پاختا نىشان باھاسى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلىدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىجىرىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-10 13:31روھلان مۇنبىرىدە دېھقانلارمۇ بار، ۋە دېھقانچىلىق سەھىپىسىمۇ تەييار بولغاچقا مەزكۇر خەۋەر دېھقانلارنىڭ ، بولۇپمۇ پاختا كۆپ تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم.
http://www.tudou.com/v/LuMnGwWO3D0/&resourceId=119126260_04_02_99/v.swf
قويۇلماي قاپتىمۇ نىمە، مايەدە قويۇلىدۇ قويۇلمىسا :
http://bijirim.com/filimkorux.asp?id=75&tur=1
دۆلەت 2014-يىللىق پاختىنىڭ كۆزلىگەن باھاسىنى ئېلان قىلدى
2014-يىللىق مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا شىنجاڭ پاختىسىنىڭ كۆزلىگەن باھا ئىسلاھ سىناق نۇقتىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى تەلىپى، گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ 2014-يىللىق پاختىنىڭ كۆزلىگەن باھاسىنى ئېلان قىلغان، يەنى ھەر توننىسى 19 مىڭ 800 يۈەنگە توغرا كەلگەن.
2011-يىلدىن بۇيان، دۆلەت پاختا زاپىسىنى ۋاقىتلىق سېتىۋېلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، دۆلەت ئىچىدە خاتىرجەم پاختا ئىشلەپچىقىرىش، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا قارىتا ناھايىتى مۇھىم بولغان رولىنى جارى قىلدۇرغان. بىراق خەلقئارا بازار باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، پاختا ئىمپورت تەننەرخى چوڭ كۆلەمدە پاختا زاپىسىنى ۋاقىتلىق سېتىۋېلىش باھاسىدىن تۆۋەن بولۇش زىدىيىتى كۈندىن كۈنگە كەسكىنلىشىپ، دۆلەت پاختا زاپىسىنىڭ بېسىمى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ناھايىتى جانلىق بولغان بازار ئاجىزلىشىپ، بارلىق ساھەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىسىز بولغان.
پاختا كۆزلىگەن باھا ئىسلاھات سىناق نۇقتىسىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى ۋە ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش ئىسلاھاتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساسىدا بازارنىڭ بايلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا، پاختا ساھەسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن ساھەلەردە ماس ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان. كۆزلىگەن باھا سىياسىتى بولسا بازاردا شەكىللەنگەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئاساسىدا، پەرق پەرق باھاسىغا تولۇقلىما بېرىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان بىر دېھقانچىلىق ياردەم بېرىش سىياسىتى.
پاختا كۆزلىگەن باھا سىياسىتىنى يۈرگۈزگەندىن كېيىن، پاختا زاپىسىنى ۋاقىتلىق سېتىۋېلىش سىياسىتىنى بىكار قىلىپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلار بازار باھاسىغا ئاساسەن پاختا سېتىپ چىقىرىدىكەن. بۇ ۋاقىتتىكى بازار باھاسى كۆزلىگەن باھادىن تۆۋەن بولغان ۋاقىتتا، دۆلەت كۆزلىگەن باھا بىلەن بازار باھاسىنىڭ پەرق باھاسى ۋە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى، مەھسۇلات مىقدارى ياكى سېتىلىش مىقدارى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، سىناق نۇقتا رايونلاردىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا قارىتا تولۇقلىما بېرىلىدىكەن؛ بۇ ۋاقىتتىكى بازار باھاسى كۆزلىگەن باھادىن يۇقىرى بولسا، دۆلەت تولۇقلىما تارقاتمايدىكەن. كونكرېت تولۇقلىما تارقىتىش ئۇسۇلى سىناق نۇقتا رايونلاردا تۈزۈلۈپ جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدىكەن. سىناق نۇقتا باھاسى ئىشلەپچىقىرىش باھاسىنى ئاساسىي پايدىغا قوشۇپ بېكىتىلىدۇ.
