كومپىيوتىرنىڭ خاككىرلار تەرىپىدىن ۋىروس ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىن....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خاككىر927 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-13 22:26ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ،ئۇزاق بوپتۇ مۇنبەرگە تىما يوللىمىغىلى ،بۈگۈن ئازراق مەزمۇن ئېلىپ كەلدىم،ئازراق پايدىسى تەگسە مەن شۇنىڭغا خوش.
ئادەتتە كومپىيوتىرنى ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدا بەزىدە مۇنداق ئەھۋاللار ئۇچرايدۇ،مەسىلەن:كومپىيوتىرىمىز تۇيۇقسىز قېتىۋالىدىغان،سەۋەپسىز قايتا قوزغىلىپ كىتىدىغان،ئۈستەل ئۈستىنى يېڭىلاش ئاستىلايدىغان،باشقا ھۆججەت كۈچۈرمىسەكمۇ كومپىيوتىرنىڭ ھۆججەت كۈچۈرۈش چىرىقى ئۈزلۈكسىز ماتىرىيال كۈچۈرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختىماي لىپىلداپ تۇرىدىغان،سېسستىما ئۆزلىكىدىن ماتىرىيال ئىزدەيدىغان،ۋىروسخور ۋە ئوتتام خاتالىق ئۇچۇرى چىقىرىدىغان ،سېستىما ئىجرا بۇلۇش سۈرئىتى ئاستىلايدىغان ئەھۋاللارغا يۇلۇقسىڭىز ئېھتىيات قىلىڭ،بەلكىم خاككىرلار ھۇجۇم قىلغان بۇلىشى ياكى ۋىروسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن.
1.ۋەزىپە باشقۇرغۇچىنى ئېچىپ قايسى پىروگراممىلارنىڭ ئىجرا بۇلىۋاتقىنىنى تەكشۈرۈڭ،ئادەتتە گۇمانلىق پىروگراممىنى تاقىۋەتكەندىن كىيىن سېستىما نورمال ھالەتكە قايتىدۇ،مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تۇنجى قەدەمدە ۋىروسلاندىمۇ يوق شۇنىڭغا ھۈكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
2.ۋىروسخورنى يېڭىلاپ سېستىمىنى ئۈمۈميۈزلۈك تەكشۈرۈپ چىقىڭ .
3.قورال تىزىملىكىدىن يۇشۇرۇن ھۆججەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ گۇمانلىق ھۆججەت بارمۇ قاراپ بېقىڭ .
4.Windows مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى sestem.ini نىڭ ئىچىدىكىdevice بۇيەرە سېستىما ئۈزى تەمىنلىنلىگەن شۇنداقلا سىرتتىن قاچىلىغان قوزغىتىش پىروگراممىسى.سىرتتىن قاچىلىغان پروگراممىنىڭ ھەممسىنىڭ يۇلى بولىدۇ،مەسىلەن:device=c:\windows\system32\tianya。
5.باشلاش تىزىملىكىدىكى پروگرامما نىڭ ئىچىدىكى قوزغىتىش تۈرىنى تەكشۈرۈش،بۇ ئادەتتە windows ئاپتۇماتىك قوزغىتىدىغان پىروگراممىلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.ئۇنىڭ ئورنى بولسا c:\windows\startmenu\programs\نىڭ ئىچىدە .
6.ئىجرا كۆزنىكىگە MSConfig دەپ يېزىپ گۇمانلىق قوزغىتىش پىروگراممىسى بارمۇ يوقمۇ شۇنى تەكشۈرۈش.
7.windows نىڭ ئىچىدىكى ئىجرا پروگراممىلارنى تەكشۈرۈش،EXE. .COM. .dll قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ خاككىرلار قۇيۇپ قويغان ئىجرا پىروگراممىسى ياكى ۋىروس ئېلىپ يۈرگەن پروگرامما بۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بار.
8.كومپىيوتىرىم نىڭ ئىچىدىن ھادىسە خاتىرلىگۈچنى ئېچىپ كومپىيوتىرنىڭ ئىشلتىلىش بىخەتەرلىك خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كىرەك.
9.CMD كۆزنىكىگە netuser دەپ يېزىپ ئىجرا قىلىپ گۇمانلىق ئابونىت قۇرۇلۇپ قالدىمۇ يوق شۇنى تەكشۈرۈش،ناۋادا سىز قۇرمىغان ئابونىت نامى بولسا ماۋۇ بۇيرۇق بويىچە netuserABCD/del ئارقىلىق ئۈچۈرۋېتىش كىرەك،بۇيەردىكى ABCD بولسا ئابونىت نامى. سىناپ باقساق بولغۇدەك ، خاككىرلار ئارقا ھويلىسىنى ئايلانغاندەك كومپيوتېرىمىزغا كىرىپ چىقىپ كىتىۋەرمىسۇن
来自安卓客户端 مىنىڭ كومپىيۇتىرىم دائىملا قىتىۋالىدۇ،
تىخى پات_پاتلا تۇيۇقسىزلا كۆك ئىكران
بولىۋىلىپ بىرمۇنچە خەتلەر چىقىۋالىدۇ،
ھە راس 5/6 كۈن بولدى، مۇشۇ روھلان تورى
كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مەيلى كومپىيوتىردا
ئاچاي مەيلى تىرمىنالدا ياكى تور كۆرگۈدە
ئاچاي ناھايتى بەك تەستە ئىچىلىدىغان بولۇپ
قالدى، بەزى چاغدا تىلفۇندا پەقەت ئىچىلمايدۇ
لىكىن باشقا توربەتلەر نۇرمال، نىمىشتۇ بۇ
来自安卓客户端 ئالمىچى2 يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 10:26
مىنىڭ كومپىيۇتىرىم دائىملا قىتىۋالىدۇ،
تىخى پات_پاتلا ...
مىنىڭكىمۇشۇنداقرۇھلان تۇرىبەزىدە شۇنداق ئۇزۇندا ئىچىلىپ بۇلىدۇباشقا تۇر بەتلەر تىز ئىچىلۋاتىدۇ ئالمىچى2 يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 10:26
مىنىڭ كومپىيۇتىرىم دائىملا قىتىۋالىدۇ،
تىخى پات_پاتلا ...
مىنىڭكىدىمۇ ئەشۇنداق ئەھۋال بار!!!!!!!!!!!!!!!!بۇ زادى نىمە ئىشتۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ تەكشۇرۈپ باقساق بولغىدەك جۇمۇ ، مىنڭكىدىمۇ شۇنداق ئەھۋاللار بار ! بەك ئەنسىرەپ كەتمىسەڭلارمۇ بۇلىۋىردۇ
بەت:
[1]