غەيۋەتلەردىن غورۇرلار غەمناك
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئونسۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-24 23:03غەيۋەتلەردىن غۇرۇرلار غەمناك.غەيۋەتخورلار غەيۋەت غاڭزىلىرىنى غۇرۇلتىدىتىپ، غوتۇلداپ، غەيۋەتلەرنى غوللىتىپ،غالىپلارنى غولىتىشقا غەليانلانغان غاپىللاردۇر.غەيۋەتخورلار غالىپلارغىلا غوتولدىماستىن،غېرىپ-غورىۋا،غۇبارسىز غۇنچىلارنىمۇ غاجىلايدىغان غەلىتە غىلتاڭلاردۇر. غەيۋەتخورلارنىڭ غاجىلىشىدىن غالىپلار،غورۇرلۇقلار غېرىپلاشسا غەيۋەتخورلار غىڭشىپ، غىجەكلىرىنى غەلىتە غىڭىلدىتىپ غىدىقلىنىدۇ.غېرىپلاشتۇرالمىسا، غولىتالمىسا،غېرىچلىرىنى غىرىسلىتىپ، غورۇلايدەك غاقىلداپ،غەيۋەت غالتەكلىرىنى غىچىلدىتىپ غىتىلداپ ، غىلجىڭلايدۇ.غەيۋەتلىرى غالىپلارنى، غورۇرلۇقلارنى غولىتالمىغاندا،غەمكىنلىشىپ، غىزالىنالماي،غەملىرى غوللاپ غۇچۇرلىشىدۇ.
غەيۋەتخورلارنىڭ غۇرۇرنى غەمناكلاشتۇرۇشلىرىنى غىرتىلدىتىپ،غوللىتىۋەرمەي غاچچىدە غۇژمەكلەشتۈرسەك:غەيۋەتخورلار غورۇرىنى غەيۋەت غەپلىتىدە غۇربەتلەشتۈرىدىغان، غەيۋەتتىن، غەلدە-غەشتىلەرنى غوللىتىدىغان،غاراڭ-غۇرۇڭ،غەلىتە غىڭشىدىغان،غەيۋەتنى غولاچلايدىغان،غايىلىك،غورۇرلۇق غۇجاملارنى،غۇنچىلارنى غەمناكلاشتۇرۇشقا غەيۋەت غىلاپلىرىنى غېرىچلايدىغان غەيرى غوللىقلاردۇر.غەيۋەتخورلار غاجىلاشقا غالىپكى،غەم- غۇسسىنى،غاپىللىقنى غولىتىپ،غورۇرىنى غۇنچىلاشتۇرۇپ،غالىپلاردەك غادىيالمايدىغان غانجۇلاردىندۇر.
غەيۋەتخورلارنىڭ غاجىلىشىدىن،غالىپلار،غۇبارسىز غۇنچىلارمۇ،غېرىپ –غۇرۋالارمۇ غېرىپلاشماڭلار! غەيۋەتخورلار غاجىلىغانسىرى،غەيۋەت غەلۋىسىدىن غەشلەشمەي، غەيرىتىڭلاردىن،غەيۋەتخورلارنى غال-غال غالىلدىتىڭلار!غەيۋەتخورلاردەك غالچىلارنىڭ غەيۋىتىدىن غانجۇغلانماڭلار......
مەنبە :ئەپەندىم تورىدىن ئىلىندى
ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)
ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ !ئاپتۇر ھەقىقەتەن تىلغا بايكەن ،قايىل بولدۇم ! پاھ ئىدرىسجان، يېزىقىمىزدىكى 32 ھەرپنىڭ ھەممىسىدىن كەلتۈرۈپ تېما يوللاشقا بەل باغلاپسىز- دە، يارايسىز!
ھەر ھالدا تېما يوللىغاندا ئىملاغىمۇ دىققەت قىلىپراق يوللارسىز، خاتانى خاتا پېتىچە يوللاۋەرمەي {:6_269:} ناھايىتىياىشىبوپتۇ. Jam يوللىغان ۋاقتى2014-5-25 00:12
پاھ ئىدرىسجان، يېزىقىمىزدىكى 32 ھەرپنىڭ ھەممىسىدىن كەل ...
سۆز ئوينى بولغاچقا كۆپ تۇزتۇپ ئولتامىدىمدىمغۇ{:1_1:}
بەت:
[1]