tulpar2 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 10:35:54

‹‹ ئىزدەش ›› سۇپىسىنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولماسمۇ ؟ (tulpar2)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tulpar2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-23 10:47

مەن ئالدى بىلەن روھلان تورىدىكى مۇھتىرەملەرگە ، روھلان تورىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈن - تۈنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان باشقۇرغۇچىلارغا ئالىي ئېھتىرامىمنى بىلدۈرۈپ ئۆتۈمەن .
مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئويلىنىپ قالدىم ، شۇنداقلا ئۇيغۇر تور بەتلىرىمىزدىكى ئىزدەش سۇپىلىرىدىن كېرەكلىك ماتىرىياللارنى ئىزدىگەن ۋاقتىمدا كۆپ قېتىم ئاچچىق يۇتۇپ قالدىم ، نېمىشقا دەمسىلەر ؟ ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئىزدەش سۇپىلىرىمىز ھەقىقەتەن كۆپكەن ، ئەمما ئەسقاتىدىغان ئۆلچەملىك ئىزدەش سۇپىسىنى ئۇچرىتالمىدىم دېسەم توغرا بولمايدۇ . دېمەكچى بولغان گېپىمنىڭ دەل ئۆزى بىزنىڭ ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىمىزنىڭ ئىزدەش سۇپىلىرىنىمۇ خەنزۇچە تور بەتلىرىنىكىدەك ‹‹ baidu ›› ، ‹‹soguo ›› دېگەنگە ئوخشاش ‹‹ روھلان ›› ، ‹‹ ئىزدە ›› دېگەندەك مۇكەممەل ئىزدەش سۇپىلىرى قىلىپ بارلىققا كەلتۈرگىلى بولماسمۇ ؟ بىر ياكى بىرنەچچە ئىزدەش سۇپىسىدىنلا ئۆزىمىزگە كېرەكلىك ماتىرىياللارنى ئىزدەپ تاپالايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرگىلى بولماسمۇ ؟ ئارتۇقچە گەپ ‹‹ قۇلاققا مۇشت ئاتقاندەك بىلىنىدۇ›› دېگەن گەپ بار ، گەپنى قىسقارتاي ، كۆپچىلىكنىڭ بۇ مەسىلىنى ئويلىشىپ كۆرۈشىنى شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .                                              

بىجىرىم يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 13:14:14

ھازىر شۇ ئۇيغۇرلاردا ئىزدە تورىنىڭ ئىقتىدارى خېلى يامان ئەمەس، گەرچە چەت ياكى خەنزۇلارنىڭكىگە يەتمىسىمۇ تور بەت ئىزدەش ئىقتىدارى خېلى بولۇپ قويىدۇ. شۇ ئومۇملاشتى. ئۆزىمىز مۇشۇ تورنى كۆپ ئىشلەتسەك تەبىي ئومۇملىشىدۇ. بەيدۇدەك، ئىزدە دەپ ئۇيغۇرلار ئىچىدە بىرلىككە كېلىدۇ ئەلۋەتتە.
خەنزۇلاردىنمۇئىزدەش ئۇششاق بەتلىرى بەكلا كۆپ ئەمما جۇڭگودىكى ھەممە مىللەت بەيدۇنى بەك بىلىدۇ. چۈنكى كۆپ ئىشلىىتلگەچكە. شۇڭا ئىزدە تورى قاتارلىق تورلارنىمۇ كۆپ ئىشلەتسەك بۇمۇ ئورتاقلىشىدۇ.

سىمانۇر يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 13:29:29

بۇ تەكلىپلەرنىمۇ ئويلۇشۇپ ھەمدەتورداشلىرىمىز ئېھتىياجلىق بولغان مەزمۇنلارنى كۆپەيتىپ ،تورداشلارنى ئۈمۈتسىز قالدۇرمىساق ئۆزىمىزنىڭ ئىزدەش تور بەتلىرىمىزنى ئىشلىتىش ئومۇملىشىدۇ.

Tursunniyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 14:46:30

مەنمۇ ئىزچىل تۈردە googleدىن ئۇيغۇرچە ئىزدەپ كىلىۋاتىمەن.
مانا win8.1دە googleدىن ئۇيغۇرچە ئىزدىگەندىكى نەتىجىسى:

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 16:06:26

گەپ شۇ بىز ئىزدەيدىغان ماتىرياللارنىڭ بار-يوقلۇقىدىمىكىن دەپ ئويلايمەن.

bahtiyar01 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 17:53:31

مېنىڭچىمۇ شۇنداق، ئىزدە تورى ھەممىسىدىن ياخشى ، كۆپ خىلتىللىقلوغەت قاتارلىق ئىقتىدارلىرى كۆپ لىكىنزە، بەزى بىر موھىم نەرسىلەر نى ئىزدىسە چىقمايدىكەن ، يولئۇيغۇرچە ئىزدەش سۇپسىمۇ خېلى بوپ قويدىكەن ، لېكىنپات- پاتئېچلماي قويدىكەن ، مەنمۇ پىكىرڭىزگە قوشۇلىمەن ،
يەنە بىر، بىز ھازىر ھەرقانچە تەرەققىي قىلمىغان بولساقمۇ تېڭشۈن شىركىتى چ چنى بارلىققا كەلتۈرگەن ، ۋاقىتتىكىدەكمۇ بولسا تەرەققىي قىلغاندۇق ، نىمىشقا ،ھازىرغىچە بىزنىڭ ئۆزىمىزىنىڭ پاراڭلىشىش دىتالىمىز يوق، يەلتاپان دىتالى ئىشلىنىپ نىمىشقاتاشلىنىپ قالىدۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

tulpar2 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 18:03:27

تېمامغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئەزىزلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت !

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-4-23 22:23:01

مەنمۇ ئىزدەنى ئىشىلتىمەنبۇلسا ئۇزىمىىزنىڭمۇئىزدەش ماتۇرلىرىنىڭ بەيدۇ گۇگۇلغا ئۇخشاشيۇقىرى دەرىجىدە ئىزدىيەللىگەن بۇلسا نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتىشۇنىڭ كۆنلارنىڭ ھامان يىتىپ كىلىشىگە ئىشىنىمەنبۇنىڭ ئۇچۇن يەنىلا ئۇزىمىز ئۇلارنى قۇللاپ قۇۋەتلىشىمىز كىرەك

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 00:27:40

ئۇيغۇرچىغا ئىزدەنى باشقىسغا 360 نى ئىشلىتىمەن .
گوگىل بەيدۇنى ئىشلەتمەي تۇردۇم ھازىرچە. بۇنى ئىزدەتكەندىن كىيىن uyghur مۇشۇنى ئىزدەتسىڭىز ھىلىقى تۇر بىكەتلەر سىزنىڭ زىيارىتىڭىزنى چەكلەيدۇپەقەت 360 لا يول قويدۇ ،
بۇ تور بىكەتلەرمۇ ھازىر مىلەتچى بوپ كەتتى.

bahtiyar01 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-24 08:35:02

ئىدرسجان يوللىغان ۋاقتى2014-4-24 00:27
ئۇيغۇرچىغا ئىزدەنى باشقىسغا 360 نى ئىشلىتىمەن .
گوگىل بە ...

توغرا دەيسىز مەنمۇ ،ئۇيغۇرچىغا " ئىزدە "نى" خەنسۇچىغا" 360"نىئىشلىتىمەن ، بەيدۇ ،بەيدۇدىن ماتىرىيال ئىزدىسە ،ساپلا ئۆزنىڭ بىر نىمسىنى تاپدىكەن ،بىرەر دىتال ئىزدەپ چۇشۈرۈپ قاچلاپ سالدىمۇ بولدى ،كومپىيوتىرنى 10 -20 خىل ئەخلەت دىتال بىلەن توشقۇزۋىتىدىكەن ، مەن ھازىر بەيدۇ نىڭ نەرسىللىرىنى كۆرسەمقۇسۋەتكۈم كىلدۇ،
بەت: [1] 2
: ‹‹ ئىزدەش ›› سۇپىسىنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولماسمۇ ؟ (tulpar2)