ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 18:38:21

بالىلارنى قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ خاراكتې يېتىلدۈرۈشىگە زىيانلىق

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى گەپكە كىرگۈزەلمىگەن ۋاقىتتا ھەرخىل گەپلەرنى قىلىپ ئۇلارنى قورقۇتۇشى بىزگە تولىمۇ نورمال ئىشتەك بىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ئەھۋال بالىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا تولىمۇ زىيانلىق بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ سەبىي قەلبىنى زەخمىلەندۈرۈپ جۈرئەتسىز قىلىپ قويىدۇ. دېمەك، مانا بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ سەل قارىشى سەۋەبلىك بالىلىرىغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى گەپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، دائىم دېگۈدەك قورقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن :«تىز ئۇخلا، بولمىسا بۆرە كېلىپ سىنى يەۋالىدۇ»، «يەنە يىغلىساڭ دوختۇر كېلىپ ساڭا ئوكۇل سالىدۇ» دېگەندەك. بالىلارنى بەزلەش ئۈچۈن بۇ ئۇسۇلى دەرھال ئۈنۈم بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما بالىلارنىڭ سەبىي قەلبىنى زەخمىلەندۈرۈپ، قورقۇنۇنچ، ئەندىشە ئىچىدە يۈرىدىغان قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ. ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە بالىلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ھەدددىدىن زىيادە جىددىلەشتۈرۈپ، پىسخىكا جەھەتتىكى يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بالىلارنى قورقۇتۇش بالىلارنى يۈرەكسىز، ئاجىز قىلىپ قويىدۇ، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقى ئارقىلىق قورقىتىدۇ. بالىلارنىڭ قاراڭغۇدىن قورقىدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويىدۇ، ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنىنى ئويناشتىن چەكلەيدۇ. بۇ بالىلاردا خاراكتىر ئاجىزلىقىنى پەيدا قىلىدۇ -دە،ھەمىشە قورقۇپ ھودۇقۇپ يۈرۈيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىلارنى قورقۇتقاندا بالا كېچىچە قورقۇپ چۈشلىرى بۇزۇلىدۇ. ياخشى ئۇخلىيالمىغانلىقتىن ئەتىسى كەيپىياتىغا تەسىر يېتىدۇ. بۇ ئىش داۋاملىشىۋەرسە، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بەزى ئانىلار «خەپ، داداڭ كەلسە كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسەتمىسەم» دېگەندەك گەپلەر بىلەن بالىلارنى قورقۇتىدۇ، نەتىجىدەبالىنىڭ قەلبىدىكى دادىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىدۇ-دە، بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ.دېمەك، بالىلارنى قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيە ۋە پىسخولىگىيە جەھەتتىكى يېتىلىشىگە ئوخشاشلا ئىنتايىن زىيانلىق. شۇڭا ئاتا -ئانىلار بالىلارنى توغرا ئۇسۇلدا تەربىيلىشى، بالىلارنى ئەركىن، يۈرەكلىك چوڭ قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى زىيادە چەكلىۋەتمەسلىكى لازىم

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

861115 يوللانغان ۋاقتى 2015-5-8 13:21:41

ھەقىقەتەن ياخشى تىمىلاركەن ، رەخمەت سىزگە
بەت: [1]
: بالىلارنى قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ خاراكتې يېتىلدۈرۈشىگە زىيانلىق