2014-يىلى پاختا كۆزلىگەن باھاسى ئىمكانقەدەر سىناق نۇقتا رايونلار پاختا ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تولۇقلايدىكەن، ھەم دېھقانلارغا ئاساسىي پايدا ئېلىپ كېلىشكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن. گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى ۋە سىناق نۇقتا رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ناھايىتى قاتتىق ئىز قوغلاپ ئىسلاھات سىناق نۇقتا ئەھۋالىنى چۈشىنىدىكەن، كەڭ خەلق ئاممىسىدىن ھەر تەرەپلىك پىكىر ئېلىپ، ئەستايىدىل تەجرىبە يەكۈنى چىقىرىپ، دەل ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تەرتىپكە سېلىپ ياخشىلاپ، كۆزلىگەن باھا ئىسلاھات سىناق نۇقتىسىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىدىكەن. ئۈندىدار ئارقىلىق تىخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈلگەن بولسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتى -ھە ! يەنە شۇ قەرز بېرىدىغان بانكىلار پاختا باھاسىغا ئارلىشىۋېلىپ،دېھقانلارنىڭ قەد كۆتۇرىشىەە توسقۇنلۇق قىلارمىكىن؟ بىجىرىم يوللىغان ۋاقتى2014-4-9 13:01
دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ 2014-يىللىق پاختىنىڭ كۆزلىگەن باھاسىنى ئېلان قىلغان، يەنى ھەر توننىسى 19 مىڭ 800 يۈەنگە توغرا كەلگەن..
مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا ھەر كىلوگىرام چىگىتلىك پاختىنىڭ باھاسى قانچە بولىدىغاندۇ؟ شۇنداق بولغاندا دېھقانلار تېرىپ، كۈز ۋاقتىئېتىزدىن تىرىپ، خالتىغا تىقىپ، ئاندىن پاختىچىلارغا ساتىدىغانچىگىتى بار پاختىنىڭ ھەر كىلوسى قانچە يۈەن بۇلدىكەن؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
يەنىلا ئوخشاش 8 يۈەندىن 11 يۈەنگىچە......19 مىڭ 800 يۈەن دىگىنى تاي پاختىنىڭ باھاسى ئىكەن،شۇنداق بولغانداھەر كىلوسى 198 يۈەن دىگەن گەپمۇ؟؟؟؟؟؟؟ ئادەتتە3 كىلو پاختىدىن 1 كىلودىن كۆپرەك تاي پاختا چىقىدۇ ............يەنىلادېھقان بوزەك......... دېھقان گول.......... ئارىلىقتا نەپ ئالىدىغانلارلا بولىدىكەن دېھقان يەنىلا شۇ پېتى تۇرىدۇ. ھەر كىلوگرام چىگىتلىك پاختىنىڭ باھاسى 8 — 10 يۈەن بولسا يەنە شۇ بۇرۇنقىدەكلا دېگەن گەپ، پاختا باھاسى ئۆسسە تەبئىيلا ئوغۇت قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنىڭ باھاسىمۇ تەڭ ئۆسىدۇ، يەنە شۇ ‹ئاتام ئېيتقان بايىقى›. ھۆكۈمەت ئارىلاشتىمۇ دەيلى، يەنە شۇ نېمە قىلالايدۇ، ئارىلىشىپ قانچىلىك نەتىجە چىقىدۇ. ئوخشاش. ‹ئاشىدۇ، ئۆسىدۇ....› پەقەتلا شۇ سان- سىفىرلا ئاشىدۇ خالاس.
ھەي....... ئەڭ ياخشىسى بۇ يەردە ئېغىزىمنى چىڭ يۇمۇۋالاي جۇمۇ مەن، پايدىسى يوق... {:6_273:} راس ئىشقىلىپ بىر قاماپ بىلەن باپلاپ تۇردۇ جۇمۇڭلا زادى
来自安卓客户端 Jam يوللىغان ۋاقتى2014-4-9 23:57
ئارىلىقتا نەپ ئالىدىغانلارلا بولىدىكەن دېھقان يەنىلا...
دىگىنىڭىز تۇغرا ئۆسىدۇ ، باشقا نەرسىلەرمۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆسىدۇ ھەممىسنى تەڭ تىزگىنلىسە بۇلاتتى دېمىسىمۇ پاختا ئۆسۈپلا قالسا بازادىكى ھەممە نەرسىنى ھەم دېھقاننىڭ خام ئەشيالىرىنى تەڭ ئۆستۈرۋېتىدۇ. شۇنى كونتىرول قىلسا بولاتتى. ھېلىقى پاختا ئاجايىپ پۇل بولۇشقا باشلىغان يىللىرىدىن باشلاپلا 5 مولۇق گىردىلەر نەدە قالدى شۇ گىردە 2 كوي ھازىر. 20 كويلۇق قوي گۆشلىرى نەچچە پۇل ھاىزر.... نەچچە قاتلىنىپ كەتتىدە... ئوغۇت ، سۇلياۋ يوپۇق ۋە دورىلىرىمۇ قىممەتتە. مۇشۇ باشقا نەرسىنىڭ باھاسىنى كونتىرول قىلسا بولاتتى.
بەت:
[1]
2