ئېتىقاد يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 01:42:37

مۇختار روزى ئوقۇتۇش دېتالى ھەققىدە

بۇ يومشاق دېتال ئاساسلىقى دەرسلىك تارقىتىش خىزمىتىگە قولايلىق ئېلىپ كىلىش ئۈچۈن ئىشلەنگەن.
winxp, win7 32 , win8 32 ئۈچۈن تەمىنلەنگەن چۈشۈرۈش ئادرىسى :http://www.uiroom.com/smallsetup.rar
winxp, win7 64, win8 64 ئۈچۈن تەمىنلەگەن چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://www.uiroom.com/bigsetup.rar
قوزغىتىلغاندىن كىيىنكى كۆرۈنمە يۈزى

دېتالنى ئىشلىتىشتە چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك بولغان مەسلىلەر

1- بىر كومپيۇتېرغا بىرلا بولغانلىقى ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ كومپيۇتېرى بولىشى كىرەك. ئەگەر ئۆيىڭىزدە بىر، خاتىرە كومپيۇتېرىڭىزدىن بىر، ئىشخانىڭىزدا بىر بولۇپ ئۈچ دانە كومپيۇتېرىڭىز بولسا، ئۇ ھالدا بۇلاردىن پەقەت ئىككىسىگىلا قاچىلىيالايسىز، يەنى بىر قىتىم پۇل تۆلەش بىلەن ئۆزىڭىز ئىشلىتىدىغان پەقەت ئىككى كومپيوتېرغىلا قاچىلاشقا بولىدۇ.
2- تور سۈرئىتىڭىز يىتەرلىك بولىشى كىرەك. يەنى سىملىق، ماتېرىيال چۈشۈرۈش سۈرئىتى 24Kb دىن يۇقىرى بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. سىمسىز تور، ئېقىم بىلەن ئىشلىتىلىدىغان تور قاتارلىقلاردا ئىختىزادى ئەھۋالىڭىز يار بەرمىسە ئەڭ ياخشىسى بۇ دېتالنى قاچىلىمىغىنىڭىز ياخشى. چۈنكى دەرسلىكلەر تور ئارقىلىق بىۋاستە ئىشخانا مۇلازىمىتىرغا ئۇلاپ قويۇلغانلىقى ئۈچۈن بىز دەرسلىكنىڭ سۈپەتلىك بولۇش مەسلىسىنى ئويلىشىمىز، سىغىم چوڭ چىقىپ كىتىشىنى بەك ئىتبارغا ئېلىپ كەتمەيمىز. PS نىڭ بەزى 10 مىنۇتلۇق دەرسلىكلىرى 800MB كىلىدۇ. سىزنىڭ ئېقىم ھىساپلايدىغان تورىڭىز دەرىسلىكلىرىمىزدىن نەچچە ئون دەرس كۆرمەيلا توختاپ قېلىشى مۇمكىن.
3- دېتالدىكى دەرىجىڭىز 7 بولماي تۇرۇپ، دەرسلىكلەرنى كومپيۇتېرغا چۈشۈرۋىلىش مەخسىدىگە يىتەلمەيسىز. ۋاھالەنكى بۇ 7 توچكا يورىغان ۋاقىت سىز بىز ئۈگەتكەن دەرسلىكلەرنى ئۈگىنىپ بىر يەرگە بارغان، ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ تاللىغان كەسپىڭىزدە موئەييەن بىر يەرگە بارغان بولسىز، بىز شۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئەھۋالىڭىزنى ئويلىشىپ بىز بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان بولىمىز. ئاندىن كىيىن سىزنىڭ بىز بىلەن ئىشلەش ياكى ئىشلىمەسلىككە قارتا بەرگەن قارارىڭىزغا قاراپ 7- توچكىنى يورىتىمىز. بۇ مۇشۇ دېتال بىلەن دەرس تىڭشاۋاتقان باللارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلارنىڭ ئىچىدىن تاللانغان ھالىتىڭىز بولىدۇ. بۇنداق توچكا يورۇش ئىھىتىماللىقى بەكلا تۆۋەن. شۇ سەۋەپ دېتالنىڭ 7 - توچكىسىنى يورۇتسام، دەرسلىكنى چۈشۈرۋالالايدىكەنمەن دەپ ئويلىمىغىڭىز ياخشى.
4- بەزى باللار دېتالنى چۈۋۇپ بېقىشنى، ئۇنىڭ مەخپى شىفىرنى يېشىپ بېقىشنى ئويلىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە ۋاقىت ئىسراپ قىلماي مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشساڭلارلا، مەن دېتالنىڭ ئەسلى پروگراممىسىنى تەمىنلەپ بېرىمەن. چۈنكى بۇ سىلەرنىڭ مەخپى شىفىرنى يىشۋىتىپ دەرس تېڭشارمەنمىكىن دىگەن خام خىيال بىلەن نۇرغۇن ۋاقىتىڭلارنى ئىسراپ قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، مەن دېتالنىڭ دەرسلىك سۇپسىنى خالىغاندا ئۆزگەرتىپ، خالىغاندا ئوڭ تەتۈر قىلىۋاتسەممۇ بولىدۇ. سىلەر ئۇ دېتالنى بۇزۇپ چىقىشىڭلارغىلا مەن دېتالنىڭ تەمىنات سۇپىسىنى ئۆزگەرتىسەم قىلغىنىڭلار بىر قۇرۇق جازا بولۇپ قالدۇ. دېتال پەقەت سىلەرنىڭ كومپيۇتېرىڭلاردىكى بىر دەرسلىك كۆردىغان ئىكران خالاس، ئۇنىڭ مەخپىلەش رولى يوق. شۇڭا ئاۋارە بولماڭلار. ھەم مەن بۇ دېتالنىڭ ياسلىش جەريانىنى يېڭى دەرسلىكلەردە دەرسلىك قىلىپ سۆزلەپ قويدۇم، شۇڭا ۋاقتىڭلارنى ئىسراپ قىلماڭلار.
5- دەرسلىكلەرنىڭ ئالدىنقى 5 توچكىسى دەرسلىك سىتىۋىلىش جەريانىدىكى ئىپادىڭىز، ئۈگىنىش پۇزۇتسىيەرىڭىزگە ئاساسەن يورۇپ تۇردۇ.

