دوپپا ۋە باش كېيىمى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا بىر نەزەر
دوپپا ۋە باش كېيىمى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا بىر نەزەر(تۇنجى نۆۋەتلىك« يەكەن دوپپا مەدەنىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى»غا تەييارلانغان )
مۇھەممەد ھوشۇر
كىيىم–كىچەك ئىنسانىيەت ياراتقان ئەڭ ئاساسلىق ماددىي مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى. مەيلى سىز دۇنيادىكى قايسى بىر مىللەتنى تىلغا ئالماڭ، ئالدى بىلەن كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدىغىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي كىيىم–كىچەكلىرىدۇر.جۈملىدىن باش كىيىم ئىنسانلارنىڭ كىيىم–كىچەك مەدەنىيىتدە تارىخىي ئەڭ ئۇزۇن، قىسمەتلەرگە باي مىراسلارنىڭ بىرى. ھەتتا بەزى تەتقىقاتچىلار ئىنسانلار جەمىيىتىدىكى تۇنجى كەسپ– «باش كىيىم ئۇستىكارلىقىدۇر» دېيىشمەكتە.
باش ئىنساننىڭ بارلىق ئەزالىرى ئىچىدىكى ئالاھىدە بىر ئەزا بولغاچقا دۇنيادا باش كىيىمگە ئېتىۋار بەرمەيدىغان، ئۇنى ئەزىزلىمەيدىغان مىللەتلەر بولمىسا كېرەك. ئېنگىلىزلار، فرانسوزلار، نىمىسلار، شوتلاندىيەلىكلەر، مىكسىكىلقلار، پانامالىقلار، ئەرەپلەر، يەھۇدىلار، ھىندىلار، ئافغانلار، تۇڭگانلار، موڭغۇللار ۋە زاڭزۇلارنى ئۇلارنىڭ باش كېيىمىسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس. ھەر بىر مىللەتنىڭ باش كىيىمىگە ئۇلارنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى،ئىجتىمائىي تارىخى، مەدەنىيىتى ، ئاڭ تەپەككۈرى سېڭىپ كەتكەن.ھەر بىر مىللەتنىڭ باش كېيىمى بىر كىچىلىتىلگەن مۇزىي.
ئۇيغۇرچە دوپپا ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا بىر نەزەر
دوپپا –ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىباش كىيىمى بولۇپ، ئۇنىڭغا خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر دۇنيا قارىشى، مول ئىستىتىتك سېزىمى، قىسمەتلەرگە باي تارىخى ناھايىتى ئوبرازلىق مۇجەسسەملەنگەن. نۇرغۇن پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا دوپپا يەنە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتلەر تەسىرىنىڭ شاھىدىدۇر، ئەتراپىمىزدىكى كۆپلىگەن قېرىنداش مىللەتلەردىمۇ ئوخشاش باش كېيىمى بولۇپ، قازاقلار ئۇنى تۆپىي ، تاتارلار تۈبەتىي، تۈركمەنلەر تاھىيا، قىرغىزلار تېبەتىي، ئۆزبېكلەر دوپپى ياكى دۇپپۇ دەپ ئاتىشىدۇ. ياۋرۇپالىقلارنىڭ نەزىرىدە دوپپائوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ئورتاق مىللىي كىملىكىدۇر.
ئۇيغۇر دوپپىلرى ھەققىدە ئىزدىنىش، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ئۇنىڭ تەقدىرى توغرۇلۇق باش قاتۇرۇش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا«ھازىرغىچە گىزىت-ژۇرنال ،تىلىۋىزىيە ،ئىنىترنىت قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان ،تەۋسىيە قىلىدىغان، شۇنداقلا بۇگۇنكى دوپپا مەدەنىيتنىڭ تەقدرىگە ئائىت يىزىلغان ماقالە-ئەسەرلەر 200دىن ئاشىدۇ. دوپپا كىيىپ چۇشكەن خاتىرە سۇرەت، دوپپا سوغا قىلىنغان كۆرۈنۈشلەر، دوپپا مەدەنىيتنىڭ تارىخى قاتارلىق ساھەلەر ھەققىدە يىزىلغان ماقالە ئەسەرلەر،خەۋەرلەر بولسا 1000پارچىدىن ئاشىدۇ.» بۇنىڭ ئىچىدە 2010–يىلىغا قەدەر ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلنغان ئۇيغۇر باش كېيىملىرى ۋە دوپپا ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى تەخمىنەن 40 پارچە ئەتراپىدا بولۇپ بۇلارنى مەزمۇن ئىتىۋارىدىن تۆۋەندىكىدەك تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۈمكىن:
بىرنچى دوپپا ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى توغرۇلۇق يېزىلغان ئەسەرلەر
بۇ خىلدىكى ئەسەرلەر ئومۇمەن ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ شەكلى، ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسى تۈرلىرى توغرۇلۇق يېزىلغان بولۇپ، ئومۇمەنساۋات ۋە تونۇشتۇرۇش خارەكتېرلىك ئۇچۇرلاردىن تەركىپ تاپقان. بۇلار ئۇيغۇر دوپپىلرى ھەققىدە يېزىلغان بارلىق ئەسەرلەرنىڭ تەخمىنەن يېرىمىدىن كۆپرەگىنى تەشكىل قىلىدۇ.
