قەشقەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۈندىدار سالونى ئېچىلدى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tursun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-21 15:28يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۈندىدار سالونى ئېچىلدى!
قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئورنىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئۈندىدار سالونى قۇرۇلدى. مەزكۇرسالون دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا ئائىت تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا ئائىت قانۇن- نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىشنى ئاساسى مەقسەت- قىلغان ئۇنۋېرسال سالون بولۇپ، كەڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى سېتىۋىلىش، ئىشلىتىش، ئاسراش، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسىپلىرىنى بېجىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە يولۇققان مەسىلىلىرىڭىزگەسالونغا سۆز قالدۇرسىڭىز 24 سائەت ئىچىدە جاۋاب قايتۇرىمىز.
ھازىر دۆلەت دېھقانلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋالسا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %30تولۇقلىما ياردەم بېرىۋاتىدۇ، لىكىن كۆپلىگەن دېھقان قېرىنداشلىرىمىز تولۇقلىما بېجىرىش ئىش تەرتىپىنى چۈشەنمەي، ئارتۇقچە يوللارنى مېڭىپ، ئىقتىساد ۋە ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ. بەلكىم تونۇش- بىلىشلىرىڭىز، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز دېھقاندۇ، يوقۇرقىدەك مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ نېمە قىلىشنى، كىمدىن مەسلىھەت سوراشنى بىلەلمىگىنىڭىزدە ئىككىلەنمەستىن قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئورنىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئۈندىدار سالونىنى قېتىۋېلىپ مەسلىھەت سوراڭ.
تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋالماقچى ياكى ساتماقچى بولسىڭىز، سالونغا بىۋاسىتە سۆز قالدۇرسىڭىز سىز ئۈچۈن سالوندا ھەقسىز سېتىش- سېتىۋىلىش ئېلانى قىلىپ بىرىمىز.
كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
سالون ئىزدەش نامى:喀什地区农机安全监理所ياكى ksdqnj
رەخمەت مەن شال بوغداي ئورايدىغان ماشىناسىتىۋالماقچىتىم قىنى مەسلەھەت سۇراپ باقاي،، مۇھتاج يوللىغان ۋاقتى2014-5-21 09:13
رەخمەت مەن شال بوغداي ئورايدىغان ماشىناسىتىۋالماقچىت ...
قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت، مۇمكىن بولسا تىخىمۇ كۆپ دىھقان قىرىنداشلىرىمىزنى خەۋەردار قىلىپ قويسىڭىز 1darwix يوللىغان ۋاقتى2014-5-21 10:24
قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت، مۇمكىن بولسا تىخىمۇ كۆپ دىھقا ...
ھە كۇچۇمنىڭ يىتىشىچە تەشۋىق قىپقۇياي . مۇھتاج يوللىغان ۋاقتى2014-5-21 17:24
ھە كۇچۇمنىڭ يىتىشىچە تەشۋىق قىپقۇياي .
رەھمەت، قوللىغىنىڭىزغا
بەت:
[1]