بۇ توچكا يورىغاندا يومشاق دېتالدا نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارلار قوشۇلغان بولىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئىقتىدارلىرى بولىدۇ. ئۇنىمۇ ئىشخانا مۇلازىمىتىر ماشىنىسى تەمىنلەيدۇ. ئەگەر 6- توچكا يورىغان بولسا سىزنى ئەمەلىي خىزمەتكە يىتەكلەيدىغان مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىلغان بولىدۇ.

بۇ قىتىمقى دەرسلىك تارقىتىش ئىشلىرىنىڭ مەخسىدى

بۇرۇندىن بىز بەزى ھەقسىز دەرسلىكلەرنى تارقىتىپ كەلدۇق، بەزىدە ناچار بولسۇن، بەزىدە ياخشى بولسۇن مەلۇم بىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈردۇق. نۇرغۇن تەجىربىلەنى ۋە ئەمەلىي مەسلىلەرنى بايقىدۇق، بۇ جەريانغا ئاز كەم 4-5 يىل ۋاقىت كەتتى. بۇ جەرياندا دەرسلىكلىرىمىزگە ۋاقىت ئاجراتقانلارنىڭ ئاز بولسىمۇ كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئىلگىرلىشى بولدى، دىمەك بىز ئەمدى سىستىمىلىق ۋە رىتىملىق ھالەتتە كومپيۇتېر كەسىپلىرى بويىچە تەربىيلەش ئېلىپ بارساق بولدىغان ئەھۋال شەكىللەندى.
ئالدىنقى بىر يىلدا مەن ئومۇمىي كومپيۇتېر ساھەسىدە ئۆزۈم ئۈگەنگەن نەرسىلەرنى 6 چوڭ تۈرگە يىغىنچاقلاپ چىقتىم. بۇلار 1- گىرافىك ۋە كارتون ساھەسى، 2- فىلىم ساھەسى، 3- تور بەت ساھەسى، 4- پروگرامما ساھەسى، 5- لايىھىلەش ساھەسى، 6- تېلفۇنغا پروگرامما تۈزۈش ساھەسى،

مۇشۇ تۈرلەر ھەققىدە ئەتراپىلىق تەربىيلەش پېلانى ۋە سىستىمىلىق يىتەكلەش ئۇسۇللىرىنى كۆرۇپ چىقتىم ۋە رەتلەپ پېلان تۈزدىم. بۇ قىتىمقى يومشاق دېتال ئارقىلىق مۇشۇ 6- چوڭ تۈردە جەمى 43 دانە يومشاق دېتال ۋە 7 خىل پروگرامما تىلىنىڭ دەرسلىكى سۆزلىنىدۇ. ھەر بىر تۈر 0 دىن باشلاپ يىتەكلىنىدۇ. ھازىر ئاساسەن تور ساھەسى، گىرافىك ۋە كارتون ساھەسى، لايىھە ساھەسى، پروگراممە ساھەسىنىڭ دەسلەپكى پېلاندىكى دەرسلىكلىرى تورغا يوللاندى ۋە داۋاملىشىۋاتىدۇ. قالغان ئىككى تۈرنىڭ دەرسلىكلىرىمۇ يېقىنقى مەزگىلدە يوللىنىدۇ.

بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىمىز، بۇ دېتال بىلەن خالىغان دەرسلىكنى ئاڭلاش ئىمكانىيىتىڭىز بولىدۇ.

قالغان ئەھۋاللارنى يەنە داۋاملىق ئەسكەرتىپ تۇرىمىز.

ئەمدى دەرسلىك سىتىۋىلىۋاتقان كورسانتلارغا،

ھازىر مەن تور ئارقىلىق تەربىيلەۋاتقان، مىنىڭ تەربىيلىشىمنى قوبۇل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ، بۇرۇنقى نەق مەيداندا تۇرۇپ دەرس سۆزلىگەندىكى ئوقۇغۇچىللىرىم ۋە ھازىرقى تور ئارقىلىق ئوقىۋاتقان ئوقۇغۇچىللىرىم بولۇپ يىتەرلىك نىسبەتتە ئوقۇغۇچىم بار، بەزىللىرىڭلار «دەرسلىكنى كۆرەلمىسەممۇ مەيلى، سىزنى قوللاش يۈزسىدىن دەرسلىكنى سىتىۋىلىپ، كومپيۇتېرىمغا قاچىلاپ قويمەن» دىگەندەك گەپلەرنى قىلدىڭلار. بۇ مەن يېقىندىلا ئۇچىرغان مەسلە ئەمەس. مەيلى قايسى بىلىم بولسۇن ئۇنىڭ يىلتىزى بەك چوڭ يەردىن كەلگەن بولىدۇ. مەيلى مەن بولاي، مەيلى باشقا ساھادىكىلەر بولسۇن ئاساسەن بۇ خىل پۇزۇتسىيە تۇتىمىغىنىڭلار ياخشى. يەنى ئۆزۇڭلارغا ياخشى ئەمەس. بۇ ھەم ماھىيەتتە مېنى قوللاش بولمايدۇ. ئەلۋەتتە توغرا، بەزىدە نۇرغۇن ئىختىزادىم بولغان بولسا، قانچىلىك ياخشى ئىشلارنى قىلىۋىتەر بولار ئىدىم دەپمۇ قالىمەن. (ئادەم دىگەندە شۇنداق ئارزۇلار بولىدۇ) ئەمما ناھاقتىن ناھاق، دەرسلىكلەرنى ئېلىپ بېسىپ قويغانلىق مېنى قوللىغانلىق بولمايدۇ. بۇنداق ياخشى كۆڭلىڭلارغا كۆپتىن - كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنداق بىر كىشلەرنىڭ بولغىنى ۋە شۇنداق دىيىلگىنى ئۈچۈن ياراتقۇچىغا شۈكۈرلەر بولسۇن. مەن بۇ يەردە ئۇ خىل قوللاش روھىنى، باشقىلار ئۈچۈن قۇربان بېرىش روھىنى ھەرگىز ئەيىپلىمەيمەن. ھەر بىرىمىزنىڭ شۇنداق قۇربان بېرىدىغان مەلۇم ۋاقىتلىرىمىز بولىدۇ. مىنىڭ بۇ يەردە تەكىتلەۋاتقىنىم ئۈگىنىشكە بۇ خىل پۇزۇتسىيە تۇتساق بولمايدۇ. دىننى ۋە پەننى بىلىملەرنىڭ قايسى بولمىسۇن چوقۇم ئۇنىڭغا تۇتىدىغان مەلۇم پۇزۇتسىيەرىمىز بولىدۇ ۋە ئاقىبەتتە بۇ خىل ئەھۋال بىزنىڭ كىيىنكى قەدىمىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

15899373437 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 01:58:28

مەن سېتۋالمەن. ئىشان ئاللاھ. دوسالارمۇختەر مۇئەللىمنىڭ دەرسلىكنىسېتۋالساق ھەرگىز زايە كەتمەيدۇ. رەخمەت مۇختەر مۇئەللىم. سىز بىزگە خۇددى بىر كومپاستەك قايسى يولغان مېڭشنى كۆرسۈتۈپ كېلۋاتسىز. ئاللاھ سىزنىڭ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن. رەخمەت سىزگە مۇئەللىم......

ئەلتبەر يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 13:05:48

مەن فىلەشنڭ .0-دىن باشلانغان دەرسلىكىنى سېتۋالاي دىگەن قايسى ئۇسۇل بىلەن سېتۋالمەن .؟دەرسلىك قانچە قىسىمدىن تەركىپ تاپقاندۇ.؟

alganap يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 18:11:04

POTOSHOPنىڭ رەڭ ماسلاشتۇرۇش دەرسى بارمىدۇ؟ بولسا سېتىۋالغان بولسام

yarkanboy يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 01:25:25

VB.NET نىڭ دەرسلىكلىرى بولسا شۇلارنىڭ تىزىملىگىنى ئاشكارلىغان بولسڭىز .....
vb.net 2012نىڭ بولسا تېخى ياخشى ئىدى....