ئابدۇللا سۇلايماننىڭ «ئۇيغۇر دوپپىلىرى توغرىسىدا»، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئېمىننىڭ «گۈللۈك دوپپا توغرىسىدا»،ئى.قاسىموفنىڭ «ئۇيغۇر دوپپىلىرى»، قېيۇم زاكىرنىڭ «دوپپا توغرىسىدا»، مۇكەررەم ئەبەيدۇللانىڭ «ئۇيغۇر دوپپىلىرى– ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبى»، ئابدۇۋەلى ئىسكەندەرنىڭ «دوپپا ھەققىدە پاراڭ»، غەيرەتجان ئوسماننىڭ «چىمەنگۈل ۋە چىمەن دوپپا»، ئەدىھەم ئابدۇمىجىتنىڭ «ئۇيغۇر دوپپىسى»، مۇنىرە ئابدۇراخماننىڭ «ئۇيغۇر باش كىيىمى–دوپپا»، ئىمىنجان ئابدۇرېھىمنىڭ«ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باش كېيىمى–دوپپا ۋە تۇماق توغرىسىدا»، تۇردى قادىر نازىرىنىڭ«ئۇيغۇر دوپپىچىلىقى توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرلىرى دەل مۇشۇ جۈملىدىندۇر.
ئىككىنچى ئۇيغۇر باش كىيىملىرى ۋە دوپپىنىڭ تارىخى توغرۇلۇق يېزىلغان ئەسەرلەر
ئۇيغۇر باش كىيىملىرى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە.جۈملىدىن دوپپىمۇ تۈرلۈك ئىجتىمائىي بوران چاپقۇنلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ ئۆز مەۋجۈدلىقىنى يوقاتماي كەلدى. ئۇيغۇر باش كىيملىرىنىڭ تارىخى مۇساپىسى توغرۇلۇق ئىزدىنىلگەن ئەسەرلەر بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى كۈزىتىش ۋە چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە. بىراق، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار بىزدە ئىزچىل ھالدا ئاجىز بولۇپ كەلدى. بۇ ھەقتىكى ئەسەرلەردىن پەقەت مۇختار قادىرنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇر باش كېيىمى–قالپاق»،غەيرەتجان ئابدۇللا كالدىرنىڭ«ئۇيغۇر قالپىقى»، «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭئەنئەنۋى كىيىمى–تەلپەك ۋە پەرىجە»، ۋەلى كېرىمنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ باش كېيىم ئىزچىللىقى توغرىسىدا ئىككى ئېغىز سۆز» قاتارلىقلار بار.
ئۈچىنچى، ئۇيغۇر باش كىيىملىرى ۋە دوپپىلارنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىگى توغرۇلۇق يېزىلغان ئەسەرلەر
ئۇيغۇر دوپپىلرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىرىدىن بىرى شۇكى–قويۇق يەرلىك تۈس ۋە رايۇن پەرقىگە ئىگە. بۇ ئۇيغۇر دوپپىلرىنىڭ ئاجايىپ رەڭدارلىقى ۋە ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭا نۇرغۇن ئىزدەنگۈچىلەر بۇ ھەقتە خېلى ئەتراپلىق قەلەم تەۋرىتىشكە ئۈلگۈرگەن.
مەتتۇرسۇن ھەسەننىڭ «چىرىيە ئەرلىرىنىڭ باش كېيىمى–تەلپەك»، خالىق قادىرنىڭ «پەيزىۋات تۇمىقى»، مەمتىمىن ساۋۇتنىڭ «كاچۇڭ تۇمىقى»، مېھراي مەمتىلىنىڭ«زەرباب دوپپا»، سارەم قۇرباننىڭ«قۇمۇل دوپپىسى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»، ئوبۇلقاسىم روزىنىڭ«ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ باش كىيىم مەدەنىيىتى ۋە كىرىيە تەلپىكى توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلەر دەل مۇشۇ يۇقارقى نۇقتىنى خېلى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بەرگەن.
