ھەقسىزھەر خىل كومپىيوتىر ۋە تىلفۇنلاغا سېستىما قاچىلاپ بىرىمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەركيۇرت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-7 21:14ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار
مەن تىلفون ۋە كومپىيوتىرنىڭ سېستىما قاچىلاش ، ئالما تىلفونلىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ، ئاندىرويىت تىلفونلانىڭ قۇلۇپنى ئىچىش ،روتلاش ،سېستما يېزىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى ئىككى يىلدەك بولدى ،مەن بۇلانىڭ ھەممىسىنى ئۆرەم ھەرخىل ماتىرياللانى كۆرۈپ تور ئارلاپ ماتىريال ئىزلەپ ئۆگەنگەن .
بۇئىككى يىل جەرياندا ئەتراپىمدىكى ئەل ئاغىنە دوست بۇرادەرلىرىمنىڭ تىلفون ۋە كومپيۇتېرجەھەتتىكى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ كىلىۋاتىمەن ھەم بىر موچەن ھەق ئېلىپ باقمىدىم ،دوس بۇرادەر ئەل ئاغىنىلەدىن ئاڭلىشىمچە ئالما تىلفوننى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بىرىشكە 30-100يۈەنگىچە ھەق ئالدىكەن بۇنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم ئەجىبا توردا تۈرمىدىن قاچۇردىغان دىتالنى چۈشۈرۈپ كومپىيوتىرغا ئۇلاپ بىر كونوپكىنى بىسىپلا 30-100يۈنگىچە پۇل تاپسا نىمە دىگەن ئاسان تاپقان پۇل بۇ،كومپىيوتىرغا سېستىما قاچىلىسا ئاز دىگەندىمۇ 50يۈەن ئالدىكەن ، لىكىن بۇ مەشخۇلاتلار ھەقىقەتەن ئاسان يېرىم سائەتكە قالماي ئىش تامام بۇلىدۇ ،بەلكىم ھىچكىمنىڭ ئارتۇقچە پۇلنى خەجلىگۈسى يوق ،بىر كوي بولسىمۇ يانچۇقىمىزدا قالغىنى ياخشى ئەلۋەتتە.
مەن ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلىرىمدا تىلفون ھەم كومپىيوتىر بىلەن ھەپىلىشىپ تۇرىمەن ،باشقىلار ياردەم سورىسا مەندىن كىتىدىغىنى شۇ يېرىم سائەت ۋاقىت بولغاندىن كۈچۈمنىڭ يىتىشچە ياردەم بىرىمەن ،ئايرىپولان بىلىتى ئىلىش ،توردا تىلفون پۇلى قاچىلاش ،تاۋباۋ توپ بازىرىدىن مال كىرگۈزۈش ،تور دۇككىنى ئىچىش دىگەنلەنى تەتقىق قىلىپ مۇتخەسىس بولاي دەپ قالدىم ، مەسىلەن ئايرۇپىلان بىلىتى ئېلىشنى مىسالغا ئالايلى ،ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەر بىۋاستە تىلفون قىلىپ بىلەت زاكاس قىلىدۇ ، يەنە نۇرغۇن كىشىلەنىڭ مەخسۇس ئايرۇپىلان بىلىتى ئالىدىغان چوپقىتى بار ، ئۇلار ئاشۇ چوپقىتىنىڭ ئۆزىگە ئەڭ ئەزان بىلەتنى سېتىپ بىرىدىغىنغا ئىشىندۇ ،ئەمىليەتتە ئۇلار سىزگە ھەرگىزمۇ ئەڭ ئەزان بىلەتنى ساتمايدۇ ،چۈنكى بىلەت قانچە ئەزان سېتىلسا پەيدىسى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ ، ئۇلار ئۈچۈن سىزگە قانچە قىممەت بىلەتنى ساتالىسا شۇنچە ياخشى .لىكىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشلانى بىلمەيدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئەسلى يانچۇقتا قالسا بولدىغان ئاشۇ پۇللار شۇنچە ئاسان باشقىلانىڭ يانچۇقىغا كىرىپ كىتىدۇ.
مەن ئىشتن سىرىتقى ۋاختىمدىن پايدىلىنىپ ئىھتىياجى چۈشكەن ئاشۇ ئارتۇق پۇل خەجلىگۈسى يوقكىشىلەرگە تىلفون ۋە كومپىيوتىر ۋە باشقاجەھەتتە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىشنى توغرا تاپتىم ، ئەگەر ئاتىغىنىم دەپ بەرسىڭىز ئاز جىق دىمەي ئاللاغا شۈكىرىدەپ ئالىمەن ، لىكىن مەخسىتىم ھەرگىزمۇ پۇل تېپىش ئەمەس ،مەن بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىنئاللا يولىدا ساۋاپقا ئىرىشسەم يەنە بىر تەرەپتىن بۇ جەھەتتىكى بىلىمىمنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرمەكچى ،تىلفونغا تىلفوندىن بانكا كارتا ئارقىلىق ئەزان باھالىقپول قاچىلاش ،تاۋباۋ تورىدىن توپ باھادا مال كىرگۈزۈش ،ئەڭ ئازان باھادا ئايرىپىلان بىلىتى ئىلىش ، تىلفوندا بانكا كارتىدىن باشقا ھىساباتقا پۇل يۆتكەش ،تور دۇككىنى ئېچىش ، يىراقتىن كونتىرول قىلىپ كومپىيوتىر ۋە تىلفونلاغا سېستىما قاچىلاش ،روتلاش ، تۈرمىدىن قاچۇرۇش ،سىېستىما نەشىرنى يۇقىرى كۆتۈرۈش،ئالما ،ئاندىريىت تىلفونلانى كىسەك ھالەتتىن قۇتقۇزۇشقاتارلىق مەشخۇلاتلانى ھەقسىز تەمىنلەيمەن. يۇقارقى بىلىملەنى ئۆگۈنىشنى خالايدىغانلا بولسا ئىشتىن سىرىتقى ۋاختىمدا ئۆگۈتۈپ قويىمەن .
