ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 13:57:26

توك ئەرزانمۇ يىقىلغۇمۇ

نەچچە يىل بۇرۇن يۇرتىمىزدا دېھقانلارنىڭ ئۈزۈملېرىنى ھۆل ئىلىپ يىغىپ ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرغان بىرەيلەننىڭ ئىسكىلاتقا سۇۋۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان توك ھەققىنىڭ ھەر كىلوۋاتى 1.4 يۈەندىن بۇلىدىغانلىقىنى، خېلى مىڭىپمۇ ئېتۋار باھالىق قىلالمىغنلىقىنى ئاڭلاپ يىقىلغۇ ئىشلەتسە ئەرزان بۇلارمۇ دەپ ئويلاپ ھىساپلاپ باققان ئىدىم، ھىساپلىسام تەبئى گاز ئىشلەتسە شۇ باھادىن تۈۋەن تۇختايدىكەن.
ئادەتتە 20 كىلوۋاتتىن يۇقىرى گىنراتوردا توك چىقارسا ھەر لىتىر بېنزىندا 4 كىلوۋات، ھەرلىتىر دېزىل مىيىدا 5 كىلوۋات توك چىقارغىلى بۇلىدىكەن(بىسىم ئاشۇرغۇچلۇق قىلسا 6-8 كىلوۋاتقا يىتىدۇ) .
يىقىلغۇلارنىڭ سىلىشتۇرمىسىدا بىر لىتىر بېنزىن بىلەن بىر كۇپ مىتىر تەبئى گاز ماتوردائوخشاش ئىنىرگىيە چىقىرىدۇ.
مۇشۇ بۇيىچە ھىساپلىغاندا ماتورنىڭ ئاسراشلېرى قۇشۇلسا تەبئى گازنى يىقىلغۇ قىلىپ توك چىقىرىپ ئىشلەتسە توك باھاسىدىن ئىشىپ كەتمەيدىكەن. 3.6 يۈەن ھەر لىتىر تەبئى گاز باھاسىنى 4 كە بۆلسەك 0.9 يۈەن بۇلىدۇ.
تەبئى گازنى ئىشلىتىشتە يەنە باشقا ئۇسول قوللانغاندا بولسا تەننەرىخ چۈشۈپ كىتىدۇ. يەنى سۇۋۇتۇش كومپىسسورىنى بىۋاستە ماتورغا چىتىپ ئايلاندۇرسا، ماشنىلارنىڭ سۇۋۇتۇش كومپىسسورىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، بىز چوڭراقىنى تىپىپ بىۋاستە چىتىش ئارقىلىق، گىنراتور ئۈنۈمسىز قۇۋۋىتى ۋە كومپىسسور ئىلىكتىرماتورىدىكىقۇۋۋەتنى چىقىرۋەتسەك ھەر لىتىر تەبئى گاز ئارقىلىق 7 كىلوۋاتقا يىقىن ئىنىرگىيەگە ئېرىشكەن بۇلىمىز. 3.6 يۈەن ھەر لىتىر تەبئى گاز باھاسىنى 7 كە بۆلسەك 0.52 يۈەن بۇلىدۇ.
يەنە بۇ يەردە توك تارتىش ھەقلېرى بار، ئەگەر قۇلاي بولسا ئىگىز-پەس بولغان جايلاردا تۈۋەن ئورۇندىكى سۇنى يۇقىرىغا تارتىپ يەر سۇغىرىدىغان ئىشلارغا توك تارتىش رەسمىيەتلېرى ئۈچۈن بىر-مۇنچە تۆلەپ يىلىنىپ يۈرگەندىن تەبئى گاز ياكى پاتقاق گازى ئارقىلىق مەقسەتكە يىتىشنى ئويلىشىپ باقسىمۇ بۇلىدۇ.
ئەلۋەتتە پاتقاق گازى تىخىمۇ ئەرزان بۇلىدۇ. ھەر كىلو قۇرۇق لاۋا ياكى ھەرە كىپىكى پاتقاق گازى كۆلچىكىگە سىلىنسا 7-8 ھەسسە كۆپ ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان گاز ھاسىل قىلالايدۇ. ئادەتتە 6 كىلودىن يۇقىرىراق قۇرۇق ئۇتۇن كۆيگەندە بىر كىلو بېنزىننىڭ چىقارغان ئىسسىقلىقىغا يىقىن ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ. ئەمما پاتقاق گازى ماتوردا كۆيگەندە تەبئى گازدىنمۇ يۇقىرى ھەركەت ئىنىرگىيسى ھاسىل قىلىدۇ. دىمەك 750 گىرام ماتىريال ياكى ھەرە كىپىكى بىر لىتىر بېنزىندىن ئارتۇق تۇختايدۇ. پاتقاق گازىنى كۆيدۈرىدىغان ماتورمۇ ئايرىم بۇلۇپ، ئادەتتىكى ماتورغا بىۋاستە ئىشلەتمەيدۇ. دۆلىتىمىزدە بەك قىممەتمۇ ئەمەس...

