U盾 ئىشلىتىش،تور سودىسى قىلىش
بىر ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئىنتىل سەيناسىغا يوللىغان ئۆزەم ئىشلىگەن«U盾 ئىشلىتىش دەرسلىكى»نى ۋە ئويغۇر كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى تورىدا ئېلان قىلىنغان دىلكەش ئەپەندىنىڭ «توردا مال سېتىۋىلىش ھەققىدە ساۋات»دەرسلىكى، ئەينى ۋاقىتتىكى سەلكىن مۇنبىرىدىكى ھۆكۈمران ئەپەندىنىڭ(ئىنتىل سەيناسىدىن ئادىل ئەپەندى كىتاب قىلىپ تەييارلىغان) «تاۋباۋدا سودا قىلىش دەرسلىكى»قاتارلىق تور سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك سەرخىل دەرسلىكلەرنى ساقلاپ قويغان ئىدىم،لازىملىق دوستلار چۈشۈرۈۋېلىڭلار ۋە ساقلاپ قويۇڭلار ،ھامان بىر كۈنى ئەسقاتىدۇ.تۆۋەندىكىسى «U盾 ئىشلىتىش دەرسلىكى» نىڭ تولۇق تېكىستى:
تور بانكا مۇلازىمىتىدە ئەسلىدىكى كارتا نومۇرى بىلەن يەنە توردىكى مەخپىي نومۇرىنى قوغداش ئۈچۈن ئادەتتە ئىككى خىل ئوسۇل قوللىنىلىدۇ:
بىرىنچىسى: مەخپىي نومۇر كارتىسى ئىشلىتىش.
ئىككىنچىسى: U盾(ئۇ قالقان).
ئالدى بىلەن بۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پايدىلىق تەرىپىنى U盾ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتەي (بۇ يەردە مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم سودا سانائەت بانكىسىنىڭ بولغاچقا سودا سانائەت بانكىسىنىڭU盾بېجىرىش، ئىشلىتىش ئوسۇلى سۆزلىنىدۇ).
1.مەخپىي نومۇرىنى بەلگىلەيمىز :
سىز تور بانكا ھېساباتىڭىزنى ئاچقۇزغاندىن كېيىن تور بانكا ھېساباتىڭىزغا يېزىق ۋە سان ئارىلاشقان مەخپىي نومۇر ئىشلىتىسىز .U盾ئۈچۈن يەنە ئوخشاش بولمىغان (ئوخشاش بولسىمۇ بولىدۇ لېكىن ئوخشىمايدىغان مەخپىي نومۇر ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن)مەخپىي نومۇر بەلگىلەيسىز. بۇنىڭدىمۇ يېزىق ۋە سان ئارىلاشقان بولىدۇ.ئەسكەرتىش: بۇ ئىككى خىل مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز ۋە چوقۇم بىر ئۆزىڭىزلا مەخپىي تۇتۇشىڭىز كېرەك.
2. U盾ئىشلىتىشنىڭ مەخپىي نومۇر كارتىسى بىلەن بولغان پەرقى ۋە ئارتۇقچىلىقى:
كەمچىلىكى: U盾يەنى بارماق دېسكىغا ئوخشايدىغان قاتتىق دېتالنى بىللە ئېلىپ يۈرۈشىڭىزنى ھەمدە ياخشى ساقلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئارتۇقچىلىقى:سىز تور بانكا ھېساباتىڭىزغا كىرمەكچى بولسىڭىز باشتا دىيىلگەن تور بانكا ھېساباتىڭىزنىڭ مەخپىي نومۇرىنى بېسىپ كىرىسىز. كىرگەندىن كېيىن ھېساباتىڭىزدىكى سوممىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئاددىي مەشغۇلاتلارنى بېجىرەلەيسىز. لېكىن ھېساب يۆتكەش، تور ئارقىلىق پۇل تۆلەش، مال سېتىۋىلىش ،支付غا پۇل قاچىلاش قاتارلىق ھېساباتىڭىزدىن چىقىم بولىدىغانلىكى مەشخۇلاتنى قولىڭىزدىكى U盾بولمىسا بۇنى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ بارماق دېسكا ئۇلاش ئېغىزىغا ئۇلىمىسىڭىز ،ھەم U盾نىڭ مەخپىي نومۇرىنى بىلمىسىڭىز ھەرگىز بېجىرەلمەيسىز. U盾نى ئىشلىتىش بىخەتەر.مەيلى ئۆيىڭىزدە ياكى تورخانىلاردا بولامدۇ خالىغان جاي خالىغان ۋاقىتتا ، U盾ئارقىلىق ئېھتىياجىڭىز بويىچە خالىغانچە مەشغۇلات بېجىرسىڭىز بولىدۇ.
