قىزلىق ھەققىدە قىزدەك خىياللار (ئەيساجان تۇردى ئاچچىق)
قىزلىق ھەققىدە قىزدەك خىياللار(توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر ئىنىمغا ئوچۇق خەت)
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
1
قەدىرلىك ئىىنىم! تۈنۈگۈن سەن مەندىن قىزلىق ھەققىدە سوراپ قالدىڭ. سەن 26يىللىق ھاياتىڭدا جىما قىلىپ باقماپسەن. سەن ھەقىقەتەن يۇۋاش بالا. چۈنكى سەندە ئەرلەرگە خاس ياۋايىلىق يوق.
نېمىشقا سېنى كۆپچىلىك «خېنىم مىجەز» دەپ ئاتىشىدۇ. بىراق سەن خاپا بولۇشنى بىلمەيسەن. قارشىلىق كۆرسەتمەسلىك سېنىڭ ئەڭ زور ئاجىزلىقىڭ. سېنى ئانچە ئىززەتلەپ كەتمەسلىكىمدىكى سەۋەپ شۇ بولسا كېرەك. ئوغۇل بالا دېگەن ئوغۇل بالىدەك ياشىمىسا خېنىملاردىن نە پەرقى بولسۇن!؟!
2
قىز دېگەن بۇ بىر بۇغۇملۇق گۈزەل سۆز يەر شارىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ سۆز بولسا كېرەك. مۇبادا قىز دېگەن سۆزگە «لىق» قوشۇمچىسى قوشۇلغىنىدا «قىزلىق»تىن ئىبارەت تېخىمۇ گۈزەل بىر سۆز ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.
قىز قەدىرلىكمۇ؟ ياكى قىزلىق قەدىرلىكمۇ؟ ئىسلام ئەخلاقى نۇقتىسىدىن قارىغاندا قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغىنى ئەلۋەتتە قىزلىق. بىراق بىز ھازىر «قىز» دېگەن سۆزنى قەدىرلەيدىغان بولۇپ قالدۇقمۇ قانداق؟!
قىزلىقنى يوقاتقان قىزلارنى يەنىلا «قىز» دەپ ئاتاش خۇددى رەڭگى روھى قاپقارا تۇغۇلغان قىز بوۋاقلارغا «ئاققىز» دەپ ئىسىم قويۇپ قويغانغا ئوخشاشلا بىر ئىش.
قىز-بىر خىل جىنس ئۇقۇم.
قىزلىق-بىر خىل فىزولوگىيەلىك پەردە.
قىز بىلەن قىزلىق چەمبارچاس باغلانغان. شۇڭا چىشى جىنسلىقلار توي قىلىش چېگىرا سىزىغىغا ئاساسەن قىز، ئايال دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلغان. قىزلار توي قىلغاندىن كېيىن ئايالغا ئايلىنىدۇ. بىراق ئاياللار مەڭگۈ «قىز» غا ئايلىنالمايدۇ.
توي قىلمىغان قىزلارنى ئايال دەپ ئاتاش ھەددىمىز ئەمەس. بىراق توي قىلماي تۇرۇپلا قىزلارنىڭ قىزلىق ئىپپىتىنى يوقۇتۇش بۇ خىل تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىمىزغا ھۇجۇم قىلماقتا.
قىزلىقىنى قوغدىغانلىق قىزلارنىلا ئەمەس مىللەتنى قوغداشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى.
تۈرۈك قەۋىملىرىدە ئەزەلدىن تارتىپ مىللەتنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قىزلارغا بولغان تەلەپنى يۇقىرى قويۇپ كەلگەن.
ئىسلام ئەخلاقىدا «قىز قىزلىقىنى توي كېچىسى نىكاھلىق ئېرىگە تاپشۇرۇشى ھەقلىق...» دەپ بەلگىلەنگەن.
توي كېچىسى ئاخىرلىشىپ تاڭ ئاتقاندا يەڭگىلەرنىڭ قىزلىق لاتىسىنى يىگىتنڭ ئانىسىغا تاپشۇرۇشى ۋە يىگىتنىڭ ئوغۇل دوستلىرى «قانداق قوپتۇڭلار...» دەپ ئەھۋال سوراپ كېلىشى بولسا قىزلىقىنى تەكشۈرۈشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى ئىدى.
مۇبادا توي قىلغۇچى يىگىتنىڭ ئايالى «قىز» چىقمىسا ئايال بولغۇچى بىلەن قايتا جىما قىلماي ھۇجىرا ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىشۋە قانۇنى ۋەكىل ھېساپلىنىدىغان يەڭگىلەر ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىش ئارقىلىق «داستىخانغا» تۈشۈك نان يۆگەش ئۇسۇلى»نى قوللۇنۇپ، توي قىلغۇچى ئايالىنى ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ساخ-سالامەت تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئىقتىسادى زىياننى تۆلىتىش ئادەتىمىز تاكى 80-يىللارغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئېسىل پەزىلەت ئىدى. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بېرى تىببىي ئىلىمنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى نەتىجىسىدە «قىزلىق پەردىسىنى قايتا ئۈندۈرۈش تېخنىكىسى»نى يارىتىپ قىزلارنى تېخىمۇ «ئەركىن»لىككە چىقاردۇق.