360 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 14:58:40

رەھمەت سىزگە بىر ئۇقۇپ باقاي

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 16:36:13

ياخشى تىمىكەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك   .تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇگەپ قىلىپ قويايتىما تەستىقىدىن ئۆتمىگەندەئۆتمەسلىك سەۋەبىنى يېزىپقويساڭلار

توغراق520 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 18:20:05

پايدىلىنىشچانلىقى يۇقۇرى ياخشى تېمىكەن، رەھمەت سىزگە!

ahat0902 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 19:14:05

يېڭىچە ئېنىرگىيىدىن پايدىلىنىش پىكرىڭىز ئىنتايىن ئەتىراپلىق بولۇپتۇ.ئىنتايىن ياخشى تەكلىپ بوپتۇ. رەھمەت سىزگە

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 19:20:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-27 19:21

ahat0902 يوللىغان ۋاقتى2014-4-27 19:14
يېڭىچە ئېنىرگىيىدىن پايدىلىنىش پىكرىڭىز ئىنتايىن ئەت ...

بۇرۇن بىرەيلەن توك تارتىشقا 300مىڭ يۈئەن ئالغۇدەك، قانداق قىلاي دىگەن ئىدى، يەر ئاچماقچى ئىكەنتۇق...
ئەسلى دۆلەتنىڭ سىياسىتى بۇيىچە يەر ئاچىدىغانلارغا توك ھەققى 03 يۈئەن ھەم توك تارتىش ھەققى 30مىڭ يۈئەن بۇلاتتى...

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 21:09:21

بۇمۇبۇلىدىغان ئىشكەن   لىكىن مىنىڭچە قىممەت بۇلسىمۇسىملىقتۇراقلىق مۇقىم مەنبەلىك تۇكقا يەتمەيدۇ سەۋەبى بۇ نەرسىلەرنى تۇللۇقلاپ سەپلەپ بۇلۇش ئۇچۇنمۇ خىلىلا مەبلەغ كىتىدۇھەم بۇنداق نەرسىلەرنىڭ ئۇششاق كاشىللىرىمۇ كۆپبۇلىدۇتۇك بىسىمۇ تۇراقسىزئىلىكتۇر ماتۇرلارنىڭمۇسۇرەش كۆچى سىملىق تۇكقا ئاجىز بۇلۇپ قالىدۇ بۇ ئۇسۇلنى كۆپرەك تۇك ئىشىلتىدىغانلار ئۇيلىشىپ باقسا بۇلغىدەك   بۇمىنىڭ شەخسەن قارىشىم

بىجىرىم يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 20:21:19

ئەلنۇرى يوللىغان ۋاقتى2014-4-27 16:36
ياخشى تىمىكەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك   .تېمىغا مۇناسىۋەت ...

تېما تەستىقلاش تۈزۈمىگە چوقۇم ماسلاشمىغان يېرى با. ئارقا بەتتىن يازسىمۇ سىزگە بارمايدۇ ئۇچۇرى. شۇڭا يازسىمۇ بىكار. ئەگەر تەستىقلىنىپ بولۇپ ئاندىن ئۆچۈرۈلسە ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبى يازسا بارىدىكەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 21:50:49

باغداشتىكى توردىشىمىز ئەليار ناھايتى مۇھىم بولغان بىر ئۇچۇرنى قالدۇرۇپتۇ، مەن بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئەسكەرتىش بەرمەيلا ئالدىراپ يازغىنىمدىن خىجىل بۇپ قالدىم.
ئەليارنىڭ ئىنكاسى؛ بىر ئىككى يىل بۇرۇن بىزنىڭ يېزىدا ئاممىنىڭ ئىسسىنىش مەسلىسىنى ھەل قىلىمىز دەپ ھەر بىر ئائىلىگە پاتقاق گازى كۆلچىكى ياساتقۇزغان ئىدى.ئېسىمدە قېلىشىچە پاتقاق گازىنى ئىشلىتىشكە باشلاپ ئىككى ئاي بولمايلا بەش-ئالتە ئادەم پاتقاق گازىدىن زەھەرلىنىپ جېنىدىن ئايرىلدى.ئاڭلىشىمچە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەچچىسى گاز چىقىدىغان تۆشۈك تۇسۇلۇپ قاپتۇ دەپ كۆلچەك ئىچىگە كىرىپتىكەن. كېيىن ئىشلىتىشنى توختىتىۋەتتى.دېھقان قېرىنداشلارغا كەسپى تېخنىك خادىملارنىڭ يىتەكچىلىكى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تەننەرخىنىڭ تۆۋەن بۇلىشىدىن باشقا بىخەتەرلىك ئامىلىنىمۇ مۇھىم ئۇرۇنغا قۇيۇپ ئويلىشىش كېرەكمۇ قانداق؟   
كاربون چالا ئوكسىدى ۋە مىتان گازى ئادەمنى تىزلا تۇنجۇقتۇرۇپ قۇيىدۇ، كۈچلۈك ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارماي تۇرۇپ، ئورەككە چۈشۈپ مەشغۇلات قىلىشقا بولمايدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 09:01:45

سارسان يوللىغان ۋاقتى2014-4-27 21:09
بۇمۇبۇلىدىغان ئىشكەن   لىكىن مىنىڭچە قىممەت بۇلسىمۇ   ...

بۇ يەردە تىخىمۇ تەپسىلى ماتىريال بار ئىكەن.كۈيۈشى بەك ئاستا بولغاچ بېنزىن ماتورغا يىقىلغۇ قىلسا تورخۇندىن ئوت بۇلۇپ چىققۇدەك...
بەت: [1]
: توك ئەرزانمۇ يىقىلغۇمۇ