مۇھەممەتجاننى قۇتقۇزۇۋېلايلى!
مۇھەممەتجاننى قۇتقۇزىۋىلايلى!http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/eb4a212e/
ھۆرمەتلىك جامائەت: يەكەن بازار ياركوچا ئىجتىمائىي رايونى 5-مەھەللە 43-نومۇرلۇق ئۆيدىكى 5يېرىم ياشقا كىرگەن مۇھەممەتجان 3يېرىم ياش ۋاقتىدا يىقىلىپ چۈشۈپ يۇلۇنى ئېغىر زەخمىلىنىپ،سۆڭەك تۇبىركىليۇزى بولۇپ، 5 تال ئۇمۇرتقىسى سېسىشقا باشلىغان.ئائىلىدىكىلەر 2 يىلدىن بىر بالىنى نۇرغۇن داۋالىتىپتۇ. قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانا ھازىر مۇھەممەتجاننىڭ باش قىسمىنى تۆمۈر قىسقۇچ بىلەن بويۇن قىسمىغا مۇقىملاشتۇرۇپ قويۇپ، ئائىلىسىدە كۈتۈنۈشكە ئەۋەتىپتۇ. دوختۇرلار ھەر كۈنى تېلېفۇندا بالىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇشۇپ تۇرۇۋېتىپتۇ. يېتەرلىك ئىقتىساد توپلانغاندا بالىنى قايتا ئوپراتسىيە قىلسا ساقىيىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. مەن يوقلاپ كىرگەندە بالىنىڭ روھىي ھالىتى شۈنچىلىك تېتىك، گەپ - سۆزلىرىمۇ جايىدا ئىكەن. بۇ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى بەكلا ناچار بولۇپ، ئۈچ ئەۋلاد 2 ئېغىزلىق كىچىككىنە بىر ئۆيدە تۇرىدىكەن. مۇھەممەتجاننىڭ ياشاش ھەققى بار ئىدى، ئۇنىڭمۇ سىز، بىزنىڭ بالىلىرىمىزدەك غەمسىز ئوينايدىغان ۋاقتى ئىدى، ئەمما...!؟ ھەممىمىز تامچە مېھرىمىز ۋە ساخاۋېتىمىز بىلەن بۇ ئوماق ئوغلىمىز مۇھەممەتجاننى قۇتقۇزۇۋالساق دېگەن خالىس نىيەتتە بۇ مۇراجىئەتنامىنى يازدىم!
مومىسى: گۈلخان مامۇت تېلېفۇن نومۇرى: 13070053463
پوچتا بانكىسى ھېساب نومۇرى: 608946001200175242麦合木提.麦麦提 (مۇھەممەتجاننىڭ دادىسى مەخمۇتمەمەتنىڭ كارتا نومۇرى)
تەشەببۇسنامە يازغۇچى: ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى، جوڭگۇ پىدائىيلار جەمئىيىتى شىنجاڭ يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى جەمئىيىتىنىڭ پىدائىيسى، QQ:1310776672)
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى. يەكەن
ۋاي خۇدا، بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ يۈرەكلىرىم ئېزىلىپ كېتەيلا دېدى، مېنىڭمۇ ئوغۇللۇرۇم دەل 5 يېرىم ياشقا كىرىش ئالدىدا. ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈمنى بىلدۈرگۈم كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇلارنىڭ مۇمكىن بولسا يېزا ئامانەت- قەرز بانكا ھېساب نومۇرى بولسا ماڭا تولىمۇ قولايلىق بولغان بولاتتى. چۈنكى ھازىرچە مۇشۇ بانكا ئارقىلىقلا بىۋاسىتە ھېساب قىلالايتىم ئەمەسمۇ. ئۇلۇغ ئاللا ئۇ ئىنىمىزغا شىپالىق بەرگەي!! ياخشى نىيىتىڭىز قۇت تاپقۇسى قېرىندىشىم!ئۇلارنىڭ سىلى بىزدەك بىر قانچە بانكىنىڭ كارتىسى يوق ئىكەن. كىچىككىنە ئامالى چىقىپ قالار... رەسىمىنى كۇرەلمىگەنلەرگە رەسىمنى يۇللاپ قۇيدۇم
http://rasm.sb.uz/pics2/3501918c09afe514bf40723b78b416f2.jpg بۇ ئوماق ئوغلۇمىزنىڭ كېسىلى ئالدىدا مېنىڭ كېسىلىم ھېچنىمە ئەمەسكەن،مەنمۇ ئۈرۈمچىدە داۋالىنىپ بۈگۈن قايتىپ كەلگەن ئىدىم.ياردەم قىلايلى قېرىنداشلار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-2 12:04
مەن بىر نەچچە خالىس نىيەت قېرىنداشلىرىمنىڭ ياردەم قىلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئۇلارغا غايىۋانە رەھمەت ئېيتتىم... بەلكىم ئۈن تىنسىز ياردەم قىلىۋاتقانلار باردۇر...‹‹مەن ياردەم قىلمىساممۇ خەق قىلىدۇ، مېنىڭ كىچىككىنە ياردىمىم نېمىگە ئەرزىيتتى؟›› دېگۈچىلەر بىر قاپ تاماكا، بىر قاچا تاماقنىڭ پۇلىنىمۇ بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسا ئاشۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ كۆڭلى قانچىلىك تەسەللىي تاپار ئىدى-ھە! ئابدۇرسۇل مۇئەللىم مەن بۇ بالىغا ئازراق كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلاي دىگەن. مىنى باشلاپ كۈرۈشتۈرۈپ قۇيالامسىز.
مەن مىشا يىزا يالغۇزباغ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئادىلجان
تىلفۇن : 13150295520 بۇناراسىدە قېرىندىشىمىزنىڭ پاتراق ساقىيىشىنى ئۇلۇغ اللادىن تىلەيلى ...ھەممىمىز ئاز-ئازدىن بولسىمۇ ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى ... تاما، تاما كۆل بولۇر
رەھمەت ئادىلجان ئۇكام!ياخشى نىيەتلەر قۇت تاپقاي! كۆرۈشۈش ئىستىكى بارلارنى ئەلۋەتتە بىللە باشلاپ بارسام بولاتتى، خىزمەتلىرىم سەل ئالدىراش تۇرىدۇ...مەن ماۋۇ 3 كۈنلۈك ئارام ۋاقتىدا سىز بىلەن ئالاقە قىلاي!
بەت:
[1]
2