توغراق يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 19:39:00

[مەسلىھەت ] ئوقۇتقۇچىلارنىڭ داۋالىنىش ئەركىنلىكى بارمۇ-يوق؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئونسۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-22 21:04

ئوقۇتقۇچىلارئاغرىپ يىتىپ قالغاندا ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتىۋىلىش توغرىمۇ؟مۇشۇھەقتە مەسلىھەتبەرسەڭلار !

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 22:08:22

ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن دوختۇرخانىلاردا يېتىپ داۋالانسىڭىز تۇتىۋالمايدۇ، ئاغرىپ قالدىم دەپ دوختۇرغا بارماي ئۆيدە ياتسىڭىز تۇتىۋالىدۇ.

شاھيار88 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 22:11:47

قانۇنلۇق ھالدا دوختۇرنىڭ   كۆرسەتمىسى بۇيچە داۋالانسا مەكتەپتىكى ھېلقى قانۇن سىياسەتتى خەۋىرى يوقلارنىڭ ئىش ھەققىگە ئېسلىپ قېلىش خاتا بولمىسا كادىرلار ئىدارىسىدا ئەمگەك تالاش تارتىشىشنى كىسىم قىلدىغان بىر ئۇرۇن بار شۇلار بىر تەرەپ قىلدۇ بولمىغان دا يۇقۇرغا ئەرىزقىلسا بولدۇ

weli يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 23:00:20

ئەگەر سىزنىڭ يوللۇق بولسا كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسىگە تىلىفۇن قىلىڭ 0991-2507255، 2507355

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 12:44:15

دېمىسىمۇ تۆۋەنلەردە مۇشۇنداق خىلمۇ- خىل، پۇلغا بېرىپ تاقىشىدىغان ‹يەرلىك تۈزۈم› لەر خېلى بار، بىر جەھەتتىن ئوڭشىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما يەنە بىر جەھەتتىن تۇرۇپلا پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئوقۇتقۇچىغا بولغان بېسىم، بولۇپمۇ ھازىرقى ۋاقىتتا بۇرۇن خىزمەتكە چىققان، ئەمما پىنسىيىگە چىقمىغان ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان بېسىم ھەقىقەتەن ئېغىر. كۆپلىگەن مەكتەپلەردە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ‹ئۇھ!› دېگۈدەك ۋاقتى پەقەتلا يوق.
كېسەل دېگەننىڭ ئېغىرىمۇ- يىنىكىمۇ بولىدۇ، ئەمدى سەل ئېغىرراق زۇكامداپ قالغاندىمۇ ئاتايەن مەخسۇس بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلارغا بېرىش بەزىدە تازا قولاي بولۇشىمۇ ناتايىن (ئانچە ئېغىر بولمىغان كېسەللەرگە مىسال سۈپىتىدە شۇنداق ئېلىپ قويدۇم)، مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا مۇھىمى يەنىلا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەي، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپراق ئىش تۇتسىمۇ بولامدۇ- قانداق. ئەمما تولىمۇ ئاز ساندىكى بىرقىسىم پۇرسەتپەرەزلەر بەزىدە ھەقىقەتەن ئاغرىپ قالغانلىقنى باھانە قىلىپ ‹ئالدامچىلىق قىلىدىغان› ئىشمۇ يوق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.
مەن ئىگەللىگەن ھەم ئۆز كۆزۈم، ئۆز قولۇقۇم بىلەن ئاڭلىغان ئىشلاردىن بىرى: بىرقىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرى قىسمەن ۋاقىتلاردا ئۈستەلنى مۇشتلاپ تۇرۇپ، ھەتتاكى ‹پالانى خىزمەت تولىمۇ مۇھىم، مۇشۇ بىر مەزگىلدە ئاغرىپ قېلىشقا، زۆرۈر ئىش بار دەپ رۇخسەت سوراشقا، ئۆلۈپ قېلىشقا بولمايدۇ!› دەپ ئەمەلىيەتكە قىلچە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مۇشۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ زىتىغا تېگىپ قالىدىغان ئىشمۇ بار تېخى (ئەلۋەتتە بۇ خېلى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى ئەھۋال، ھازىر مەۋجۇتمۇ- ئەمەسمۇ بۇ ماڭا نامەلۇم).