مەخپىي نومۇر كارتىسى (动态口令卡)ئىشلىتىش قولايلىق، قاتتىق دېتالنى بىللە ئېلىپ يۈرۈش تەلەپ قىلىنمايدۇ. كارتا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى ئەستە تۇتۇۋالسىڭىزلا ئىختىيارىي مەشخۇلات بېجىرەلەيسىز. كەمچىلىكى بىخەتەر ئەمەس ئالاھىدە ئەسكەرتىمەن: بۇ كارتىنى ئىشلىتىپ تورخانا ياكى گۇمانلىق كومپيۇتېردا بانكا ھېساباتىڭىزنى ئېچىپ پۇل يۆتكەش قاتارلىق مەشخۇلاتلارنى بېجىرىپ سالماڭ ! بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزىڭىزمۇ بىلمەي ھېساباتىڭىزدىكى پۇل يۇقىرى چەككە يەتكەندە ئاللىبۇرۇن باشقىلارنىڭ ھېساباتىغا يۆتكىلىپ بولغان بولىدۇ. 0%بىخەتەر.(ئىشلەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىمەن)..
3.ئىقتىسادىي پەرق:
مەخپىي نومۇر كارتىسىنى(动态口令卡) ھەقسىز (بەزى ۋاقىتلاردا 5يۈەن ياكى 10يۈەنگە بېجىرىدىكەن، قانداق ۋاقىتتا شۇنداق بولىدۇ مەنمۇ بىلمىدىم)بېجىرىدۇ. U盾نى بولسا ئەڭ تۆۋەن بېجىرىش ھەققى 60يۈەن .50يۈەن ،U盾نىڭ پۇلى، 10يۈەن مۇلازىمەت ھەققى. مەڭگۈلۈك ، U盾نى يۈتۈرۈپ قويمىسىڭىزلا يۈتۈرۈپ قويسىڭىز يەنە بىرنى 50يۈەنگە ئالىسىز.
4. U盾نى ئىشلىتىش ئوسۇلى :
مەخپىي نومۇر كارتىسىنى(动态口令卡) ئىشلىتىشنى بىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ ھەم ئانچە بىخەتەر بولمىغاچقا ئىشلىتىش ئوسۇلى تونۇشتۇرۇلمايدۇ.
1)ئالدى بىلەن مەشخۇلات قىلماقچى بولغان كومپيۇتېردىكى مۇما(ياغاچ ئات ۋىرۇسى)ۋىرۇسلارنى تازىلاڭ(ھەرقانداق ئېھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،ئۆزۈڭ تىنچ كۆڭلۈڭ تىنچ).پۇلنىڭ بىر ئۇچى بىلەكتە يەنە بىر ئۇچى يۈرەكتە ،پۇلغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ئۆزىمىز ئويلىغاندىنمۇ بىخەتەررەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز ئەلۋەتتە.
2) U盾نىڭ قوزغىتىش پىروگگىراممىسى ۋە ئىسپات پىروگىراممىسىنى قاچىلاڭ.
قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن U盾نى بارماق دېسكا چاتىدىغان ئېغىزغا ئۇلاڭ(چېتىڭ) U盾نى چاتقان ھامان ئۇ盾نىڭ چىرىقى يانىدۇ،لېكىن خېلى ئوزۇنغىچە قاراپ تۇرسىڭىزمۇ我的电脑نىڭ ئىچىدىكى دېسكا رايونلىرىغا بىرەر يېڭى دېسكا قوشۇلمىدى شۇنداقمۇ؟ئەنسىرىمەڭ تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىڭ:
开始---程序---工行企业网上银行证书工具软件---捷德---智能卡管理
موشۇ بويىچە كىرسىڭىز 6خىل تىزىملىك كۆرۈنىدۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىرسى 工作ھالىتىدە تورۇۋاتقان بولسا بۇ سىزنىڭ ئۇ盾ئارقىلىق ھېساباتىڭىزدىكى كىرىم چىقىمنى باشقۇرالايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر 工作 كۆرۈنمەي ھەممىسى 不存在ھالىتىدە كۆرۈسە مۇنداق ئېھتىماللىق بار.