يەنە دەيدىغان بىر گىپىم مىنى ھەرگىزمۇ رىموتچىمىكەن دەپ قالماڭ ،مەن دۆلەت كادىرى بۇ جەھەتتە قىزقىشىم كۈچلۈك بولغاچقا ھەممىنى ئۆزەم ئىزدىن ئۆگەنگەن. ئاللا بورىسا بىرموچەن پۇل ئالمايمەن، مۇشۇنداق قىلىپ تىلفون ۋە كومپىيوتىرنىڭ زاپچاس ياكى ماتىريال دىتاللىرىنى ئوغۇرلايدۇ دەپ گومان قىلغان قېرىنداشلىرىمىز ئويلىرىڭىزنى ئىچىڭىزدە بىلىپ پۇل خەجلەپ ئوڭشاتسىڭىز بولىدۇ.ئاللا يولىدا بىر ئىش قىلىپ ساۋاپ تاپاي دىگەن ئادەمگە تۆھمەت ئېغىر كىلىدۇ .
قەشقەرۋە ئاتۇش دىيارىدىكىلەر مەن بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈپ ئورتاقلاشساق بولىدۇ.باشقا جايدىكى قېرىنداشلار تور سۈرئىتىڭلار تىز بولسا يىراقتىن كونتىرول قىلىپ ھەل قىلغىىلى بولدىغان تىلفون ۋە كومپىيوتىر كاشىلىسى بولسا ھەم قىلىپ بەسەم بولىدۇ .
مۇشۇ جەھەتتە ئىھتىياجلىق قېرىنداشلار مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار قىزغىن قارشى ئالىمەن
QQ(微信)-597252117
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!مەنمۇ بىر ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى كومپىيوتېر ئۈسكۈنىلىرى رىمۇنىتچىسى ھەر قانداق ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قاتتىق يۇمشاق دىتاللىرىنى رىمۇنىت قىلىمەن،تېمىدا دىيىلگەندەك ئىنساپسىز رىمۇنىتچىلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدۇ ،شۇ ئۈسكۈنىلەرنى شۇنچىلىك ئوڭشاش سەۋىيسىگە يىتىش ئۈچۈن قانچىلىك ئىقتىساد ۋاقىت ۋە زىھىن سەرىپ قىلىدى بۇنى كىم ئويلايدۇ، تاساددىپىي بىرەر ھادىسە تۈپەيلى ئۈسكۈنىلەردىن چاتاق چىقسا يەنە شۇ رىمۇنىتچىلار مەسئۇل بۇلىشى كىرەك ،مەن ھازىرغىچە تاساددىپى ھادىسىلەر تۈپەيلىدىن بۇزۇلۇپ تۆلەم تۆلىگەن نەرسىلەر ئاز ئەمەس لىكىن مەن ئۆز ئىختىيارىم بىلەن تۆلەپ بەرگەن ھەمىشە ئىشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق بۇلىۋەرمەيدۇ ،بىر كەسپى رىمۇنىتچى مۇنتىزىم ئۇرۇندا ئىش تۇتىشى كىرەك بۇنىڭغىمۇ مۇقىم دۇكان ئورنى ھەر خىل رەسمىيەتلەر كىتىدۇ بۇنىڭغا ئاز ئىقتىساد كەتمەيدۇ ،بۇ كەسىپنى تۇلۇق ئۆگىنىپ ھەممە ئېھتىياجدىن چىققۇدەك بولغىچە ياش بىر يەرگە بارىدۇ ، ئاددىيسى بىر كومپىيوتېرغا سېستىما قاچىلاشنى دىسەك ئاسان بولسىغۇ يېرىم سائەتتە قاچىلىنىپ بولار ئەگەر قاچىلاش جەريانىدا چاتاق چىقسا بىرەر سائەت ھەتتا بىرەركۈن ۋاقىت كىتىدىغان ئىشلارمۇ بۇلىدىكەن ،بۇ جەرياندا ئىگىسىنىڭ تەنە گەپلىرىچۇ تېخى ،مەن بۇ يىل 34 ياشقا كىردىم رىمۇنىت كەسپىنى قىلىۋاتقىلى 15 يىلدىن ئاشتى ئىزدىنىشنىڭ كۆپلىكىمۇ ياكى بېسىمنىڭ ئېغىرلىقىمۇ بىلمەيمەن ئشىقىلىپ بېشىمدا ئاساسەن چاچ قالمىغىلى تۇردى لىكىن ئۆزەم قىزىقىپ ئۆگەنگەن ھازىرمۇ پۇشايمىنىم يوق توختىماي يېڭى ئۈسكۈنىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ مېڭىۋاتىمەن ،ئىشقىلىپ گەپنىڭ قىسقىسى بۇ كەسىپنىڭ ئالدىنى ئىتىپ قۇيۇۋاتقانلار دەل تېمىدا دىيىلگەن ئىنساپسىز پۇلدىن باشقىنى بىلمەيدىغان رىمۇنىتچىلار ،گەپنى ئارتۇق قىلىپ قويغان بولسام كەچۈرگەيسىلەر. azal يوللىغان ۋاقتى2014-4-7 22:09
ئىنتايىن بەلەن گەپ قىپسىز قىرىندىشىم,دىمىسىمۇ بەزى رى ...