قاقباش، بۇزۇق ئانىلار ئۆزىنىڭ بۇزۇق قىزلىرىنى تويدىن بۇرۇن يىگىتنىڭ مەسىت چاغلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ سولاپ بېرىش، توينى ھېيىز كۆرگەن كۈنلىرىگە توغرىلاش، توشقان قېنى سۈرتۈلگەن ئاق لاتىنى ئالدىنئالا ھازىرلاش ۋە ھەرخىل كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بانا-سەۋەپلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق يىگىتلەرگە تاقابىل تۇرۇپ كەلدى.
توي قىلغان يىگىتلىرىمىز ئايالى «قىز» چىقىمىسا، قايتا توي قىلىش بېسمىدىن قورقۇپ ھەم بۈيۈك ئىناۋىتىنى قوغداش مەقستىدە دەردىنى ئاچچىق موخوركىدىن ۋە يۇقىرى گىرادۇسلۇق ھاراقتىن ئېلىپ ھەممىنى توغرا چۈشۈنۈشكە كۆنۈپ قالدى.
ھېلىمۇ ياخىشى «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتاپتىكى «قىزىلىق پەردىسىنىڭ ئۆزلىكىدىن ئېقىپ كېتىش ئېھتىمالى» دېگەن بايان ئايال بولغۇچىغا پولاتتەك پاكىت ، يىگىتلەرگە بولسا ئەڭ زور تەسەللىي بولۇپ كەلدى.
ئىلگىرىكى «تۈشۈك نان ئارقىلىق زىياننى تۆلىتىش» ئادىتىمىز قىزلار ئۈچۈن ئەڭ ياخىشى «ئەخلاق ئوقۇشلىقى» ئىدى. بىراق ھازىر بۇ قىممەتلىك « ئەخلاق ئوقۇشلۇقى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاچقا قىزلاردا توي كېچىسى «قىزلىق» بولماسلىق «مودا»غا ئايلاندى.
شۇڭا 18ياشلىقتىن يۇقىرى قىزلاردىن قىزلىق پەردىسىنى تېپىش ئىنتايىن مۇشكۈل ۋەزىپە بولۇپ قالدى.
كىچىك چاغلىرىمدا قىزلىقى بۇزۋېتىلگەن قىزلارنىڭ قىزلىقىنى بۇزغۇچىلارغا مەجبۇرى (قانۇنلىشىپ) ياتلىق بولىۋالغانلىقىنى تالاي قېتىم ئاڭلىغان. چۈنكى ئۇ چاغلاردا بۇنداق قىزلار خېرىدار تاپالمالىقتىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىشاتتى.
توۋا! يېقىندا ئىككى بالىلىق بولۇپ قالغان بىر دوستۇمنىڭ ئىككى يۈەنلىك «ئالتۇن ئۈزۈك» ئارقىلىق ئەمدىلا 16ياشقا كىرگەن بىر چىرايلىق قىزنى ئالداپ بىر كېچە قوچاقلاپ ياتقانلىقىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. ئۇ قىزنىڭ تەقدىرى قانداق بولماقچى؟! ھازىرقى تۇغۇپ چەكلەش دورىسىنىڭ كۆپلىگىدىن ھايۋانلارنىڭمۇ بېشى ئاغرىماقتا. ئۇ قىز تولىمۇ گۈزەل ئىكەن. ھازىرقى يىگىتلەر دەل ئاشۇ خىلدىكى بىزەڭ قىزلارنى ئىزدىمەكتە. ھازىر بۇ خىلدىكى «گۈزەل» قىزلارنىڭ خېرىدارى ساماندەك، چۈنكى ھازىرقى يىگىتلەر قىز قەدىرلىكمۇ ياكى قىزلىق قەدىرلىكمۇ؟ دېگەن سۇئالغا خاتا جاۋاپ بەرمەكتە. ئىلگىرى توي قىلغۇچى يىگىتلەر « قىزمىدۇ ياكى قىز ئەمەسمىدۇ؟» دېگەن مەسلە ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشاتتى. ھازىرچۇ؟ پەقەت «قورسىقىدا بارمىدۇ ياكى يوقمىدۇ؟» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىپ ئانالىز نەتىجىسگە ئاساسەن ئىش كۆرمەكتە.
بۇنداق دېسەم، دۇنيادا قىزلىق ئىپپىتىنى ساقلاپ قالغان قىزلار قالمىغانمىدۇ؟! دەپ توي قىلىش ئىرادەڭدىن يېنىۋالما يەنە؟! دۇنيادا ياخشىلار بىلەن يامانلارنىڭ، پاكلار بىلەن ناپاكلارنىڭ سانى تەڭلىشىپ قالدى.
كونىلارنىڭ ئېيتىشىچە: ئۆمرىدە بىرلا قېتىم قىزلىق تەمىنى تېتىپ باقمىغانلار جەننەتنىڭ قارىسنىكۆرمەسمىش. شۇ ۋەجىدىنمۇ قانداق توي قىلمىغان يىگىت بىر قېتىم توي قىلغان ئايالنى ئېلىشنى نۇمۇس دەپ قاراشتەك ئەنئەئە شەكىللەنگەن بولسا كېرەك.
