مۇنبەرگە رەسىم ۋە ھۆججەت يوللاش ئۇسۇلى
ئەمدى بۇ چىيەنناۋ بەيدۇ، 360 لەردەك نەچە تىتابايت بوشلۇق دەپ پو ئاتمىسىمۇ تىزىملاتقان ھەر بىر ئادەمگە 500 گىگابايت بوشلۇق بېرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپتۇ (ئىلگىرى 5 گىگابايت، ھۆججەتنى كۆپ يوللىسا يۇقىرى چېكى 20 گىگابايت ئىدى)چۈشۈرۈش بېتىدىكى كۆرۈمسىز ناچار ئېلانلىرىمۇ يوقاپ، خېلى سىپتىلىشپ قاپتۇ، شۇڭا مەن بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى يەنە مۇشۇ چىيەنناۋ تور دېسكىسىغا كۆنىۋالدىم ھەم بۇنىڭمۇنبەرگە بىۋاستە ھۆججەت يوللايدىغان قىستۇرمىسىنىمۇ ئورنىتىپ قويدۇم.
ئەگەر تورداشلار ھۆججەت يوللىغاندا ئاۋارىچلىق بولمىسۇن دەپ قارىسا 300 مىگابايتتىن كىچىك ھۆججەت، ماتىرىيالنى بىۋاستە روھلاننىڭ تېما يوللاش كۆزنىكىنىڭ ئاستىدىكى ئورۇندىن يوللىسا بولىدۇ.
ھۆججەت يوللاش ئۇسۇلى:
بىر تاللا ھۆججەت يوللىماقچى بولساق:
ئاۋال 普通文件 دىكى (ئادەتتە ئۆزى مۇشۇنىڭدا تۇرىدۇ) 选择文件 نى بېسىپ، كومپيۇتېرىمىزدىكى ھۆججەتنى كۆرسىتىپ بېرىمىز.
ئاندىن ئاستىدىكى 开始上传 نى بېسىۋېتىپ ساقلىساق، تور كۆگۈچنىڭ ئاستىدىكى ھالەت سىتونىدا يولىنىش ئەھۋالى پىرسەنت بۇيىچە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/1ad28b0f/
يولىنىپ بولغاندا ئۆزلىكىدىن 文件列表 رامكىسىغا ئالمىشىپ، 插入到帖子 دېگەن ئۇلانما كۆرۈنىدۇ، بىز پەقەت نۇر بەلگىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى قىستۇرماقچى بوغلان ئورۇنغا توغرىلاپ قۇيۇپ، مۇشۇ 插入到帖子 دېگەن خەتنى باسساقلا ھۆججەتنىڭ ئەسلى ئىسمى بىلەن شۇ ئورۇنغا چۈشۈرۈش ئادرىسى قىستۇرۇلىدۇ، بۇنى تەھرىرلەشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى قالمايدۇ.
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/60fdca93/
رەسىم يوللساشمۇ ناھايىتى قولايلىق بولۇپ، يوللىغان رەسىم تېما ئىچىدە بىۋاستە كۆرۈنىدۇ، بۇ يېرى ئەڭ ياخشى بۇنىڭ.
ئۇسۇلى:
图片上传 نى بېسىپلا 选择文件دىن رەسىمنى كۆرسىتىپ بەرسەك، يولىنىپ بولىدۇ ھەم تېمىغا قىستۇرىدىغان ئۇلانمىنى يۇقىرىدىكىگە ئوخشاشلا ھاسىل قىلىپ بېرىدۇ، بىز شۇ ئۇلانمىنى چەكسەكلا رەسىم بىز نۇر بەلگىنى توغرىلىغان ئورۇنغا قىستۇرۇلىدۇ.
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/9bd72944/
بۇ تېمىدىكى ئۈچ پارچە رەسىممۇ دەل مۇشۇ ئۇسۇلدا قىستۇرۇلدى، ئادرىسىنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
ئەگەر ماتىرىيالىڭىز 300 مىگابايتتىن چوڭ بولسا ئۆزىڭىز ئايرىم بىر دانە تور دېسكا ئىلتىماس قىلۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، مۇھىم ماتىرىياللارنى شۇنىڭغا چىقىرىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
مەن بۇ تور دېسكىسىنى ئىشلىتىۋاتقىلى 5 يىل بولۇپتۇ، شۇنىڭدىن بۇيان يوقاپ كېتىپ باقمىدى.
تىزىملىتىش ئادرىسى: بۇ يەرنى بېسىڭ
ئاندىن تۆۋەندىكى ئورۇننى تولدۇرسىڭىزلا بولىدۇ.
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/86eca122/
تىزىملىتىش ئادرىسى: بۇ يەرنى بېسىڭ
ئىككىنچى تور دېسكا قىستۇرمىسى خۇئاۋېينى ئىشلىتىش دەرسى بۇ يەردە
روھلانغا ماتىرىيالنى قانداق يوللايمەن دېگەنلەرگە دەرسلىك
/thread-25879-1-1.html بەك قالتىس ئىش قىپسىز،مەنمۇ 千脑 تور دېسكامنى تېپىۋالدىم.نىمىشقا دېگەندە بەش يىل بۇرۇنقى ماتېرياللىرىم شۇ پېتى تۇرۇپتۇ ئەمەسمۇ.
