مەكتەپ بىلەن سىنىپ مۇدىرنىڭ بىخەتەرلىك،مال-مۈلۈك مەسئۇلىيەتنامە...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tursun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-23 20:24باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ سىنىپ مۇدىرلار بىلەن بىخەتەرلىك ،مال-مۈلۈك مەسئۇلىيەتنامىسى
小学与班主任安全协议书
---سىنىپ مۇدىرى
مەكتىپىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا ئاساسەن سىنىپ مۇدىرلار بىلەن بىخەتەرلىك ۋە سىنىپ مۈلكىنى ئاسراش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك مەسئۇلىيەتنامە تۈزۈلدى:
1.سىنىپ مۇدىرلار ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدىكى بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولۇش بىلەن سىنىپ ئىچىدىكى بارلىق مۈلۈككە جاۋاب قىلىدۇ .
2. سىنىپ مۇدىرلار ئوقۇغۇچىلارغا « ئۈچ قانۇنسىز » ھەرىكەتكە قاتناشماسلىق ، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق ،دىنىي تۈس ئالغان كىيىم – كېچەكلەرنى كىيمەسلىك ، روزا تۇتماسلىق توغرىسىدا تەربىيە ئېلىپ بېرىش .
3.سىنىپ مۇدىرلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك ھەققىدە تەربىيىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشى .
4.سىنىپ مۇدىرلار ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ ئىچىدىكى دەل –دەرەخ، گۈل- گىياھ ،تۈرلۈك ئەسلىھەلەرنى ئاسراش توغرىسىدا تەربىيىنى كۈچەيتىش
5. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىگە يول قويماسلىق،دىننى دەرس ئىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
6. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقانداق قانۇنسىز يىغىلىش ۋە دىننى ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىشىغا يول قويماسلىق.
7.سىنىپ مۇدىرلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېلىش ۋاقتىغا قاتتىق رىئايە قىلىشىنى ، ئەگەر بالدۇر كېلىپ مەسىلە كۆرۈلسە مەسئۇلىيىتى سىنىپ مۇدىرىدىن سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
8. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە ۋېلىسىپىت مىنىپ كەلمەسلىكنى تاپىلاش. ئەگەر مىنىپ كېلىپ ھادىسە چىقسا ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ
9.سىنىپ ئىچىدىكى ئۈستەل -ئورۇندۇق ، ئەينەك سۇندۇرسا ئۆز باھاسى بويىچە،مەكتەپنىڭ تىك –تاك توپ جازىسىنى سۇندۇرسا ئۆز باھاسى بويىچە تۆلەپ بېرىدۇ .مەسئۇلىيىتى سىنىپ مۇدىرىدىن سۈرۈشتە قىلىنىدۇ .
مەكتەپ مۇدىرى ئىمزاسى:
سىنىپ مۇدىرنىڭئىمزاسى:
5-6ماددىسىنىڭ خەت شەكلىدە مەسىلە باركەن ، مەن قايتىدىن تەھرىرلىگەن ئىدىم مەزمۇنى ئۆزگىرىپ كەتمىگەندۇ؟ قاراپ بېقىڭ. مەن بۇ مەسئۇلىياتنامىدىن تۆۋەندىكىلەرنى ھىس قىلدىم:
1. مەكتەپ مۇدىرى قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندۇ؟
2. مەسئۇلىيەتنامىدە بىر نۇقتا مەركەزلىك ئەكىس ئەتتۈرۈلۈش لازىممۇ قانداق؟
تېما يوللۇغۇچىنىڭ ئەمگىكىگە رەھمەت.
بەت:
[1]