شىرى يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 21:36:18

بانكا كارتىسىغا پۇلنى خاتا ئۇرۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-4 21:41

پۇلنى خاتا ئەۋەتىپ قالغان ياكى ئالدىنىپ پۇل ئەۋەتىپ قالغان ۋاقتىمىزدا ئەڭ تىز ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان ئۈزىمىزنى قوغداش ئۇسۇلى ؛سزئۈزىڭىزنىڭ پۇلىنى ئىھتىياتسزلىقتىن مۇناسىۋەتسز ئادەمنىڭ كارتىسىغا ئەۋەتىپ قالغان چېغىڭىزدا ياكى باشقىلار سزنى ئالداپ كارتىسىغا پۇل ئەۋەتكۈزگەن چاغدا ئۈزىمىزنى قۇتقۇزىدىغان ئۇسۇل ھەرگىزمۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىش ياكى بانكىنى ئىزدەش ئەمەس بەلكى شۇ ھامان تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى قوللىنىمىز
1.سزئەۋەتكەن بانكىنىڭ( يەنى قارشى تەرەپ پۇل تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ھېسابات ئاچقۇزغان بانكا )خېرىدار مۇلازېمەت تېلېفۇنىغا تېلېفۇن قىلىمىز (مەسلەن ؛قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ 95533 يېزا ئېگىلىك بانكىسىنىڭ 95599 )
2.تېلېفۇن ئۇلانغاندىن كېيىن ئاۋازلىق كۆرسەتمە بۇيېنچە مۇناسېۋەتلىك رەقەمنى بېسىپ تەكشۈرۈش سېستېمىسىغا كىرىمىز ؛
3.كۆرسەتمە بويىنچە قارشى تەرەپنىڭ بانكا كارتىسىدىكى نومۇرنى يەنى سز خاتا ئەۋەتىپ قالغان ھېسابات نۇمۇرىنى كىرگۈزۈمىز ؛
4.سېستىما سزنى مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزۈڭ دەپ كۆرسەتمە قىلىدۇ ،دەل مۇشۇ باسقۇچ ئىنتايىن مۇھىم ؛سز خالىغان ئالتە خانىلىق نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ (يەنى خاتا بولغان مەخپى نۇمۇرىنى) مۇقۇملاشتۇرۇڭ سېستېما ؛مەخپى نومۇرنى خاتا قايتا كىرگۈزۈڭ دېگەن كۆرسەتمىنى بېرىدۇ .سزيەنە بايقى نۇمۇرنى كىرگۈزۈڭ سېستېما يەنە مەخپى نۇمۇرنى خاتا بولۇپ قالدى قايتا كىرگۈزۈڭ دەيدۇ سز يەنە ئالدىن قى ئىككى قېتىمغا ئوخشاش مەشخۇلات قىلىڭ ئۇلاپ ئۈچ قېتىم مەخپى نومۇرنى خاتا كىرگۈزگەندىن كېيىن ،سېستېما ئاپتۇماتىك قارشى تەرەپنىڭ ھېساباتىنى قۇلۇپلاپ قۇيىدۇ .بۇ ۋاقىتتا سزنىڭ ۋاقىتلىق ئۆزىڭىزنى قۇتقۇزۇش ھەركىتىڭىز غەلبىلىك بولغان بولىدۇ .قارشى تەرەپ ۋاقتىنچە سزنىڭ خاتا ئەۋەتىپ سالغان پۇلىڭىزنى چىقىرىۋالالمايدۇ.(ھېسابات قۇلۇپلنىپ قالغان چاغدا ھېسابات ئاچقۇزغان ئادەم ئۆزىنىڭ كىملكىنى ئېلىپ ،ھېسابات ئاچقۇزغان بانكىغا بېرىپ بېجىرىشى كېرەك ،يەنە كېلىپ چوقۇم قۇلۇپ لىنىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك كەسىپنى بېجىرەلەيدۇ )
5.بۇ ۋاقىتتا سز دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلسىڭىز ۋە بانكىغا بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلسىڭز بولىدۇ .
6.ئەگر سزنىڭ بانكا كارتىڭىز ئېھتىياتسزلىقتىن يۈتۈپ كەتسە ،باشقىلارنىڭ كارتىدىكى پۇلنى ئوغۇرلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ،مۇشۇ ئامالنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ (بانكىغا بېرىپ ،كارتا يۈتۈپ كېتىش رەسمىيتىنى ئۆتىگەن بىلەن ئوخشاش ).
يەنە بىرخىل ئەھۋال ؛بانكا كارتىسىنىڭ قىسقا ئۇچۇر ئەسكەرتىش مۇلازېمىتى كەسپىنى بېجىرگەنلەر ،تۇيۇقسز كارتىنىڭ باشقا يەردە پۇل ئالغانلىقىنى ياكى ئىشلەتكەنلىكى ئۇچۇرى كەلگەن ھامان ،دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى بانكىدىن ياكى ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن 100يۇئەن پۇلنى چىقىرىپ،چوقۇم ئۇچۇپ چىقىرىپ بەرگەن تالوننى چىڭ ساقلايسز .بۇنداق قىلغاندا ،باشقا يەردە ئوغۇرلۇقچە سسۈرتۈلگەن كارتىنىڭ ئاشۇ چاغدا سزنىڭ يېنىڭىز دا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايسز ،بۇ پاكىتلارنى ئېلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىز ،ئەگەرسوتلىشىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرسىمۇ ،مۇشۇ پاكىتلار ئىنتايىن مۇھېم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بانكىمۇ بۇمەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قۇيالمايدۇ .
دېققەت ؛مەزكۇر تېما توردىن مال سېتۋېلىشتىن خەۋىرى يوق بېۋاستە بانكىغا بېرىپ پۇل ئۇرۇپ مال سېتۋالدىغانلارنىڭ ئالدىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن يوللاندى ، ئەگەردە خاتا ئورۇنغا ئىشلىتىپ باشقىلارنىڭ ھېساباتىنى توختۇتۇپ قۇيۇلسا كەمىنە ۋەياكى روھلان تورى بىردەك مەسئۇل ئەمەس
مەنبە؛ ئۈندىدار دوسلا چەمبىرىكى

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 12:55:54

قېنى كىم، يوقۇرقى ئەھۋالنىڭ بىرەرسىگە مەن پەقەت ئۇچرىمايمەن دەپ ھۆددە قىلالايدۇ؟ ھەقىقەتەن زۆرۈر ساۋات ئىكەن، رەھمەت!

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 21:50:08

رەخمەت سىزگە. بەك ياخشى بىلىملەركەن.

bengbash يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 22:07:41

ياخشى ئۇسۇلكەن. رەھمەت!

بىزلەر يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 23:18:09

ۋاھ ،راست ياخشى چارىلەركەن بۇ

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 23:25:34

بۇمۇبۇلىدىغان ئامالكەنرەخمەت

ئۆركىشى يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 23:40:27

ياخشىئۇسۇلكەن،،،،

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 00:50:18

مەنمۇ بىلمەيتىم تىخى بۇ ئۇسۇلنى رەھمەت سىزگە.

savir يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 06:18:10

بىلىۋالدىم

دىلكەش625 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 10:47:53

رەھمەت سىزگە بىلىۋالساق بولغۇدەك
بەت: [1] 2 3
: بانكا كارتىسىغا پۇلنى خاتا ئۇرۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