نەۋرۇز بايرىمىمىزغا مۇبارەك - مۇكاپاتلىق (2014-يىل)
نەۋرۇز مۇبارەكئەسسالام ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى نورۇز بايرىمى ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم.
بۇ بىر تەبىئەت بايرىمى بولۇپ، بارلىق تۈركى مىللەتلىرى ئۇزاق قەدىمدىن تەبرىكلەپ كېلىۋاتىدۇ.
نەۋرۇز بايرىمى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئېگە بولۇش ئۈچۈن، مۇنبىرىمىز پەخرى ئەزاسى، ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ دوتسېنتى خۇجا نىيازنىڭ تۆۋەندىكى تېمىسىنى چىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
نەۋرۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋەئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز ئەنئەنىلىرى
/thread-30288-1-1.html
روھلان تور بېكىتىمىز گەرچە نەۋرۇزلۇق چوڭ پائالىيەت تەشكىلەشنى مۇزاكىرلەشكەن بولساقمۇ،ئەمما تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئالدىراشچىلىق باھانىسى بىلەن بۇنى روياپقا چىقىرالماي قالدۇق، شۇنداق بولغان بولسىمۇ بۇرۇنقى قائىدىمىز بۇيىچە روھلاندىكى ئەزالارغا روھلان تەڭگىسى مۇكاپاتى ۋە تەلەي ئوردىنى بېرىش ئارقىلىق تەبرىكلىمەكچىمىز.
بۇ تېمىغا نەۋرۇزنى تەبرىكلەشكە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئىنكاس يازغۇچىغا 21 دانە روھلان تەڭگىسى مۇكاپات بېرىلىدۇ، بىر ئادەمگە پەقەتلا بىر قېتىم بېرىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا 21-42-63-74-85-96-117-138-159-180-201-222-243-264-285-306-327-348-369-380-401-422-443-464-485-506-527-548-569-580-601-622- قەۋەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇرغانلار نورۇزلۇق تەلەي ئوردىنىغىمۇ ئېرىشىدۇ.
ھەممىڭلارنىڭ نەۋرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!
روھلان تور بېكىتى
2014-يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنى مەن بۈگۈن دىۋانغا ئولتۇرۇپ باقاي،ھەممەيلەننىڭ نۇرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن،ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق،تىنىڭلار سالامەت،خىزمىتىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن.... 2-قاتاردائولتاساممۇكاپاتيوقكەن دەپھىچ كىمئولتامىغان گەپتە :Pھەممىڭلارنىڭنەۋرۇزبايرىمىڭلارغا مۇبارەكبولسۇن ماڭا 3-رەت قاپتۇدە مەيلى بومۇ بوپتۇ.:P رەھمەت رەھمەت مۇكاپاتقا كۆپ رەھمەت ئادىل ئەپەندى قۇربان ھېيت ۋە نورۇز بايرىمنى بەلگىلەنگەن بايراملار قاتارىغا قوشقان بولسا ياخشى بولاتتى مەن بايرامنى چۈشەنمىسەممۇ مۇكاپاتنى ئېلىۋالاي روھلانداشلارنىڭ نۇرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن. بەكرى007 يوللىغان ۋاقتى2014-3-20 20:31
مەن بايرامنى چۈشەنمىسەممۇ مۇكاپاتنى ئېلىۋالاي
چۈشەنمىسىڭىز مەن تەۋسىيە قىلغان تېمىنى ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز، چۈشىنىپ قۇيۇڭ جۇمۇ سەت تۇرىدۇ. ئەتە پۈتكۈل جانلىق قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىدىغان،پۇتكۈل جاھان يىشىللىققا پۈركۈنىدىغان دەل-دەرەخلەر بىخ چىقىرىپ باھارنىڭ كەلگەنلىكىدىن بىشارەت بىرىدىغان................ تەبىئەت بايرىمى بولۇپ، بارلىق تۈركى مىللەتلىرى ئۇزاق قەدىمدىن تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان خاسىيەتلىك بايرامدۇر!خۇشاللىققا چۆمگەن نورۇز ئىيىدا ھەم نورۇز كۈنىدە ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق،ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن.