ئاممىۋى WIFI نى قالايمىقان ئىشلەتمەڭ!
ئاممىۋى WIFI نى قالايمىقان ئىشلەتمەڭ!جۇڭگو مائارىپ تورى خەۋىرى: ھازىر، WIFI بارغانسېرى ئومۇملىشىشقا باشلىدى، تور ئېقىمىنى تېجەش ئۈچۈن، پەقەت رېستۇران، قەھۋاخانا قاتارلىق جايلار ئۇچراپ قالسىلا يانفونىنى چىقىرىپ تورغا چىقىدۇ، ئەمما بۇ خىل قىلمىشتا مەۋجۇت خەۋپ-خەتەر زادى قانچىلىك چوڭلۇقتا؟ تور بىخەتەرلىك تەتقىقاتچىسى شىياۋ ليۇنىڭ كۆرسىتىپ قويۇشى مۇخبىرنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى.
سىز QQ بوشلۇقىڭىزدىكى شەخسىي سۈرەتلەرگە گەرچە كۆرۈش ھوقۇقى چەكلىمىسى تەڭشەپ قويسىڭىزمۇ يەنىلا ئوغرىلىنىپ كېتىدۇ، مىكروبلوگىڭىز ئىختىيارسىزلا سىز بىلمەيدىغان سۆز ۋە سۈرەتلەرنى يوللايدۇ ياكى ئۇلاپ تارقىتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغىنىڭىزدا، سىزنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىڭىزنى خاككېر ئاللاقاچان كۆرۈپ بولغان بولىدۇ.
تور بىخەتەرلىك تەتقىقاتچىسى ليۇ يەنشو تونۇشتۇرۇپ: خاككېر ۋە بىر ئادەتتىكى تورداش ئوىشاش بىر WIFI، ئاندىن ئادەتتىكى تورداش تورغا چىقىپ مەشغۇلات قىلىدۇ، مەسىلەن مىكروبلوگ كۆرىدۇ، رېنرېن تورىغا چىقىدۇ، QQ بوشلۇقىغا چىقىدۇ، خاككېر ئوخشاش بىر دائىرىلىك تور ئىچىدىكى بارلىق تور ئېقىمىنى كۆزىتەلەيدۇ، تورداشلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيدۇ، ئاندىن قارشى تەرەپنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى كۆرىدۇ، دېدى.
شىياۋ لىيۇ مۇخبىرغا ئاممىۋى سورۇندا ئوخشاش بىر WIFI غا ئۇلىغاندا، ئابونتنىڭ خاككېر ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىنىڭ بارلىق جەريانىنى تەقلىدىي كۆرسىتىپ بەردى، ئالدى بىلەن مۇخبىر يان كومپيۇتېرىدا تورغا چىقىپ تور بەت كۆردى ھەمدە QQ غا چىقتى، QQ بوشلۇقىنى ئاچتى، شىياۋ ليۇنىڭ يانفونىنى بۇ WIFI غا ئۇلىدى، خاككېرلىق ھۇجۇمى يۇمشاق دېتالىنى ئاچقاندىن كېيىن، مۇخبىرنىڭ كومپيۇتېرىنىڭ IP ئادرېسى بايقىۋېلىندى.
ئۈچ مىنۇتقا بارمايلا، خاككېرلىق دېتالى مۇخبىر ئىشلەتكەن كومپيۇتېردا چىققان تور بەتلەرنىڭ ھەممە خاتىرىسىنى ئوڭۇشلۇق تېپىپ چىقتى، شىياۋ لىيۇ خاككېرلىق يۇمشاق دېتالىدا كۆرۈلگەن QQ تور بېتىنى چەككەندە، ھېچقانداق مەخپىي نومۇر ۋە ئابونت نامى كىرگۈزمەي، مۇخبىرنىڭ QQ بوشلۇقىغا بىۋاسىتە كىرەلىدى.
شىياۋ لىيۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئالبۇم پەقەت قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىلا كۆرەلەيدىغان شەخسىي سۈرەتلەر بولۇپ، ھازىر شىياۋ ليۇمۇ ئۇنىڭ ئاكونتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرەلىگەن.
ئەسلىدە شەخسىي كۆرۈش ھوقۇقى چەكلىمىسى بار ئالبۇم خاككېر تەرىپىدىن ئاسانلا يېشىۋېتىلدى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خاككېرلىق يۇمشاق دېتالى يەنە قارشى تەرەپنىڭ ھېساباتىنى ئىشلىتىپ يازما يوللىيالايدۇ.
مەنبە: «ئانا تۇپراق» تورى (تەرجىمان: ئوكيان)
ۋاھ،ۋاھ مۇنداق ئىشلارمۇ بار دەڭ تېخى...... دىققەت قىلساق بولغۇدەك{:5_162:} بۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلساق بۇلغۇدەك رەھمەت،يىڭى بىلىمدىن يەنە بىرنى بىلۋالدىم. رەھمەت ئەمدى دىققەت قىلاي —ھە! توۋا مۇنداق ئشلامۇ باكىنا ئاجايپ ھە.............. تورغائۇلانغانلىكىكومپىيۇتېردامەخپىيەتلىكقالمىغانئوخشىمامدۇ ! ياپىر ، ئۇچۇر ئوغۇرلۇقىنى ئامرىكىدا بار دەۋاتتاتى ئەمدى ئۇچۇر ئوغۇرلۇقى بۇ جۇڭگۇغىمۇ كەپتۇ ، ئىھتىيات قىلساق بولغۇدەك . توۋا مۇشۇنداق ئىشلارمۇ باركەن تېخى مەن ئەمدى ئۇقتۇم ئاستا دىققەت قىلسام بولغۇدەك رەخمەت
بەت:
[1]
2