شىرى يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 14:36:55

ئوقۇتقۇچىلار ئادەم ئەمەسمىكەن ئادەم بولغان ئىكەن ئاغىرىپ قالسا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئەركىنلىگى بۇلۇدۇدە

aksu يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 17:10:16

ئاغرىپ قالسا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ ياتاقتا يېتىپ داۋالىنىش ئېلىپ بارسا،مەكتەپكە مۇناسىۋەتلىك رەسىميەتلەرنى تاپشۇرۇپ ساقايغاندا ئىشقا چۈشسە بۇلىدۇغۇ؟ئىشقىلىپ بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدە دوختۇرخانىنىڭ دىئاگنوزى،ياتاقتا داۋالىنىش رەسىميەتلىرىنى مەكتەپكە تاپشۇرۇپ داۋالانسا پۇل تۇتۇپ قالىدىغان ئىشلار يوق.

anwarabla يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 00:01:48

ۋۇي بۇ تېلپۇن نۇمىرى ئىشەنچىلىكمۇ؟ مۇشۇنداق كەسىپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى ئىنكاس قىلسا ئۈنىمى زادى قانچىلىك ؟
شايار ناھيىسىدىغۇ ھازىر مائارىپ سېستىمىسىنىڭ شەنبە يەكشەنبىللىرى يىغىن ، تەربىلىنىش ، خۇلاسە ، نەقمەيدان ، ئىمتىھان ........
ئەمما ئۈلۈم يىتىم تويدىن باشقىغارۇخسەت سورىسا بىر كۈن سورىسا 100يۇئەن نەق تاشلاپ سورايدۇ ھەي......

توغراق يوللانغان ۋاقتى 2014-3-27 17:58:11

مىنىڭ قولۇم سۇنۇپ كىتىپ داۋالانغان ئىدىم سۇنۇق دىگەننى دوختۇرخانىدا 3-4كۇن ياتسا چقىرىۋىتىدىكەن شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخاندىن يتىپ ئارام ئالىدۇ دەپ ئسپات چىقىرىپ بەردى،مەكتەپكە ئەكىلىپ باشلىقلارنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۇپ ئاندىن مائارىپ ئىدارە پارتىكۇم شۇجسىنىڭ داۋالىنىشقا قوشلىمەن دىگەن تەستىقىنى ئىلىپ ئاندىن مەكتەپكە ئەكرىپ بەرگەنلىلكىن مەكتەپ ھازىر بۇنىڭغا پۇل تولەيسەن دەۋاتىدۇ، سۇنۇق دىگەن 15-20كۇندە ياخشى بولۇپ كىتەلمەيدىكەن ھەم مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ مائارىپ ئىدراە رەھبەرلىرىنىڭ تەستىقى بولغاندكىن مەن قانۇنلۇق ھالدا يىتىپ داۋالاندىم دەپ قارايمەن لكىن بىزنىڭ مەكتەپ رەھبەرلىرى كۇنلىكىگە 30يۇئەندىن پۇل تولەيسەن دەۋاتىدۇ ....شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ پىكىرىنى ئالاي دىگەن   توغرا پىكىر تەكلىپ ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولسا مەسلىھەت بەرسەڭلا                     خاپا بولماي بۇمەزمۇننى تەستىقلاپ قوسسىڭىز

تۇرسۇن يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 13:38:25

مائارىپ ئىدارسى شۈجىسى تەستىقلىسا يەنە پۇل دىسە ،مائارىپ ئىدارسى شۈجىسىنىڭ تازا رولى يوقمۇ نىمە؟
بەت: [1]
: [مەسلىھەت ] ئوقۇتقۇچىلارنىڭ داۋالىنىش ئەركىنلىكى بارمۇ-يوق؟