6-يىللىق ئوقوغۇچىلىرى بىلەن تۈزۈلگەن مەسئۇلىيەتنامە
xxx بازار مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6-يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن تۈزگەن يازلىق تەتىل مەزگىللىك بىخەتەرلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيەتنامىسىمەسئۇلىيەتنامە تۈزۈشتىكى مەقسەتئوقوغۇچىلارغا بولغان بىخەتەرلىك تەربىيسى ۋە باشقۇرۇشنى كۇچايتىپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت تەدبىرىنى ياخشى ئەمىلىيلەشتۈرۈپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھى ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بىخەتەرلىكنى قەتئى ئەستىن چىقارماي، ئائىلە باشلىقلىرىغا ئۆزىنىڭ بىرىنجى ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىنى تولۇق تونۇتۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقوغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققىچە بولغان مەزگىلدىكى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەكتەپ ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ئوتتۇرسىدا بۇ مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاندى.بىرىنجى، ئائىلە باشلىقلىرى نوقتىلىق قىلىپ پەرزەنتلىرىگە تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىكى تەربىيەنى كۇچايتىشى كىرەك.
1) روزا تۇتماسلىق، مەسچىتكە كىرمەسلىك، سىرىق،تىرورلۇق قاتارلىق مەزمۇنى ساغلام بولمىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۈن-سىن بويۇملىرىنى كۆرمەسلىك، ئاڭلىماسلىق، تارقاتماسلىق توغىرسىدىكى تەشۋىقى تەربىيە ۋە باشقۇرۇشنى كۇچايتىشىڭىز كىرەك.
2) قاتناش ھادىسلىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەربىيسىنى كۇچايتىشىڭىز كىرەك. پەرزەنتلىرىڭىزگە سىرىتقا چىققاندا قاتناش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش، يول ئۈستىدە ئوينىماسلىق، توكسىكىلىت، موتوسىكىلىتلارغا مىنمەسلىك تەربىيسىنى كۇچايتىشىڭىز كىرەك.
3) سۇدا تۇنجۇقۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەربىيسىنى كۇچايتىشىڭىز كىرەك. سۇغا چۈشمەسلىك، ئىرىق-ئۆستەڭ، دەريا-كۆللەرنىڭ بويىدا ئوينىماسلىق، يامغۇرلۇق كۈنلەردە سىرىتقا چىقماسلىق، چوڭ نەرسىلەرنىڭ ئاستىغا كىرىپ يامغۇردىن دالدىلانماسلىق، چاقماق سوقۇۋىتىشتىن ساقلىنىش توغىرسىدىكى تەشۋىقى تەربىيەنى كۇچايتىشىڭىز كىرەك.
4) پەرزەنتلىرىڭىزگە توك سايمانلىرى، توك سىمى، ۋىكلىيۇچاتىل قاتارلىق توك ئەسلىھەلىرى بىلەن قالايمىقان ھەپلەشمەسلىك توغىرسىدىكى تەربىيەنى كۇچايتىشىڭىز كىرەك.
5) تاسادىپىي ھادىسلەردىن ساقلىنىش تەربىيسىنى كۇچايتىشىڭىز كىرەك. پەرزەنتلىرىڭىزگە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتىلايدىغان، ئادەمنى ئاسان يارىلاندۇرىدىغان ئويۇنچۇق ۋە ئويۇنلارنى ئوينىماسلىق، تاماكا، چاقماق، سالىيۇت ( پوجاڭ) قاتارلىق ئاسان ئوت ئالىدىغان بويۇملارنى مەكتەپ ۋە باشقا ئاممىۋى سورۇنلارغا ئىلىپ كىرمەسلىك توغىرسىدىكى تەربىيەنى كۇچايتىشىڭىز كىرەك.
6) پەرزەنتلىرىڭىزگە يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ۋاقتى ئۆتكەن، چىرىگەن، پۇراپ قالغان، سەھىيە ئىجازەتنامىسى يوق يىمەكلىكلەرنى يىمەسلىك، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بىرىش، ئۆيلەرنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، تۈرلۈك يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش، ئادەم توپلاشقان جايلارغا بارماسلىق توغىرسىدىكى تەربىيەنى كۇچايتىشىڭىز كىرەك.
7) پەرزەنتلىرىڭىزگە قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ‹‹ئوقوغۇچىلار قائىدىسى››، ‹‹ ئوقوغۇچىلار ھەرىكەت ئۆلچىمى›› ۋە مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە بويسۇنۇش، ئۇرۇشماسلىق، قىمار ئوينىماسلىق، تورخانا، ئويۇنچۇقخانىلارغا كىرمەسلىك، ئومومنىڭ مال-مۈلكىنى ئاسراش، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش تەربىيسىنى كۇچايتىشىڭىز كىرەك.
8) پەرزەنتلىرىڭىزگە دىھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىللىرىدە يىزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا يىقىنلاشماسلىق تەربىيسىنى كۇچايتىشىڭىز كىرەك.
9) پەرزەنتلىرىڭىزگە مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى كۇچايتىش، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىددىيسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆز-ھەركەتلەرنى قىلماسلىق تەربىيسىنى كۇچايتىشىڭىز كىرەك.
10) پەرزەنتلىرىڭىزگە يالغۇز سىىرتقا چىقماسلىق، ساۋاقداشلار يىغىلىشى قىلماسلىق، سىرىتقا چىققاندا ياكى ئالاھىدە ئەھۋالغا يولۇقۇپ ۋاقتىدا ئۆيگە قايتالمىغاندا ۋاقتىدا چوڭلارنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش، كەچلەردە سىرىتلاردا قونۇپ قالماسلىق، ئويۇنچۇقخانا، تورخانا قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كىرىشكە بولمايدىغان ئورۇنلارغا كىرمەسلىك تەربىيسىنى كۇچايتىشىڭىز كىرەك.
ئىككىنجى، ئائىلە باشلىقلىرى مەكتەپ بىلەن ماسلىشىپ تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كىرەك.
1) ئائىلە باشلىقلىرى پەرزەنتلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ۋاقتىدا غىزالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.
2) ئائىلە باشلىقلىرى سىنىپ مۇدىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆگىنىش، ئىددىيە ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگەللەپ تۇرۇش كىرەك.
3) ئائىلە باشلىقلىرى پەرزەنتلەرنى تۈرلۈك تەنتەربىيە، ئەدەبىي-سەنئەت، مەدەنىي كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشىنى بىيىتىشى كىرەك.
كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپ بىلەن بىرلىشىپ، بىخەتەرلىك ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، قانۇن-تۈزۈم ۋە بىخەتەرلىك ئىڭىنى كۇچايتىپ، تۈرلۈك ھادىسلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يتىلىشى ئۈچۈن تەك كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
(بۇ مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالانغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بىر نۇسخىسىنى مەكتەپ ئەخلاقى تەربىيە بۆلۈمى، بىر نۇسخىسىنى سىنىپ مۇدىرى، بىر نۇسخىسىنى ئائىلە باشلىقى ساقلايدۇ)
مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىغۇچىلار:مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىمزاسى: سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئىمزاسى:
6-يىللىق-سىنىپ ئوقوغۇچىسى: ئائىلە باشلىقىنىڭ ئىمزاسى:
xxx بازار مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ2014-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى يازلىق تەتىل كېلىپ بولغۇچە تەييارلايدىغان مەسئۇلىيەتنامىمۇ تەييار بولۇپ قاپتۇ مانا.
روھلانغا مانا مۇشۇنداق ماتېرىياللار كۆپلەپ يوللانسا بولاتتى.
بەت:
[1]