ھاياتلىق سەپىرى ۋە ئىلىمنىڭ نۇرى - (ئەيساجان تۇردى ئاچچىق)
ھاياتلىق سەپىرى ۋە ئىلىمنىڭ نۇرىئەيساجان تۇردى ئاچچىق
ياشاش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ
‹‹مەڭگۈ تاش›› ئابىدىلىرىدىكى‹‹بىز كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق؛ ھامان بىر كۈنى كۆككە ئۇچۇپ كېتىمىز، يەرگە چۆكۈپ كېتىمىز›› دىگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئوقۇغۇنىمىزدا، ھاياتلىقنىڭ يەنە بىر قاتلىمى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا بەجبۇر بولىمىز شۇنداقلا‹‹ھەر بىر جانلىق ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىلاردۇرمىز›› دېگەن ھېكمەتنىڭ جۇلاسىدىن نۇرلىنىپ ھاياتلىق سەپىرىمىزنىڭ تېخىمۇ مەنىلىك داۋام ئېتىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان دېتاللارنى ئىزدېمەكچى بولىمىز. ئادەم ئاتىنىڭ يەر شارىغا ئېۋەتىلگىنىگە ئۇزۇن ۋاقىت بوپتۇ.ئادەم ئاتا قاتتىق ئۇيقىدىن ئويغانسا ھەۋۋا ئانىمىز ئۇنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.مانا بىز شۇنچە كۆپىيىپتىمىز، ھېلىمۇ ياخشى ‹‹ئۆلۈم››دىن ئىبارەت ئادىل ‹‹قانۇن››بىزنى تاۋلىماقتا ھەم ياشاشقا شۇ قەدەر قىزىقتۇرماقتا.كىشى ھاياتىغا ھامان بىر كۈنى ‹‹چېكىت››قويۇلىدۇ.بىراق بۇ چېكىتنىڭ قاچان؟ قەيەردە؟قانداق شەكىلدە ؟ قويىلىشى ئىنسانلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ‹‹سىر ››قىلىنغان. چۆچەكلىرىمىزدىكى ‹‹ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسىنى ئىزدەش››كە ئائىت رىۋايەتلەر بىزگە تاتلىق تۇيغۇ ئاتا قىلالىدى،خالاس.بىز مەلۇم بىر كۈنى جىنازىدىن ئىبارەت چاقسىز، ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ،قۇرۇق قول ھالدا قەبرىدىن ئىبارەت قاراڭغۇ، يىگانە،تۇڭلۇكسىز ‹‹ماكان››غاسەپەر قىلىشىمىزنى تەسەۋۇر قىلغىنىمىزدا بۇ قىسقا ھاياتلىقنى سۆيۈشكە ھەم سۆيىلىشكە سېزىك بولۇپ قالغانلىقىمىنى تۇيماي قېلىشىمىز.شۇنداقتىمۇ تەدبىركار دۇنيا بىز ئىنسانلارغا ناھايىتى كۆپ پۇرسەتلەرنى ھازىرلاپ قويغان ئىكەن. كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ‹‹ئىنسانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا بۇيرۇلىشى›› بۇ پىكرىمىزنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلىشى مۈمكىن.بىز ھايات چېغىمىزدا ‹‹ئۆلۈم ھەققىدە ئۆلمەس پىكىر››قىلىشقا ئېرىشەلىسەكلا ، ھاياتلىق سەپىرىمىزنىڭ يول خەرىتىسىنى خاتاسىز لاھىيلەپ بولغان بولىمىز.بەزى غەرب بەيلاسوپلىرى ئېيتقاندەك ‹‹تۇغۇلۇش –ئەڭ زور ئۇقۇشماسلىق ئەمەس، دۇنيا –ئەخلەتخانىمۇ ئەمەس،ياشاش- زېرىكىشلىك كىنومۇ ئەمەس، ئۆلۈم –بىردىن-بىر قۇتۇلۇش يولىمۇ ئەمەس››. زەن سېلىپ قارايدىغان بولساق كائىناتتىكى ھەر بىر شەيئى ئارتۇق يارىتىلىپ قالغىنى يوق، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق ئورنى ھەم رولى بار. بىر شەيئىنىڭ مەۋجۇتلىقى يەنە بىر شەيئىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى شەرت قىلغان بولىدۇ. ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ھايۋان تىمساقتىمۇ، زەھەرلىك يىلاندىمۇ ھېكمەت پارلاپ تۇرىدۇ. ئەگەر ‹‹نوھ كېمىسى››گە چىۋىن ئېلىۋېلىنمىغان بولسا بۈگۈنكى ئايرۇپىلان، سىمسىز تېلىفۇن، رادارلار كەشىپ قىلىنمىغان بولاتتى؟؟!!
نېمىلا دېمەيلى ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىزنىڭنۇسرەت قازىنىشىمىز ئۈچۈن بېرىلگەن ئاجايىپ پۇرسەت.بىر دوستۇم ماڭا چاقچاق قىلىپ ‹‹ھاياتلىقنى سۆيەي دېسەم كالپۇكىنى تاپالمىدىم...››دېگەن ئىدى.ئۇنداق ئەمەس ھاياتلىقنىڭ ھەر بىر ئۆتەڭلىرىدە بىز سۆيىشكە تېگىشلىك ‹‹كالپۇك››لار ساناقسىز ئەمەسمۇ؟؟
بىز بۇ سۆيۈملۈك يەر شارىغا پىكىر قىلىش ئۈچۈن، ئىختىرا قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى قايتىدىن زىننەتلەش ئۈچۈن ئېۋەتىلگەن. بۇ دۇنياغا بىر قارىساق بىر كۆكسىدىن بەخىت –سائادەت،خوشاللىق،گۈزەللىك بۇلدۇقلاپ تۇرغان؛ يەنە بىر كۆكسىدىن چەكسىز ئازاپ،ۋەھىمەتۆكىلىپ تۇرغان ئانىغا ئوخشايدۇ. ئەسلىدە دۇنيا پۇتۇنلەي مېھرىبانلىققا تولغان، بىزنىڭ كۈزىتىشىمىزدە چوقۇم مەسىلە بارمۇ؟قانداق؟بۇ دۇنياغا ساناقسىز ئۈنچە –مارجانلار چېچىۋېتىلگەن، بەزىلەر ناھايىتى كۆپ تېرىۋالالايدۇ، بەزىلەر بىر تالمۇ ئۈنچە-مارجانغا ئېرىشەلمەسلىكى مۈمكىن.لىكىن شۇ ئېرىشەلمىگۈچىدە ئۈنچە-مارجانلاردىنمۇ قىممەتلىك روھ بولماسلىقى ناتايىن. ئاخىرقى ھېساپ مەيدانىدا مۈڭگۈزلۈك قوي بىلەن مۇڭگۈزسىز قوينىڭ ئالىدىغان نومۇرى ئوخشىمايدۇ.تارىخ كىمنى كىمنىڭ قانداق سۆيگىنىنى،كىمنىڭ كىمگە قانداق ئاشىق بولغىنىنى پۈتۈنلەي خاتىرلەپ قويىدۇ.ئاجىزلارنىڭ كۆز-يېشىدا يۇيۇنغانلار بىلەن ئاجىزلارنىڭ كۆز-يېشىغا مەلھەم بولغانلار ئەلۋەتتە ئىككى خىل نەتىجىگە ئېرىشىدۇ. كىممۇ ئىچكەن ھەر بىر يۇتۇم سۈيىگە، تىنغان ھەر بىر تىنىقىغا، باسقان ھەر بىر قەدەم ئىزىغا ھەتتا سۈرگەن ھەر بىرخيالىغا بولغان جاۋاپكارلىقىنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويالىسۇن؟!
ھايات-قەبرە ئۈستىدە ئېچىلىۋاتقان چېچەك.ئۆمۈر بولسا ئەڭ ھىيلىگەر تۈلكە، ئەجەل بولسا تەڭداشسىز ئوۋچىدۇر. فىرئەۋىن 3400 يىل ئەتراپىدا ياشىدى(بەزى رىۋايەتلاردە 1000 يىل ،بەزى رىۋايەتلەردە 400 يىل دەپمۇ ئېلىنغان)، لوقمان 2500 يىل ئەتراپىدا ياشىدى، ئادەم ئاتا 1000 يىل ئەتراپىدا ياشىدى، نوھ 960 يىل ئەتراپىدا ياشىدى.... مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىز 63 يىلغا تۇلۇق توشمىغان ھاياتلىقىنى پاكىزە ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆلۈمنى ئاڭلىق يۈسۈندا قۇبۇل قىلدى، قۇلخوجا ئەھمەد يەسەۋى 63يىللىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا ياشاشتىن ۋاز كېچىش قارارىغا كەلدى، ئۆلىۋېلىشنى راۋا كۆرمەي غار ئاستىغا كىرىپ كەتتى، غار ئاستىدا توپتوغرا 55 يىل ھاياتلىق تەقدىم قىلىندى، ئاخىرى 118 يېشىدا ئالەمدىن بەھۇزۇر قايتتى. ئىسكەندەر47 يېشىغا بارغاندا زەھەرلەنگەن مەينى ئىچىپ دۇنيادىن قايتىش ئالدىدا مېھرىبان ئانىسىغا:‹‹قايتار چېغىمدا جنازىدىن ئىككى قولۇمنى ساڭگىلىتىپ قويۇڭلار، جامائەت مەندەك بىر تەڭداشسىز پادىشاھنىڭ ئۇ دۇنياغا قۇرۇق قول كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قويسۇن...››دېگەن ‹‹ۋەسىيەت››نى يېزىشقا ئۈلگىرەلىدى. قارايدىغان بولساق بەزى بوۋاقلار خۇددى مۇئەللىم تەرىپىدىن خاتا بېرىلگەن تاپشۇرۇقتەكلا قايتىپ كېتىشمەكتە. دېمەك نېمىلا دېمەيلى، بىز ئىنسانلار ئۆلۈم ئالدىدا ئامالسىزلىقىمىزنى تالاي قېتىم ئىسپاتلاپ بولدۇق. ‹‹ئۆلمەسلىك ئوقۇمى››ھەققىدە ئىزدىنىشمۇ بىز ئىنسانلارغا بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنىڭ بىرىدۇر.ھاياتلىقتىن ئىبارەت بۇ مانېۋېر مەيدانىدا ئۆلمەس ئىشلارنى قىلالىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ ھەقتە ئوبۇلھەسەن ھەرەككانىي دېگەن كىشىنىڭ ‹‹بىلىمسىزلەر يەر ئۈستىدە تىرىك ياشاۋاتقان بولسىمۇ ئۇلار ئۆلۈكتۇر،بىلىملىكلەر يەر ئاستىدىكى ئۆلۈك بولسىمۇ ئۇلار تىرىكتۇر›› دېگەن سۆزى ھەر بىر ئىزدەنگۈچىگە ئىلھام بەرمەي قالمايدۇ. بىز ھاياتلىقنىڭ كالپۇكلىرىنى تېپىپ ‹‹قان تامچىتىپ سۆيەيلى››‹‹ئۇلۇغۋار ئىشلارغا بېغىشلانغان ھايات-دەل ئۆلمەس ھاياتتۇر››‹‹تەن سارىيىغا مېھمان بولۇپ كەلگەن روھ پاكلانسا››قەدىر-قىممەتلىك بولىشىمىزدا گەپ يوق. بۇ دۇنيادا قەدىر –قىممەتلىك بولۇشنى خالىمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. مەن ھەر قېتىملىق دەرسىمدە ئاڭلىغۇچىلارغا ‹‹بۇ ھايات-ئەڭ ئاخىرقى ھىساپ مەيدانى ئۈچۈن جاۋاپ ئىزدەش جەريانى››دېگەن سۆزۈمنى تەقدىم قىلىمەن.مەن بۇ سۆزۈمنىڭ توغرىلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمەن.بىز ھاياتلىقنى قانداق چۈشىنىشىمىز ، ھاياتلىقتىكى ھەركىتىمىزگە قوماندانلىق قىلىدۇ. بىر ئادەمنىڭ نېمە دېگەنلىكىدىن، نېمە قىلغانلىقى ئەلۋەتتە مۇھىم. ھەركەت ۋە ھەركەت جەريانى ھەركىمنى ئوخشاش بولمىغان نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ. ھەقىقى مەنىدىكى ئىزدەنگۈچىلەر ھەرگىز قۇرۇق قول قالمايدۇ.بىزنىڭ ياشاشتىكى مەخسىدىمىز ئېرىشش بولماستىن بەلكى ، تەقدىم قىلىش ھەم بېغىشلاش بولىشى كېرەك! بىز بۇنى ھاياتلىقنىڭ چاقىرىقى دېسەك بولماسمۇ؟؟!!
