eloyes يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 00:04:20

پۇل تۆلەش تور بېتى «http» دىن باشلانسا ئېھتىيات قىلىش كېرەك

پەن-تېخنىكا تورىنىڭ 1-مارت خەۋىرى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر پروگراممىسى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى تور ئالدامچىلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، تور ئالدامچىلىق گۇرۇھىنىڭ ساختا مال سېتىۋېلىش تور بېتىدە ئالدامچىلىق قىلغانلىقىنى ئاشكارلىدى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ تور بانكىسىدىكى ھەممە پۇلى يۆتكەپ كېتىلگەن.



بانكا بىرلەشمىسى تورداشلارنى ئەسكەرتىپ، مال سېتىۋالغان پۇل تۆلەش بەت يۈزى تور ئادرېسى «http» دىن باشلانغان بولسا چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ھەقىقىي پۇل تۆلەش بەت يۈزى ئادرېسىنىڭ «https» بىلەن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ ساقچىلىرى تور ئالدامچىلىق شايكىسىنى پاش قىلغان، ئۇلار ساختا مال سېتىۋېلىش تور بېتى ئارقىلىق، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ تور بانكىسىدىكى ھەممە پۇلىنى يۆتكەپ كەتكەن. بانكا بىرلەشمىسى تورداشلارنى ئەسكەرتىپ، مال زاكاز قىلىشنى تاماملاپ پۇل تۆلەش بېتىگە كىرگەندە، تور ئادرېسىنىڭ «https» بىلەن باشلانسا شىفىرلانغانلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى؛ ئەگەر پۇل تۆلەش بەت يۈزى ئادرېسى «http» بىلەن باشلانسا چوقۇم قاتتىق ھوشيار بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى توردا تەقلىد قىلىش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى ساختا بانكا ئورگان بېتىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقىدى. تېخنىك خادىملارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ساختا بانكا تورى ئىستېمالچىلارنى ئاكونت نامى ۋە مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزۈشكە جەلپ قىلىدىغان بولۇپ، ئالدامچى بىۋاسىتە كۆرۈۋالغاندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بانكىدىكى بارلىق پۇلىنى قۇرۇقداپ قويىدىكەن. كۆپچىلىكنى توردا پۇل تۆلىگەندە چوقۇم تور ئادرېسىنى تەكشۈرۈشنى ئەسكەرتىدۇ.
تەرجىمىدە: ئەكبەر
مەنبە: http://news.okyan.com/news/Tech/2014/0301/5013.html

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 00:58:04

بۇمۇ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشكەن

аㄨιΚ⑤⒛□ يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 02:17:22

مەنمۇ دىققەت قىلماپتىكەنمەن راست ئۇنداق باركەن جۇمۇ    https   دىن باشلىنىئىدكەن بىراق بۇنىئڭلىق بىلەن بىرنىمە دىمەك تەسخاككېر باللا يامان

قايرات يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 07:55:53

راخىمەت، بۇنڭدان كەيىن دىققەت قىلساق بولغدەك

تەشنا5746 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 11:11:50

بۇرۇن مەنمۇدېققەت قىلماپتىكەنمەن بۇنىڭغا بۈگۈن بىلىۋالدىم،بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مەزمۇن ئىكەن .

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 11:15:09

پايدىلىق ئەسكەرتىشكەن. دىققەت قىلايلى
来自安卓客户端

بۇلماق يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 11:23:00

بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلساق بولغۇدەك . رەھمەت سىزگە .

chaqmaq137 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-4 23:56:36

ئوۋ ما ئىشنى ئاجايىپ ئىش چىقىۋاتىدىيا ھازىر .:o

yusuf3032 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 00:06:45

رەھمەت .. بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك بىلىمكەن

savir يوللانغان ۋاقتى 2014-4-5 06:21:25

بىلىۋالدىم
بەت: [1] 2
: پۇل تۆلەش تور بېتى «http» دىن باشلانسا ئېھتىيات قىلىش كېرەك