بالامنى قايسى مەكتەپتە ئوقۇتىمەن؟
ناۋايدا ناننىڭ گىپى، قاسساپتا گۆشنىڭ گىپى، بالىسى بار ئادەمدە باللىرىنىڭ گىپى بولىدىكەن. بۈگۈن بىر نەچچەيلەن تاماق يەۋاتقاچ بالىلارنى قانداق ئوقۇتۇش ھەققىدە ئىختىيارسىز پاراڭغا چۈشۈپ قالدۇق. گەرچە بالام تىخى تايتاسلاپ مىڭىپ، ھەجىۋىي سۆزلەپ يۈرسىمۇ، كۆزنى يۈمۇپ ئاچقۇچە يەسلى يىشىغا توشىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. باشقىلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە، باشلانغۇچتا ۋە يەسلىدە ئوقۇۋاتقان باللىرىنىڭ ئوقۇش ئەھۋاللىرى ۋە ئوقۇش يىشىغا توشمىغان باللىرنى ئوقۇتۇش ھەققىدىكى پىلان، كۆز قاراشلىرىغا ياندىن قاتناشتىم. جەمىئەتتىكى نۇرغۇن ئەپسۇسلۇق ئىشلارغا ئوخشاش بىر توپ مائارىپچىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ باللىرىنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى ۋە ئۆزلىرىنىڭ خەقنىڭ باللىرىنى ئوقۇتۇش ئەھۋالى كىشىنى ئويلاندۇراتتى.
كۆرگەن، ئاڭلىغان نۇرغۇن مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ باللىرىنى ئۆزلىرى مەسئۇل بولىۋاتقان ياكى ئىشلەۋاتقان مەكتەپلەرگە بەرمەيدىكەن، چۈنكى كۆپ ساندىكىلىرى ئۆزلىرى ئىشلەۋاتقان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىدىن نارازى ئىكەن. يېزا مەكتەپلىرىدە ئىشلەۋاتقان ئىشچى، خىزمەتچىلەر جۈملىدىن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى ئىشلەۋاتقان يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ناچارلىقىدىن بىر ئاماللارنى قىلىپ، باللىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن شەھەرلەرگە ئاقىدۇ، ئارقا ئىشىك قىلىپ، ئەمەلدارلارغا يىلىنىپ، ئىشقىلىپ كارغا كىلىدىغان بارلىق چارىلەرنى ئىشقا سىلىپ يۆتكىلىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ. ھىچ بولمىسا ئۆينى بازار، شەھەرلەرگە يۆتكەيدۇ، باللىرى شەخسىي يەسلىلەردە،ياكى بالا باققۇچىلارنىڭ قولىدا. ئۆزلىرىنىڭ باللىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن تارىتقان جاپاسى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. شەھەرلەردىكى ئاق ياقىلىقلار ، جۈملىدىن مائارىپچىلارباللىرىنى نامى چىققان بىرەر نۇقتىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ياكى ئوتتۇرا مەكتەپكە بىرىشىدۇ، نەچچە ئون باشلانغۇچ مەكتەپ ئىچىدىن بىر- ئىككىسى، بىر نەچچە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن بىرەرى « ئەتىۋارلىق» مەكتەپلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەھەر، ناھيىلەردىكى باللىرىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەيدىغانلار باللىرىنى ئاشۇ مەكتەپلەرگە بىرىشكە تىرىشىدۇ. تولۇقسىز ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنچۇ؟ ئاڭلىساق بىر قىسىم پۇلى بار ۋە يولى بار، « پىشانىسى كەڭىرى» بەندىلەر پەرزەنىتلىرى تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا ناھيىمىزدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ياراتماي، قوشنا ناھىيلەرگە ۋە ۋىلايەت مەركىزىگە ھەتتا ئۈرۈمچىدىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئاپىرىپ بىرىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال كىشىنى ئويلاندۇرماي قويمايدۇ؟
ھەربىر كەنىت، يېزا، ناھىيىدىكى يۇرىت كاتتىلىرى، ئەربابلار، ئەمەلدارلار، مۇدىرلار، ئوقۇتقۇچىلار شۇ جاينىڭ مائارىپغا ئىگە بولىشى، يۈز كىلەلىشى لازىممۇ ئەمەسمۇ؟ مائارىپتا ئادىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش_ مەركەز 2010-يىلى ئوتتۇرغا قويغان خەلق ئىگىلىكىدىكى «يەتتە چوڭ مەسىلە» نىڭ بىرى. پۈتۈن مەملىكەتتە بىيجىڭ بىلەن ناھيىمىزنىڭ ئىشىخشۇ يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە قويۇلغان تەلەپ، يولغا قويۇلغان دەرس ئۆلچىمى ئوخشاش، تەلەپ ئوخشاش بولغان بىلەن شارائىت ئوخشاش بولمايۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر مەكتەپ ئىچىدىكى سىنىپلار، بىر يېزا تەۋەسىدىكى ھەتتا بىر ناھىيە تەۋەسىدىكى مەكتەپلەرگە قىلىنغان مۇئامىلە، سىلىنغان مەبلەغ، ئىختىساس ئىگىلىرى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى قوللاش، ئىتىبار بىرىش ئوخشاش بولماي كەلدى. شەكىلەن جەھەتتىن ئوخشاش ئىشلار، مەزمۇن جەھەتتىن ئوخشماس، سان جەھەتتىن ئوخشاشتەك قىلغان بىلەن مەزمۇن جەھەتتىن پەرىقلىق بولۇپ قالدى. مەكتەپ مۇدىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارمۇ پەرقلىنىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىز باشقىلارنىڭ باللىرىنى ئوقۇتىدىغان ئەمما ئۆزىمىزنىڭ باللىرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ سىنىپىدا، ئۆزىمىزنىڭ مەكتپىدە، ئۆزىمىزنىڭ ناھيىمىزدە ئوقۇتۇشتىن ئەنسىرەيدىغان ھالغا چۈشتۇق. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ تاللاش جىڭىگە چۈشتۇق.
- بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشى بەكلا ناچار ئىكەن.
- بۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقى تەربىيە بەرمەيدىكەن، باللىرى بەك ناچار جۇما.
- ئۇ مەكتەپتىكى پالانچى ئوقۇتقۇچىدا سەۋىيە دىگەن يوق ئىكەن، ئۇنىڭدا ئوقۇتمىسام بولارمىكىن.
-تاپشۇرۇقنى كۆپ بىرىپ بالامنى ساراڭ قىلىۋەتتى.
- بالام بەك روھىي چۈشكۈن، تۈگىشىپلا كەتتى، ئوقۇتماي دىسەم تىخى.
-...
مائارىپ ساھەسىي- سىياسىيئونلارنىڭ نەتىجە يارىتىدىغان بەيگە مەيدانىغا ئايلىنىپ قىلىۋاتىدۇ. ئوبراز قۇرۇلۇشىدىن باشقا ئىش يوق.
مائارىپ ساھەسى- ئىختىسادشۇناسلارنىڭ تەتقىقات ۋە تۈر مەبلىغى سىناق نۇقتىسى بولۇپ قىلىۋاتىدۇ.
مائارىپ ساھەسى- نەقپۇل ئىشلەپچىقىرالمىغاچقا، جەمىئەتنىڭ نەزەرىگە تولۇق مۇيەسسەر بولالمايۋاتىدۇ.
لىكىن مەن ئۇزۇن مۇددەت مائارىپنىڭ كۈچى ۋە رولىغا ئىشىنىپ كەلدىم، ئۇ شەخسنىڭ بەختى ئۈچۈن بىرىلگەن ئالتۇن تەنتەك، ئۇنى ھىچكىم ئىلىۋالالمايدۇ، ئۇ دۆلەتنىڭ زامانىۋىيلىشىشى، خەلقنىڭ باياشاتلىقى، ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىرىنجى نۇمۇرلۇق ماتور، ئۇنىڭ رولىنى ھىچنىمە باسالمايدۇ.
ئۇنداقتا ئەنە شۇنداق مائارىپ، مائارىپچى ۋە مەكتەپ نەدە؟ ئەنە شۇنداق يەرنى بىرلىكتە بەرپا قىلساق باللىرىمىزنى شۇ يەردە بىر قوللۇق ئوقۇتساق، بىزنىڭ جەمىئەت ئالدىدىكى بۇرچىمىز، باللىرمىز ئالدىدىكى قەرزىمىز ئادا بولمامدۇ؟!
شۇ تاپتا سىزنىڭ بالىڭىز قانداق ئوقۇۋاتىدىكىن بىلمىدىم، لىكىن ئۈچ ياشقا كىرىش ئالدىدىكى بالامنى قايسى يەسلىدە؟ قايسى مەكتەپتە؟قانداقراق ئوقۇتۇش مەسىلىسى كاللامنى چىرمىۋالدى. بالامنى زادى قايسى مەكتەپتە ئوقۇتسام بولا؟
مەنبە؛پىېشىۋا مۇنبىرى ئىمكان قەدەر ئانا تىلنى ئاساس قىلىدىغان يەسلى ۋە مەكتەپتە ئوقۇتۇڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سارسان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-28 01:23
arkinjuma يوللىغان ۋاقتى2014-4-27 15:05
ئىمكان قەدەر ئانا تىلنى ئاساس قىلىدىغان يەسلى ۋە مەكتە ...