بىلىم ۋە ئەقىلنىڭ نۇرى
ئىنسان بالىسى ئۈچۈن ئەقىلنىڭ تەقسىم قىلىنىشى ۋە بىلىم ئىگەللەشكە چاقىرىقلىنىشى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ كاتتا تەلىيى بولسا كېرەك. بىز بىلىم ھەققىدە گەپ بولسىلا بىكۇن دېگەن پەيلاسوفنىڭ ‹‹بىلىم-كۈچ›› دېگەن سۆزىنى ھوزۇرلىنىپ خۇددى تىللا تېپىۋالغاندەك تىلغا ئېلىشقا ئالدىرايمىز.ئەمىليەتتە بىكۇن ئەپەندىدىن 900 يىل بۇرۇن ياشىغان بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ دۇنياۋى داستانى ‹‹قۇدئاتقۇبىلگ›› دە ‹‹بىلىم ئۇل بايلىقتۇر گادايلاشمايدىغان، قاراقچى ۋە ئوغرى ئالالمايدىغان››‹‹بىلىم قايدا بولسا بۈيۈكلۈك بولۇر،ئىلىم كىمدە بولسا ئۇلۇغلۇق تاپۇر›› دەپ كۆرسەتمە بەرگە ئىدى. مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىز بولسا ‹‹ئەي ئوغۇل بىلىم ئال! بىلىم سېنى ئىككى دۇنيالىق بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ››دەپ ئۈگۈت قىلغان.بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن ياشىغان مەرىپەت ئەلچىسى ئابدۇقادىر داموللام بولسا ‹‹ئىلىم ئالماسلىق شەكسىز نومۇستۇر، بۇنداق نۇمۇسنى كۆتۈرۈشكە پەقەت ئېشەكلا رازىدۇر.ئەي ئوغۇل بىلىم ئال، بىلىم بىلەن قوراللانغىن! ئىلىم ساڭا مەڭگۈلۈك بەخىتتۇر، بارچە ئىنسان ئۆلۈپ تۈگىسىمۇ ئىلىم ۋە ئىلىملىك كىشى مەڭگۈ ئۆلمەستۈر››دەپ نىدا قىلغان.ئۇبۇلقاسىم ئابدۇللا ھەرەككانىي دېگەن كىشى بولسا‹‹كەلىلە ۋە دېمىنە ››ناملىق دېداكتىك كىتابىدا ‹‹بىلىمسىزلەر يەر ئۈستىدە ھايات بولسىمۇ ئۆلۈكتۈر،بىلىملىكلەر يەر ئاستىدا ئۆلۈك بولسىمۇ تىرىكتۇر››دەپ پىچىرلاپ بىزنى ئىلىم سەپىرىگە ئاتلىنىشقا دەۋەت قىلغان.
يەر شارىغا ئېۋەتىلگەن 124 مىڭ پەيغەمبەرنىڭ ھەممىسىدە بىر ئورتاقلىق بار .ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياراتقۇچىدىن‹‹ماڭا زىيادە ئەقىل ۋە بىلىم ئاتا قىلساڭ،تۈرۈكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرمىساڭ...›› دەپ، تەلەپ قىلىشقان.مىلادىيەنىڭ 611-يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىرا غارىدا ئىبادەت قىلىۋاتقاندا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئۇنىڭغا <<ئوقۇ>>دەيدۇ. دېمەك تۇنجى نازىل بولغان سۈرە <<ئەلەق>> بولسا <<ئوقۇ>>دىگەن سۆز بىلەن باشلانغان. ‹‹ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن يىراق چىنغا بارساڭمۇ بولىدۇ››‹‹بىلىم-ھېكمەت بولسا ئىنسانلارنىڭ يوقاپ كەتكەن نەرسىسى ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىشى كېرەك››دېگەن يوليۇرۇق مۇنداقلا ئېيتىلغان ئەمەس.مۇقەددەس كىتابلىرىمىزدا :‹‹تۆت ئادەمنىڭ بىرسى بول، ھەرگىز بەشىنچى بىر كىشى بولۇپ قالما! يەنى يا ئۆگەتكۈچى بولغىن، ئۆگەتكۈچى بولالمىساڭ ئۆگەنگۈچى بولغىن، ئۆگەتكۈچى ۋە ئۆگەنگىچىمۇ بولالمىساڭ ئۆگەتكۈچى بىلەن ئۆگەنگۈچىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى بولغىن، ھىچ بولمىسا ئۆگەتكۈچى، ئۆگەنگۈچى ۋە ئاڭلىغۇچىنىڭ دوستى بولغىن›› دېيىلگەن.يەنە بىزدىن ‹‹سەن ئالىملار بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ باققانمۇ،ئۇلار قۇرغان سۆھبەتكە قاتنىشىپ باققانمۇ؟››دېگەن سۇئال سورىلىدۇ. ‹‹زېمىندىكى قۇرۇت-قوڭغۇزلار،بېلىقلار، ھاشارەتلەر، قۇشلار، دەل-دەرەخلەر ...بارلىق جانىۋارلار مۇئەللىمنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەيدۇ››دېيىلگەن...يۇقارقىلاردىن بىلىمنىڭ ، مائارىپنىڭ، ئوقۇتقۇچىنىڭ نەقەدەر شەۋكەتلىك ھەم قۇدرەتلىك ئىكەنلىكى مۇنازىرسىز ئىسپاتلىنىپ تۇرىدۇ. نۆۋەتتە ئۇلۇغ پارتىيەمىزمۇ دۆلەتنىڭ بايلىقلىرى بولمىش بالىلارنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە مەۋجۇتلۇق ئېنىرگىيەسى ئۈچۈن مائارىپنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ-قۇۋەتلەپ ‹‹ دۆلەت ۋە مىللەتنى روناق تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى مائارىپتا، مائارىپنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى دەل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا››دەپ دانا كۆرسەتمە بەردى. قارايدىغان بولساق مائارىپقا ئەھمىيەت بەرگەنلەر ئاللاقاچان دەۋىرنىڭ ئالدىدا كەتتى، ئۇلار ھاياتلىق سەھنىسىدە تاماششابىن ئەمەس، رىياسەتچى بولۇپ بولدى. ئەجدادلىرىنىڭ ئۆگۈتلىرىگە قۇلاق سالمىغانلار بولسا ‹‹ئاكتىپ بويسۇنغۇچى ۋە ئاكتىپ ئىستىمالچى›› بولۇش ‹‹ھوقۇقى››نى ھېچكىمگە تارتقۇزۇپ قويماي قولىدا مەھكەم ساقلاپ كەلمەكتە.بىر دانىشمەن بىلىملىك بىلەن بىلىمسىزنىڭ پەرقى ھەققىدە توختۇلۇپ ‹‹ئۇلارنىڭ پەرقى كېچە بىلەن كۈندۈزدەك، ئەما كىشى بىلەن ساغلام كىشىدەك، ئۆلۈك بىلەن تىرىكتەك...››پەرىقلىنىدۇ، دېگەن ئىكەن. مەن ئۇزاق ئويلىنىپ بۇ قاراشنىڭ خاتالىقىنى تاپالمىدىم.600 يىلدەك ۋاقىت بىز خەلق ئىلىم ھەققىدە ئويلىنىشقا ئۈلگۈرۈپ بولالماپتىمىز،‹‹مۇقەددەس كىتاب››نىڭ ‹‹ئىلىم ھەققىدىكى باياناتلىرى››نى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن، ئىچكى نىزا پاتقاقلىرىغا گەدەنگىچە پېتىپ قالغان، خۇتۇنپۇرۇچ ...كىشىلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ياشاپتىمىز. ئۇ ئاتالمىش ‹‹ئاقساقاللار›› خەلقنىڭ نادانلىقى ھەم نامراتلىقىدىن ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەدە پايدىلىنىپ ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۇنيالىق ھاۋايى –ھەۋىسىنى قاندۇرۇپتۇ، كىم ‹‹ئىلىم-پەن بايرىقى››نى كۆتىرىپ مەيدانغا چىقسا شۇ ھامان كالىسىنى قۇچقاچنىڭ بوينىنى ئۈزگەندەك ئۈزىۋېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم ئىلىم-پەن ھەققىدە گەپ قلىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ. بۇنىڭ تەسىرىنى ھازىرمۇ يوق دېيەلەمسىز؟ مەھەللىڭىزگە ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەلىك ئالىمىمىزدىن بىرسى كەلسە، سىز ئۇنى ‹‹مەكتەپ، مائارىپ، مۇئەللىم››دېگەن سۆزنىڭ قايسى تىلدىن كىرگۈزۈلگەلىكىنى، مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان؛كىمنىڭ ساقىلى ئۇزۇن بولسا شۇنى ‹‹داموللام›› دەپ ئاتايدىغان( ئەسلى دەھموللام بولۇپ ‹دەھ› پارىس تىلىدىكى 10 دېگەن رەقەمنى بىلدۈرىدۇ، موللام ئەرەبچە سۆز بولۇپ ھەقداسى، بىلگۈچى، ئۇستاز...دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. دەھموللام بولغاندا 10 پەننىڭ ئۇستازى، 10 پەندە كامالەتكە يەتكۈچى دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ...)مەنىسى نېمە دەپ سورىسا ‹‹چوڭ موللام ئەمەسمۇ؟؟››دەپ جاۋاپ بېرىدىغان، خوشنىسى بىلەن بەسلىشىپ ‹‹غەيرى يول››ياساپ ‹‹ھەج سەپىرى ››قىلىپ كىرگەن ، قەلبى ھەسەت بىلەن لىققىدە تولۇپ كەتكەن ، ئىسمىڭ نىمە دەپ سورىسا ‹‹ھاجى ››دەپ جاۋاپ بېرەلەيدىغان ... ساۋاتسىسز كىشى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويالامسىز؟ياق! سىزدە شۇ خىل ئاڭ بولسىمۇ بىراق، ئادەت تۈپەيلىدىن قورقۇپ بولسىمۇ ئاۋال ‹‹ئاتالمىش ھاجىمىكىڭىزنىڭ››ئالدىغا يۈگىرەيسىز...بۇ رىئاللىق.بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىڭىزنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ‹‹مۇسۇلمانلار نېمە ئۈچۈن ئارقىدا قالدى؟››دېگەن ئەسەرنى كۆرۈپ قويسىڭىز ئەرزىيدۇ. بىلىمنىڭ قۇدرىتىگە ھەرگىز سەل قارىمايدىغان،ئىلىم دەۋىتى بىلەن ئەخلاق دەۋىتىنى بىرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم تەقۋادار دىننىي زىيالىلار كىشىنى تولىمۇ قايىل قىلىدۇ. ئۇلارنى قانچە ھۆرمەتلىسەك ئازلىق قىلىدۇ.
دېمەك، بىلىم ئىگەللەش ئىنسان بالىسى ئۈچۈن پەرھىز قىلىنغان.دانىشمەنلەر ‹‹ئىنسان بالىسى ئۈچۈن بىلىم ئېلىش بۈشۈكتىن لەھەتكىچە پەرھىز قىلىندى›› دېسە ، نۆۋەتتە پارتىيەمىز ‹‹ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش›› چاقىرىقىنىتەكىتلەۋاتىدۇ. بۇ ئورتاقلىقنى كۆرمەمسىز؟بىلىمنى ئىگەللەش بۇ بىر مەسىلە ، شۇ بىلىمنى ئىشلىتىش ، كىم ئۈچۈن ئىشلىتىش، قانداق مەيداندا تۇرۇپ ئىشلىتىش بۇ تېخىمۇ مۇھىم مەسىلە. شەيىخ سەئىدى‹‹بىلىمى تۇرۇپ ئىشلەتمىگەن كىشى –كىتاب ئارتىپ قويغان قوتۇر ئېشەكتۇر›› دەيدۇ.ھەقىقەت ئىزدىمىگەن زىيالى،زىيالى ئەمەس -خىيالىدۇر.بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىگەللىگەن بىلىمنى ئۆز مىللىتىنىڭ قۇربانلىقى ئۈچۈن ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇنقەرزى بولىشى ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن...ئىشلەتمىدى ،دىيەلمەيمىز .بۇنداق ئالىملار، ئالىم ئەمەس-زالىمدۇر.ئەڭ ئاخىرقى ‹‹سوت مەيدانى››دا ئۇلار ئەڭ ئاۋال سوراقلىنىدۇ، ئۇلار ھەر قانچە ئەقىللىق بولسىمۇ ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.شۇڭا بىز ئىنسان بالىلىرى بىلىم ئىگەللەشكە ھەمدە شۇ بىلىمنى ئەقىلنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەختى، نىجاتلىقى،ئۆلچەملەشكەن ھوزۇر-ھالاۋىتى ئۈچۈن توغرا ئىشلىتىشىمىز تېخىمۇ زۆرۈر.
