舒心 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-11 21:44:36

مەكتەپنىڭ ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش خىزمىتى پىلانى

-يىللىق xxxx مەكتەپنىڭ ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش خىزمىتى پىلانى
ئوقۇغۇچىلار ئۇزۇقلىقىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى بولسا دۆلەتنىڭ بىر تۈرلۈك ئەل كۆڭلىنى ئىللىتىش قۇرۇلىشى بۇلۇپ،دولەتنىڭ تەرەققى قىلىشى،مىللەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
مەكتىپىمىزنىڭ ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش خىزمىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن سۈپىتىنى ئكستۈرۈش،ئولارنىڭ ساغلام بەدەن ئۈسۈپ يىتىلىشىنى ياخشىلاش ئۈچۈندۇر.
    ‹‹گوۋۇيۇھننىڭ يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىقىنى ياخشىلاشنى يولغا قۇيۇشقامۇناسىۋەتلىك پىكىرى،ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىقىنى ياخشىلاشنى يولغا قۇيۇش توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇش روھى،ناھىيە،يېزا-بازارلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىقىنى تولۇقلاش يولغا قۇيۇش لاھىيەسىگە ئاساسەن مەكتىپىمىزنىڭ ئەمىلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ،مەكتىپىز ئوقۇغۇچىلىنىڭ تاماق بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتى پىلانىنى تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرغا قويىمىز.
يىتەكچى ئىدىيە
ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يىتەكچى قىلىپ،پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ،تاماق بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئەمىلىلەشتۈرۈپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت چۈشلۈك تاماق بىلەن ئۇزۇقلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېزا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلاش ئۈچۈن،ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ،ئوزۇقلىنىش مىقدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق يېزا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىمەك-ئىچمەك سۇپىتىنى يوقىرى كۆتىرىش،مەكتەپنىڭ كۈچلۈك بەدەن ۋەياراملىق ئادەم تەربىيىلەشتىن ئىبارەت قوش ئىقدارلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام بەدەن ئۈسۈپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
1.تاماق بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلىشىنىڭ ماددى بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش ،باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.ھەر كۈنى مال سېتىۋېلىش تالۇنى بۇلۇش،خادىمى بولۇش ،ئىمزا بۇلۇش،ئېلىش-بىرىشتە ئىمزا بولۇش باسقۇچلىرى دەل ۋاقتىدا ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ مېڭىش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.يىمەكلىكلەرنىڭ ئۆلچەملىك ماركىسى بولۇش،تەكشۈرۈلگەن ئەۋرىشكىسى بولۇش،ئارقا سەپ خادىمى ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇش،مەسئۇليىتىنى سۈرۈشتە قىلىش تۈزىمى ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.
2.سىنىپ مۇدىرى ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق بىلەن تەمىنلىنىشنڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە ،تاماق تارقىتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.كۈندىلىك ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا تىزىملاپ،ئايدا يىغىپ ئەھۋاللارنى توپلاپ،خام بىلەن پىششىق ئوتتۇرسىدىكى مەسئۇليەتنى ۋاقتىدا ئېنىق ئارخىپلاشتۇرۇپ مېڭىش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.تۈرلۈك چارە ئاماللارنى قوللۇنۇپ،ئاتا-ئانىلارغا بولغان تەشۋىقات خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ مېڭىلىدۇ.
   3.تازىلىق ئۆتكىلى چىڭ تۇتۇلۇپ،خام يىمەكلىك تازلىقى،قاچا-چۇچا تازلىقى،پىشقان يىمەكلىك تازلىقى قاتارلىق ئۆتكەللەر چىڭ تۇتۇلۇپ،تاماقتىن زەھەرلىنىش ھاداسسى كىلپ چىقىشنىڭ قاتتىق ئالدى ئېلىندۇ.ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلار قاچا-قۇچىلارنى دەل ۋاقتىدائاشخانىغايەتكۈزۈپ بىرىشكە كاپالەتلىق قىلىش لازىم.
4.مەكتەپ مەخسۇس ئوقۇغۇچىلارنى تاماق بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇشقا رەھبەرلىك گوروپپىسى قۇرۇپ چىقىپ ،ئىش تەقسىماتىنى بەلگۈلەپ،مەسئۇليەتنى سۈرۈشتە قىلىش تۈزىمى ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.ئارخىپلاشتۇرۇش خىزمىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
5.نازارەتچىلىك قىلپ باقۇرۇش خىزمىتىنى كۇچايتىپ،باشتن-ئاخىرتاماق بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش يولغا قۇيۇشلاھىيەسى بويىچە بىخەتەر ئوزۇقلىنىش،قولايلىق بولۇش،مۇۋاپىق باھا قاتارلىك پىرىنسىپلاردا قەتئى چىڭ تۇرۇپ،مۇۋاپىق سۈپەت تەلىپىدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

xxxx مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گوروپپىسى
2013-يىل 2-ئاينىڭ 18-كۈنى

sapdil88 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-12 22:32:05

ياخشى يىزىلغان پىلان ئىكەن ،پايدىلىنىش قىممىتى باركەن، ساقلاپ قويايئ {:6_276:}
بەت: [1]
: مەكتەپنىڭ ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش خىزمىتى پىلانى