بىراق، بىز دوزاختا ياشاۋېرىپ جەننەتكە كىرىشنى خالىمايۋاتىمىز. شۇنىڭغا قارىغاندا دوزاققا كۆنۈپ قالغان ئوخشايمىز.
3
ئامىرىكا جىنسىي ئەخلاقىنى ئەڭ بۇرۇن بۇزغۇچى دۆلەت. ئەمدىلىكتە ئۇلارمۇ قىزلىقىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تۇنۇپ يەتمەكتە.
1991-يىلى نىيويۇرك شەھىرىنىڭ مەلۇم بىر رايونىدا «قىزلارنىڭ ئىپپىتنى قوغداش جەمئىيتى»نىڭ قۇرۇلۇپ ئىشقا چۈشىشى يۇقارقى پىكىرىمىزنىڭ ئاددى مىسالى. بۇ ئورۇن مەخسۇس 17ياشتىن يۇقىرى قىزلارنىڭ قىزلىقىنى ئىلىكتىرونلۇق مېڭە ئارقىلىق تەكشۈرۈپ، «قىز» چىققانلارغا 27مىڭ ئامىرىكا دوللىرى مۇكاپات بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر رايوندىكى قىزلارنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن بۇزۇلۇپ كېتىش نىسپىتى %50 تۆۋەنلىگەن.
بۇنىڭدىن «سېرىق مەدەنىيەت مەركىزى» دەپ نام ئالغان ئامىرىكىلىقلارنىڭمۇ قىز ۋە قىزلىق قارشىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرۋېلىشقا بولىدۇ. بىز بۇ تەكلىماكان بوستانلىقىدا بۇ خىل مۇكاپاتلىق تۈزۈم ئورنۇتۇپ بولالمايمىز. چۈنكى بىز نامرات ئەنە شۇ نامراتلىق بەزى قىزلارنىڭ توي قىلماي تۇرۇپ بەش مىنىۇت ئارلىقتا مومايغا ئايلىنىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولماقتا.
بىزدە «قاسساپنىڭ قىزلىرى بالدۇر بالاغەتكە يېتىدۇ» دېگەن گەپ بار. تېببىي نۇقتىدىن قارىغاندا ئىسسىق رايونلاردىكى قىزلارنىڭ بالاغەتكە بالدۇر يېتىشى ئەمىليەتكە يېقىن.
بىز قوي گۆشىنى كۆپرەك ئستىمال قىلىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇغراپىيىلىك كىلىماتىمىزمۇ قۇرۇق ئىسسىق. بۇنى ئاز دەپ بىز تېلۋوزۇر مەدەنىيتى شۇ پېتى قۇبۇل قىلىشقا تولىمۇ ئامراق بولۇپ كەتتۇق. يۇقارقى ئەھۋاللار قىزلىرىمىزنىڭ قىزلىق پەردىسنىڭ قەدرلىنىپ ساقىلىنىشقا پايدىسىز.
1986-يىلى بىر نەۋرە ئاكام توي ئاخشىمى ئايالىنى بەل تاسىمىسى بىلەن ئۇرغان پېتى ئۆيىگە قوغلىۋەتكەن ئىدى.
ئۇنڭىدن كېيىن يەنە بىر شوپۇر يىگىتنىڭ توي كېچىسى ئايالىنىڭ ھېلىقى يېرىگە قىزىق لاخشىگىرنى يېقىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
بىراق، 90-يىللاردىن بۇيان بۇنداق خەۋەردىن بىرىنىمۇ ئاڭلاپ باققىنىم يوق.
مۇشۇنداق خەۋەرنى كۆپرەك ئاڭلاپ تۇرساق بولاتتى. «بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ، مىڭغا ئىبرەت بېرىش» دېگەن شۇ ئەمەسمۇ؟!
چۈنكى بىز بىرەر كىشى ئۆلۈپ قالغاندا ئۆلۈمىنى ياد ئەتكىنىمىز بىلەن، ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆلۈم دېگەن ئۇقۇم كاللىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. شۇڭا بىز نۇرغۇن ئىشلارغا خۇددى مىڭ يىل ياشايدىغاندەك مۇئامىلە قىلىمىز. جان بىزگىلا بەك تاتلىق بولىۋاتىدۇ. ئۆلۈمنىڭ گۈزەللىگىنى دەل مۇشۇ يەردە.
بىز قىزلىقى مۇددەتتىن بۇرۇن يوقاتقان قىزلىرىمىزنى قاتتىق جازالايدىغان تۈزۈم ئورناتقان بولساق، قىزلىرىمىز بۇنچىۋالا ھەددىن ئېشىپ كەتمىگەن بولاتتى. ھېچ بولمىغاندا بىر نەچچىسىنى ئۆلۈمگە بۇيرىغان بولساق، قىزلارمۇ قىزلىقىنىڭ قەدرىلىك ئىكەنلىكىنى بىر تۈركۈم چىش مىجەز ئەركەكلىرىمىزگە چۈشەندۈرۈپ قويغان بولاتتى.