ئانىلار ۋە ‹‹بالا تۇغۇش ماشىنىسى››
★ئانا بالىنىڭ 1-نومۇرلۇق ئۇستازى،لاياقەتلىك بالىلار-مۇنەۋۋەر ئانلارنىڭ كاتتا ئەسىرى.
★ئۆز بالىسىغا ھالال نىيەت بىلەن ئەخلاقى تەربىيە بەرگەن ئانا-ئەڭ ۋىجدانلىق ئانا!
★ئۆز بالىسىغا تىرىشچانلىقنى،جەسۇرلۇقنى ئۆگەتكەن ئانا-ئەڭ پىداكار ئانا!
★ئۆز بالىسىغا ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم ھەققىدە دەرس ئۆتەلىگەن ئانا-ئەڭ ئىمانلىق ئانا!
★ئۆز بالىسىنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلىگەن ئانا-ئەڭ تاكاممول ئانا! ★ئۆز بالىسىنىڭ قىزىقىشىغا،تاللىشىغا يول قويغان ئانا-ئەڭ مەدەنيەتلىك ئانا! ★ئۆز بالىسىغا ماددى-مەئىشەدنىلا ئەمەس،مەنىۋى قىرغاقلارنى كۆرسىتىپ بېرەلىگەن ئانا-ئەڭ ئەقىللىق ئانا!
★ئۆز بالىسىنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭ بالىسىنىمۇ سۆيەلىگەن ئانا-ئەڭ يۈكسەك ئانا!
★ئۆز بالىسىغا ياۋرۇپادىن ئىمپورت قىلىنغان كالا سۈتىنى ئەمەس،ئۆزىنىڭ ھالال ئوغۇز سۈتىنى بېرەلىگەن ئانا-ئەڭ،ئەڭ...ئۇلۇغ ئانا!!! ★ئۆز بالىسىنى تەربىيلەشنى باشقىلارغا كۆتىرە قىلغان ئانا –ئەڭ لاياقەتسىز ئانا!
★بالىلىرىغا ئەمىلى ئىش –ھەركىتى بىلەن دەرس ئۆتەلمەيدىغان ئانا-مەدەنيەتسىز ئانا!
★مېھىر-مۇھەببەتىنى بالىلىرى ئۈچۈن <<غەبلەت بۆشۈكى>>قىلىۋالغان ئانا-نادان ئانا!
★بالىلىرىنى راھەتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن ئانا-زەئىپ ئانا!
★بالىلىرىنىڭ جاپا چېكىش ھوقۇقىنى تارتىۋالغان ئانا –تاجاۋۇزچى ئانا !
★بالىلىرىنى ئەنئەنە تەربىيەسىدىن مەھرۇم قالدۇرغان ئانا –خەتەرلىك ئانا!
★بالىلىرىنى ئەخلاق دەرسخانىسىدىن سۈرگۈن قىلغان ئانا –قورقۇنۇچلۇق ئانا!
بالا تەربىيلەشكە سەل قارىغان مىللەت-ئەڭ قورقۇنۇچلۇق، ئەڭ قەبىھ، ئەڭ چۈشكۈن، ئەڭ بىچارە مىللەتتۇر.ئەڭ قورقۇنۇچلۇق تىمساقمۇ، يىلانمۇ بالىلىرىغا ئاجايىپ كۆيىنىدۇ، ئاجايىپ ئۇسۇللار بىلەن تەربىيلەيدۇ. ئۇلار ئۆز بالىلىرىنىڭ بۇ تەبىئەت قوينىدا بىچارە بولۇپ قېلىشىنى، شاللىنىپ قېلىشىنى، كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن خورلىنىشىنى ئەسلا خالىمايدۇ. شۇڭا ھايۋانلارمۇ بالىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا ‹‹ياشاش ئىقتىدارى››نى چېچەكلىتىشكە ئاجايىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بۈركۈت ئۆز بالىسىنىڭ قاغا ياكى قۇزغۇن بولۇپ قېلىشىنى، ھۆپۆپ ياكى بۇلبۇلغا ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. قۇچقاچ جېنىدا ئۆزىنىڭ كەكلىك ياكى قىرغاۋۇل بىلەن ‹‹مۇناسىۋەت››تە بولۇپ بالىسىنىڭ باشقىچە تۇغۇلىشىنى ئارزۇ قىلمايدۇ. قاغا جېنىدا بالىسىنىڭ بىر كېچىدە بۇلبۇلغا ئايلىنىپ قېلىشنى راۋا كۆرمەيدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ خاسلىقى، مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلىقى، مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشى ۋە سۆيىشى.ئەي دوستۇم سىزنىڭ ئۇلۇغلىقىڭىز بولسا سىزنىڭ پەقەت ئۆزىڭىزگە ئوخشىغانلىقىڭىزدا، ھېچكىمنىڭ سىزگە ئوخشىمىغانلىقىدا، قارىمامسىز شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ بارماق ئىزى نېمىشقا بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، سىز ئۆزىڭىزگە ئوخشىغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا سىز‹‹سىز ››بولالىغان. شۇڭا ئۆزىڭىزدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەڭ، خاتىرجەم بولۇڭكى ھېچكىم سىز ئۈچۈن ‹‹سىز››بولۇپ بەرمەيدۇ. سىز ‹‹سىز››لىكىڭىزنى يوقاتقان ھامان‹‹ئەسلىدىكى سىز››تېپىلمايسىز...ئەمدىلا 10 ياشقا كىرگە قىزىم جۇلالە ماڭا تولىمۇ ۋەزنى ئېغىر بىر سۇئال قويدى.‹‹ئاتا، مۇئەللىم بىزگە ‹ بىز تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىدا مايمۇنلاردىن ئۆزگەرگەن ....›دەيدۇ. سىز يازغۇچى بولغاندىكىن دەپ بېقىڭچۇ، نېمىشقا ھازىرقى مايمۇنلار ئادەمگە ئۆزگەرمەيدۇ؟..››ئائىلەمدە بۇنىڭدىن كەسكىن تالاش-تارتىش بولۇپ باققان ئەمەس، قىزىم ‹‹مۇئەللىم شۇنداق دېگەن تۇرسا...››دەپ قايىل بولمىدى.ئاخىرى مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىمنى پەش قىلىشقا قىستالدىم... يەنى ھازىرقى مايمۇنلارنىڭ ‹‹قايسى مايمۇن ئادەمگە ئوخشاش ئىككى پۇتلاپ ماڭسا ، قالدى مايمۇنلار سەن نىمىشكە ئادەملەرنى دورايسەن،دەپ دۇمبالىغانلىقى، چەتكە قاققانلىقى؛ تاياق زەربىسى ۋە رەھىمسىزلارچە چەتكە قېقىلىشتىن ئەندىكىپ كەتكەن مايمۇنلارنىڭ ئادەمگە ئۆزگىرىشتىن ۋاز كەچكەنلىكى››گە ئائىت بىر توقۇلما ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم، قايىل بولدى بولغاي، مەرھۇم چوڭ دادىسىنىڭ ھايات كەچمىشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن قول يازمامنى ئوقۇشقا كىرىشىپكەتتى.
بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلىش يولىدا جاپا چەككەن، ئەجىر قىلغان ئاتا –ئانىغا ھەر ئىككى دۇنيادا كاتتا مۇكاپات ئېلىپ قويۇلغان.ئىلىم ئالغان بالىنىڭ مۇكاپاتى ئاتا-ئانىغا بولغان يەردە، ئىلىم ئالمىغان، ساۋاتسىز، تۈرۈك، قەلىپ دەرۋازىسى قۇلۇپلانغان بالىنىڭ جازاسىمۇ ئەلۋەتتە شۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولىدۇ.ئاتا-ئانا بالىلار ئۈچۈن تەڭرى تەرىپىدىن ئېۋەتىلگەن 1-نومۇرلۇق ئۇستاز.مۇنەۋەر ئانىلار لاياقەتلىك بالىلارنىڭ ئىجادىيەتچىسى.مۇنەۋەر بالىلار بولسا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ كاتتا ئىجادىيىتىدۇر.مەن ئا.ت.ئۆتكۈرنىڭ ‹‹بىزدە نۇپۇس كۆپەيدى، ئادەم ئازلاپ كەتتى››دېگەن سۆزىنى پات-پاتلا ئېسىمگە ئالىمەن. شۇنداقلا بالىلىرنىڭ ساپاسىدىن ئەمەس، سانىدىن پەخىرلىنىدىغان، بالا تۇغۇش ئۈچۈنلا بالا تۇغىدىغان،ئۆز بالىسىغا ئۆزىنىڭ ئاتالمىش ‹‹پىگور گۈزەللىكى››نى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ھالال سۈتىنى بەرمەي، ياۋرۇپادىن كىرگۈزۈلگەن كالا سۈتىنى بېرىدىغان، بالا تەربىيەلەش ھەققىدە ئويلانمايدىغان،بالىلىرىنىڭ قىلىقسىزلىقىدىن مەمنۇن بولىدىغان، .ئۆزىنى تەربىيلىمەي تۇرۇپ بالىلىرىنىڭ گۇناھىنى ئوقۇتقۇچىلاردىنلا ئىزدەيدىغان،ھەتتا بالا تەربىيەلشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنى باشقىلارغا ‹‹كۆتىرە››قىلىدىغان....بىر تۈركۈم ئانىلار ھەققىدە ئويلاپ قالىمەن. يەنە ‹‹قىزلارنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتسا يامان بولىدۇ››دەپ قاراپ قىزلىرىنى ئالى مەكتەپكە ئېۋەتمەي،قىزلىرىنىڭ بىلىم ئېلىش ئىستەكلىرى بىلەن تۆكۈلۋاتقان ياشلىرىغا پەرۋا قىلماستىن مەجبۇرى ‹‹ياتلىق››قىلىۋەتكەن دادىلارنى ئويلاپ قالىمەن. 1870-يىلى7-ئايدىن 1871-يلى 1-ئايغىچە پىرۇسىيە-فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا ياۋرۇپاغا ھۆكۈمىرانلىق قىلىشنى تالىشىشئۇرۇشى پارتىلىدى، بۇ قېتىلىق ئۇرۇشتا پىرۇسىيە غەلبە قىلىپ ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى. شۇ چاغدا فىرانىسيە ‹‹بىزنىڭ مەغلۇبىيەت سەۋەبىمىز شۇكى، فىرانىسىيە ئانىلىرى بالىلىرىنى ئۆز قولى بىلەن تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بەرمىگەن، بالا تەربىيەلشنى باشقىلارغا كۆتىرە قىلغان، بالىلارغا ئانا سۈتىنى بەرمەي، كالا سۈتىنى بەرگەن بولغاچقا شۇڭا مەغلۇپ بولدۇق››دەپ يەكۈن چىقارغان. ئۇلار گەرچە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ‹‹مەغلۇبىيەت سەۋەبى››نى توغرا تاپقاچقا ھازىر گۈللەنگەن دۆلەت قۇرۇپ چىقالىدى.1998-يىلى ب د ت نىڭ باش كاتىۋى ئاننان ئەپەندى شۇ يىللىق پەن –مائارىپ يىغىنىدا ‹‹قىزلارنى ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلىشنىڭ ئۆزى ئىنسانلار بېسىشقا تىگىشلىك تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكنى بېسىپ بولغانغا باراۋەر››دەپ جاكارلىدى. مەرىپەتلىك ئانىلار بولمايدىكەن، قەيسەر ئانىلار بولمايدىكەن، ئەخلاقلىق ئانىلار بولمايدىكەن، مۇكەممەل ئانىلار بولمايدىكەن...ياراملىق، باھادىر، ۋىجدانلىق ، تىرىشچان، نومۇسچان، ئىجاتكار بالىلارنىڭ يېتىشىپ چىقمىقى بەسى مۈشكۈلدۇر.ئالىملار‹‹ بالىلار 6 ياشتىن بۇرۇنلا ئائىلىسىدەپۇتۇن ھاياتىدا ئېلىشقا تېگىشلىك بىلىمنىڭ % 70 گە ئاساس سېلىپ بولغان بولىدۇ ››دەپ يەكۈن چىقىرۋاتسا....بىز يەنىلا نېمىشقا ‹‹بالا تۇغۇش ۋەزىپىسى››دىن ھالقىپ كېتەلمەيمىز.
