ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 23:16:22

بەك يۇقىرىغا ئىنتىلىپ كەتمەڭ!

بەك يۇقىرىغا ئىنتىلىپ كەتمەڭ!
قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى : كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدا تاللاش بەزىدە ئادەمنى ئويلىمىغان تەقدىرگە دۇچار قىلىدۇ . بەك يۇقىرىغا ئىنتىلىپ كەتكەندە ، رېئاللىققا يۈزلەنگىلى بولماي قالىدۇ

ئىككى نەپەر ستۇدېنت كىتاب سېتىۋېلىش ئۈچۈن كىتابخانىغا بارماقچى بولۇپ مېڭىپتۇ . مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىققاندا ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بوپتۇ . مەكتەپنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى ئاپتوبوس بېكىتى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئارىلىقى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن .A ئالدىنقى بېكەتكە بارماقچى بوپتۇ . B كېيىنكى بېكەتكە بارماقچى بوپتۇ .
- كېيىنكى بېكەتكە بېرىش كېرەك . ئۇنىڭدا ئادەم ئازراق ، ماشىنىغا چىقىۋېلىش پۇرسىتى كۆپرەك بولىدۇ ،- دەپتۇ B .
- ئالدىنقى بېكەتكە بېرىش كېرەك . ئۇ يەردە ماشىنىغا بۇرۇنراق چىقالايمىز ھەم ئولتۈرۈپ مېڭىش پۇرسىتىمۇ بولىدۇ . - دەپتۇ A
ئىككەيلەن خېلى كۆپ تالاش - تارتىش قىلىشقان بولسىمۇ ، بىر - بىرىنى قايىل قىلالماي . ئاخىر ھەر ئىككىلىسى ئۆزى بىلگەن يولغا مېڭىپتۇ . A ئالدىنقى بېكەتتە ماشىنىغا چىقىپتۇ . B كېيىنكى بېكەتتە ئولتۈرۈپ ، ئۇنىڭغا مەسخىرە نەزىرى بىلەن قاراپ تۇرغۇدەك .
ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن A قېتىرقىنىپ ئىزدىنىش ئارقىلىق شەھەردە قېلىپ ، شارائىتى ھەر جەھەتتىن ياخشى بىر كارخانىدە ئىشلەپتۇ . B تۈغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىغا قايتىپ ، بىر كىچىك كارخانىدا ئىشلەپتۇ . ئىككەيلەن بىر نەچچە يىلدىن بىر قېتىملىق يەرمەنكىدىكى مال زاكاز قىلىش يىغىنىدا ئۈچرىشىپ قاپتۇ . A ئادەتتىكى خىزمەتچى بولسىمۇ ، كېيىنىشى ئىنتايىن پۇزۇر ئىكەن . B مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولغان بولۇپ ، كىيىنىشى ئىنتايىن ئاددىي ئىكەن .
يەنە بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ، نۇرغۇن كارخانىلار ئىسلاھ قىلىنىپتۇ . بۇ ئىككىيلەنمۇ ئىسلاھات تۈزۈلمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپتۇ .ئىسلاھات داۋامىدا ئىقتىدار ، تۆھپە جەھەتتىكى تاللاشتا ، A ئىش ئورنىدىن قىسقارتىلىپتۇ . B نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغاچقا ، مۇئاۋىن دىرېكتورلۇققا ئۆستۈرۈلۈپتۇ . ئارىدىن مەلۇم مەزگىل ئۆتۈپ ، A مەلۇم بىر كارخانىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىنى كۆرۈپ تىزىمغا ئالدۇرۇشقا كېلىپ ، B غا ئۇچراپ قاپتۇ . بۇ ۋاقىتتا B ئاللىقاچان باش دىرىكتور بولۇپ بولغان ئىكەن .
كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدا تاللاش بەزىدە ئادەمنى ئويلىمىغان تەقدىرگە دۇچار قىلىدۇ . بەك يۇقىرىغا ئىنتىلىپ كەتكەندە ، رېئاللىققا يۈزلەنگىلى بولماي قالىدۇ .

مەنبە : ‹‹ ھېكمەت دوردانىلىرى ››

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 12:05:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىدرسجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-11 12:06

شۇنداق نەپسانىيەچىلىك ئادەمنى ھەر يولغا باشلايدۇ ئەڭ ئاخىردا بولسا دەشىتي چوللەرگە تاشلايدۇ.

eloyes يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 13:05:12

ھەقىقەتەن ياخشىكەن رەخمەت سىزگە،   ئادەم بەكلا يۇقۇرغا ئىنتىلسىمۇ بولمايدۇ

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 13:50:26

رەھمەت. يوللانمىلىرىڭىز ئادەمنى تەپەككۇرغا يېتەكلەشتە مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ.

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 13:45:01

بۇ دۇنيادا مۇكەممەللىك مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت مۇكەممەللىككە ئىنتىلىشلا مەۋجۇت. شۇڭا ھە دېسىلا ئۆزىمىزگە ھەم ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ھەممىلا ئىشتا يوقۇرى تەلەپ قويۇۋالماي، ئەمەلىيەتچىل بولغىنىمىز ياخشى، ئەمما بۇنى دەپ ئارقىدا قېلىشقا تېخى بولمايدۇ. دېمەكچى بولغىنىم، شۇ ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپراق ئىش كۆرگىنىمىز ياخشى دەپ ئويلايمەن.
بەت: [1]
: بەك يۇقىرىغا ئىنتىلىپ كەتمەڭ!