بىزدە قىزلىق ھەققىدە تەلەپ تۈگەشتى دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا توي كېچىسى قىزلىق ھەققىدە سۆز ئېچىش تەسكە توختىماقتا.
بىز كۆچەتلەرنى پەرۋىش قىلىمىساق، مېۋە بەرمىگىنىگە ئوخشاش، قىزلارنى پەرۋىش قىلمايدىكەنمىز. قىزلار ھامان مومايلار بىلەن «مەرتىۋە» تالىشىدۇ.
4
سەن جىنسىي تەربىيە كۆرمىگەن ئىكەنسەن. توي كېچىسى ھەققىدە سۆزلەپ بەرسەم شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتىڭغۇ؟! سېنىڭ ئورنۇڭدا بىر قسىم قىزلار بولغان بولسىمۇ ئۆزىنى باسالماي قالاتتى.
سەن خېلى نۇرغۇن كىتاپ سېتىۋالغان ئىدىڭ، «جىنسىيەتكە دائىر كىتاپ سېتۋېلىشتىن خىجىل بولۇپ قالدىڭ...» دېگىنىڭ نېمىسى؟! توي كېچىسى مەن دېگەندەكلا تەشەببۇسكار بولمىساڭ قەتئىي بولمايدۇ. ئايالىڭنىڭ نەپسىنى ئۆتكۈزۋەسەڭ گۇناھكار سانىلىسەن. ئۆزنەپسىنڭنى دەپلا تۇيۇقىسز ھۇجۇم قىلىساڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىسەن. مۇۋاپىق پەيت تاللاش كېرەك! تاڭ ئاتقىچە ئۇخلىمىساڭ ئۇمۇ خەتەرلىك. ھېسياتىقىمۇ بىر نەرسە توغرا كەلمەيدۇ.
ھەي! نېمىلا دېگەن بىلەن ئايالىڭنىڭ قىز چىقىش چىقماسلىقى ئۆزۈڭگە باغلىق مەسىلە بولۇپ قالدى.
مەن ئالىي مەكتەپتە بىر تۈركۈم بۇزۇق قىزلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ:« سىلەرن مۇشۇنداق قىلىقلارنى قىلىپ، توي كېچىسى بولغۇسى يولدۇشۇڭلارغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىسىلەر؟!» دېسەم، ئۇلار تەپ تارتىماستىن:-« زىيان ھەممە ئادەمگە ئاچچىق، 10-20مىڭ يۈەن خەجلەپ توي قىلىپ ھەيدىۋەتسە ئۆزىگە...بىزنىڭلا ئەمەس ئۆزىنىڭمۇ ئىناۋىتى چۈشىدۇ ئەمەسمۇ؟!؟ ئۇنداق قىلماق ئاسان ئەمەس!؟ شۇڭا سىزنىڭ باش قاتتۇرشىڭىز ھاجەتسىز...!؟» دەپ ئېغىزىمنى تۇۋالاقلاپ قويغان ئىدى.
ياخشى قىزلار يەنىلا قەدرىلىك، بىراق تاكى توي كېچىسىگىچە قىزلىق ئىپپىتىنى ساقلالىغان ياخشى قىزلارنى تېپىش خۇددى «تۆت قۇلاق» ئىزدىگەندەكلا بىر ئىش بولۇپ قالدى. «تۆت قۇلاق» ھەممە ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ. بەزىلەرگە بىر كۈندىلا بىر نەچچىسى ئۇچراپ قالغىنى بىلەن بەزىلەر ئۆمۈر بويى ئىزلەپمۇ بىرنىمۇ تاپالماسلىقى ئېنىق.
سۆزۈمنى چۈشەنگەنسەن؟! قىزلاردىكى قىزلىق باشقا گەپ. ناز-خۇلۇق ئۇ! باشقا گەپ. جا لاپــــــلارنىڭ « ۋايجان...ۋەييەي....»دېيىشلىرىدىكى مەخسىدى- ئۆزىنى قىز كۆرسىتىش، يىگىتلەرنى قىزىقتۇرۇش، ئالداش بولماي نېمە؟!
بىراق، بەزى قىزلار قىزلىق پەردىسى يىرتىلىش ئالدىدىمۇ خىجىللىقىدىن «ۋايجان...»دەپ توۋلىيالمايدۇ. مان بۇ ھەقىقى قىز، مانا بۇ ھەقىقى قىزلىق.
مۇنداقچە قىلغاندا سەنمۇ تېخى« قىز» ئىكەنسەن. ئەمما ئوغۇللار قىزلارنىڭ قىزلىقىغا «دىئاگوز» قويالىغىنى بىلەن، قىزلار ئوغۇللارنىڭ «قىز»لىقىنى تەكشۈرۈشكە ئامالىسىز.