تۆتىنچى، دوپپا مەدەنىيتنىڭ بۇگۇنكى مەۋجۈدلىقى توغرۇلۇق يېزىلغان ئەسەرلەر
20 –ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ بارغانسىرى كۈچەيگەن يەر شارىلىشىش دولقۇنى دۇنيادىكى مىللىي مەدەنىيەتلەرنىڭ مەۋجۈدلۇقىغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە خىرىس ئېلىپ كەلدى.جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىي كىيىم–كىچەكلىرى ۋە دوپپىمۇ بۇ خىل كىرزىستىن مۇستەسنا قالمىدى.مىللىي سالاھىيتىمىزنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولغاندوپپىنىڭ كۈندىن–كۈنگە سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەندىشىسى ۋە ئويلىنشىغا سەۋەپ بولدى. بۇنىڭغا ئابلەت جۈمەنىڭ «ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تەقدىرى قانداق بولار؟»، ئەنۋەرجان قادىرنىڭ «دوپپىنىڭ قىسمەتلىرى»، مۇھەممەت راخماننىڭ « دوپپىمىزدىن چانمايلى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى مىسال كەلتۈرۈش مۈمكىن.
ئومۇمەن، كەڭ ئۇيغۇر ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىدە دوپپىنىڭ تۈرلىرى، رايۇن ئالاھىدىلىگى، تىكىلىش ئۇسۇلى قاتارلىق بىر قەدەر ئاساسىۋەئىنچىكە مەسىلىلەر ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. بۇ باشقا مىللەت تەتقىقاتچىلىرى ئانچە ئىچكىرىلەپ كېتەلمەيدىغان نۇقتىلار بولۇپ دوپپا تەتقىقاتىدىكى خاسلىق ۋە ئەۋزەللىك جارى قىلدۇرۇلغان.
بىراق مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى شۇكى دوپپىنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتدىكى ئورنى ۋە رولىغا قارىتا ئىزدىنىش يېتەرلىك بولمىغان. دوپپا كۆپىنچە ھاللاردا بىر خىل ئاددى قول–ھۈنەر بويۇمى ۋە بىر خىل باش كېيىمى سۈپىتىدىلا تونۇلۇپ ئۇنىڭ ئەدەبىيات–سەنئىتىمىز ۋە مىللىيكىملىكىمىزگە بولغان تەسىرى تولۇق قېزىلمىغان، دوپپىغا قارىتا بىر پۈتۈن مىلىلي مەدەنىيەت تارىخى نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ قاتلاملىق تەتقىقاتلار قانات يايدۇرۇلمىغان.
خەنزۇچە دوپپا ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا بىر نەزەر
خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا دوپپا تېما قىلىنغان ئەسەرلەرمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكىدىن قىلىشمايدۇ.چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇلارنىمۇ بەدىئىي ۋە ئىلمىي دەپ ئىككىگە ئايرىش مۈمكىن.
خەنزۇ ئەدىب ۋە سەنئەتكارلىرىنىڭ ئۇيغۇر دوپپىلرى ھەققىدىكى بەدىئىي ئەسەرلىرىنى بىرمۇ–بىر ساناپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز. بىراق ئالاھىدە تىلغا ئېلىىشقا تېگىشلىكى شۇكى 1994–يىلى ئۈچ نەپەر خەنزۇ سەنئەتكارى دىڭ روڭخۇا ، شۈ باڭجىيۋە زو جيەنشياڭ «دوپپا ئېلىش» ناملىق بالىلار ناخشىسىنى ئىشلىگەن بولۇپ ئۇنىڭدا بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ بازارغا بېرىپ دوپپا ئالغاندىكى خۇشاللىق ھىسسىياتى شوخ ۋە قايناق رېتىم بىلەن ئىپادىلەنگەن. بۇ ناخشا مەملىكتىمزىدىكى بالىلار ئارىسىغا كەڭ تارقالغان.
