خاقان515 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 21:11:33

بارماق دىسكا توغرىسىدا ياردەم سورايمەن

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار،مېنىڭ 32گېگابايتلىق بىر بارماق دىسكام بار ئىدى،ئۆزۈمنىڭ كومپىيوتېرىدا نورمال ئېچىلىدۇ،بىراق باشقىلارنىڭ ئالتۇنتاغ ۋىروسخورى قاچىلانغان كومپىيوتېرىدا بارماق دىسكىنى تونۇيدۇ،لېكىن 无法访问,拒绝访问دەپ چىقىۋېلىپ ئاچقىلى بولمىدى.بۇ ۋىروسخورنىڭ ئىشىمۇ ياكى كومپىيوتېرنىڭ ئىشىمۇ؟مۇشۇنداق مەسىلىگە يولۇققانلار ياردەم قىلغان بولساڭلار.رەھمەت

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 10:01:28

يەنەبىرئىش بۇنداق چۇڭ بارماق دىسكىلارنى ئارقىسغا ئانا تاختىغا بىۋاستە چىتىپ كۆرۇپ بىقىڭ

ئونسۇ يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 22:33:03

بارماق دىسكىدا ۋىرۇس باكەن. ئەگەر سوني بولسا نۇرمال ئەھۋال سۈپەت مەسلىسى

خاقان515 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 23:54:05

ئونسۇ يوللىغان ۋاقتى2014-3-25 22:33
بارماق دىسكىدا ۋىرۇس باكەن. ئەگەر سوني بولسا نۇرمال ئە ...

سونى ئەمەس sandiskماركىلىق،سۈپەتتە چاتاق يوق

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 09:58:20

دىسكا ئىچىدە ھۆججەتلار جىقمۇ    ئالتۇن تاغ ۋېرۇسخۇرې بارماق دىسكىنى سالغان ھامانلا تازلاشقا باشلايدۇ تازلاش تۇگىگەنمۇ

خاقان515 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 10:33:43

سارسان يوللىغان ۋاقتى2014-3-26 09:58
دىسكا ئىچىدە ھۆججەتلار جىقمۇ    ئالتۇن تاغ ۋېرۇسخۇرې با ...

ئالتۇنتاغنىڭ تەڭشەش رايونىدىن U盘监控دېگەننى ئېتىۋەتكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايرىم ۋىرۇس تازىلاش بۇيرۇقى بەرسەم سىكانېرلىغان ھۆججەت نۆل دەپ چىقىپ بىردەمدىلا ئاياقلىشىدۇ.

sahra0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 18:53:16

بارماق دىسكىڭىزنىڭ سىغىمى نۆل بولسا 量产工具 دىن پايدىلىنىڭ ...

خاقان515 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 19:54:51

sahra0998 يوللىغان ۋاقتى2014-3-26 18:53
بارماق دىسكىڭىزنىڭ سىغىمى نۆل بولسا 量产工具 دىن پايدىلىن ...

ئۆزۈمنىڭ كومپىيوتېرىدا ئاچسام نورمال ئېچىلىدۇ،سىغىمىمۇ نورمال.باشقىلارنىڭ كومپىيوتېرلىرىدىلا ئاشۇنداق ئەھۋال بار.量产工具نى ئىشلەتسەم ئىچىدىكى ماتېرياللارنىڭ ھەممىسى يوق بولۇپ كېتەرمۇ يا؟

sahra0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-26 22:07:46

خاقان515 يوللىغان ۋاقتى2014-3-26 19:54
ئۆزۈمنىڭ كومپىيوتېرىدا ئاچسام نورمال ئېچىلىدۇ،سىغىم ...

量产工具نى ئىشلەتسىڭىز يىڭى سېتۋالغان ھالەتكە قايتىدۇ، يەنى ھىچنىمە قاچىلاپ باقمىغان ھالەت....
بەت: [1]
: بارماق دىسكا توغرىسىدا ياردەم سورايمەن