ئەمما ئەرلەر ھامانىي ئاياللار ئالدىدا جاۋاپكار، كۆپ قىزلار بىلەن «ئىش-پەش» تارتىشقان ئەرلەر ئاخىرىقى ھېساپتا ئۆز ئايالىنڭ ئاپئاق تېنى ئالدىدا سوتلانماي قالمايدۇ. بۇنى كېيىن چۈشۈنۈپ قالىسەن. بەلكىم مەڭگۈ چۈشىنەلمەسلىكىڭ مۇمكىن.
5
مەن ساڭا ئەمدى بىر پاھىشە قىز ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي!
ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنىڭ نېمە بولىشى، قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ئانچە مۇھىم ئەمەس. ئەمما مىللىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدە تۇت! بۇ خىلدىكى قىزلارنى ناھايىتى ئون تال بارمىقىڭ بىلەن ساناپ بولالمايسەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار خۇددى لۈشۈن ئەپەندى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن 108خىل تەخەللۇس قوللانغاندەك ئۆزىگە دائىم يېڭى ئىسىم قويۇپ يۈرۈيدۇ.
ئۇنىڭ گۈل بولۇپ نەچچە قېتىم ئېچىلغانلىقىنى ھەم نەچچە قېتىم ئۈزۈلگەنلىكىنى، نەچچە ئۆلۈم نەچچە قېتىم تىرىگەنلىكىنى، كىم-كىملەرنىڭ قوينىدا يىلاندەل تولغۇنۇپ ياتقانلىقىنى يەنە كىملەرگە ساختا ناز بىلەن قاش ئاتقانلىقىنى ئىستاستىكىلاپ بولۇش مۇمكىنمۇ؟!
بىراق، ئۇ مېنىڭ تۇنجى «ئىش» ئۆگەتكۈچى ئۇستازىم، بەلكىم ئۇ ئۆلۈم خەنجىرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئاشۇ قورقۇنۇشلۇق مىنۇتلاردىمۇ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىشى مۇمكىن.
بىراق، ئۇنىڭغا تالاي تامغا بېسىلغان بولغاچقا مەن ئۇنىڭ قەلبىدە ساقلىنىپ قالماسلىقم ئېنىق، مەن ئۇنىڭغا 100يۈەن پۇل بەرگىنىمدە « خويمۇ جايلىدىم...» دەپ خۇش بولغان ئىكەن. ئەمما ئۇ پۇل ساختا پۇل ئىدى. ئاشۇ ئىشىنى ئويلىساملا كۈلۈپ كېتىمەن. ئۇ توي قىلمىغان شاش چاغلىرىم ئىكەن. ئەمدى ئۇنداق ئىشرەتخانىلارغا بېرىش ھەددىممۇ؟! گۇناھىمنى خۇدا چوقۇم مەغپىرەت قىلمايدۇ.
ئۇ قىز تولىمۇ چىرايلىق ئىكەن. گۈزەل ھۆسىنىنى شۇنىڭدىن تۆت يىل بۇرۇن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن چۈشكەن سۈرىتىدىن كۆردۇم. بىراق، ئۇ شۇ ئاخشىمى 18ياشقا كىرگەن بولسىمۇ ئۆز يېشدىن ئاللا بۇرۇن ھالقىپ كەتكەن ئىكەن. كۆزلىرى نۇرسىز، چىرايى سۇلغۇن، چىشلىرى سارغايغان، لەۋلىرى تاتارغان، بەدەنلىرى سەزمەس، چوقىسى ئىشلىمەس بولۇپ قاپتىكەن. ئۇچۇ ئەسلىدە ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالىدىغان كادىرنىڭ قىزى بولۇپ ئۆز دادىسى بۇ قىز ئىككى ياشقا كىرگەندە ئۇ ئالەمگە كىتىۋاپتىكەن. ھازىرقى بۇ دادىسى ئۆگەي دادا بولغاچقا ئايالى دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ ياتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ 15ياشلىق ئاسراندى قىزغا تەلۋىلەرچە پۇخۇرلۇق قىلىپ قىزلىقىنى بۇزىۋەتكەن ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بۇ قىز بۇ ئاھانەتكە چىدىماي بۇ «كوچا»غا چىقىپ 3يىلدىن بېرى ئائىلىسىگە قايتىماپتۇ. ئۇ دائىم، مېھرىبان ئانىسىنى، مەرھۇم دادىسىنى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىنى سېغىنىدىكەن. بىراق تەقدىر بۇ قىزغا بەكرەك ئېغىر چاقچاق قىلىپ قويۇپتۇ. ئۇ قىزمۇ ماڭا قىزلىق ھەققىدە خېلى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
ئۇ قىزنىڭ قىزلىقى نابۇت قىلىنمىغان بولسا بۇ رەسۋاچىلىقلارغا مۇپتىلا بولمىغان بولاتتى.
ماھيەتتە ئۇ قىزمۇ قىزلىقىنى قەدىرلىمگەن بولسا ۋىجدانى پارتىلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتمىگەن بولاتتى.
قىزلىق قىزلار ئۈچۈن شۇنداق مۇھىم نەرسە. قىزلىق-قىزلارنىڭ ئالتۇنى. بىراق ئۇنى بىر قېتىملا دوغا تىكىشكە بولىدۇ.