ھېكايەت: بىر ئانا بىر پېسخىلوگدىن ‹ مېنىڭ بالام بۇ يىل 4 ياشقا كىردى، ئەمدى بالامنى تەربىيلەشكە باشلىسام بولامدۇ؟› دەپ سوراپتۇ. پېسخىلوگ ناھايىتى مەيۈسلىنىپ ‹سىز بالىڭىزنى تەرەبىيلەشكە توپتوغرا 5 يىل كېچىكىپ قاپسىز ئەمەسمۇ؟› دەيدۇ. بىز ئاتا-ئانا بولغۇچىلار ھامىلە پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنلا بالا تەربىيلەشكە تەييارلىنىشنىڭ زۆرۈرلىگى بالقىپ تۇرمامدۇ؟ ئاتا بولغۇچى ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ‹‹ئۇرۇق چاچسىچۇ؟››‹‹ھامىلە پەيدا بولغاندىن كېيىن ئانا تىنىمسىز ئازاپ چەكسىچۇ؟››‹‹ئاتا-ئانا مەينەت ھالەتتە بالىلارنىڭ يۈزىگە قارىسىچۇ؟››‹‹ئانا بولغۇچى كىچىك بالىنىڭ يېنىدا تىنىمسىز غەيۋەت قىلسىچۇ؟››دىگەندەك سۇئاللار قوينىدا تەمتىرەيمىز.ئەي ئۇلۇغئانا ! سىزنىڭ ئۇلۇغلىقىڭىز ‹‹بالا تۇغۇش ماشىنىسى ›› بولالىغانلىقىڭىزدىلا ئەمەس،بەلكى، بالىڭىزغا مەڭگۈلۈك <<ياشاش ئېنىرگىيەسى>>ئاتا قىلالالىغانلىقىڭزدا......
يىراقتىكى مۇئەللىمەگە خەت
سىڭلىم يازغان خېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ماڭا بىلدۈرگەن ھۆرمىتىڭىزگە ھەشقاللا! ھاياتلىق سەپىرىمىز ئوخشاشلا جاپالىق بولسىمۇ ھوزۇرلۇق دېيىشكە ھەقلىقمىز. ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىڭىزدىن پەخىرلەنگەنلىكىڭىزنى بىلىپ سىزدىن تولىمۇ سۆيۈنمەكتىمەن .ئوقۇتقۇچىلىقتىن ۋاز كېچىۋاتقانلارنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە ئايان.ئۇلارمۇ ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ ئىككى ئالەملىك شەرەپ خىزمەت ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى بىلگەندەك بىلىدۇ. ئۇلاردىن ئاغرىنىشىمىز ئارتۇقچە بولسا كېرەك. ئۇلارنىڭمۇ ئويلىغىنى بار، قىسمەتلىرى بار. تۇرمۇش ۋە ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى بىلەن ھىساپلاشمايدىغان قاتمۇ-قات تۈزۈم ئۇلارنى دەرىجىدىن تاشقىرى چارچىتىپ قويغان بولىشى مۈمكىن، ئۇلارنىڭ قېيداشلىرىغا ھەمنەپەس بولۇپ تەسەللى بېرىش ئانچە خاتا ئىش ئەمەس.لىكىن ئاز ساندىكى بىر قىسىملارنى توغرا چۈشىنىشكە بولمايدۇ. ئۇلار ھىچ بولمىغاندا ئاشۇ ئوماق بالىلار بىلەن بىللە تۇرۇپ بېرىشنىڭ ئۆزىمۇ ‹‹مۇھىم ئوقۇتۇش››ئىكەنلىكىنى بىلسە بولاتتى؟!
مەن سىز بىلەن يۈز كۆرۈشمىگەن بولساممۇ سىزنى چۈشىنىمەن،سىزنى سۆيىمەن،يىراقتا سىزگە ئوخشاش ساناقسىز جاپالىق ئىشلەۋاتقان ئىنى-سىڭىللىرىم بارلىقىنى ھەركۈنى ئويلايمەن، خوشاللىقىڭلارغا جۆر بولىمەن، خاپىلىقىڭلار ھەققىدە تىنىمسىز باش قاتۇرىمەن، قەلەم تەۋرىتىمەن، مۇنبەرلەردە سۆزلەيمەن.چوڭ ئىشلار قولۇمدىن كەلمىسىمۇ سىلەرگە تەسەللى بېرىشكە، سىلەرگە ئۈمىد ئاتا قىلىشقا قوتاز كالىدەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. چۈنكى بىزنىڭ تىلىمىز ئوخشاش، دىلىمىز ئوخشاش، دىنىمىز ئوخشاش، تۇرقىمىز شەكىلداش، قىسمىتىمىز مەنىداش... ئەمەسمۇ؟!مەرھۇم ئۇستازىم يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى ئۆزىنىڭ ‹‹ ئايال ئوقۇتقۇچىلاردىكى قوش مەجبۇرىيەت ›› ناملىق ماقالىسىدا جەنۇپ يېزىلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ ۋە ئائىلىدىكىجاپاسىنى بايان قىلغان ئىدى.قۇشلارنىڭمۇ ۋەتىنى بار، تاشلارنىڭمۇ ۋەتىنى بار، ھەتتا ئاشۇ ئېتىز ، ئاشۇ بىر باش پىيازنىڭ ۋەتىنى ئەمەسمۇ؟ ئائىلە ھەر بىرىمىزنىڭ ئىللىق ۋەتىنى.سىلەرنىڭ ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ۋەتەندىكى ئورنۇڭلار ۋە رولۇڭلار ھەقىقەتەن زور ھەم شەرەپلىك. ئائىلىدىن ئىبارەت ۋەتەندىكى مەجبۇرىيەتلىرىڭلارنى ئادا قىلمىساڭلار قانداقمۇ مىللەتنىڭ ئانىسى بولالايسىلەر؟ بۇ سىلەرگە قويۇلغان ئەڭ چوڭ سۇئال.ئائىلىدىكى سۇئالدىن چەتنەپ ئۆتۈپ كېتىش مۇنەۋەر ئانىلارنىڭ قولىدىن مەڭگۈ كەلمەيدۇ. ئائىلىنى دەپ ، مەكتەپتىن ئىبارەت خاسىيەتلىك ئۇۋىدىكى شەرەپلىك ۋەزىپنى ئورۇندىماسلىق بىزنى شەرمەندىچىلىك كوچىسىغا باشلاپ بارىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ئائىلىدىن ئىبارەت ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش كېرەكمۇ؟ياكى مەكتەپتىن ئىبارەت خاسىيەتلىك ئۇۋىدىكى ئاشۇ نارىسىدە بالىلارنى ئالداش كېرەكمۇ؟ ئىمانلىق ھەم ۋىجدانلىق ئاياللار ھەر ئىككى يولنى راۋا كۆرمەيدۇ.
مەن سىزنىڭ ھەر ھەپتىدە 5 خىل تەييارلىقتا 20 سائەت دەرس ئۆتەۋاتقانلىقىڭىزنى ، سىنىپ مۇدىرى ئىكەنلىكىڭىزنى، خانا خىزمىتىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىىزنى،يەنە نۇرغۇن ئارخىپلارنى ئىشلىمىسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى،10 نەچچە خىل خاتىرىڭىزنى خەت بىلەن توشقۇزۇپ ماڭمىسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى، ئاخشاملىرى ئۆيگە قايتىپ بېرىپ تاپشۇرۇقنى قۇچاقلاپ ئۇخلاپ قالىدىغانلىقىڭىزنى، ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن بالىڭىزنى شۇنچە جاپادا بېقىۋاتقانلىقىڭىزنى يەنە نۇرغۇن-نۇرغۇن خىزمەتلەرگە مەجبۇرى قاتناشمىسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى شۇنداقتىمۇ پات-پاتلا مۇدىرنىڭ سېسىق گىپىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىڭزنىئاڭلاپ يۈرەكلىرىم ئىچىشىپ كەتتى.
‹‹كەسىپ ئەھلى بولمىغانلار كەسىپ ئەھلىنى قاتتىق تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇشى›› بىز ئىنسانلارغا بىرنەرسىدىن بىشارەت بولسا كېرەك . مەركەزنىڭ دانا رەھبەرلىرى ھەر قېتىملىق مائارىپ خىزمەت يىغىنىدا ‹‹مائارىپ ئادىللىقى››ھەققىدە تاتلىق پىكىرلەرنى قىلىۋاتىدۇ.پارىتىيە مەكىزى كومېتىت 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىندىمۇ ‹‹مائارىپ ئادىللىقى›› ئالاھىدە تەكىتلەندى. 1850-يىللىرى ياۋرۇپادا ‹‹دىمۇگىراتىيە ۋە مائارىپ››قا ئائىت كاتتا ئەسەرلەر يېزىلغان ۋە نۇرلۇق تۈزۈملەر ئورنىتىلغان. نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ بىر قىسىم رايۇنلىرىدا ‹‹مائارىپتىكى دىمۇگىراتىيە››ئاللاقاچان ئەمىللىشىپ بولدى. مائارىپ تەرەققىياتىدىكى تەكشىسىزلىك بىزدە موشۇنداق قىسمەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ. بىر ئادەمگە شۇنچە خىزمەتنى ئارتىپ قويسا قانداقمۇ ‹‹سۈپەت ئۆتكىلى››دىن ئۆتكىلى بولسۇن؟ 30 يىل ئوخشاش مەزمۇننى قايتا-قايتا كىتاپتىن دەپتەرگە كۆچۈرۈشكە قىستاش، تۈنۈگۈن ئۈگەنگەن سىياسى نەزىرىيەنى بۆگۈن يەنە ئۈگىنىشكە مەجبۇرلاش، يازغان خەتنىڭ ئاز-كۆپلىكى بىلەن ئوقۇتقۇچىنى باھالاش، ئوقۇقۇچىنىڭ ئىزدىنىشىگە ۋاقىت بوشلىقى ھازىرلاپ بەرمەسلىك، ئوقۇغۇچىلار تەرەققىياتىغا ھىچقانداق پايدىسىز بولغان ئىشلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى چارچىتىش ھەم خورىتىش ، كۈندە يېڭى تۈزۈم ئورنىتىپ كونا تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرماسلىق قاتارلىق قىلمىشلار مائارىپنى ئۆز ‹‹رېلىسى››دىن چىقىپ كېتىشكە قىستىماقتا.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىرادىسىنى بوشاتماقتا. ئوقۇتقۇچىلاردىكى مىسكىنلىك، چۈشكۈنلۈك، يۇۋاشلىقئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە ئورنىماقتا. ئوقۇغۇچىلار ۋەتەننىڭ بايلىقى ھەم گۆھىرى . ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچىلارچۇ؟ ئوقۇتقۇچىلار دۆلەتنىڭ بايلىقى ئەمەسمۇ؟ ‹‹ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىبارەت بۇ بايلىق››نى زىيادە خورىتىش ۋە چارچىتىش بىزنىڭ ‹‹سىجىل ھەم ئىلمىي تەرەققىياتىمىز››غا ئۇيغۇنمۇ؟ئاز بىر قىسىم مەكتەپلەردىكى بۇ مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنماي قالمايدۇ، بۇ مەسىلىلەر ‹‹ئاممىۋى لۇشەن››خىزمەتلىرى داۋامىدا چوقۇم رەھبەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشى كېرەك. مائارىپ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم تۈۋرۈك ھەم كۆۋرۈك ئەمەسمۇ؟
سىزنىڭ ئاشۇ بىر ياشقا كىرگەن بالىڭىزمۇ دۆلەتنىڭ بايلىقى. دۆلەتنىڭ بايلىقى ئاغرىپ قالسا ئەلۋەتتە داۋالىتىش كېرەكقۇ، نۇرغۇن يالۋۇرۇش ئارقىلىق بالىڭىزنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ داۋالىتىشقا رۇخسەت ئاپسىز، مۇدىر ئەپەندى ئۆزى رۇخسەت بېرىپ تۇرۇپ، ئىش ھەققىڭىزنى ئۆزىتۇتىۋالسا ، سىزنى تىللىسا ھەتتا ئۇرسا بىزنىڭ قانۇنلىرىمىز ئەلۋەتتە سىزنى قوغدىشى كېرەك.‹‹مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسى›› ،‹‹ئاياللار بىرلەشمىسى››،‹‹قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى››،‹‹ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى››،‹‹ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومېتىتى››ئەلۋەتتە سىزنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك.سىزنى قۇبۇل قىلغانھېلىقى رەھبەرچاقنىڭ يۈزىنى داپتەك قىلىپ ‹‹مۇدىردىن خاپا بولماڭ دەپ ، ئەپۇ سوراپ قويسىڭىز بولمىدىمۇ؟! موشۇ ئىشقىمۇ ئەرز قىلىش كېتەمدۇ!؟››دېيىشى ،پارتىيە ئىنتىزامى نۇقتىسىدىن ‹‹چىرىك ئىدىيە››دەپ ئاتىلىدۇ. سىزنىڭ پۇلىڭىزنى تۇتىۋالسا، سىزنى تىللىسا، سىزنى ئۇرسا...سىز ئۇنىڭدىن ‹‹مۇدىر بالامنى داۋالىتىپ قانۇنسىزلىق قىلدىم، پۇلۇمنى ئەسلىدە كۆپرەك تۇتىۋالسىڭىز بولاتتى،ناھايىتى ئازراقلا تىللىدىڭىز، شۇنچىكىلا ئۇردىڭىز شۇ؟! ئەسلىدە كۆپرەك تىللىۋالسىڭىز، يەنىمۇ قاتتىقراق ئۇرسىڭىز ياخشى بولاتتى...سىزگە تەشەككۇر ئېيتىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئارتىپ، قاتتىق باشقۇرۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن...››دېسىىڭىز بولارمۇ؟؟ سىز تېخى ‹‹ھازىر بۇرۇت قويۈشتىن ۋەياغلىق چېگىشتىن ئارتۇق قانۇنسىزلىق بارمۇ؟ مەسىلە بۇنىڭدىنمۇ چوڭ بولامدۇ؟ يەنە بەزىلىرىڭ ھاراق ئىچمەيدىكەنسەن، تاماكا چەكمەيدىكەنسەن، ئۇسسۇل-تانسا ئوينىمايدىكەنسەن ... بۇ قىلمىشلىرىڭدىن مەن گۇمانلانماي قاراپ تۇرسام بولامتى؟!مەن ۋاقتى كەلگەندە بەزىلىرىڭنى تۈرمىگە سولاتقۇزۋىتەلەيمەن،خالىسام بىر ئېغىز گەپ بىلەن مۇكاپات سەھنىسىگەئېلىپ چىقالايمەن...›› دەپ جۆيلىيدىغان قاملاشمىغان مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قولىدا ئىشلىمىگىنىڭىزگە شۈكرى ئېيتىڭ! بىز ئەقىل كۆزىمىز بىلەن كۈزەتسەك يەنىلا ئادالەتپەرۋەر، خەلىقپەرۋەر ، دىمۇگىراتتىك ئېڭى يۈكسەلگەن مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ ئانچە ئاز ئەمەس.
