ئېتىقاد يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 04:14:20

مۇختار روزى دەرسلىكلىرىنى كۆرۇش

2014-يىلى يىل بىشىدىن باشلاپ كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئۆزۇم قىززىقىپ ئۈگەنگەن 6 ساھە ھەققىدىكى دەرسلىكلەرنى سۆزلەش ۋە تارقىتىشنى ئويلاشتىم. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىناق ھالەتتە 2014- يىلى يىل بىشىدا CSS&HTML دەرسلىكىنىڭ بىرىنچى قىسىمىنى تارقاتقان بولساممۇ، بىراق بۇ دەرسلىك بىلەن كۈتكەندىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم. يەنى سىتىۋالغان ئادەم 8، ئەمما ئىشلىتىۋاتقان ئادەم ئىككى ئاي ئىچىدە 700 دىن ئىشىپ كەتتى. ئورتا ھىساب بىلەن ھەر 100 ئادەم ئىچىدىن پەقەت بىر ئادەم دەرسلىككە پۇل تاپشۇرغان ئىدى. مۇشۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ ئالدىنقى 121 قىسىم دەرسلىكتىن كىيىنكى دەرسلىكلەرنى باللارنىڭ تەكلىپى بىلەن مەخپىلەپ تارقىتىشنى قارار قىلدىم. 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا بۇ دەرسلىكنىڭ 1- قىسىمى بولغان 201 -دەرسلىك مەخپىلەپ تارقىتىلدى. خوشاللىنارلىق يېرى شۇكى مەخپىلەنگەندىن كىيىن دەرسلىك سىتىۋالغانلار دەرسلىك ئىشلەش جەريانىدىكى چىقىمنى كۆتۈرەلىگىدەك ھالەتنى شەكىللەندۇردى.
ئەمما بەزى بىر مەسلىلەرمۇ پەيدا بولدى. دەرسلىك مەخپىلىگەندە باشقىلارنىڭ يومشاق دېتالىنى ئىشلەتكەنلىك ئۈچۈن، ھەر بىر دەرسنى كۆرگەندە ئارغامچىدەك ئۇزۇن مەخپى نومۇرنى بىر قىتىم كۆچۈرۈپ چاپلاشقا توغرا كىلەتتى. ھەتتا سىغىمى چوڭراق دەرسلىكلەر كۆرۈنمەيدىغان. بەزى مەشغۇلات سىستىمىسىدا دەرسلىك پەقەتلا ئىچىلمايدىغان ئەھۋال كۆرۇلدى. دەرسلىكنى سىتىۋالغانلار بولسا چۈشىنەلمىگەن يەرلىرى ھەققىدە سوئال سورىيالمايتتى. بۇ مەسلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەن بىر ئاددى قورال ياساپ قويدۇم. سىز بۇ قورالنى چۈشۈرگەندىن كىيىن، كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلاپ ئاندىن ئەڭ ئۈستىدە كۆرۈنگەن نومۇرنى ماڭا يوللاپ بېرىسىز.

ئاستىغا قىزىل سىزىق سىزىپ قويۇلغان ئورۇندا سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدىكى تەرتىپ نومۇرىڭىز بىكىتىلىدۇ. ئاشۇ نومۇرنى يوللىغاندىن كىيىن مەن سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزنى يومشاق دېتالغا يوللايمەن. بۇ ۋاقىتتا سىز سىتىۋالغان دەرسلىكلەرنىڭ تىزىملىكى ئوڭ تەرەپ تىزىملىك رايۇنىدا كۆرنىدۇ.
ئاندىن خالىغان دەرسلىكلەرنى تاللاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

دەرسلىكلەر پۈتۈنلەي ئەسلى نۇسقىسى ھالىتىدە يوللانغان.
بۇ خىل دەرس كۆرۇشتە يۇقاردا تىلغا ئېلىغان مەسلىلەر ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس. مەخپى شىفىرنى قايتا - قايتا سىلىپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق. دەرسلىكلەرنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىش مەسلىسى يوق، دەرسلىكلەر ئىچىلمايدىغان ئىشلارمۇ يوق. يەنە يومشاق دېتالغا دەرىجە بىكىتىش رامكىسى ئورنىتىلغان. ئاپتۇماتىك ھالدا سىزنىڭ دەرىس كۆرۇش مەسلىڭىزنى خاتىرلەپ تۇردۇ، ئەگەر بىر دانە سېرىق توچكىڭىز بولسا ئۇ ھالدا قولىڭىزدا بىر دانە پىچكىڭىز بولغان بولىدۇ. ۋە دەرسلىك تىزىملىكىنىڭ ئاستىدا پىچكىنى ئىشلىتىشنى تاللاش تۈرىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنى ئورۇنلۇق ئىشلەتسىڭىزئىككىنچى قىتىملىق دەرسلىك باھاسى مۇۋاپىق باھادا چۈشىدۇ. بۇ خۇددى بىر مەيدان شاھمات ئوينىغانغا ئوخشاشلا ئىش.