قىزلىق-يەملەپ قويسا تۇتىدىغان كامار ئەمەس.
قىزلىق-كۆكلەپ قالىدىغان نوتا ئەمەس.
ئۇ ناھايىتى 100گىرام قىزغۇچ قان.
بىراق، بۇ 100گىرام قان قىزلارنىڭ ئىپپىتىنىڭ نامايەندىسى. چوقۇمكى بۇ قان توي كېچىسى نىكاھلىق يولدىشىگە تەقدىم قىلىنغاندىلا ئۆز قىممىتنى تاپالايدۇ.
ئەگەر قايسى قىزنىڭ قىزلىق چۈشەنچىسى كەم بولىدىكەن، قەدىر-قىممىتى بولمايدۇ.
شۇنداقلا ئۆمۈرلۈك ئائىلىۋى تۇرمۇشىدا گۇماندىن، تەنىدىن، ئاغرىنىشتىن خالىي بولالمايلا قالماستىن بەلكى ئەر بولغۇچىنىڭ ئشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بەخىت دەرۋازىسىدىن ياتلاشتۇرۇپ ناپاكلىق پاتىقىقىغا پاتقۇزىدۇ.
6
سېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۇئالىڭغا قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپ بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن. توي قىلمىغان قىزلارنىڭ قىزلىقىنىڭ بار ياكى يوقلىقىنى تاشقى جەھەتتىن كۆزۈتۈپ پەرىقلەندۈرۈش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. بارلىق قىزلارنىڭ فىزولوگىيىلىك تۈزۈلىشى ئوخشاش بولسا كاشكى ئىككى يىل بۇرۇن بىر دوستۇم ئالماقچى بولغان قىز چىقىشىغا ئىشنەلمەي «دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرگۈزۈپ كەلمىسەم..»دەۋاتاتتى.
مېنىڭچە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرگۈزۈش ئەقىلگە سىغمايدۇ. بۇ ئۇسۇل ئۈستىدە ئويلانمايلى قويايلى!
كونىلارنىڭ «تەجىربە دوكلاتى»غا قارىغاندا: قىزلىقىنى يوقاتقان قىزلارنىڭ بەدىنى، قىزلىقىنى يوقاتمىغان قىزلارنىڭ بەدىنىگە قارىغاندا يۇمشاق بولارمىش.
قىزلىقىنى يوقاتقان قىزلارنىڭ كۆزىدىكى نۇر، قىزلىقىنى يوقاتمىغان قىزلارنىڭ كۆزىدىكى نۇرغا قارىغاندا خۇنۇك بولارمىش.
قىزلىقىنى يوقاتقان قىزلارنىڭ لەۋلىرى، قىزلىقىنى يوقاتمىغان قىزلارنىڭكىگە قارىغان يوغان بولۇپلا قالماستىن ساڭگىلاپ كېتەرمىش. قىزلىقنى يوقاتقان قىزلارنىڭ ئەمچەك توپچىسى قىزلىقىنى يوقاتمىغان قىزلارنىڭكىگە قارىغاندا سەل چوڭراق بولارمىش.
قىزلىقىنى يوقاتقان قىزلارنىڭ قوڭ كاسىسى، قىزلىقىنى يوقاتمىغان قىزلارنىڭكىگە قارىغاندا چوڭ بولۇپلا قالماستىن ساڭگىلاپ كېتەرمىش ۋە باشقىلار. بۇ بەلكىم بىر تەرەپلىمە قاراشتۇر.
ئاخىرىدا مۇنۇ شېئىرنى كۆرۈپ باق!
قىزلىق-گويا مەسۇمە قىزچاق،
قىزچاق گويا قىپ-قىزىل سازلىق.
قىزلقىسىز قىز «قىز» بولۇر قانداق،
قىزلار جۇۋان يىرتىلسا قىزلىق.
«قىز قالپىقى» كەيگىنى بىلەن،
قىزلىقى يوق قىزلار «قىز» ئەمەس،
توي كېچىسى ياتقىنى بىلەن،
جۈپلىشەلمەس تەلەيسىز نەپەس.
