭ سانىمۇ سەككىزكەن...سىزسۆيگۈمنى سۆيگۈ سالونىڭىزغا سىغدۇرالامسىز؟سادىقنى سۆيگۈ سالونىڭىزدىن سۈپۈرۋىتىپ،سانجىغا سەپەرلىنىڭ..سىزنى ساقلايمەن..سىزلا سۆيسىڭىز...سۆيگۈ سالونىم سىزنى سانسىزلىغان سۆيگۈلەردە سوۋغىلايدۇ...سىزنىمۇ،سەبىيلىرىڭىنىمۇ سۆيىمەن...سىزنى سىلاپ-سىپاپ،سىلكىشلىمەيمەن.....سۆيگۈ سۇئالىمىغا سەپسالغىنىڭىزدىن سىرىت،سىزمۇ ساقلاتماي سالامىڭىزنى سۇنۇڭ....ساقلاتماسسىز...ساقلاتسىڭىزمۇ ساداقىتىم سوسلاشمايدۇ....










مەنبە:ئەپەندىم تورىدىن ئىلىندى

ئاپتۇرى :كىرىمجان ياسىن(زەپەر).

ئەرتان يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 08:15:33

ئالامەتقۇ رەھمەت

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 23:55:42

زەپەر ئەپەندىمنىڭ سانائىللىرى ئۈزۈلمىگەي.

yanfun يوللانغان ۋاقتى 2015-5-7 06:04:35

ياخشى يېزىلىپتۇ
بەت: [1]
: سېغىنىشلىق سۆيگۈ سالامى