tamkinbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 13:34:09

ئىنتىل 100 نەپە ھەقسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

ئالاھىدە خۇشخەۋەر: ئىنتىل مەكتىپى پۈتۈن شىنجاڭدىن 100 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ھەقسىز ئوقۇتماقچى.
1. قۇبۇل قىلىدىغان كەسپ خەنزۇ تىلى.
2. ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ۋاقتى 2014- يىل 4- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 2014- يىلى 5- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە.
3. دەرس باشلىنىش ۋاقتى 2014- يىل 5- ئاينىڭ 12- كۈنى دۈشەنبە.
4. ئوقۇغۇچىلارغا بىر تۇتاش ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى 0991-2888344 گە ياكى 13999163031 غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت
سوراپ ئاندىن كەلسە بولىدۇ.
مەكتىپىمىز 2013- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ كۈندۈزلۈك يىللىق سىنىپلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋەتكەن ئىدى. بۇ 1 يىلنىڭ ئىچىدە مەكتىپىمىز ئېنگلىز تىلى، خەنزۇ تىلى، كومپيۇتېر كەسپلىرى بويىچە
187 نەپەر ئوقۇغۇچىنى 1 يىل مۇنتىزىم ھەقسىز تەربىيىلەپ چىقتى. 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ بۇ ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئۆز ئىستىقبالىنى تاپقۇسى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە
مەكتىپىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 5 يىللىقىنى تەبىرىكلەش ھەمدە ئۈرۈمچى داۋەن رايونىدىكى ئىنتىل ۋاكۇم ئالاھىدە ئوقۇتۇش رايونىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبىرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 100 نەپەر ھەقسىز ئوقۇغۇچى قۇبۇل
قىلىدۇ. كەڭ دوستلارنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەپسىلىي ئەھۋاللار تۆۋەندىكىچە:
1 . ئوقۇش مۇددىتى 1 يىل بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار خەنزۇ تىلى كەسپى بويىچە 1 يىل تەربىيىلىنىدۇ، 7000 يۈەن (يەتتە مىڭ يۈەن)ئوقۇش پۇلى پۈتۈنلەي ھەقسىز.
2 . ئوقۇش مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارغا تىل دەرسلىرىدىن سىرت ئىنتىل مەكتىپىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك پىسخولوگ ئابلەت مۇئەللىمنىڭ ئىقتىساد، پىسخولوگىيە، ئېگىلىك تىكلەش دەرسلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
ھەپتە ئاخىرىدا تەنتەربىيە، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە ھەر خىل لېكسىيە قاتارلىق ئىككىنجى دەرسخانا پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
3 . ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق ۋە ئوقۇتۇش رايونى بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ كۈندە مۇنتىزىم 6 سائەتتىن ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك مۇزاكىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
4 . ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مىللىي كارخانىلارغا پىراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ خىزمەتكە تونۇشتۇرۇلىدۇ ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
قۇبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر تۆۋەندىكىچە:
1. كۈچلۈك بىلىم ئېلىش ئارزۇسى بار، بىراق ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلەر.
2. مەكتىپىمىزدە چوقۇم 8 سائەتتىن 1 يىل مۇنتىزىم ئوقۇيالايدىغانلار.
3. يېشى 15 ياشتىن يۇقىرى ئەقلى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ساغلام بولۇشى، ئۆز ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالالايدىغان بولۇشى كېرەك.
ئالاھىدە ئىزاھات:
(1) تىزىملاتماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئىنتىل مەكتىپىمىز بەرگەن مۇشۇنداق ئالتۇندەك ئوقۇش پۇرسىتىنى قەدىرلىيەلەيدىغان مۇستەھكەم ئىرادىگە ئېگە، غايىلىك، ئۈمىدۋار ياشلاردىن بولۇشى كېرەك.
(2) ئوقۇغۇچىلار مەكتىپىمىزگە كەلگەندە يوتقان - كۆرپە ۋە لازىمەتلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنى بىللە ئېلىپ كېلىشى كېرەك.
(3) ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتقىلى كەلگەندە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئىنتىل مەكتىپىمىزگە چىقىرىپ بەرگەن قىيىنچىلىقى بارلىق ئىسپاتلىرىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك.
مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان ھەر بىر قېرىندىشىمىزغا بۇ خۇشخەۋەرنى تېزدىن يەتكۈزۈپ ئۇلارنى ئىلىم - مەرىپەت قوينىغا باشلاش ئىنتىل مەكتىپىمىزنىڭ شۇنداقلا كەڭ
دوستلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.
سىزنىڭ بۇ ئۇچۇرنى بىر ئوقۇش ئارزۇسى بار قېرىندىشىمىزغا يەتكۈزۈپ قويغىنىڭىز مىللىي مائارىپىمىزغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقىنىڭىز!
مائارىپ بىزنىڭ بارلىقىمىز!
ئىنتىل مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى: ئابلەت ئابدۇللا (ئىنتىل)
2014- يىل 4- ئاينىڭ 19- كۈنى
شىنجاڭ ئىنتىل كەسپى تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى
0991-2888344
13999163031
www.xjintil.com
WeChat: xjintil

ئەلتبەر يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 18:08:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتبەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-19 18:09

ۋاخ نېمنداق ياخشى پۇرسەت . ئېنتىل مەكتىپىنڭ ھەقسىز ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشى تولمۇ ئېسل ئېش بوپتۇ .

ئنتىل3 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 18:24:46

ۋاخ نېمنداق ياخشى پۇرسەت      رەھمەت

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 00:13:50

ياخشى پۇرسەت كەپتۇئۇقۇيدىغانلار تىزدىن تىزىملىتۋالسا بۇلغىدەك

7كۆكبۆرە يوللانغان ۋاقتى 2014-4-21 15:25:13

ئىسىل ئىش بوپتۇ .
بەت: [1]
: ئىنتىل 100 نەپە ھەقسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