ئاپتۇر: كەلپىن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن
ئەسكەرتىش: روھلان تورىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمنى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز بېكەت باشلىقى ئادىلجاننىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن،روھلان تورى ۋە ئەسەرلىرىمنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلىڭ. ھەقىقەتەن قالتىس تېما بۇلۇپتۇ ھازىرقى جەمىيەتتە «قىزلىق»نى يوقىتۇش ئادەتتكى ئىشلار بۇلۇپ قالدى مۇشۇنداق مېڭىۋەرسەك «ئاللاھ»ئىگەم لۇت ئەلەيسالامنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلغاندەك ھالاك قىلۋاتمىسىلار بولاتتغۇ «ئاللاھ» ئىگەمنىڭ غەزەپ قىلماسلىقىنى تىلەيمەن قالتىس تىما بوپتۇ ئاپرىن قولىڭىزدىن گۇل ئۇنسۇن قىرندىشىم، تىخمۇ نادىر تىمىلارنى يوللىشىڭىزغا تەلەكداشمەن. مانابۈگۈن سىزنىڭ يەنە بىر ياخشى ئەسىرىڭىزدىن ھوزۇرلاندىم .شۇنداق ياخشى يىزىپسىز ئەيساجان ئۇستازنىڭ قىز يىگىتلىرىمىز مۇنازىرلىشىشكمۇ جۇرئەت قىلالمايدىغان،ھەتتا يىگىتلىرىمىزمۇ ئوز ئايالىنىڭ قىزلىق ئىپپىتى بار يوقلىقى توغرىسىدا ئوز ۋېجدانىغا مەسئۇلىيەتنى ئارتالمايدىغان تىما توغرىسىدا دادىل ھالدا قەلەم تەۋرەتكىنىگە ئاپىرىن،مەڭگۇللۇك ئەخلاق تېمىسىدا چۇقان سېلىشىغا تىلەكداشمەن. بەك ياخشى يېزىپسىز ، قولىڭىزغا دەرد بەرمىگەي ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېسىل ئەسەرلىرىڭىزگە تەشنامىز . تەخەللۇسنىياخشى تاللاپ سىز‹ئاچچىق›دەپ ، گەپلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئاچچىقئىكەن .بۇ ئاچچىقلىقنىغۇرۇرۋىجدانى بار ئۇيغۇر قىز -يىگىتلىرى تىتىپ يىتەلەيدۇ،باشقىلار ئالدىراپ تىتىيالمايدۇ .مۇشۇنداقئاچچىق ئەسەرلىرىڭىزنى بىزدەك ‹ئاچچىق›نىڭ تەمىنى .ئۇنتۇپ كىتەيلا دەپ قالغانلارغا ئۈزۈلدۈرمەي يوللاپ تۇرسىڭىز.قولىڭىزغا دەرت بەمىسۇن. ھەقىقەتەن قالتىس تېما بۇلۇپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Jam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-23 22:03
ۋىجدان تارازىسى ھەممىنى ئۆلچەيدۇ. ھېسسىياتنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن ئەشۇ ‹قىزلىقىنى يوقاتقان قىزلار› غا ئادەمنىڭ ئىچى سېيرىلىدۇ.
بۇ يەردە گەپ شۇنداق بولۇپ قالدى، مەنمۇ بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئۆز بېشىمدىن ھەقىقىي ئۆتكەن كىچىككىنە بىر ئىشنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بېرەي:
تېخى توي قىلمىغان ۋاقىتلىرىم ئىدى، دۇكانغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بىر ئاشخانا (ئەمەلىيەتتە يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بار قاۋاقخانا) بار ئىدى، ئۇ ئورۇننىڭ خوجايىنى خەنزۇ، بىراق باشقا ئىشلەيدىغانلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىزنىڭ مىللەتتىن ئىدى. خوجايىننىڭ تەكلىپى بىلەن شۇ يەرگە كومپيۇتېرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ قورۇما تىزىملىكى چىقىرىپ بېرىدىغان بىر ئىش بولدى، ئۆزۈم چوڭ زالدا كومپيۇتېر بىلەن ئىدىم، ئەتراپىمدا بىرقانچە ئۈستەلدە ئالا- تاغىل ۋاقىرىشىپ، گاھى سەكرەپ- تاقىلاپ، گاھى مىسىلداپ تانسا- ئۇسۇللارنى ئويناۋاتقان قىز- يىگىتلەرمۇ بار ئىدى. ھە دەپ قورۇما تىزىملىكى تۈزۈۋاتقان ۋاقىتتا كۈچلۈك ئەتىر پۇرىقى دىمىقىمغا ئۇرۇندى، قارىسام يېنىمدا چىرايلىققىنە بىر ‹قىز› ماڭا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. تەخمىنەن يېرىم سائەتلەرنىڭ ئالدىدا ئۇ قىز بىراۋلار بىلەن تانسا ئويناپ، گاھى ئەشۇ كۈلكە- چاخچاقلارغا جۆر بولۇپ ئولتۇرغاندا ئۇنىڭ يېرىم يالىڭاچ ئۈستى- بېشىغا نەزىرىمنى سېلىشقىمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدىم. ئۇ قىز ئالدى بىلەن سۆز ئېچىپ: ‹ماڭىمۇ كومپيۇتېر ئۆگىتىپ قويامسىز؟