باش شۈجى شى جىن پىڭ ‹‹جۇڭگونىڭ دىمۇگىراتىيە كېمىسى ئاللاقاچان دېڭىزغا چۈشۈپ بولدى، ئەمدى ھەرگىز ئارقىسىغا قايتمايدۇ›› دەپ جاكارلىدى. ئەسلىدە بىزنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوغداش ئېڭىمىزدىمۇ مۇئەييەن مەسىلە بار. ھەققانىيەتچى زىيالىلار كۆپەيسە، چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەيۋىسى تۆۋەنلەيدۇ، ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشى ‹‹قانۇنچىلىق دۆلىتى›› قۇرۇش قەدىمىمىزنى تىزلىتىدۇ. ئىشىنىڭكى بىزنىڭ دانا ،ئادالەتپەرۋەر رەھبەرلىرىمىز تەرىپىدىن سىزنىڭ مەسىلىڭىزمۇ ھەل بولغۇسى.
‹‹ئالدىڭدىكىلەرگە قاراپ پىكىر قىل، كەينىڭدىكىلەرگە قاراپ شۈكۈر قىل››دېگەن ھېكمەتنى بەلكىم سىز ئاڭلىغان.سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز ھايات ئىكەن، سىزگە تولىمۇ كۆيۈنىدىغان يولدىشىڭىز بار ئىكەن، يەنە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىڭىز، پىكىرداش دوسلرىڭىز بار ئىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز تولىمۇ شەرەپلىك ، خالىغان ئادەم قىلالمايدىغان بىر بۈيۈك خىزمەتنى قىلىۋاتىسىز؟! سىز يولۇققان بەزى ئازاپ-قىسمەتلەر ئاخىرقى ھىساپتا سىزگە مەڭگۈلۈك بەخىت ئېلىپ كېلىشى مۈمكىن. سىز ئويلاپ بېقىڭ! بۇ كەڭ كائىناتتا موشۇ تاپتا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان، كىچىكلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ يىتىملىك ئۆتەڭلىرىدە تېنەپ قېلىۋاتقان،تۈرمىلەردە قىيىن –قىستاقلارغا ئېلىنۋاتقان،تۈرلۈك ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن سەكراتتا ئىڭراۋاتقان،داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ھېچكىمگە خوش دېيىشكە ئۈلگىرەلمەي شەپىسىز دۇنيادىن كېتىۋاتقان، ئىككى پۇتى بولمىغاچقا يەردە ئۆمىلەپ مېڭىشقا مەجبۇر بولىۋاتقان،بۇ دۇنياغا ئېۋەتىلگەندىن بۇيان يۇرۇق دۇنيانى ئېنىق كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقان،بىرمۇ قېرىندىشى يوق، بىرمۇ بالىسى يوق، دەرت تۆكەي دېسە قوتىنىدا بىرەر قوي-كالىسىمۇ يوق،ئۆمرىدە شەھەرگە كىرىپ باقمىغان، بىرەر قۇر يېڭى كېيىم كېيىپ باقمىغان،بىرەر قېتىم باشقىلارنىڭ چىن مېھرى بىلەن ئەركىلىتىشىگە نائىل بولالمىغان ...كىشىلەرنى يوق دىيەلەمسىز؟!
جاپا –مۇشەقەت، قىسمەت بىزنى تاۋلاش،چېنىقتۇرۇش، سىناش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىشىمۇ مۈمكىن.بىراق ھە دىسىلا ‹‹شۈكرى ئېيتىپ›› ‹‹تەسلىمچى››بولۇشنى مەنمۇ راۋا كۆرمەيمەن.
سىزنىڭ ماڭا ‹‹خىيال تەكشۈرۈش ئەترىتى››دېگەن بىر يېڭى تىېمىنى تەقدىم قىلغانلىقىڭزدىن يەنە سۆيۈنمەكتىمەن. سىز نەدە بولۇڭ، قانداق ياشاڭ مەن سىزنى ئۇنتۇپ قالمايمەن، سىزنىڭ كۈلپەتلىرىڭىزنى ئۆزۈمنىڭ كۈلپىتى دەپ قارايمەن.
ئەي يىراقتىكى مۇئەللىمە ! سىز نەدە بولۇڭ مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدا، بىز بەلكىم مەڭگۈ كۆرۈشمەيمىز،ئەمما مەڭگۈ ئۇنتۇشمايمىز،ئازاپلىرىڭىزنى يەنە ئاڭلىسام ھۆڭرەپ كېتىشىم مۈمكىن، خوشال بولغىنىڭىزنى بىلسەم تولىمۇ مەمنۇن بولىدىغانلىقىمنى ئسىڭىزدىن چىقارماڭ! ھەر دائىم ئاكىلىق مېھرىم بىلەن ئەسلەپ تۇرىمەن.
تەملىك غەيۋەت ۋە زۆرۈر ئىناقلىق
بىر تال تاش تاغ بولالمايدۇ، بىر تۈپ دەرەخ ئورمان بولالمايدۇ، بىر تال قۇم بارخان بولالمايدۇ، بىر تامچە سۇ ئۆركەشلەپ ئاقالمايدۇ، بىر تال گۈل ئېچىلغانغا باھار بولالمايدۇ. تاشلار يىغىلىپ تاغ بوالالىغان، دەرەخلەر بىرلىشىپ ئورمان بولالىغان، قۇملار بىرلىشىپ بارخان بولالىغان، تامچىلار يىغىلىپ دېڭىز بولالىغان، گۈللەر ئېچىلىپ باھار بولالىغان.
بىز ھايۋانلاردەك سوقۇشۇپ ئەمەس، ئۆسۈملۈكلەردەك ئىرمىشىپ-چىرمىشىپ ياشىساق...بۇ ماكان سۆيگۈگە، مۇھەببەتكە ۋە مېھرىبانلىققا تولغان بولاتتى.شۇندىلا بىز بەخىتنى ھەم گۈزەللىكنى ھېس قىلالايتتۇق. ئىناقلىق ئىنسان بالىسىنىڭ مەڭگۈ مودىدىن قالمايدىغان كېيىم-كېچىكىدۇر، زىبۇ-زىننىتىدۇر.بۇ ئالەم ئادەم مەۋجۇت بولغاچقىلا شۇنچە گۈزەل ھەم سۆيۈملۈكتۇر. ئالەمنىڭ جەۋھىرى ۋە گۆھىرى بولمىش ئادەم تەپەككۇرى ۋە ئەمگىكى ئارقىلىق ئالەمگە تەكرار يېڭىلىنىش ھەم سالاپەت ئاتا قىلغان. تەبىئەت ئانا ئۆزىنىڭ مېھرىبانلىقى ئارقىلىق ئادەملەرنى ياشاشقا قىزىقتۇرغان. بىر ئادەم بۇ دۇنياغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. دوستۇم بۇ كەڭرى ئالەمدە باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىسە، سەن يەككە –يىگانە ئالەمنىڭ جوجايىنى بولۇپ قالساڭ...ئۆزۈڭنى نىمە دەپ ئاتارسەن؟!سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاتاشنىڭ ھاجىتى قالارمۇ؟ھوقۇق-مەرتىۋە، مال –دۇنيا، ئالتۇن –كۈمۈش ھەتتا مېھىر-مۇھەببەت سەن ئۈچۈن نېمىگە ئەرزىيدۇ؟ دۇنيا ساڭا بىمەنە تۇيۇلماسمۇ؟؟!!بولدىلا ئالەمدە يەككە-يىگانە قېلىشنى تەسەۋۇر قىلىشمۇ نېمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق.بۇ ئالەمدىكى ھەر بىر شەيئى ۋە ھەر بىر شەيئى ئوتتۇرىسىدىكى ھەر بىر ئاددى باغلىنىش ھەر بىر ئادەم بالىسى ئۈچۈن بىر ھېكمەت ۋە ياخشى ئۆتۈلگەن ئوچۇق دەرستىن ئىبارەت.ھەممە ئادەم شەخسىيەتچىلىكنى ‹‹قىممەت قاراش ››قىلىۋالسا، ‹‹مېھرىبانلىق، قەدىر-قىممەت، كىشلىك ھوقۇق،خاسلىق،ئەپۇچانلىق، كەڭ قورساقلىق،يول قويۇش››دېگەندەك ئوقۇملارنى ‹‹تۇرمۇش لوغىتى››دىن چىقىرۋەتسە قانداقمۇ ‹‹ئىناقلىق، مۇقىملۇق››تىن سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟!بىزدە شەخسىيەتچىلىك ئەۋىج ئېلىپ كەتسە ، دۇنيادا باشقا ئادەملەرنىڭمۇ بارلىقى ئۇنتۇلۇپ قېلىنىدۇ.شۇڭا بىز ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسلەپ تۇرۇشىمىز تولىمۇ زۆرۈر. بىز باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساق بىزمۇ شۇنداق پوزۇتسىيەگە نائىل بولالايمىز. سوقرات ‹‹ ئەركىنلىك ئاجايىپ نەرسە ، سەن باشقىلارغا بېرىشنى خالىمىساڭ ، ئۆزۈڭمۇ مەڭگۈ ئېرىشەلمەيسەن ›› دەپ، توۋلىغان.باراۋەرلىك-ئىناقلىقنىڭ يېشىل يىمەكلىكى.مۇستەبىتلىك - ئىناقلىقنىڭ چىرىتكۈچىسى. ئەپۇچانلىق –ئىناقلىقنىڭ قۇۋۋەت دورىسى. غەيۋەت-شىكايەت بولسا بارلىق ئىناقسىزلىقنىڭ يىلتىزى.1995-يىلى بىر خىزمەتدېشىمنىڭ ‹‹دۇنيادا غەيۋەتتىنمۇ تاتلىق نەرسە بارمىدۇ›› دېگەن سۆزى مېنى ئاجايىپ ئويلاندۇرغان ئىدى. ئىجتىمائى پەن ئالىمى مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن : ‹‹ غەيۋەت - ھەسەتخورلۇقنىڭ ھارام بالىسى›› دەپ قېيدىغان. مۇقەددەس كىتاپلاردا ‹‹غەيۋەت-شىكايەت قىلغۇچىلار ئادەم گۈشى يىگۈچىلەردۇر،ئالىملارنىڭ غەيۋىتىنى قىلغۇچىلار بولسا ئادەم گۈشىنى زەھەرگە چىلاپ يىگۈچىلەردۇر. كىم غەيۋەتخورلارنىڭ ئېغىزىنى ئېتەلىسە 100 شېھىتنىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ، غەيۋەت –شىكايەت قىلمۇغۇچىلار ئەڭ ئاخىرقى ھېساب مەيدانىدا تاغدىن يۈكسەك قىلىنىدۇ››دېيىلگەن. ‹‹ئۆمرىدە خۇتۇنى بىلەن بىرەر قېتىم ئۇرۇشۇپ باقمىغان››،‹‹ئۆمرىدە بىرەر خەۋەر يېزىپ باقمىغان››،‹‹ئۆمرىدە ئەلنىڭ بەختى ئۈچۈن پۇتىغا بىرەر تىكەن سانجىلىپ باقمىغان››،‹‹ئۆمرىدە باشقىلارنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن بىرەر قېتىمشۇرا ئاتلاپ باقمىغان›› نانقېپىلار ئالىملىرىمىز ئۆلۈپ كۆزىگە توپا قونۇپ بولغىچە ‹‹ئۇنداق ،مۇنداق... ››گەپلەرنى تاراتماقتا، بىر قىسىم نادانكىشىلەر ئۆسەك سۆزلەرگە ئشىنىپ خۇددى يېڭى بىر ئىلمىنىت بايقىۋالغاندەك ھوزۇرلىنىپ گەپنى كېڭەيتمەكتە...