بىرىنچى:
كومپيۇتېرىڭىزنىڭ سىرتقى ئېغىزى U盾 تونۇمايدۇ باشقا ئېغىزغا ئالماشتۇرۇڭ ،يەنىلا بولمىسا بۇنى 设备管理器نىڭ ئىچىگە كىرىپ تەكشۈرۈپ ئوڭشاڭ ياكى فىزىكىلىق بوزۇلۇشنى ئوڭشاڭ.
ئىككىنچى:
كومپيۇتېرىڭىز U盾نى تونىغان بولسا(چىراق يانىدۇ) سىزنىڭ يۇقارقى دەپ ئۆتكەن مەشغۇلاتلارنى بېجىرىشىڭىزدە خاتالىق بار . قايتا بېجىرىڭ.
4) يۇقارقى دىيىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق ئورۇندالغان بولسا سىز سودا سانائەت بانكىسىنىڭ تور بېتىنى ئېچىپ شەخسىي ھېساباتىڭىزغا كىرىپ ئەركىن ئازادە خاتىرجەم ھېسابتىن ھېسابقا پۇل يۆتكەش ،مال سېتىۋىلىش ،支付宝غا پۇل قاچىلاش تېلىفون پۇلى تاپشۇرۇش، گاز ، سۇ، توك پۇلى تاپشۇرۇش ۋە قەرىز پۇلىنى قايتۇرۇش ...... قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى بېجىرىۋىرىڭ. دەل سىز پۇل چىقىم قىلىدىغان ۋاقىتتا U盾ئېچىلىپ مەخپىي نومۇر سورايدۇ ،توغرا كىرگۈزسىڭىز مەشخۇلاتىڭىز ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
يۇقارقىلاردىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى ھازىرقى زامان تور بانكا كەسپىي بويىچە مەشخۇلات بېجىرىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاستە بولسا يەنىلا U盾نى ئىشلىتىش. مەشخۇلات تەرتىپى سەل مۇرەككەپ لېكىن تولۇق بىخەتەر، ئازراق زېھنىڭىزنى قويسىڭىزلا ئۆگىنىۋالالايسىز.
ئەمدى يۇقىرىدا دىيىلگەن ئىككى خىل كەسىپتىن بىرنى تاللاش ئۆز ئىختىيارىڭىزدا.
بۇ تېمىدا دىيىلگەن بارلىق دەرسلىكنى توپ ھالەتتە چۈشۈرۈش ئادرىسى:
千脑تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈڭ
بەيدۇ تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈڭ
千易تور دېسكىسدىن چۈشۈرۈڭ
مەنبە:شەربەت مۇنبىرى مەن توردىن مال سىتىۋىلىشتا بەك قىينىلىۋاتاتتىم ،، بۇنى يوللاپ ياخشى قىپسىز ..
تەپسىلى كۆرۇپ چىقاي
g
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hukumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-8 19:28ساقلاپ قۇيۇپ ياخشى قىپسىز . ئۆز ۋاقتىدا مەن سەلكىن مۇنبىرىگە 5 قىسىم قىلىپ يوللىغان ئىدىم ئۇنى ئادىل ئەپەندى pdfفورماتىدا ئىنتىل ۋە باشقا توربەتلەرگە يوللاپ قۇيۇپتىكەن .
ئەسلى 10 قىسىم ئىدىقالغان بەش قىسمىنى يوللىمىغان ، چۈنكى باشقىلار بىر نەرسە يوللاپ بولغۇچە رۇخسەتسىزلا ھەر خىل ناملار بىلەن ئىلان قىلغىلى ئاران تۇرىدىكەن . بولمىسا يوللايدىغان نەرسىلەر كۆپ ئىدى .
شۇ چاغدىكى مەزمۇنلار ھازىرمۇ http:alara.blogbus.com دا بار .
كۆپلىگەن مەزمۇنلارنى مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ئېلىۋەتكەن saedi يوللىغان ۋاقتى2014-5-7 18:18
مەن توردىن مال سىتىۋىلىشتا بەك قىينىلىۋاتاتتىم ،، بۇن ...
ھە ماقۇل تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ
بەت:
[1]