› دېدى، مەن ئۇ قىزغا قايتىدىن بىر تەپسىلىي سەپ سېلىۋەتكەندىن كېيىن، سەمىمىيلىك بىلەن: ‹بولىدۇ، بىراق شەرتىم، سىز بۇ جايدىكى ئىشىڭىزدىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈڭ، باشقا بىر يەردە ئىشلەڭ› دېدىم. گەپ تۈگەپ بولۇشىغا چىرايىدىن چەكسىز خىجىللىق ئارىلاشقان كۆزىدىن بىرقانچە تامچە ياش ئۈزۈلۈپ چۈشتى. مەن ‹پەقەت خاپا بولۇپ قالماڭ، ئەمما چوقۇم سۆزۈمنى توغرا چۈشىنىڭ ھەم بۇ گۈلدەك چىرايىڭىزغا خوپ كەلگەن جىسمىڭىزنى ئۇنچە خارلىماڭ، ھاياتىڭىزنى، بۇ گۈزەل ياشلىقنى قەدىرلەڭ› دېدىم. ئۇ قىز ‹مېنىڭمۇ بۇ يولدا ماڭغۇم، بۇ يەرلەردە يۈرگۈم يوق ئىدى، ئەپسۇس.....› دەپ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ئەشۇ ئاچچىق قىسمەتلىرىنى سۆزلەپ بەردى ھەم ئۆزىنىڭ چوقۇم بۇ ئىشلاردىن تەلتۆكۈس قول ئۈزۈپ، ئۆزى چوڭ بولغان ئائىلىسىگە قايتىدىغانلىقىنى، ئۆزى مۇشۇ يولغا كىرىپ قالغان ئەشۇ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ھىچبىر ئىنساننىڭ ماڭا ئوخشاش بۇنچە ئوچۇق، سەمىمىيلىك بىلەن نەسىھەت قىلىپ باقمىغانلىقىنى، ئەكسىچە تۈرلۈك خورلاشلارغا، ئەخمەق قىلىشلارغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەندىن چەكسىز سۆيۈنگەنلىكى ئېيتىپ ئۆتتى. تەخمىنەن بىرەر سائەتلەرچە بولغان بۇ سۆھبەتتىن كېيىن ئۇ قىزمۇ ئورنىدىن مەن بىلەن خوشلىشىپ قوزغالدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى كۈن ئىچىدە مەن خوجايىنغا ئىشنى تاپشۇرۇپ بېرىش جەريانىدا ئۇ قىزنى يەنە كۆرۈپ، چىرايلىقچە سالام- سائەت قىلىشىپ تۇردۇق. ئارىدىن قانچە ۋاقىتلار ئۆتتىكىن (ئېھتىمال بىرەر ھەپتە ئۆتتىمىكىن)، بىر يېقىن تونۇشۇم بىلەن بىرەر ۋاق تاماق يىگەچ ئارىلاپ كېلىش ئۈچۈن شۇ يەرگە باردۇق. قارىسام ئۇ قىز كۆرۈنمەيدۇ، مەن ھېلىقى خەنزۇ خوجايىندىن ئۇ قىزنى سۈرۈشتۈرسەم، بىرقانچە كۈن ئىچىدە قايتىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. مەن ھە، دەپ قويدۇم، خەنزۇ خوجايىن ماڭا: ‹ھە راست، سەن ئۇنىڭغا نېمە دېگەن ئىدىڭ، ئۇ سەن بىلەن پاراڭلاشقان كۈندىن كېيىنلا باشقىچە بولۇپ قېلىپ، بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كېتىمەن، تۇرمايمەن دەپ قايتىپ كەتتى، ئۇ سېنىڭ تۇغقىنىڭمىدى يا› دېدى. مەن ئىشنىڭ تەكتىگە يېتىپ ‹ھەئە› دەپ قويدۇم، چۈنكى مېنىڭ باي تەرەپلەردە تۇغقانلىرىم بار ئىدى، بىراق ئۇ قىز ئەينى چاغدا ئۆزىنى كۇچاردىن دەپ تونۇشتۇرغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قىزنى ئىككىنچى كۆرمىدىم. ھازىرغىچە ئويلايمەن، ئۇ قىز ھەقىقەتەن شۇ قېتىم مەندىن ‹تەسىرلىنىپ› توغرا يولغا ماڭغان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى- ھە دەپ (ناۋادا راست شۇنداق بولغان بولسا ئۆزۈمنىڭ شۇ ئىشىدىن مەڭگۈ پەخىرلەنگەن بولاتتىم. ئۆزۈممۇ شۇ قىزنىڭ يامان يولدىن قايتقانلىقىغا شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئىشەنچتىمەن).
كۆپچىلىك، بۇ يەردە ئۇ قىزنىڭ نېمە سەۋەبتىن مۇشۇنداق يولغا ماڭغانلىقىنىڭ تەپسىلاتىنى شەخسىي سىر سەۋەبىدىن ئاشكارە دەپ ئۆتمىسەممۇ بىراق، شۇ قىزنىڭ شۇ ۋاقىتلىرىدىكى كۆزىدىن تامچىغان بىرقانچە تامچە ياشلىرى ھەققىدىكى بايانلاردىن، شۇ قىزنىڭ شۇ يولغا مېڭىپ قېلىشىغا، ئۆيىدىن چىقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئاچچىق كەچمىشى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالايدۇ دەپ قارايمەن. ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم!بۇ تىمىڭىزنى كۆرۈپ قىزلىق ھەققىدىكى خېلى تەپسىلىي بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالدىم،لىكىن تېنىم شۈركۈنۈپ سەل قورقۇنۇچ بېسىپ قالدى، مۇشۇ تاپتا مىنىڭ ياخشى بىر قىزغا ئۆيلىنىشىم ئەڭ چوڭ غېمىم بولۇپقالغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن.
بەت:
[1]
2