تۆۋەندىكىلەر مېنىڭ 千脑 غا يوللىغان ماتېرياللىرىم:
/thread-31225-1-1.html
/thread-31212-1-1.html
تۈنۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردىمۇ ياكى ئالدىنقى كۈنىمۇ بەك ئېسىمدە يوق.مۇشۇ روھلاندىن بىرنەرسە چۈشۈرمەكچى بولۇپ تىزىملىتىپتىكەنمەن.بىراق ماڭا بوشلۇق بەرمەپتۇ.ئاخشامكوت كوت بوشلۇقىڭىزنى كۆرۈپ ئۆزەمنىڭكىگە قارىسام بىچارىلەرچە نۆلدىن بىرى تۇرىدۇ.باشقىلارنىڭ تەكلىۋى بىلەن تىزىملاتسا ياكى باشقىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىرسە ئاندىن بېرىدىغان بوشلۇق ئوخشايدۇ دەپ ئەتىگە ئېلىپ قويۇپ ئۇخلاپ قالغان ئىدىم.بۈگۈن سىزنىڭ ئۇلانمىڭىز ئارقىلىق كىرىپ بىرنى تىزىملىتاي دەپ ئويلاۋاتىمەن.........
مەنمۇ سىزنىڭ تەۋسىيىڭىز بويچە تىزىملىتىپ 500GB بوشلۇق ئىلىۋالدىم ،بۇرۇن 千脑 ئەقلاقسىز ئىلانلارنى بەك كۆپ قويۋالغاچقا تاشلاپ قويغان ئىدىم .
ھە راس ئادىلكا؛ مەن بۇرۇن روھلانغا تىزىملاتقاندا يانفۇن ئىلخىتىگە تىزىملىتىپتىكەنمەن ، يانفۇن ئىلخەتلىرىنى شۇ نومۇرنى ئىشلەتمىسە ئاچقىلى بولمايدىكەن ،مەن ئۇ نومۇرنى ئىشلەتمىگىلىمۇ خىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى ،قايسى كۇنى ئىلخىتىمنى ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتى قىلغان ئىدىم ، كىم بىلسۇن مەيلى ئەسلى ئىلخەت بولسۇن ياكى كىيىن ئالماشتۇرغان ئىلخەت بولسۇن خاتا دەپ تۇرۋىلىپ روھلانغا كىرىش مومكىن بولماي قالدى ، قايتىدىن تىزىملىتاي دىسەم تىخى ،ھىلىمۇ ياخشى QQغا باغلاپ قويۇپتىكەنمەن ، QQ ئارقىلىق ئاران تەستە كىردىم ،سىزگە نەچچە قىتىم ئۇچۇر قىلسام جاۋاپ قايتۇرمىدىڭىز ،قانداق قىلسام ئىلخەت ئارقىلىق كىرەلەيمەن ياردەم قىلسىڭىز . بۇ تور دىسكىنى مەنمۇ سىناپ باقاي. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق يىرى ھەقلىق ئەزا بولمىساق باشقىلار يوللىغان ماتىريالنى بەيدۇ ، 360 قا ئوخشاش ئۆزەمنىڭ دىسكامغا ساقلايمەن دەپلا قولاي ساقلىغىلى بولمايدىكەن ،ئادەتتىكى ئەزالار باشقىلار يوللىغان ماتىريالنى چۇشۇرۋىلىپ ئاندىن قايتىدىن ئۆز تور دىسكىسىغا ساقلىۋالسا بولغۇدەك ، موشۇ يىرىنى سەل قولايسىز كۆردۇم . بۇمۇياخشى بۇپتۇمەن بۇرۇن سىز دىگەن ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەن ئىدىم لىكىن ھۆججەت نۇرمال يۇللنىپ ئادىرىس نۇرمال چىقماي ئىشلەتمىگەن ئىدىمبۇئىقتىدارىنى يەنە ئىشىلتىپ باقاي DiLL يوللىغان ۋاقتى2014-5-3 09:41
مەنمۇ سىزنىڭ تەۋسىيىڭىز بويچە تىزىملىتىپ 500GB بوشلۇق ئى ...
مەن بىلەن كىيۇ كىيۇدا ئالاقىلىشىڭ، 409630118 نى قوشۇڭ. DiLL يوللىغان ۋاقتى2014-5-3 09:57
ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق يىرى ھەقلىق ئەزا بولمىساق باشقىل ...
ئۆزىمىز ياقتۇرغان ماتىرىيالنى ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېرىمىزغا ساقلىۋالغىنىئىز تۈزۈك، پەقەت باشقىلارغا ھەمبەھىرلەيدىغان ماتىرىيالنىلا تور دېسكىغا چىقىرىش توغرا ئىش دەپ قارايمەن.