ھۇنلارنىڭ داھىسى ئاتىللا ئەينى ۋاقىتلاردا غەيۋەتخورلادىن ئەپسۇسلىنىپ ‹‹ ئەگەر بىر ئادەمنىڭ كەينىدىن تارقالغان ھىچقانداق گەپنى تاپقىلى بولمايدىكەن ، ئۇ ئادەم ھىچقانداق نەتىنجە ياراتمىغان ئادەم›› دېسە، پەلسەپە ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ: ‹‹مىڭ ئىتنىڭ قاۋىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرمىغان بۆرە قانداقمۇ بۆرە بولالىسۇن؟سورۇن –سورۇنلاردا غەيۋىتى بولۇپ تۇرمىغان يىگىت قانداقمۇ باھادىر بولالىسۇن؟››دېگەن ئىكەن. بۇ مۇنداقلا ئېيتىلغان سۆزلەر بولماستىن،بەلكى نەتىنجە ياراتقان كىشىلەرنىڭ كەينىدىن بولىدىغان پىتنە-پاساتلارغا سەۋىر قىلىش زۆرۈرلىكى ئىپادىلەنگەن ئاگاھلاندۇرۇشلاردۇر.قارايدىغان بولساق توڭ مىۋىگە ھېچكىم تاش ئاتمايدۇ، مىۋە پىشقان ھامان ھەركىم كۆز تىكىدۇ، تاش ئاتىدۇ ئەمەسمۇ؟؟!!بىز چوشقا قوتىنىغا كىرىپ چوشقىنىڭ ئاستىدا قالساقمۇ ياكى چوشقىنى بېسىۋالساقمۇ ئوخشاشلا مەينەت بولىمىز. نادانلارغا قانداق جاۋاپ بېرىش ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ئانچە قىيىن ئەمەس.
ماندىلا 2013-يىلى 94 يېشىدا ئالەمدىن قايتىش ئالدىدا مۇخپىرلارنىڭ سۇئالىغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: ‹‹مېنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىمدىكى بىردىن بىر خاسىيەتلىك دورا – دەل مەندىكى ئەپۇچانلىقتۇر. مەن زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن مېنى ناھەق 10 نەچچە يىل تۈرمىگە سولاتقۇزۋەتكەن كىشىنىمۇ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتەلىدىم، ھەرگىز ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالمىدىم›› دېگەن.‹‹قەلبىدە زەرىچە كىبىر-تەمەننا بولغان كىشىنىڭ سوراق مەيدانىدىكى ئاقىۋىتى بەكمۇ ئوسال بولىدۇ››دېگەن ھېكمەتنى نەچچە قېتىملاپ ئاڭلىغان بولساقمۇ ،ھىچقايسىمىز كىبىر-تەمەننا بىلەن بولغان دىپلىماتىك مۇناسېۋىتىمىزنى ئۈزەلمەيۋاتىمىز. ‹‹مەنمەنچىلىك، ماختىنىش ›› ئىشقىدا زەپىران بولىۋاتىمىز. ئۆزىمىزدىن شۇنچىكى تۆۋەن ئادەملەرنى كۆرسەك بەدەنلىرىمىزدىكى تۈكلەرمۇ دىڭگايماقتا، ئۆزىمىزدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئالدىدا بولسا خۇددى ‹‹ بېشىمىز تازىم قىلىش ئۈچۈنلا يارىتىلغاندەك، ئېغىزىمىزنىڭ بولسا پەقەت ‹ماقۇل› دېيىشلا ۋەزىپىسى باردەك ، باشلىق ئالدىدا ئۆزىمىزنىڭ ئادىمىيلىكىنى ساقلاش خۇددى قانۇنلارغا خىلاپتەك ... ›› بىمەنە ئىشلارنى سادىر قىلىپ قويىۋاتىمىز.بۇنداق ساختا ھۆرمەت-ئىززەتتىن قانداقمۇ ھەقىقى ئىناقلىقنىڭ دانچىلىرىنى تاپقىلى بولسۇن؟! چىرىك ئىدىيەدىكى چاكىناپۇقرا- پاك ئەمەلدارلارنى چىرىتىدىغان پارازىت قۇرۇتتۇر.
ياغلىق چىگىۋالغان ئايالنىڭ ئەڭ ئىپپەتلىك ئايال بولىشى ناتايىن، يالاڭباش قىزنىڭ ئەخلاقسىز بولىشى ناتايىن،ئەڭ سېمىز كىشى شۇ ئىدارىنىڭ باشلىقى بولىشى ناتايىن، ئۇرۇق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كېسەلچان بولىشى ناتايىن، ئەڭ ئىگىز ئادەمنىڭ ئەقىللىق بولىشى، ئەڭ پاكار ئادەمنىڭ پاراسەتسىز بولىشى ناتايىن. بىز ئادەملەرگە باھا بەرگەندەئۆزىمىزنىڭ نۇقتىنەزىرىدىن چىقىپلا باھا بەرسەك ئادالەتسىزلىك بولۇپ قالىدۇ.بىز كۆپ قىرلىق نۇقتىدا تۇرۇپ كۈزەتسەك يەنىلا ياخشى ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز.بىزدىكى ئۇقۇشماسلىق بىزدىكى تۇقۇنۇشقا ‹‹مۇنبەت زېمىن››ھازىرلاپ بەرگەن.بىز دوختۇرخانىغا كىرىپلا ‹‹بىرمۇ ساق ئادەم قالماپتۇ››دېسەك،قەبرىستانلىققا چىقىپلا ‹‹ھەممە ئادەم ئۆلۈپتۇ›› دېسەك،بازار ئارىلاپ ‹‹ھەممە ئادەم سودىگەر بولۇپ كېتىپتۇ››دېسەك...توغرا بولماس.بىر پاراڭچى‹‹پالانىنىڭ ھاڭگا ئېشىكى ئىككى تەخەي تۇغۇپتۇ››دىسە ، ئەتراپتىكىلەر ‹‹زادى تۇغىدىغاندەك تۇراتتى›› دىمەستىن‹‹ئەي مەخلۇق! ھاڭگا ئېشەكمۇ تۇغامدۇ؟››دېيەلىسەك بولاتتى؟؟!!
قەيەردە پىتنە –پاسات ۋەئىناقسىز بولىدىكەن شۇ يەردە پالاكەت تېرىلىدۇ، شۇ يەردە بەخىتسىزلىك چېچەكلەشكە باشلايدۇ. قەيەردە ھەقىقەت دۈم بولىدىكەن ئەۋلاتلارنىڭ پۇتىغا سانجىلىشقا تىگىشلىك خوخا-يانتاقلار كۆپىيىدۇ. دۇنيادا مېھىر-مۇھەببەتكە تەشنا بولمايدىغان بىرمۇ ئادەم يوق.قەدىرلىنىشنى ئارزۇ قىلمايدىغان،مىېھىر-مۇھەببەتنى رەت قىلىدىغان ئادەم بار دىيىلسە، چوقۇم ئۇ ئادەم ئەمەس.مېھىر ئۇ بىر پىيالە ئىسسىق چاي! بىز ئىنسانلار ھەممىمىز ئاشۇ چاينى ئىزدەۋاتقانلار.بىز ھەممىمىز چىن قەلبىمىزدىكى مۇھەببەت بۇلاقلىرىدىن بىر پىيالە چاي تەييارلاپ قوللاردىن قوللارغا، يوللاردىن يوللارغا يەتكۈزەيلى،شۇندىلا قەلىپلەر قەلىپلەردىن سۆيىنىدۇ، قەلىپلەر قەلىپلەرگە سىغىدۇ،قەلىپلەر قەلىپلەرگە ئىشىنىدۇ، قەلىپكلەر قەلىپلەرگە ‹‹يول خېتى››كىسىپ بېرەلەيدۇ،قەلىپلەر قەلىپلەرنى ‹‹ۋەتەنسىز›› دەپ ھاقارەتلىمەيدۇ.
بۇ يەر شارى بىر كېمىدۇر، بىز ئىنسانلار ئاشۇ كېمىدىكى يولوچىلاردۇرمىز، بىز يولۇچىلار ئىناق بولماي تۇرۇپ، ھەمكارلاشماي تۇرۇپ قىرغاققا چىقالمايمىز، ھەممىمىزنى گۈزەل قىرغاقلار چاقىرماقتا! قېنى بىز قەلبىمىزنى ئالەمدىن كەڭرى تۇتۇپ، كەڭرى يوللاردا بىرلىكتە ماڭايلى!
سۇنىڭ مەنىسى ۋە ئاۋازى
بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا سۇدىن ئايرىلالمايمىز.مەن تالاي قېتىملاپ سۇ بىلەن ئۇچراشقان بولساممۇ،بىراق سۇ ھەققىدە پىكىر قىلماپتىمەن،سۇ ھەققىدە تۈزۈكرەك ئويلانماپتىمەن.سۇ كائىناتنى كۆكلەتكەن، ئۇسسۇزلىقىمىزنى قاندۇرغان ،روھىمىز ھەم جىسمىمىزنى پاكلىغان تۇرسا؟!بۇ مېنىڭ ئاجىزلىقىم بولماي نىمە؟!
بىز ئىنسانلار كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ھەقسىز مۇلازىمەتتە بولغان شەيئىلەرنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويۇشتەك گۇناھلارنى سادىر قىلىپ قويىدىكەنمىز.
‹‹سۇ ،تۇپراق، ھاۋا،ئوت››كائىناتنىڭ 4 مۇھىم تەركىۋى قىسمى ئەمەسمۇ؟يەر شارىنىڭ %71 سۇ ئىكەن، ئادەم بەدىنىنىڭ %70-65 سۇدىن تەشكىل تاپقان . بالىلىق چاغلىرىمدا ‹‹مەن نېمە؟››ناملىق تېكىست ئارقىلىق سۇ ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولغان.‹‹مەن گاھىدا مۆلدۈرگە ئايلىنىمەن،گاھىدا ئاپئاق قارغا ئايلىنىمەن، گاھىدا مۇزغا ئايلىنىمەن، گاھىدا يامغۇرغا ئايلىنىمەن،گاھىدا ھورغا ئايلىنىمەن›› مانا بۇ بالىلىق قەلبىمگە سىڭىپ كەتكەن سۇنىڭ ئاۋازى. ئوقۇتقۇچىمنىڭ ‹‹ سۇ رەڭسىز، پۇراقسىز، سۈزۈك، تىنىچ، مۇلايىم...سۇيۇق جىسىم›› دىگەنلىرىمۇ ئېسىمدە.