«شىېرىيەت ژورنىلى»نىڭ 2010–يىللىق 17–سانىدا جۇ چاڭجې ئاپتۇرلىقىدىكى «ئۇيغۇر دوپپىلىرى»ناملىق شىئېر ئېلان قىلنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا شائىرنىڭ ئۇيغۇر دوپپىلرىنىڭ سېھرىي كۈچىگە بولغان شەيدالىقى ناھايىتى جانلىق ئىپادىلەنگەن.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتىتى پەرزەنتلەر باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ 5–يىللىق ئوقۇغۇچىسى جوۋ جىنلىي ئۆزىنىڭ «مەن ئۇيغۇر دوپپىلرىنى ياخشى كۆرىمەن» ناملىق نەسىرىدە «ئۇنى ھەرگىز كىچىك كۆرمەڭ ئۇنىڭغا مۇھەببەتلىك قەلپ، ھاياتقا بولغان مەدھىيە ۋە دوستلۇق يوشۇرۇنغان، ئۇ تېنچلىقنىڭ سىمۋولى، ئۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەقىل–پاراسىتى ۋە قابىلىيىتىنىڭ نامايەندىسىدۇر»» دەپ يازغان.
2010–يىلىغا قەدەر خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا مەخسۇس دوپپا توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ئەسەرلەر تەخمىنەن 30 پارچە ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلاردا دوپپا ۋە ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان سەنئەت، مەدەنىيەت تەركىپلىرى توغرۇلۇق خېلى پەرقلىق قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ئەسەرلەردە يەنەئۇيغۇر دوپپىلرىغا بولغان قىزىقىش، قايىللىق ۋە ھۆرمەت ئەكىس ئەتكەن. بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلەرنى تۆۋەندىكى بەش نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش مۈمكىن:
بىرنچى، ئۇيغۇر كىيىم–كىچەك مەدەنىيىتى توغرۇلۇق يېزىلغان يېرىك ئەسەرلەر
ھازىرغىچە مەخسۇس ئۇيغۇر دوپپىلرى توغرۇلۇق يېزىلغان چوڭ ھەجىمدىكى تەتقىقات ئەسەرلىرى يوقنىڭ ئورنىدا. بىراق يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە مەملىكەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر كىيىم–كىچەكلىرى ئۈستىدىكى مەخسۇس تەتقىقاتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان دەۋردىكى باش كىيىملىرى توغرۇلۇق ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە 2004–يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋىېرسىتىتىدىن ھەسەنجان ئابلىز «ئۇيغۇر كىيىم كىچەكلىرى تەتقىقاتى»، 2008–يىلى شاڭخەي دوڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىتىدىن شىن يەن «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم–كىچەك مەدەنىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات» ، يەنە شۇ يىلى مەزكۈر مەكتەپتىن ساۋ جې«دۈنخۇاڭ تام رەسىملىرى ئاساسىدىكى تاڭ دەۋرى كىيىم–كېچەكلىرىنىڭ تارىخىي ھەققىدە تەتقىقات»ناملىق دوكتۇرلۇق دىسسىرتاتسىيەلىرىنى تاماملىغان بولۇپ ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا مەخسۇس باپ ۋە پاراگرافلارنى ئاجرىتىپ ئۇيغۇر باش كىيىملىرىگە قارىتا ئوخىشىمىغان نۇقتىلاردىن شەرھىلەش ئېلىپ بارغان.
ئىككىنچى، ئۇيغۇر دوپپىلىرى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇش خارەكتېرلىك ئەسەرلەر
كەڭ خەنزۇ تەتقىقاتچىلارمۇ دوپپىنىڭ تۈرلىرى، ئالاھىدىلىكى ۋە ياسىلىشى توغرۇلۇق كۆپلىگەن ئۇچۇر خاراكتېرلىك مەلۇماتلارنى بېرىشكەن.«ئۇيغۇر باش كېيىملىرى»، «نەپىس دوپپىلار»، «ئۇيغۇرلارنىڭ دېپى ۋە دوپپىسى»، «ئۇيغۇر دوپپىلرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە قىسقىچە پاراڭ»، «ئۇيغۇر دوپپىلرى ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار»، «ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىملىرى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا كېيىش ئادىتى» قاتارلىقلار دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئوخشىمايدىغىنى شۇكى بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرىدە ئۇلار بىز بايقىمىغان نەزەر بىلەن ئۇيغۇر دوپپىلرى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن مەنا قاتلىمىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. مەسىلەن: ۋۇ شىمىڭ ئۆزىنىڭ «باشتىكى سەنئەت–ئۇيغۇر دوپپىلرى»ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «دوپپا ئەنئەنۋى ۋە زامانىۋى سەنئەتنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدۇر، شۇنداقلا ئۇ يەنە ماددىلىق ۋە مەنىۋىلىكنىڭ بىرىكمىسىدۇر. دوپپا سەنئىتىنىڭ ۋارسچانلىقى ۋە تەرەققىياتى بىزنىڭ ئىددىيىمىزگە ۋە ھەرىكىتىمىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، دوپپا سەنئىتىگە يوشۇرۇنغان مىللىي خارەكتېر ۋە گۈزەللىك ئېڭى ناھايىتى چوڭقۇر مەدەنىيەت قاتلىمىغا ئىگە. ئۇ ئەكس ئەتتۈرگەن سىمۋۇللۇق مەنامۇ بىزنىڭ ئورتاق تونۇشىمىزغا ئايلاندى. بىز ئۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر ئامىلنى چۈشەندۇق. دوپپا بۇ زېمىندا ناھايىتى مۇستەھكەم ھاياتىي كۈچىنى شۇنداقلا يەنە رۇشەن رايۇن خاسلىقى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكنى نامايەن قىلدى..»
