taxbala يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 10:27:55

ئۆزۈمنىڭ بايرىمې، ئۆزىمىزنىڭ سىز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار، ھەممىڭلارنىڭ قۇتلۇق نۇرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!


ئۆزۈمنىڭ بايرىمې، ئۆزىمىزنىڭ سىز

ئۆزۈمنىڭ بايرىمې، ئۆزىمىزنىڭ سىز
مەدەنىيەت، دىن يەنە بوھراندىن خالى.
ئۇيغۇرنىڭ ئەقلىدىن پۈتكەن بىر ئادەت
جاھاندا ئۇيغۇرچۈن ھەممىدىن ئالى.

ئۆزۈمنىڭ بايرىمې، ئۆزىمىزنىڭ سىز
ئۇنتۇلدۇق ئۇنتۇلدى نۇرۇزنى زامان.
ئاسارەت يىللارغا لەنەت، ئىھ بۈگۈن-
غەنىمەت پەيتلەردە تېپىشتۇق ئامان.

ئۆزۈمنىڭ بايرىمې، ئۆزىمىزنىڭ سىز
ئۇيغۇرنىڭ پەرۋازى ھەر كۈلكىڭىزدە.
سېز بىلەن ئارمارنلار ئارمان ئۇ ئاندىن
تويغا توي ئۇلىشار ھەر ئۆيدە كۈزدە.

ئۆزۈمنىڭ بايرىمې، ئۆزىمىزنىڭ سىز
بىز سىزدىن سۇرايمىز يىلنىڭ بىشىنې.
ئەرگە ھەم يەرگە ھەم قۇتسىز ھەر جانغا
لەۋ تامچىپ ئوتلايمىز نۇرۇز ئېشىنې.

ئۆزۈمنىڭ بايرىمې، ئۆزىمىزنىڭ سىز
باھادىر شەرەپچۈن چاپار دۇلدۇلدا.
«ئامەتلەر ياربولسۇن» دەپ تېلەيدۇ چال
«ئامەتلىك يىللاردەك يەنە بۇ يىلدا»

ئۆزۈمنىڭ بايرىمې، ئۆزىمىزنىڭ سىز
كۈرۈڭكى ئىت، تۇخۇ، قوشقار بەيگىدە.
دارۋازنىڭ كۆزتېڭىپ مېڭىشلىرىچۇ
ھاپېزنىڭ كۆز يېشې شادلىق ئەۋجىدە.

ئۆزۈمنىڭ بايرىمې، ئۆزىمىزنىڭ سىز
سىز بىلەن يۇيىلار ئاداۋەت باتناش.
مەن خۇشال، ئۇ خۇشال، ھەممىز خۇشال
سىز بىلەن ھەممىگە ئىجىل، ئۆم ياشاش.

ئۆزۈمنىڭ بايرىمې، ئۆزىمىزنىڭ سىز
كەپسىزلەر پېتىشماس بۈگۈن قېنىغا.
ئويغاندى بەزمىدە قۇرۇت قوڭغۇزمۇ
سىز بىلەن جان كىردى يەنە جېنىغا.

ئۆزۈمنىڭ بايرىمې، ئۆزىمىزنىڭ سىز
تەرىپكە تىل ئاجىز تەرپىڭىز نىتەي.
ئەڭ چوڭقۇر سالامىم ھۆرمىتىم بىرلە
بەخىتلىك پەيتلەرگە جۈر بۇلۇپ كىتەي...

2012-3-18

مارالبېشې

شىرى يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 12:08:20

كاتتا يېزىۋېتىپسزقەلەملىرىڭىزگە كۆزتەگمىسۇ يەنمۇ كۆپلەپ ياخشى ئەسەرلىرىڭىزگە تەشنامەن    كىچىككىنە ئىلتىماس مەنمۇ مارالبېشىلىقتونۇشۇپ قېلىش ئارزۇيۇم بارئىدى

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 13:15:58

شېئىرىڭىزنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ياخشى چىقىپتۇ. قەلىمىڭىز يەنىمۇ راۋان بولسۇن.
تەكلىپ: نەۋرۇز دىندىن خالىي بولغىنى بىلەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە تەۋە. شۇڭا، 1-كۇبلىتتىكى" دىندىن خالىي"دىگەن ئىبارىڭىز توغرا ئىشلىتىلمىگەن.
شېئىرنىڭ ماۋزۇسى ھەم باش مىسراسى بولغان " .ئۆزۈمنىڭ بايرىمى، ئۆزىڭىزنىڭ سىز" دىگەن مىسرادىكى " ئۆزىڭىزنىڭ سىز" سۆزى شېئىرنىڭ مەنتىقىسىگە ياراشماپتۇ. بۇ جەھەتتە دىققەت قىلسىڭىز.
بەت: [1]
: ئۆزۈمنىڭ بايرىمې، ئۆزىمىزنىڭ سىز