بالىڭىزنىڭ يۈرەك ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tursun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-22 17:19بالىڭىزنىڭ يۈرەك ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاڭ
پەرزەنت تەربىيىسىدىكى تەدبىرلەر
1. بالا بىلەن پات - پات پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ .
2. بالىنىڭ ئاچچىقىنى پەسەيتىش يولىنى ئېچىڭ .
3. بالىنىڭ ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈڭ .
4. بالىڭىزنىڭ يۈرەك ساداسىنى كۆڭۈل قۇيۇپ تىڭشاڭ .
5. قېيداشنىڭ ئەھمىيىتىگە ئېتىبار بىلەن قاراڭ .
6. يولسىز تەلەپلىرىنى چەكلەڭ .
7. بالا بىلەن شەرتلىشىڭ .
8. ئامراقلىقىڭىزنى بالىغا ئېيتىڭ .
9. بالىنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بولۇڭ .
10. گەپ قىلىش ئاۋازىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ .
11. بالىغا ئۆز تەجرىبىڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ .
12. بالىنىڭ شوخلۇقىنى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىڭ .
13. بالىغا توغرا ئۇسۇل بىلەن تەربىيە بېرىڭ .
14. نېمە ئىش قىلىشنى بالا ئۆزى تاللىسۇن .
15. سەۋەنلىكنى ۋاقتىدا تۈزىتىڭ .
16. يۇشۇرۇن قابىلىيىتىنى قوزغىتىڭ .
17. مۇۋاپىق ۋاقىتتىكى ئىلھاملاندۇرۇش ھەممىدىن ئەلا .
18. ئويۇن ئويناش بالىغا خۇشاللىق بېغىشلايدۇ .
19. ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ .
20. قىزىقىشىنى قوزغاش كېرەك .
21. بالىنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈڭ .
22. بالىغا كىتاب ئوقۇش ئوقۇشنىڭ ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بېرىڭ .
23. بىرىنچى قەدەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باسسۇن .
24. رىقابەتلىشىش ئارزۇسىنى قوزغىتىڭ .
25. بالىنىڭ ئىجادچانلىقىدىن زوقلىنىڭ .
26. بالىنى كۆزگە ئىلمايدىغان گەپلەرنى قىلماڭ .
27. بالىغا قىيىنچىلىقنى يېڭىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بېرىڭ .
28. ماختاشقا بېخىللىق قىلماڭ .
29. بالىغا ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭ .
30. بالىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىڭ .
31. سوئال سوراش ئۇسۇلى بىلەن نەتىجىسىنى سىناپ بېقىڭ .
32. ئوقۇش بىلەن يېزىشنى ماسلاشتۇرۇڭ .
33. كۆڭۈلدىكى ئەندىشىنى چىقىرۋېتىڭ .
34. بالىغا مەغلۇبىيەت ساۋىقىنى قوبۇل قىلغۇزۇڭ .
35. رىقابەتكە يۈزلەندۈرۈڭ .
36. ۋاقتىنچە دەم ئىلىشنى ئۆگىتىڭ .
37. بالىغا كۆتۈلمىگەن بىر خۇشاللىق ئاتا قىلىڭ .
38. تىنچ - خاتىرجەم پوزىتسىيىسىنى يېتىلدۈرۈڭ .
39. يۇمۇرلۇق تۇيغۇنى يېتىلدۈرۈڭ .
40. يۈز تۇرانە سۆزلىشىڭ .
41. بالىغا ئويلىنىش ئىمكانىيىتى بېرىڭ .
42. بىر مەسلىنىڭ ئوخشىمايدىغان يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ .
43. بالا ئۆزى قارار قىلسۇن .
44. نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىڭ .
45. ئۇستىلىق بىلەن يېتەكلەڭ .
46. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يېتىلدۈرۈڭ .
47. بالىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ .
48. ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈڭ .
49. نىشان بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمىسۇن .
50. تەتۈر پىكىر يۈرگۈزۈڭ .
51. تەۋەككۈلچىلىك روھىنى يېتىلدۈرۈڭ .
52. قايتا - قايتا مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ .
53. بالىغا ئۆي ئىشىنى كۆپىرەك قىلغۇزۇڭ .
54. چۈشىنىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈڭ .
55. ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈڭ .
56. بالا مۇستەقىل ئىش قىلسۇن .
57. بالىغا ئىچ - قارنىنى تۆكۈش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىڭ .
58. بالا كىتاب ئوقۇشنى كۆڭۈللۈك ئىش دەپ بىلسۇن .
59. بالا دوستلىرى بىلەن كۆڭۈللۈك ئوينىسۇن .
60. بالىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈڭ . كۇندە ئەتتىگەن پەرزەنتىڭىزگە بۇ ھاياتنىڭ تولىمۇ مەنىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇپ تۇرۇڭ... ناھايتى ئەھمىيەتىلىك دۇردانىلەر ئىكەن رەھمەت سىزگە ساقلىۋالاي،
بەت:
[1]