ئۈچىنچى، ئۇيغۇر دوپپىلرىنىڭ ئىستىتىك كۈچى توغرۇلۇق يېزىلغان ئەسەرلەر
ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ئانچە دىققەت قىلمىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەل ئۇيغۇر دوپپىلرىنىڭ ئىستىتىتك قىممىتىدۇر. دوپپا ئادەتتىكى بىر قول ھۈنەر بويۇمىلا ئەمەس بەلكى ئاجايىپ جۇلالىق بىر بەدىئىي سەنئەت ئەسىرىدۇر.
1961–يىلىجوڭگۇ رەسساملار جەمىيىتىنىڭ ئورگان ژورنىلى «گۈزەلسەنئەت»تە «ئۇيغۇر دوپپىلرىدىكى گۈللۈك نەقىشلەر» ناملىق بىر پارچە ئەسەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، شۇندىن كېيىن كۆپلىگەن سەنئەت تەتقىقاتچلىرى بۇ ھەقتە ھەر خىل ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارغان ھەمدە «گۈزەلسەنئەت»، «سەنئەت كۈزەتچىسى»، «بېزەكچىلىك»، «كىيىم–كىچەك تىخنىكىسى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ژورناللاردا بىر قىسىم ماقالىلار ئېلان قىلنغان. بۇنىڭ ئىچىدەجاڭ ياۋچۈنىڭ «ئۇيغۇر دوپپىلرىنىڭ نۇسقىلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش»، جياڭ مىڭيۆنىڭ «ئۇيغۇر دوپپىلرىدىكى نۇسقا ۋە رەڭ لاھىيىسى»، «گۈلگە پۈركەنگەن مىللىي نۇسقىلار»قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
«ئۇيغۇر دوپپىلرىنىڭ ئىشلىنىشى ئىنچىكە، نۇسقىلىرى نەپىس بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىن كۆپىنچە تەبىئەت دۇنياسىدىكى شەيئىلەرگە تەققاسلانغان، تېما دائىرسى تولىمۇ كەڭ، ھۈنەر سەنئىتى ئىنچىكە، خەلق ئارىسىدىكىدوپپىكارلار رەڭگا–رەڭ گۈل گىياھلاردىن ئىلھام ئېلىپ رىئاللىققا سادىق بولۇپ، يۇقىرى تەلەپتە تاۋلاش، يېغىنچاقلاش، مۇبالىغىلەشتۈرۈش، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قويۇق مىللىي تۈس يەرلىك پۇراققا ئىگە نۇسقىلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. ئۇيغۇر دوپپىلرىبېزەكچىلىك سەنئىتىنىڭ فونكسىيىسىنى تولۇق نامايەن قىلغان بولۇپ، كشىگە ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك ئىستىتىتك زوق بېرىدۇ.»دەيدۇ.
تۆتىنچى، ئۇيغۇر دوپپىلرىنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقى ۋە بۈگۈنكى مەۋجۇدلىقى توغرۇلۇق يېزىلغان ئەسەرلەر
ئۇيغۇر دوپپىلرىغا قارىتا مىلىلي مەدەنىيەت يۈكسەكلىگىدە تۇرۇپ باھا بەرگەن، ئۇنىڭ ۋارسچانلىقى ۋە كەلگۈسىدىكى مەۋجۈدلىقىغا قارىتا خېلى ئەھمىيەتلىك پىكىرلەرنى يۈرگۈزگەن ئەسەرلەرمۇ بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە لو خۇيجىننىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر دوپپىلرىغا ھەزارىۋى نەزەر» ۋەيەن چاۋخۇانىڭ «دوپپىدىن يەر شارىلىشىۋاتقان مىللىي مەدەنىيەتكە نەزەر» ناملىق ئىككى پارچە ماقالە ۋەكىل خارەكتىرگە ئىگە.