ئەگەر بۇ يەردىكى دەرىجىڭىز 7 سېرىق توچكا بولسا دىمەك سىز بىزنىڭ دەرسلىك پېلانلاش، رەتلەش، دەرسلىك تارقىتىش ئىشلىرىمىزدا تايىندىغان ھالقىلىق ئادىمىمىز بولغان بولسىز، يەنى سىز ئۈگىندىغان نەرسىلەرنى تولۇق ئۈگىنىپ بولغان ۋە خىزمەت قىلىش شەرتىگە چۈشكەن، ھەتتا بىزنىڭ كەسپى خادىملىرىمىزغا ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمان بولىۋاتقان بولىسىز.
بۇ يەردىكى سېرىق توچكا، سىزنىڭ دەرسنى كۆپ كۆرگىنىڭىز، كومپيۇتېر ئالدىدا يامان ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتكىنىڭىز، بۇ يومشاق دېتالنى كومپيۇتېردا ئېچىپ قويغان ۋاقتىڭىزنىڭ ئۇزۇن بولغانلىقى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ، بەلكى، دەرسلىكلەرنى ئۆزلەشتۇرۇش ئەھۋالىڭىزغا قاراپ ئىشخانىمىز تەرپىدىن بىۋاستە، ھەتتا ئۆزۇم كۆرۇپ نومۇر يوللاش بىلەن بولىدۇ.
بىز سىزنىڭ كومپيۇتېر ساھەسىدە داڭلىق ئادەم بولۇپ كىتىشىڭىزگە ۋەدە قىلالمايمىز. بۇنىڭ ئەھمىيىتىمۇ، زورۇرىيىتىمۇ، ھىچ بىر قىممىتىمۇ يوق. چۈنكى ئۆزىدە قىززىقىش بولمىغان ئادەمگە ھەرقانچە كۆپ بىر نەرسە ئۈگەتسىڭىزمۇ ئۇنىڭ قولىدىن ئىش چىقىشى ناتايىن.
بۇرۇن دەرسلىك پۇلىنى تاپشۇرۇپ بولغانلاردا بىز يۇقاردا دىيىلگەن مەسلە كۆرۇلگەنلەر، دەرسلىكنى يېڭى دىتالدا تىڭشاش ئۈچۈن دېتالنى بۇ يەردىن چۈشۈرۇڭ.
http://www.uiroom.com/smallsetup.rar
smallsetup.rar(2.64M)

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 13:06:14

دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى قوشۇلماي قالغاندەك قىلىدۇ.

akbarozhan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 15:58:48

دىتال ئادىرىسىنى يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن !!!!!

era يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 18:28:11

دېتال چۈشۈرۈش ئادرىسى يوققۇ ؟

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 10:46:12

era يوللىغان ۋاقتى2014-3-21 18:28
دېتال چۈشۈرۈش ئادرىسى يوققۇ ؟

ئادرىس قوشۇلۇپتۇ.

دىلكىن يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 20:11:16

مۇختار روزى ئاكا سىزدىن تولىمۇ سۆينىمە جىمۇ ،رەخمەت سىزگە !!!ئاللا ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىلىقھەم بەركەت بەرسۇن !!!!!!
   بۇ ياماخنى چۈشۈرۈپئورنىتىۋالدىم ! ئالدىنىقى قىتىمقدىن كۆپ قولاي بولۇش بىلەن بىرگە كۆرۈنمە يۈز لاھىيەسىمۇ ئادمگە بىرخىل ھوزۇر بىردىكەن ، ئەلۋەتتە يەنىلا سۆزلەنگەن بىلملەرنىڭ چۈشۈنۈشلۈك قولىنىشچانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ !
    مۇشۇ دەرسلىكنى سېتىۋېلشنى ئويلاۋاتقان ھەمدە تور بىكەت ياساشنى ئەتراپلىق ئۈگەنسەم بولتى دەۋاتقان دوسلارنىڭ ئىككلەنمەيلا ھەركەتكە كىلشنى تەشەببۇس قىلمەن ....................
   ئاللا خالىساسېتىۋالغان مۇشۇ دەرسلىكلەرنى ئوپتان ئۆزلەشتۈتۈپ روھلان نۇقۇت ......دىگەندەك تور بىكەتلەردە ئەملى قولىنشچاقلىقا ئىگە تېملارنى يزىپ تۇرىمەن !!!!!!!!!!!!!

yarkanboy يوللانغان ۋاقتى 2014-3-22 22:55:05

بۇ دىتالىڭىز ئارقىلىق پەقەت يۇقاردا دىيىلگەن CSS&HTML   دەرسلىكلىرىنىلا كۆرگىلى بولامدۇ ياكى ئۇنىڭدىن باشقا دەرسلىكلىرىڭىزمۇ بارمۇ؟   

ئۇنىڭدىن باشقا دەرسلىكلىرىڭىزنىمۇ كۆرگىلى بولسا قايسى قايسى دەرسلىكلەر بار ....

بولسا دەرسلىكلەر تىزىملىگىنى قالدۇرغان بولسىڭىز .... ؟   ناۋادا مەن ئىھتىياجلىق دەرسلىكلەر بولۇپ قالسا سېتىۋالاتتىم.

روھلان8 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 16:33:46

بۇ دىتالىڭىز ئارقىلىق پەقەت يۇقاردا دىيىلگەن CSS&HTML   دەرسلىكلىرىنىلا كۆرگىلى بولامدۇ ياكى ئۇنىڭدىن باشقا دەرسلىكلىرىڭىزمۇ بارمۇ؟   

روھلان8 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-23 17:53:55

CSS&HTMLبۇ قانداق دىتال

تۇرسۇن يوللانغان ۋاقتى 2014-3-29 12:16:47

ياخشى ماتىرىيال ئىكەن بۇ
بەت: [1] 2
: مۇختار روزى دەرسلىكلىرىنى كۆرۇش