سۇنىڭ مەنە قاتلىمى مۇرەككەپ. سىز ئېقىۋاتقان سۇ بويىدا ئولتۇرۇپ تەپەككۇر قىلسىڭىز سۇ سىزگە يىراق قەدىمى ئۆتمۈشنى ئەسلەتمەي قالمايدۇ.دېڭىزغا قارىسىڭىز چەكسىزلىكنىڭ يەنە بىر يۈزىنى كۆرەلەيسىز.بۇلاق بېشىدا زېمىننىڭ يۈرىكىنى تىڭشىيالايسىز.سۇنىڭ زېمىننى كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان چېغىڭىزدا ‹‹بەدەل تۆلەش››دېگەن سۆزنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى، سۇنىڭ چاك-چاك يېرىلىپ كەتكەن تۇپراققا سىڭىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭىزدا ‹‹قۇربان بېرىش››دېگەن سۆزنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز.سىز ‹‹سۇ دېگەن ئىگىزدىن پەسكە قاراپ ئاقىدۇ››دەپلا قارىسىڭىز،نەچچە مىڭ مېتىر چۇڭقۇرلۇقتىن تاشلارنى يېرىپ سىرغىپ چىقىۋاتقان بۇلاق سۇلىرىنى كۆرگىنىڭىزدە خاتالاشقانلىقىڭىزنى بايقاپ قالىسىز .‹‹سۇدا تۇيغۇ يوق››دەپ ھۆكۈم چىقارسىڭىز تولىمۇ ئالدىراقسانلىق قىلغان بولسىز.ياپۇنىيە ئالىملىرى ئوخشاش ئىككى پىروبىركىغا ئېلىنغان ئوخشاش ھەجىمدىكى ئوخشاش سۇغا ئوخشاش بولغان ئورۇندا ئوخشاش بولمىغان مەزمۇندىكى گەپلەرنى قىلىپ ئوخشاش توڭلىتىش ساندۇقىغا سالغاندىن كېيىن ،ئوخشاش بولمىغان نەتىجىگە ئېرىشكەن. يەنى چىرايلىق گەپلەرنى ئاڭلىغان پىروبىركىدىكى سۇ ناھايىتى نەپىس توڭلىغان؛ سەت گەپلەرنى ئاڭلىغان پىروبىركىدىكى سۇ قوپال توڭلىغان. مۇقەددەس كىتاپلاردا بايان قىلنىشىچە ‹‹سۇ ئاخىرەت ئازاپلىرىنى ئاۋال سەزگۈچى جىسىملارنىڭ بىرىمىش، سۇ سەزگەن ئازاپنى ئىنسانلارنىڭ سېزىش ئىقتىدارى بولىدىغان بولسا، ياشاشقا جۈرئەت قىلالمايدىكەنمىز...››بىز بۇ بايانلارنى ئاڭلىغىنىمىزدا ئەندىكمەي تۇرالمايمىز.شۇنداقلا سۇنىڭ مەنە قاتلىمىنىڭ ئۇنچە ئاددى ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرىمىز.
سۇ ئەركىنلىكنىڭ جارچىسى. ئۇ ۋاقتى كەلگەندە پەستىن ئىگىزگە قاراپمۇ شىددەت بىلەن ئاقالايدۇ، ئۆزى يۇمشاق بولسىمۇ قاتتىق قىرغاقلارغا پەشۋا ئۇرالايدۇ،ھەتتا تاشلارنى يالاپ تۈگىتەلەيدۇ. سۇلار تۇربىلارغا بەنىت قىلىنىپ تەتۈر يۆنىلىشتە ئاققۇزۇلماقتا، يىراقلارغا بېرىش ئىستىگى كۈچلۈك سۇلار تام توساقلار ئارقىلىق قورشاۋغا ئېلىنماقتا. سۇلار ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدۇ، غەزەپلەندىمۇ ئاسانلىقچە بولدى قىلمايدۇ. توپان بالاسى سۇنىڭ غەزەپلىنىشى بىلەن يۈز بېرىپ جانلىقلارنى ئەڭ چوڭ تىپتا قىرغىن قىلغان. يېقىندىن بۇيان سۇ ئاپىتى پات-پات يۈز بەرمەكتە. بۇ بىزگە سېگنال ئەمەسمۇ؟‹‹نوھ كېمىسى››نىڭ يەنە ياسىلىشى ناتايىن.سۇ ھامان يەڭگۈچى، ئاخىرقى يېڭىلىش ئۇنىڭغا نىسىپ بولمايدۇ.سۇلار چاڭقىماقتا، سۇلار ئۇسسۇماقتا،بىز جانلىقلار سۇغا نېمە قىلىپ بېرەلىدۇق؟ بىزمۇ ئەسلىدە سۇلارغا ئۇسسۇزلۇق ئاتا قىلىپ بەرسەك بولاتتى.ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى ‹‹ئىناقلىق ۋە كېلىشىم ››شۇ ئەمەسمىدى.
بەزىلەر سۇنى پەقەت ئىچىملىك ئورنىدا چۈشەنمەكتە.بەزىلەر سۇنى ئەڭ داغدام يول دەپ ھەزىم قىلماقتا،بەزىلەر سۇدىن قورال ئورنىدا،چېگرا ۋە توساق ئورنىدا پايدىلانماقتا. ئاۋياماتكىلار ۋە قوغلىغۇچى پاراخوتلار سۇدىن يول ياساپ خالىغان نىشانغا زەربە بەرمەكتە. بەزىلەر ‹‹سۇ تۈرمىلىرى››نى ياساپ ،مەھبۇسلارنى سۇ ئارقىلىق قاتتىق جازالىماقتا. سۇ ناسۇسى، سۇ تاپانچىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.نۆۋەتتە پەن-تېخنىكىنىڭ قۇدرىتى ‹‹سۇ پىچىقى››نى ئىختىرا قىلىپ ئەڭ قاتتىق تاش ۋە رودىلارنى سۇ بىلەن ئۈنۈملۈك كەسمەكتە.يەنە بەزىلەر سۇدىن دورىلارنى ياسىماقتا، يەنە بەزىلەر ئىسسىق سۇلۇق بۇلاقلاردىن ئۆزىگە داۋا ئىزدىمەكتە، سۇدىن زەھەرلىنىش، سۇدا تۇنجىقىپ ئۆلۈش ھادىسىلىرمۇ كۆرىلىپ تۇرماقتا.بەزى ئالىملار بەزى جىسىملارنى سۇ بىلەن رىئاكسىيەلەشتۈرۈپ يېڭى كەشپىياتلارنى ياراتماقتا.سۇنىڭ چۆكتۈرۈش كۈچى ۋە لەيلىتىش كۈچىنى تۇلۇق تەسەۋۇر قىلىشىمىز بەسى مۈشكىل بولسا كېرەك.سىز قىش كۈنلىرى پالتىلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ،كاچكۇل ئاچالماي ئازاپلىنىپ كېتىسىز، ئەمما ئەتىياز كىلىشى بىلەنلا سىز چاقالمىغان قاتتىق ھەم قېلىن مۇزلار ئۆزلىكىدىن ئېرىپ غايىپ بولىدۇ، ئۇزىمايلا مۇزلارنى سېغىنىشقا باشلايسىز تېخى؟! سەگەك بولسىڭىز بۇ كۆرۈنۈش قۇلىقىڭىزغا تاتلىق پىچىرلىغان بولىشى مۈمكىن. ئىنسانلارنىڭ سۇدىن قانداق پايدىلىنىشى ھەم سۇغا قانداق مۇئامىلەدە بولىشى ئانچە مۇھىم ئەمەس دىيەلەمسىز؟!ھىچ بولمىغاندا سۇدىن ئىلھام ئېلىشىمىز كېرەك.ھىندىلارنىڭ ‹‹ يىلدا بىر قېتىم گاڭگى دەرياسىدا يۇيۇنۇپ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش ››تىن ئىبارەت بايراملاشقان ئادىتى بار.
مۇسۇلمانلار بەشۋاق ناماز (بامدات، پىشىم، ئەسىر،شام،خۇپتەن) ئوقۇشتىن ئاۋال سۇدا پاكىزە تاھارەت ئېلىپ پاكلىنىشى شەرت قىلنغان. بۆگۈن سۇدا تاھارەت ئېلىشنى خالىمىغانلار ، ئەتە كۆيىۋاتقان ئوتتا يۇيۇنۇشقا مەجبۇرى بولىدۇ، بۇ ئەقەللى قانۇنىيەت.
سۇنىڭ ئۇلۇغلىقى پەقەت ئىچىملىك ئىستىمالى بولغانلىقىدىلا ئەمەس، بەلكى تېنىمىز ۋە روھىمىزنىڭ پاكلىنىشىغا سەۋەپ بولالىغانلىقىدا؛ بىزگە ھاياتلىق سەپىرىمىزنىڭ نىشان ھەم خەرىتىسىنى سىزىپ بېرەلىگەنلىكىدە ئەمەسمۇ؟! دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە سۇئال قويغۇم كېلىۋاتىدۇ.
بىز نېمە ئۈچۈن پۇل تاپىمىز
مەن پۇل ھەققىدىكى نۇرغۇنلىغان ھىكمەتلەرنى يادلىۋالغان ،ھەممىسى ئۇنتۇلۇپتۇ.ئەسلىمەمدە قېپقالغىنى پۇل بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مۆھتاجلىق ۋە بىر قىسىم قىسمەتلەر خالاس.پۇلدىن ئىبارەت بۇ نەرسە ئىنسانلارنى بايلار ۋە نامراتلار دەپ ئىككى قۇتۇپقا ئايرىيالىغان بولسىمۇ بىراق ، ھەقىقى مەنىدىكى ‹‹باي›› ۋە ‹‹نامرات››دېگەن ئوقۇمغا توغرا تەبىر بېرەلمىدى.
كۆپ قىسىم كىشىلەر پەقەت ئىسىل ماشىنىغا،رېستۇرانغا،ياسىداق ئۆيگە، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە ئۈنچە- مەرۋايىتقا شۇنداقلا چىرايلىق خېنىملارغا ۋە قامەتلىك يىگىتلەرگە ئىنتىلۋاتقان بۆگۈنكى كۈندە يېڭى ئىدىيە ھەم ئەخلاقنىڭ قۇدرىتىگە سەل قارىساق قەتئى بولمايدۇ.
بىز نىمىلا دىمەيلى، تۇرمۇشىمىزدىن ‹‹پۇل›› دېگەن ئۇقۇمنى چىقىرۋىتەلمىدۇق. پۇلنىڭ قۇدرىتىنى تۆۋەنلىتىشكە ئائىت ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردۇقيۇ؟! پۇلغا بولغان ئىنتىلىشلىىمىزدىن ۋاز كېچەلمىدۇق؟! زېمىندا بولۇپ ئۆتكەن تۈرلۈك – تۈمەن تالاش-تارتىش ۋە ئۇرۇشلار پۇل ۋە بايلىقنى ئارقا كۆرىنىش قىلىپتۇ.بىز پۇل ئۈچۈن نۇرغۇن ھېكمەتلىرىمىزنى يوقۇتۇپتىمىز،يەنە پۇل ئارقىلىق نۇغۇن ئىمتىيازلارغا ئېرىشىپتىمىز.ئاچ قورساق كىشىدە ‹‹قورساق تۇيغۇزۇش››تىن باشقا يەنە قانداق ئۇلۇغۋار مەخسەت بولسۇن؟!ياپۇنىيە مىڭجى يېڭىلىققا كۆچۈش دەۋرىدە ياشىغان بىر دانىشمەن ئېيتقان ‹‹ تەل بولمىسا يىمەك-ئىچمەك كېيىم-كېچىكى؛شان-شەرەپ ۋە ئار-نومۇسنى يوقتۇر بىلمىكى››دېگەن بۇ ھىكمەتكە قايىل بولۇپ قالمىز.بۇ دۇنيادا نۇرغۇن بايلار ياشاپ ئۆتكەن بولسىمۇ ھىچقايسىسى سېخىيلىقنىڭ سىمۇۋۇلى- ھاتەمچىلىك قەلبىمىزدە ساقلىنىپ قالماپتۇ ئەمەسمۇ؟ نوبىل بولسا ئۆزىنىڭ پۇلىنى ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە مۇكاپات قىلىپ بېرىۋەتكەن بولغاچقا بىز بىلەن بىللە ياشىماقتا.يەنە كىملەرنى ئەسلىمەكچى بولساممۇ، ئېسىمگە غىياسىدىن كېچىك ئوغلى نىزامىدىن ئەلىشىربەگنىڭ ‹‹ بۇ دۇنياگە باقە يوق، سۇلايمان مۈلكىگە ئەسلا؛ ئېھ! ناۋائى بادە ئىچ ! دۇنيا غېمى بىھۇدىدۇر›› دېگەن ئىككى مىسرا شىئېرى قەلبىمنى چىرمىۋالدى.