ئالدىنقىسىدا ئاپتۇر ئۇيغۇر دوپپىلرىنىڭ مىلىلي خاسلىقى ۋە مەدەنىيەت فونكسىيىسى ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ: «دوپپا رەڭدارلىققا ۋە كۈچلۈك مىللىي ھىسسىياتقا ئىگە بولۇپ، باشقا مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل پەرقلەندۈرگۈچى بەلگىدۇر، ئۆز مىللىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇ ئۆز ئارا ئۇيۇشتۇرغۇچى بايراقتۇر، شۇنداقلا پۈتكۈل توپنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغۇچى تۈگۈندۇر»
«ئۇيغۇر دوپپىلرى ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ بىرلىكىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن، بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان يۇغۇرۇلما مۇناسىۋىتىنى ،شۇنداقلا قوللىنىشچانلىق بىلەن ئىستىتىكنىڭ بىرلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۈمكىن» دېگەن.
يەن چاۋخۇا «دوپپىدىن يەر شارىلىشىۋاتقان مىللىي مەدەنىيەتكە نەزەر» ناملىق ماقالىسىدا ئۇيغۇر دوپپلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئالاھىدىلىكى، ياسىلىشى، رەڭ ۋە نۇسقىلىرى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ يەرشارىلىشىش دولقۇنىدىكى مىلىلي قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ مەۋجۈدلىقى ۋەتەرققىياتىغا قارىتا بەزى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئۇيغۇر دوپپلىرىنى «كۈچلۈك مىللىي ئەسلىك، شۇنداقلا ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ توختىماي يۇغىرىلىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر....»دەپ قارىغان.ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۇيغۇر دوپپىلرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۈستىدە توختۇلۇپ:
«دوپپا ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە.جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۇ بىر خىل ئەنئەنە سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان.ھازىرمۇئاجايىپ ھاياتىي كۈچكە ئىگە. ئۇيغۇرلار ئۇنى تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بويۇم دەپ بىلىدۇ.، ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ مەملىكتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك كۈنسىرىخاراپلىشىۋاتقان ھالەت بىلەن رۇشەن سېلىشتۇرما شەكىللەندۈرگەن. بۇ شۇنى چۈشەندۇرىدۇكى ھەرقانداق بىر خىل ئەنئەنۋى سەنئەت بويۇمىنىڭ مەۋجۈدلىقى ئۈچۈن چوقۇم ئالاھىدە بىر خىل مەدەنىيەت مۇھىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئىددىيىۋى ئاساس بولۇش كېرەك. مانا مۇشۇنداقئوبىكتىپ مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسى ئۆزگىرىپلا كېتىدىكەن ئۇنىڭدىكى بارلىق مەدەنىيەت بويۇملىرىنىڭ مەۋجۈدلىقى ۋە تەرەققىياتىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.»
ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتۇر دوپپا سەنئىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىستىقبالى توغرۇلۇق مۇنداق ئەھمىيەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان:
«مىلىلي سەنئەتنىڭ تەرەققىياتى نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىگە ماسلىشالىغان ياكى ماسلىشالمىغانلىقىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا ئىلغار تېخىنىىكىدىن پايدىلىنىپ مىلىلي قول ھۈنەر بويۇملىرىنى سەنئەت بويۇملىرىغا، ساياھەت خاتىرە بويۇملىرىغا ئايلاندۇرۇپ ئۇنى كەسپلەشتۈرۈشكە، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق سەنئەت بايلىقىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش كېرەك. مانا شۇندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۈدلۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ. »
بەشىنچى، ئۇيغۇر دوپپىلرىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى توغرۇلۇق يېزىلغان ئەسەرلەر
نۇرغۇن خەنزۇ كارخانىچىلىرى ئۇيغۇر دوپپىلرىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى خېلى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەن بولۇپ، شاڭخەي، خاڭجۇ، بېيجىڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە مەخسۇس دوپپا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار پەيدا بولغان، توردا دوپپا سودىسى قىلىدىغان نۇقتىلار قۇرۇلغان. بۇھەقتە يېزىلغان خەۋەرلەردىن ۋاڭ ۋېينىڭ «شىنجاڭ دوپپلىرى بازار ئاتلىدى» ، جۇ مىيجىنىڭ «شىنجاڭنىڭ كىچىك دوپپىلرىدا مىليۇنلۇق چوڭ سودا بولدى»ناملىق يازمىلرىنى مىسال كەلتۈرۈش مۈمكىن.كىشىلەر دوپپىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىىدن سىرت تېخىمۇ يۇقىرى مەنىۋى قىمىتىنى تونۇپ يەتكەن:
«ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئاللا بۇرۇن ئەسلىدىكى ئىشلىتىش ۋە ھوزۇرلىنش قىمىمتىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، مۇشۇ نەپىس دوپپىلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ جوڭگۇ ۋە چەتئەللىكلەر شىنجاڭدىن ئىبارەتبۇ زېمىننى چۈشەنمەكتە. بۇ مىللەتنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە ئەتىسىنى كۆرمەكتە....»
باشقا مىللەتلەرنىڭ باش كىيىملىرىۋە بۇ ھەقتىكى ئايرىم تەتقىقاتلار
باش كېيىمى ھەققىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرىلەر قەدىمكى يوناننىڭ جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغان تېبىسشەھرىدىكى قەۋرىلەردىن بايقالغان بولۇپ ئۇنىڭدىن چىققان رەسىملەردە پاخالدىن توقۇلغان باش كېيىمى كىيىۋالغان ئەرلەر ئۇچرايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا قەدىمكى رىم ۋە يونانلاردا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن قۇللار باشقىلاردىن ئۆزىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن باش كېيىمى كېيىدىكەن.
شەپكە 15–ئەسىرلەردە شوتلاندىيە، ئەنگىليەنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا پەيدا بولغان.كېيىنكى ئۇلارنىڭ كۆچۈشى نەتىجىسدە شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئوكيانىلەرگە تارقالغان. قۇلاقچا 17–ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدن باشلاپ رۇسلاردا ئومۇملاشقان. شىلەپە 18–ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىتالىيەدە پەيدا بولغان.يەھۇدىلارنىڭ باش كېيىمى قىپپاھ(يارمۈلكى)، ئەرەپلەرنىڭ باش كېيىمى گۇتراھ(رىدا)، ھىندىلارنىڭ باش كېيىمى تۇربان، تۈركلەرنىڭ باش كېيىمى تاربۇشلارمۇ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە.
ياۋرۇپادائاياللارنىڭ باش كېيىمى كېيىشى 16–ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىتالىيەنىڭ مىلاندىن باشلانغان.19–ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بوننىت(يەنى يۇمشاق شىلەپە) كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشقان.ئاياللار ئۇنىڭغا گۈل، پەي، مامۇق قاتارلىق زىننەت بويۇملىرىنى قىستۇرۇپ كېيىشكە ئادەتلەنگەن.18–ئەسىردە ئۇنىڭ كۆپلىگەن نۇسقىلىرى بارلىققا كەلگەن.
بىز نۇرغۇن ئەدەبىيات سەنئەت ئەسەرلىرىگە جۈملىدىن كىنو، تېلېۋىزيە فىلىملىرىگە دىققەت قىلساق شۇ نۇقتىنى بايقايمىزكى تا 20–ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر مەيلى جوڭگۇداۋە ياكى غەرپ جەمىيىتىدە بولسۇن ئاياللارنىڭ باش كېيىمسىز يۈرىشى بىر خىل ئەخلاقسىزلىق دەپ قارالغان. غەرپلىكلەر باش كېيىمگە ئىزچىل ھالدا سالاھىيەت ۋە ئىمتىياز نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن. ھەتتا باش كېيىمسىز تالاغا چىقىشنى نۇمۇس، ئۆزىگە بولغان ھاقارەت دەپ بىلگەن. يالاڭۋاشتاق يۈرۈشنى پەقەت پاھىشە ئاياللارنىڭلا قىلىقى دەپ چۈشەنگەن ھەم شۇنداق مۇئامىلە قىلغان.
1–دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاياللارنىڭ جەمىيەتكە ئارىلىشىشى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن شۇنىڭ بىلەن 1920–يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇلارنىڭ چېچىنى كېسىش دولقۇنى كۆتىرىلگەن. ئەنئەنۋى باش كىيىملىرىمۇ ئاستا–ئاستا تاشلىنىپ خىزمەت قىلىشقا ماسلاشقان قالپاق ئومۇملاشقان.بۇ مەزگىللەردە ئەرلەر ئارىسىدىمۇ شىلەپە كېيىش ئاستا–ئاستا سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ۋە دولقۇن1960–يىللاردا يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىلگەن.