دىگىنىڭىزمۇ توغرا لىكىن بەزى ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئەسلى تەننەرخىگە قاراپراق ئىش ھەققى ئالمىسىمۇ بولماسمىكىن ،شۇ ئايفوننى چۇۋۇپ ئوڭشاۋاتقاندا تاساددىپى ھادىسە كىلىپ چىقسا كىم ئىگە بۇلىدۇ . تېما ئېگىسىگە تەكلىپ: ئىمكان بار بىلىمىڭىزنى باشقىلارغا تارقىتىڭ، بىر ئادەمگە قىلىپ بەرگەننىڭ ئورنىدا شۇ ھۈنەرنى دەرسلىك ئىشلەپ تارقاتسىڭىز نەچچە ئون ئادەمگە ياردەم قىلغان بولىسىز، بۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ ساۋاب تاپىسىز. باشقىلارغا قىلىپ بەرگەندىن، شۇنى قىلىشنى ئۆگىتىپ قويساق ئۇنىڭ خاسىيىتى چەكسىزدۇر. ياخشى ئۇيلاپسىز قىرىندىشىمسىز دىگەندەك بىلىملەرنى ئۇگىنىپ بۇلۇش ئۇچۇنمۇنۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلدىڭىز دىمىسەممۇتىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن ئىنتايىن بەلەن گەپ قىپسىز قىرىندىشىم,دىمىسىمۇ بەزى رىمنۇتچىلار ئىنتايىن ئىنساپسىز,پۇل تاپساملا دەيدىغانلاركەن,ئۆتكەندە تىلفۇنۇم بۇزلۇپ قىلىپ بىر رىمنۇتخابىغا ئەكىرگەنتىم, شۇ ۋاقىتتا بىر ئادەم ئالما 5sنى ئىچىلماتىدۇ دەپ ئىچىرىپتىكەن,شۇنىڭ بىلەن رىمنۇتچى كەينىنى ئىچىپ ماينى ئاجىرتىپ قايتا سالسا ئىچىلدى شۇنىڭ بىلەن ئەجەپ ئاسان ئىشكەن دەپ ھەرقانچە بولسا 10يۈەن ئالا دەپ ئوتتاسام30يۈەن ئالدى دەيمە,شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ ئوقۇشۇمنى تاشلاپ تىلفۇن رىمنۇتچىلقىنى ئۈگەنسەم بولامدۇ نىمە,پۇل دىگەننى ئاسانلا تاپىدىكەن دەپ ئويلاپ قالغان!! مۇشۇنداق ساپ نىيەتلىك، باشقىلارغا خالىس ياردەم قىلىدىغان قېرىنداشلىمىزنىڭ بولغىنى ئەۋزەل. ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى خەيرلىك قىلسۇن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdikayyum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-7 22:30
دوسلار ئۇنداق دەپمۇ كەتمەڭلار .ھەممە ئىش ئاسان بولىۋەرمەيدۇ. سىلەر پەقەت ئۇلارنىڭ پۇل تاپقىنىنى كۆرسىلەر. تىلفۇن بۇزىلىپ كىتىپ ،تىلفۇن تۆلىگىنىنى كۆرمەيسىلەر شۇڭا ئالدىراپ ئۇنداق باھا بەرمەڭلار. جاھاندا بۇنداق ئاسان پۇل تاپقىلى بولىۋىردىغان ئىش يوق .
راسىت ئەنمۇ ئاتاماننىڭ دىگىنىگە قۇشۇلىمەن، بولسا مۇشۇھەقتە دەرىسلىك ئىشلەپ تارقىتىڭ، ئۈنىمى ھەقىيقەتەن ياخشى بۇلىدۇ chaqmaq137 يوللىغان ۋاقتى2014-4-7 23:23
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!مەنمۇ بىر ئائىلە ئېلىك ...
سىزنىڭ گىپڭىزنىڭمۇ ئاساسى بار