يۇقارقى تمىدىكى قىستۇرغان رەسىمگە قارىسامvb6.0نىڭ دەرسلىكلىرىنى يۈكلىگەندەك قىلىسىز.....   

مۇختەر مۇئەللىم ناۋادا سىزدەئالدىنقى قىتىم vb6.0 گە ئائىت تۈزگەن دەرىسلىكىڭىزدەك vb.net 2012 نىڭ دەرسلىكلىرى بولۇپ قالسا قانچە مىڭ يۈئەن بولسا باھاسىغا قارىتا قەتئى ئىككىلەنمەي ئالاتتىم..... مۇشۇ توغرىسىدا بىر كۈچ سەرىپ قىلغان بولسڭىز.... .......   ئويلىشىپ باققان بولسىڭىز.

yarkanboy يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 01:32:20

دېتالنى قاچىلىغان ھامان دەرسلكلەرنى كۆرگىلى بولمىسىمۇ، تىزىملىگىمۇ بولسا چىقىپ تۇرغان بولسا تېخىمۇ قولايلىق بولغان بولاتتى ....

ئېتىقاد يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 05:26:16

yarkanboy يوللىغان ۋاقتى2014-3-24 01:25
VB.NET نىڭ دەرسلىكلىرى بولسا شۇلارنىڭ تىزىملىگىنى ئاشكار ...

netنىڭ دەرسلىكى يۈكلىنىۋاتىدۇ.ئەپسۇس Vbنىڭ ئەمەس #C نىڭ دەرسلىكى يۈكلىنىۋاتىدۇ.
دېتالنى قاچلىغاندىن كىيىن ھەقسىز دەرسلىك قىسىمى يۈكلىندىغان نۇسقىسىنى ئىشلەۋاتىمەن. بىرىنچى خىل نۇسقىسىدا بىر ئاز ئاددىلا چىقارغان ئىدىم. ھازىر دەرسلىك رەتلەش ۋە كۆپ قىسىم ئىشلارغا باللارنىڭ قولى ئىشقا كەلگۈچە يەنىلا ئۆزۇم كۈچىمىسەم بولمايدىكەن. بۇمۇ ئۇزۇنغا بارماس، ئوڭشىلىپ كىتەر.

دەرسلىكلەرنى داۋاملىق يۈكلەشكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە ئەسلىدىكى ئىشخانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك قانۇنى ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، رەسمىيەتلەرنى بىجىرۋاتىمىز. ئۇزۇنغا قالماي بۇ ئىشلارمۇروياپقا چىقىپ قالار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇختار روزى نامىدىكى تور بېكەتنى شۇ ئىشلار بىلەن بىرگە ئۈلگۈرتۈپ پۈتكۈزۈش پېلانىمىز ھەم بار.

ئېتىقاد يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 05:30:21

alganap يوللىغان ۋاقتى2014-3-23 18:11
POTOSHOPنىڭ رەڭ ماسلاشتۇرۇش دەرسى بارمىدۇ؟ بولسا سېتىۋالغ ...

بۇ دەرسلىكلەرنىڭ 15G لىق نۇسقىسىنى ئەينى ۋاقىتتا بىر قانچە بالىغا تارقاتقان ئىدۇق. ھازىر ئۇ دەرسلىكلەر 23G بوپ كىتىپتۇ، بۇ تەرەپتىن تورغا يوكلەش ئىمكانىيىتمىز بولماي قالدى. بۇرۇن دەرسلىك ئالغان باللارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى ھازىر ئىشلىمەيدىكەن. ھەر ھالدا تىرشىۋاتىمىز. PS نىڭ دەرسلىكلىرىنىڭ ئادەتتىكى پروگرامما دەرسىگە قارغاندا سىغىمى چوڭ چىقىپ كىتىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا رەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ ئەمەسمۇ، ئەمما پات پۇرسەتتە يۈكلەيمىز.

تامچەم يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 13:51:59

winxp, win7 64, win8 64 ئۈچۈن تەمىنلەنگەن دىتال مىنىڭكىدە بىنورمال ،مىنىڭ سىستىمام win7 64 ئىدى.

ئەرمەن يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 19:04:27

مۇئەللىم بۇ دەرىسنى قانداق سېتۋالمىز،خالىغان ۋاقىتتا كۆرگىلى بۇلامدۇ ياكى دەرىسلىكە مۇقۇم ۋاقىت بەلگىلەنگەنمۇ ؟پۇلى قانچىلىكۋاختىچۇ؟يەنە قانداق پۇل تاپشۇرمىز؟
بەت: [1] 2
: مۇختار روزى ئوقۇتۇش دېتالى ھەققىدە