شۇنداقتىمۇ ھەر كۈنلۈك ئىش ھەققى بىر مىليۇن جۇڭگو پۇلىدىن كەم بولماي كىلىۋاتقان جوردان، جامىس، كۇبى، مارادونا، رونالدۇ،بېكخام،مىسسى،نېمار قاتارلىق تەنھەركەت چولپانلىرى ۋە يانى،شارۇنخان، جاۋ بېن سەندەك دۇنياۋى ئارتىسلارنى ئەسلىمەي تۇرالمايمىز.ھازىرقى دۇنيادا ئەڭ پۇلى كۆپ كىشى كىم؟! دىگەن سۇئال قويۇلسا بىز ‹‹بېل گايتىس- 50 مىليارت ئامرىكا دوللىرىلىق ۋەجى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ باي زەردارغا ئايلاندى›› دەپ جاۋاپ بەرسەك ئەلۋەتتە خاتالاشقان بولىمىز.‹‹دانىشلار ئۆزىنى ئاشكارىلىمايدۇ››دېگەن گەپ بار.روتسچىلد جەمەتى ھېلىھەم بانكىچىلىق قىلىدۇ.دۇنيا پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى بىرەرسىنىڭ ‹‹ روتسچىلد›› دېگەن ئىسىمنى بىلمەسلىكى گويا ھەربىيلەرنىڭ ناپالېئۇننى، فىزىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېينىشتىيىننى بىلمىگىنىدەك كۈلكىلىك ئىش. ئۇنداقتا روتسچىلد جەمەتىنىڭ مال دۇنياسى زادى قانچىلىكتۇ؟ بۇ دېگەن دۇنياۋى سىر. تۆۋەنرەك پەرەز قىلساقمۇ 50 تىرلىيۇن ئامرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. ‹‹پۇل ئۇرۇشى›› ناملىق كىتابتا: - ‹‹ سۇ كىرمەيدىغان جەمەت كونتۇروللۇقى،ھېچكىم ئۇقمايدىغان مەخپى مەشغۇلات،ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىنىچكە ماسلاشتۇرۇش تەدبىرى، ئەبىدىلئەبەت بازارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ئۇچۇر سېسىتمىسى، سېپى ئۆزىدىن شەپقەتسىز پاراسەت، ئەبەدىي ئۈزۈلمەس پۇل-ھوقۇق ئىستىكى شۇنداقلا مال-دۇنيانى نىشان قىلغان كۈزىتىش ۋە پەرەزلەش ئىستېداتى... روتسچىلد جەمەتىنى پۇل مۇئامىلە،سىياسى ۋە ئۇرۇشنىڭ 200 يىللىق دەھشەتلىك قاينىمىدا چېنىقتۇرۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن تەڭداشسىز پۇل مۇئامىلە ئىمپىرىيەسىنى قۇرۇپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى››دەپ تەسۋىرلەيدۇ.مىيې روتسچىلد يۈرەكلىك ھالدا ‹‹ بىر ئەلنىڭ پۇل تارقىتىش ھوقۇقىنى ئىلكىمگە ئېلىۋالسام ئىدىم، ئۇ چاغدا كىمنىڭ قانۇن تۈزۈشى بىلەن پەرۋايىم پەلەك ئىدى››دەيدۇ.
ناپالېئۇن 1815-يىلىئېيتقان ‹‹بىرەر ھۆكۈمەت بانكىرنىڭ پۇلىغا تايىنىپ قالسا، ۋەزىيەتنى تىزگىنلەپ تۇرۇش ھوقۇقى ھۆكۈمەت رەھبىرىدىن ھېلقى بانكىرغا ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ.چۈنكى بەرگەن قول ، ئالغان قولدىن ھامان ئېگىز تۇرىدۇ.پۇلنىڭ ۋەتىنى بولمايدۇ؛بانكىرلار ۋەتەنپەرلىك،ئالىجاناپلىق دېگەنلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ؛چۈنكى ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر نىشانى نەپ-پايدا!››دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى تېخى ئۆزگىرىپ كېتەلمىدى .نۆۋەتتە بىر قىسىم زۇڭتۇڭلارنىڭ تۇمشىقى ھېلىھەم بانكىرلارنىڭ ئىلمىكىدە ئىلىقلىق.ھازىر بولىۋاتقان قايسى بىر ئۇرۇشلاردا بانكىرلارنىڭ دەسمايىسى يوق،دىيەلەيمىز؟!
مېنىڭچە نامراتلار –بايلارنىڭ مۇنبەت ئېتىزى.نامراتلارنىڭ بولماسلىقى بايلارنىڭ ئازاپ دېڭىزى.پەن-تېخنىكىسى تەرەققى قىلمىغان ساددا ئەللەرنىڭ ساددا ئېڭى -تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ 1-نومۇرلۇق ‹‹خام ئەشيا بازىسىدۇر››.
پۇل ھەققىدە يەنىمۇ چۇڭقۇرلاپ پىكىر قىلىش مەندەك بىر نامرات زىيالىنى تولىمۇ گاڭگىرىتىپ قويىۋاتىدۇ.مېنىڭ بىر نەچچە مىليۇنېر دوسلرىم بار.ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرسام سەل بىخەتەرلىك ھىس قىلساممۇ بىراق، سۆزلىرىم ئازلاپ كېتىدۇ.‹‹پۇل دېگەن نىمە؟›› دېگەن سۇئالغا يەنىلا ئاشۇ دوسلىرىم بىر قەدەر توغرا جاۋاپ بېرەلەيدۇ. بۇ ئەمىليەت،ھەرگىزمۇ كىتابى گەپ ئەمەس.پەمىمچە بىر قەۋىم ياكى رايۇن ئۈچۈن يېتىلگەن سىياسىيۇن، پىشقان پەيلاسۇف،مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى، ئاۋانگارت يازغۇچى، تەقۋادار موللام،ئىقتىدارلىق كەشپىياتچى ۋە مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى تولىمۇ زۆرۈر ئىكەن.يۇقارقىلارنى بىر قەۋىم ياكى رايۇننىڭ 7 تېغى،7 بېغى، 7 كۆۋرۈكى، 7 تۈۋرىكى،7 يۈرىكى،7 دەرياسى،7 ئۇمۇرتقىسى دېسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەس.
چەتئەللەردىكى بايلار ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى بىر قەدەر ئېنىق چۈشەنسە كېرەك.ئۇلار 150 يىل بۇرۇنلا ‹‹ئەقىلگە مەبلەخ سېلىش››نى بىلىۋالغان ئىكەن.ئۆز يۇرتىغا، ئۆز خەلقىگە، ئۆز دۆلىتىگە ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە مۇناسېۋەتلىك پايدىلىق ئىشلار ئۈچۈن ‹‹پۇل خەجلەش››نى ئۆزلىرىگە ‹‹مىزان ››قىلغان ئىكەن.ھازىرقى بازارلاشقاندۇنياغا قارايدىغان بولساق دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن سىياسىيۇنلارنىڭ، ئالىملارنىڭ، كەشپىياتچىلارنىڭ ، يازغۇچىلارنىڭ، تەنھەركەت چولپانلىرنىڭ ئارقىسىدا بايلارنىڭ پۇلى‹‹يۆلەك››بولۇپ تۇرغانلىقىنى سەزمەكتىمىز.ئۆز تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساقمۇ بۇنىڭغا ئائىت خاسىيەتلىك بىلدۈرمىلەرمۇ ئانچە ئاز ئەمەس. ئاكا-ئۇكا موسابايۇفلار بۇنىڭ دەلىلى ئەمەسمۇ؟نۆۋەتتە بىر قىسىم بايلىرىمىز قىلىۋاتقان خاسىيەتلىك ئىشلار كىشىنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ. بىراق پۇلى كۆپ بولسىمۇ روھى گاداي ‹‹باي››لىرىمىز بولسا پۇلنىڭ نىمە ئىكەنلىكى؛ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن پۇل تېپىۋاتقانلىقى ، باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ ئەمەس ھەتتا ئۆزىنىڭ ‹‹ھاياتلىق سۈپىتى››نىڭ قانداق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىشقا ئۈلگىرەلمەيۋاتىدۇ .بۇ ئۇلار ئۈچۈن قىسمەت ئەمەسمۇ؟پۇل تېپىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس.جايىدا خەجلەنگەن ھەم ئۈنۈملۈك ئىشلارغا سەرىپ قىلىنغان پۇللىرى ئۈچۈن بايلىرىمىزغا مەڭگۈلۈك بەخىت ھەم نۇرلۇق ئەسلىمە تەييارلانغۇسى.
مەنبە : بۇ ماقالا قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن 2014-يلى 5-ئايدا ماقالە ئوقۇش مۇسابىقىسىدە 1- دەرىجىگە ئېرىشكەن.
ئاپتۇر: كەلپىن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن
ئەسكەرتىش: روھلان تورىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمنى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز بېكەت باشلىقىئادىلجاننىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن،روھلان تورى ۋە ئەسەرلىرىمنىڭ ئادرىسىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلىڭ.
ۋاھ مەن ئوقۇپمۇ ئوقۇپ بوللالماي ئەتە داۋامىنى ئوقۇي دەپكومپىيۇتىرنى تاقىدەمدە ئويگە بەدەر قاچتىم خوش.:lol ۋاھ مەن ئوقۇپمۇ ئوقۇپ بوللالماي ئەتە داۋامىنى ئوقۇي دەپكومپىيۇتىرنى تاقىدەمدە ئويگە بەدەر قاچتىم خوش.:lol ماقالىنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە ئوقۇدۇم. كۆپ قىسمىنى ياقتۇردۇم ۋە قوبۇل قىلدىم.
راست گەپنى قىلسام، ماقالىنىڭ : ئانىلار ۋە "بالا تۇغۇش ماشىنىسى" دىكى بايانلار مېنى قايىل قىلالمىدى. ئەگەر ئانىمىز ئاشۇ 14 تەلەپنىڭ ھەممىسىنى تەل قىلالىسا، ئانا ئەمەس، " پەرىشتە" بولىدۇ. ( بۇ نۇقتىدا تورداشلاربىلەن ئىلمىي نۇقتىدا تۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇرساق بولىدۇ، ئەمما پىكىرلەر قايىل قىلارلىقبولسا،مەۋجۇتلۇق شارائىتىمىز ۋە رېئاللىقنى نەزەردە تۇتساق دەيمەن، ئارتۇقچە ھاياجانلىنىش ھاجەتسىز)
ئانىنى " بالا تۇغۇش ماشىنىسى" دىن " ياساش زاۋۇتى" غا ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، مەسئۇلىيەتتىن قاچمىساق.
ئەيساجان ئەپەندىمنىڭ " ئاچچىق" پىكىرلىرىگە تەشنامەن.سالامەت بولۇڭ. مىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى باھالاش ھۇقۇقۇم شۇنچىلىككەن.
ئاللا ئەجرىڭىزگە بەرىكەت بەگەي،
قولىڭىزدىن ھىچ قەلەم چۈشمىگەي.
يېزىقىمىز تەپەككۇرغا بوي سۇنۇپ،
مەنىۋىيەتتە ئۇلھاسىل قىلغاي. بۇمھقالە ناھاىيىتىياكشىبوپتۇ، بۇنىڭدىن كىيىن يەنەياىشىنەرسڭلەرنىئەۋەتىشىڭىزنى ئۈمۈتقىلىمىمەن.{:6_264:} ئەسەرلىرىڭىز بىر - بىرىدىن ياخشى ، ئوقۇشلۇق تېمىلاركەن .
بىز ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنلاركەن .
باشقا ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇشقا تەقەززاربىز .
بەت:
[1]