ئېنگلىز، فرانسوز، ئىتالىيانلار، رۇسلار چوڭ مۇستەملىكىچىلەر شۇنداقلا بۈگۈنكى دۇنيانىڭ پەن–تېخىنىكا پاراۋۇزلىرى بولغاچقا ئۇلارنىڭ مىللىي كىيىم–كىچەكلىرى دۇنيادىكى قىتئەلەرنىڭ ھەممىسىگە دىگۈدەك تارالغان.
ر. سترائۇس 1942–يىلى يازغان «يەھۇدى باش كىيىمىگە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىدىن بىر نەزەر» ناملىق ئەسىرىدە يەھۇدى مىللىتىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر مەۋجۈد بولۇشىدا ئالاھىدە باش كېيىمى يارمۈلكى مۇھىم رول ئوينىغان دەپ قارىغان. نەچچە مىڭ يىل چېچىلىپ كەتكەن يەھۇدىلار ياۋرۇپادا 13–ئەسىردىن باشلاپ كىملىك سالاھىيىتىنى ئاشكارىلايدىغان دوپپىلارنى كېيىپ يۈرۈشكە مەجبۇر قىلىنغان، كېيىنچە بۇ بىر ئەنئەنىگە ئايلانغان دەل مۇشۇ بەختسىزلىك ئۇلارنىڭ كىملىگىگە بولغان چۈشەنچىسىنى ستىخىيىلىك ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرغان. مانا بۇ بۈگۈنكى يەھۇدىلارنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبىدۇر.
ئىتالىيەلىك كىيىم–كىچەك تەتقىقاتچىسى جۇلىاننا بېرانگان(Giuliana Berengan) 2005–يىلى نەشىر قىلىنغان« ئاجايىپ باش كىيىملىرى » ناملىق كىتاۋىدا باش كېيىمىنى قەدىمكى مىسىر، يونان ۋە ئاسىيادا پەيدا بولۇپ كېينچە ياۋرۇپاغا تارقالغان دەپ قارىغان. باش كىيىملىرىگە قارىتا دىن،ئارخىلوگىيە، فولكلور، تارىخ، سانائەت، مىللەتشۇناسلىق، سودا ،سەنئەت، موداقاتارلىق ئوخشىمىغان تەرەپلەردىنتەتقىقات ئېلىپ بارغان.
ياڭ چىڭفەن«شىزاڭ تەتقىقاتى»ژورنىلىنىڭ 2001–يىللىق 3–سانىدا ئېلان قىلغان «قەدىمكى كىيىم–كىچەك رەسىملىرىدىن تۈبۈتلەر ۋە سوغدىلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارىتا تەھلېل» ناملىق ماقالىسدا بۇ ئىككى مىللەتنىڭ باش كېيىملىرىدىكى كۆپلىگەن ئورتاقلىق ۋە پەرقنى تېپىپ چىققان ۋە بۇ ئاساستا ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خۇلاسە ئورنىدا
يەر شارىلىشىش دولقۇنىدا مىللىي كىمىلىك ھەممىمىز ئۈچۈن تەخىرسىز بىر ئىشقا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ، دوپپا ئاللا بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئىستىمال قىممىتىدىن ھالقىپ بىر خىل مىللىي مەدەنىيەتنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇ دەل بىزنىڭ دوپپا بايرىمى ئۆتكۈزىشمىزدىكى ھالقىلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرىدۇر.
ھەر قانداق بىر دەۋردەئەنئەنىنى قوغدايدىغانلار بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ياتلىشىدىغانلار ھەتتا قارشى چىقىدىغانلارمۇ بولىدۇ. بىراق بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئايرىم كىشىلىرىمىزدە مىللىي كىملىكنى يوشۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن تېنىش بىر خىل غەيرىي مەدەنىيەت پىسىخىكىسى بولۇپ شەكىللەنمەكتە، بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدۇر.
دوپپا بىر خىل ئەنئەنىنىڭ داۋامى، شۇنداقلا مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىكمىىز ۋە سەنئىتىمىزنىڭ دۇردانىسى، ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئەجداتلار ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. ئۇ ئالاھىدە مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارسلىق قىلغان بولۇپ، بۈگۈنكى يەرشارىلىشىش دولقۇنىدا بىز چوقۇم ئۇنى ئاڭلىق يوسۇندا قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۇنى سۆيىدىغان، ئۇنى ئەزىزلەيدىغان، ئۇنىڭغا ۋارسلىق قىلىدىغان كەيپىياتنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز لازىم. /mobcent/data/upload/audio/201405/09/28/y1wfOzEXX42n.amr
来自安卓客户端 توغرا ئۈزىمىزنىڭ دوپپىسى ئەمەسمۇ
بەت:
[1]