روھلان چۈشۈرۈش قانىلغا تەكلىپىم
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئادىلجان ياخشىمۇسىز.روھلان چۈشۈرۈش قانىلى نىم بۇلۇپ كەتتىبۇرۇنقىدەك ياخشى ئەمەس ، بىرتەكلىپىم بىرەرباشقۇرغۇچى قۇبۇل قىلىپ مەزمۇنلارنى يېڭىلساق بۇلمامدۇ . شەخسەن ئۆزۈمنىڭ قارشى ، تەكلىپىمنى قۇبۇل كۆرسىڭىز ، باشقۇرۇش ھەقىنى ئاز بەرسىڭىزمۇئۆزۈم بىرقولۇق باشقۇرۇپ مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلنىشىغا كاپالەتلىك قىلاي قانداق قارايسىز ، مەن پۇل تېپىش مەخسىتىدە بۇتىمىنى يۇلىمىدىم ، پەقەت ياخشى بۇلسۇن دىمەكچى ،
ئالاقە :1415853327 سىزنىڭ ئاۋۋال روھلان چۈشۈرۈش قانىلىغا تەكلىپ بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
روھلان چۈشۈرۈش قانىلىغا ئاتاماننىڭ يېتىشىپ بولالمىغانلىقى ئېنىق، لېكىن ئاتامان زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.
روھلان تورىدا بىر تۈركۈم قابىل باشقۇرغۇچىلار بولۇپ باشقۇرغۇچىلارھىچقاچان باشقۇرۇش ھەققى تەلەپ قىلىپ باققان ئەمەس، ھەممىسى خالىس تۆھپە قوشۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئەزىمەتلەر .
چۈشۈرۈش قانىلىغا خالىس باشقۇرغۇچى بولماقچى بولسىڭىز ئاتامان سىزنىڭ بۇ تەكلىپىڭىزنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ. تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت، چۈشۈرۈش قانىلىغا يۇقىرىدا تۇرسۇنجان مۇئەللىم دېگەندەك كۆپلەپ ماتىرىيال چىقىرىپ بولالمىدۇق، ئەمما كۆرگەنلا نەرسىنى ھەم چىقىرىپمۇ يۈرمىدۇق، مۇنبەردە ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەن، باشقىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن دېتال ۋە ئەپلەرنى يوللاۋاتىمەن.
ھەقىقەتەن روھلانغا قوشۇلۇپ، جاپادا بىرگە بولۇپ، ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىمىز، تورچىلىقىمىز ۋە مائارىپىمىز ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشنى خالىسىڭىز سىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، ئەمما روھلاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا تەمىنات بېرەلمەيمىز، روھلاندا تۇرسۇنجان مۇئەللىمگە ئوخشاش 5 يىلدىن بېرى خالىس ئىش قىلپ كېلىۋاتقان باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن بىز پەخىرلىنىمىز، مۇشۇنداق باشقۇرغۇچىلىرىمىزنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى ئاستىدا روھلان بۈگۈنگە ئۇلىشالىدى، ياخشى كۆڭلىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.
سېپىمىزگە قوشۇلۇپ چۈشۈرۈش قانىلىغا خالىس ماتىرىيال يوللاشنى خالىسىڭىز ئىنكاس قالدۇرارسىز. مەندە چاتاق يوق ، بارلىق ئىش سىزدە قالدى ، مەن ئۇيغۇرتورچىلىقىغا ئازغىنە تۆھپەقۇشۇشقا جان دىلىم بلەن خىزمەت قىلىشقا مەن تەييار ، مەن خالىس باشقۇرغۇچى بۇلۇشقا قۇشۇلمەن ، قالغان گەپ ئادىل ئەپەندىمگە قالدى . باشقۇرغۇچىلار سېپىگە قوشۇلىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. مەنمۇ قوشۇلىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
بەت:
[1]