مەن بۇپىكىرنى قۇللايمەن ھازىر بەزى ئاتا ئانىلار بالىسغادۆلەت تىلىنى پۇختا ئىگەللىتىش ئۇچۇن خەنزۇچە مەكتەپلەرگە بەرمەكتە شۇنىڭ بىزنىڭ بەزى بالىلار ئۆز مىللىتىنڭ مەدەنىيىتىدىنئايرىلىپھەتتا ئانا تىلنىمۇ راۋان سۆزلىيەلمەيدىغان بۇلۇپ ھەتتا ئۇيغۇرچەسۆزلارنى چۇشنەلمەيدىغانبۇلۇپ قالماقتا ھازىر بىزنىڭ ئانا تىلدىكى مەكتەپلەرمۇبۇرۇنقىغا قارىغاندا خىلىلا تەرەققي قىلىپ قالدى مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىمۇبار بارا ياخشىلىنىپ كىتىۋاتىدۇ پەرزەنلىرىمىز ياخشى بىلىمئالسۇن دەيدىكەنمىز مەسۇلىيەتنى مەكتەپكىلا يۇكلەپقۇيماي بىز ئاتا ئانىلارمۇ قۇللاپ قۇۋەتلەپئۇلارنىڭ سەۋەنلىكلرىنى تۇزۇتۇشكە ياردەم قىلىمىشىمىز ئائىلىدىكى تەربىيلەشنىمۇ ياخشى ئىلىپ بىرىشىمىز كىرەك arkinjuma يوللىغان ۋاقتى2014-4-27 15:05
ئىمكان قەدەر ئانا تىلنى ئاساس قىلىدىغان يەسلى ۋە مەكتە ...
مۇشۇ گەپنى بۇرۇنراق سىز ئويلاشسىڭىز بولاتتى... مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى2014-4-28 18:34
مۇشۇ گەپنى بۇرۇنراق سىز ئويلاشسىڭىز بولاتتى...
بوپتۇ ئىبرەتلىك تەجىربىلەرنى سۆزلىگەن ئوخشايدۇ ئەمسە. شۇڭا ئەركىن ئەپەندىنىڭ سۆزىنى ئاددى قارماڭلار باشقا قېرىنداشلار! /mobcent/app/web/../../app/data/phiz/default/23.png
Androidيانفۇندا يوللانغان ھەيئەڭ ياخشىسىبالىڭىزنىئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلىدىغان
来自安卓客户端 يەسلىلەرگە بىرىڭ ئاندىن كىيىن ياخشى مەكتەپلەرگە بىرىپدۇلەت تىلىنى مەكتەپتە ئۇگەنسە سىز ئۆيىڭىزدە ئانا تىلنى ئۇگىتىڭ.
ئاخشام بەك بىر ئىشقا بەك ئەپسۇسلاندىم قاراڭ. بىرنەچچە مەن بىلەن پاراللىل ئوقۇيدىغانقوش تىلسىنىپنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.پاراڭلىشىش جەرياندا قىززىق قىلىپ ئىدىئومدىن بىرنى دىدىم يەنى چىغتۇۋىدىن ھوشۇر باي يۇگىرىپ چىققاندەك گەپ قىلماڭە دىسەم ئۇلارگىپىمنى چۇشەنمەي ماڭا قاراپلا قالدى.بىردەم تۇرىۋىتىپ بىزنى تىللىماڭ دىۋىدى مەن تۇرۇپ مەن سىلەرنى تىللىمىدىمبۇدىگەنبىرئىدىئۇم دىسەم يەنە تۇرۇپ كىتىپئىدىئۇم دىگەننىمۇئۇدەپسورىدى.مەن تۇرۇپ سىلەرگە ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىيات ئۇتمەمدۇ دىسەم بىزگە ئۇنداق چۇشىنىكسىز گەپلەرنى ئۇگەتمەيدۇ دەپ جاۋاپ بەردى.ھەيئەپسۇس تولىمۇئەپسۇس مەن ھازىرغىچەئۇيغۇرچە سىنىپتا ئوقۇپ ئانا تىلىمنى بولسىمۇ بىلىدىكەنمەن.لىكىن11 يىل قوش تىل ئوقۇپ بىرساپئۇيغۇرچە گەپنى ياكى ئىدىئومىنى چۇشەنمىگەن ئاتالمىش <<قوش تىل>> نىڭ باللىرىغا قاراپ بەك ئەپسۇسلاندىم.
来自安卓客户端 ئۆز ئەسلىنى تۇلۇق چۈشەنمىگەن ئادەم باشقىلار ئالدىدا مەڭگۈ بېشىنى كۈتۈرەلمەيدۇ .
شۇڭا بالىڭىز ئاۋال ئۆز ئەسلىنى تۇنسۇن ،ئاندىن باشقىلارنىڭكىنى ئۈگەنسۇن ،بولىمسا "تام يىرتىلىپ كىتىپتۇ" دىگەندەك گەپلەرنى قىلدىغان بۇلۇپ قالىدۇ .{:1_1:} مۇشۇ ئانا تىل مەكتەپتە ئوقويدىغان ئوغوللار بىلەن ئانا تىل مەكتىپىدە ئوقۇمايدىغان بالىلارنىڭ مىجەز خۇلقى قەتتى ئوخشىمايدۇ دىسە......ھەييييييي...!
بەت:
[1]