Yolluqtekin يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 13:12:42

نەۋرۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز ئەنئەنىلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Yolluqtekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-20 13:24

نەۋرۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋەئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز ئەنئەنىلىرى
خوجا نىياز (ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستوتىتىدىن)
قىسقىچە مەزمۇنى:بۇ ماقالىدە نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمىنىڭ    كېلىپ چىقىشىغا دائىريېڭىتارىخىي پاكىتلار ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ ، نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمىنىڭئەسلىدىنھۇن (ئۇنغۇر) ، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭمىللىي بايرىمى ئىكەنلىكى، تۈركى قەۋىملەر ئارقىلىق ياۋرۇ-ئاسىياغا تارقالغانلىقى ، نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمىنىڭئۇيغۇر-تۈرك مەدەنيىتىدىكىئەنئەنىلىرىقىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇپ ،نەۋرۇز –يېڭى يىل بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنىڭئەھمىيەتلىك تەرەپلىرىكۆرسۈتۈپ بېرىلىدۇ.

       ئاچقۇچلۇق سۆز:ئۇيغۇر-تۈركلەر      نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى       ئەنئەنە

      1 .نەرۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارقىلىشى
      
مىللەتلەرنى مىللەت قىلىپ تۇتۇپ تۇرغانمەنىۋىي ئامىللار ،ئادەت –ئەنەنىلىرى، مېراسىلىرى ۋە باشقا مەدەنىيەتئامىللىرىدۇر، بىر مىللەتنى تۇتۇپ تۇرغان ،ئۇنى ياشناتقان، داۋاملاشتۇرۇشقا مۈمكىن قىلغان تۈرك مەدەنىيەت ئۈلگۈلىرىدىن بىرسى نەۋرۇز ( يېڭى يىل ) بايرىمىدۇر. تۈرك خەلقلىرى تارىختىن بۈگۈنكى كۈنىمىزگە قەدەر ئىجتىماىي ۋە دىنىي ھاياتتىكىبەزى ئۈنۈملۈك ۋاقىت ۋەقەلەرنىبايرام دەپ قۇتلۇقلاپ كەلگەن. بۇلارنىڭ بىرى –نەۋرۇز (يېڭى يىل) بايرام كۈنىدۇر.
‹‹نەۋرۇز " ئەسلىدە پارسچە سۆز بولۇپ ، نەۋ   يېڭى ،رۇزكۈن يەنىيېڭى كۈن، " " تۇنجى باھار كۈنى " ، " يېڭى يىل كۈنى " دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز بايرىمى باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئوخشاش ھەريىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇتلۇقلىنىدۇ .ئۇيغۇرلاردا بۇ بايراميېڭى يىل بايرىمى دەپ قۇتلۇقلىنىدۇ. نەۋرۇز مىلادىيە كالىندارى بۇينچەكېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭلىشىدىغان مارت ئېيىنىڭ 21-كۈنىدىن23-كۈنىگىچە بولىدۇ.
نەۋرۇز –يېڭى يىل بايرىمى 2009-يىلى دۇنيا مەدەنيىتى مىراسىغا كىرگۈزۈلگەن بولسا ،2010-يىلدىن باشلاپخەلىقئارا نېۋرۇز بايرىنى قىلىپ بەلگىلەندى.
نەۋرۇزپائالىيىتى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ،مىللەتلەردەھەرخىل ئىسىم –ئاتاشلار بىلەنقۇتلۇقلانغان. تۈركىي خەلقلەردەبۇ دىنىي بايرام بۇلۇشتىنكۆپراق ،بىر تەبىئەت بايرىمى،بىر قۇتۇلۇش بايرىمى،بۇلۇپ داۋاملىشىپ كەلگەن.   
   ئەڭ قەدىمقى تۈركىي خەلق بايرامى بولغان نەۋرۇز تۈركىي خەلقلەردە ئەڭ دەسلەپ بارلىققا كەلگەن.
نەۋرۇز بىرقانچە مىڭ يىللاردىن بېرى تۈرك قەۋىملىرى ئارىسىدا قۇتلۇقلىنىپ كەلگەن . بۇ بايرام مىلادىدىن بۇرۇنقى 8- ئەسىردە ھۇنلار(ئۇنغۇر) تەرەپىدىنمۇقۇتلۇقلانغان ، شۇنىڭدىن كېيىنكى يىللارداپۈتۈن تۈرك قەۋىملىرى تەرىپىدىن ئەڭ بۈيۈك بايرام دەپ ئالقىشلىنىپ كەلگەن. ( تۈرك بايرامى نەۋرۇز http://www.turksolu.com.tr/78/adiguzel78.htm)

تارىخچىلارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا ،نەۋرۇز نامى بىلەن قۇتلۇقللىنىپ كەلگەن بۇبايرام ،يەنىسەي (ئاناساي)،ئورخۇن ئەتراپلىرىدىن ئالتاي تاغلىرى ئەتراپلىرىدىنھۇن (ئۇنغۇر) لارنىڭ ياۋرۇپاغا يۈرۈش قىلىشى بىلەنماجارىستان (ۋېنگىرىيە- ھۇنگىرىيە) ، بالقانغا، ۋە ياۋرۇ –ئاسىياغا تارقالغان. مىلادى 8-ئەسىردىن باشلاپ   ھازارلارنىڭجەنۇبىدىن ئانادولۇغا ۋە مىسسىپوتامىيەگە تارقالغان . مىسىر نەۋرۇزنى يىل باشى دەپ مۇقىملاشتۇرغان .تۈركلەرنىڭ بۇ يېڭى يىل بايرىمى ،ئىرانلىقلار تەرىپىدىنتۈركلەردىن قۇبۇل قىلىپ نەۋرۇز   دەپ تەرجىمە قىلىپ قوللۇنىلغان. ئىران ئارقىلىق ئەرەپلەرگىمۇ تارقالغان. ئىسلامىيەتتىن كېيىنئابباسلار دەۋرىدەنەۋرۇز بايرىمى دەپ قۇتلۇقلاش داۋام قىلغان ، سالجۇقىلاردا، ئوسماننىي (ئوسمان تۈركلىرى)بۇ ئەنئەنە داۋاملاشتۇرۇلغان . ھەرقايسى جايلاردا نەۋرۇزنى قۇتلۇقلاش پەرىقلىق بولسىمۇلېكىن ،كۆپلىگەن ئورتاق تەرەپلەرمۇ بولماقتا .ئورتاق تەرەپلەرنىڭ بىرسى نەۋرۇز ئوتىدۇر، قەدىمقى تۈركلەدە ئوت بەخىت دەپ قارىلىدۇ .
تۈركى خەلقلەرنىڭمىللىي بايرىمى بولغان نەۋرۇزئاتالىرىمىز بولغان ھونلاردىن باشلىنىپ ، كۆك تۈرك،ئۇيغۇر ، تۈركمەن ،قىرغىز، تاتار، ئۆزبەگ ،قازاق قاتارلىقتۈرك قەۋىملەر ئارىسىدا تارىخ بۇيىنچەيېڭى يىلنىڭ باشلانغىنى بۇلۇپ قۇتلۇقلانغان . بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە .
جوڭگۇنىڭ قەدىمقى تارىخى ماتىرياللىرى بولغان ‹‹تارىخىي خاتىرلەر›› ۋە ‹‹خەننامە.ھونلار تەزكىرسى››دىكى مەلۇماتلارغائاساسلانغاندا ، ھونلاردا مىلادىدىن بۇرنقى 3-ئەسىردە مودۇن (مەتە-باتۇر) تەڭرىقۇت زامانىسىدىن بېرى تۈركلەردە باھار بايرىمىئۆتكۈزۈلگەن .ھۇنلار 21-مارتتاتۈرلۈك يىمەكلەرنى ھازىرلاپ ، يايلاقلاردا يىغىلىپ ،ئاتا –ئەجداتلىرىنى ئەسلىشىپ، مال –چارۋىلىرى ،نۇپۇس سانلىرى ئېنىقلاپ ،تەبىئەت،زىمىنغا ،تەڭرىگە ئاتاپ مال چارۋىلارنى سۇيۇپ ،داش قازانلارنى ئېسىپ، مۇزىكا سادالىرى ئىچىدە نەغمە ناۋا،تۈرلىك كۆڭۈل ئېچىش، تەنھەركەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن. ‹‹ نەۋرۇز ئوتى›› يېقىلىپ ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتكەن، سۇدىن ئاتلاپ ئۆتكەن،چۈنكى تۈرك مەدەنيىتىدە ‹‹ئوت›› ۋە‹‹سۇ›› دا مولھۇسۇل-بەرىكەت،ھاياتلىق، تىرىلىش جەم بۇلىدۇ دەپ قارالغان. ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى ‹‹يېڭى كۈن›› نىڭ باشلىنىشىغاباغلىنىشلىقئىشلارھازىرمۇئۇچرايدۇ.
1)      تۈركلەرنىڭئېرگېنېكۈن دىن چىقىش كۈنى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇلۇپ ،تۈركخەلقلەرى بۇ كۈننى ‹‹قۇتۇلۇش بايرىمى››دەپ قۇتلۇقلاپ كەلمەكتە.
2)      ئون ئىككى ھايۋانلىققەدىمقى تۈركتەقۋىمى (كالىندارى) داكېچە بىلەن كۈندۈزنىڭتەڭلەشكەن كۈنى دەل3-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇلۇپ، ‹‹يىلباشى ›› دەپ ئېتىراپ قىلىنىماقتا، بۇ كۈندە يېڭى يىلقۇتلۇقلاش ئېلىپ بېرىلماقتا.
3)         قىش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلانغانلىغى،تەبىئەتنىڭ جانلانغانلىقى 21- مارتتا بۇلۇپ، تۈركىي خەلقلەر قىشلاقلاردىن يايلاقلارغا كۈچۈشكە باشلايدۇ ،بۇ كۈن ‹‹باھار بايرىمى ›› بۇلۇپچوڭ ۋە كەڭ كۆلەمدە قۇتلۇقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
بۇ بايرام قەدىمدىن باشلاپ شەمسىيە (كۈن) كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى ( ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ .
" ئۇيغۇرلار ئارىسىدا‹‹نەۋرۇز ›› بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك ماتېرىياللارغا ئىگە ئەمەسمىز . لېكىن 'نەۋرۇز' بايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە - رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ، 'نەۋرۇز' بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇىقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك " ( <ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرى > ناملىق كىتابتىن )
بولۇپ ، بەزى تەتقىقاتچىلار تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ " نەۋرۇزنىڭ كېلىپ چىققىنىغا 4000 يىلدىن ئاشقان " ( ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ " نەۋرۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا " ناملىق ماقالىسى ) دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ .
" نەۋرۇز --- نوقۇل تەبىئەت بايرىمىلا ئەمەس ، ئۇ خېلى ئۇزاق بىر زامان قۇياشقا ، ئوتقا ۋە يورۇقلۇققا بولغان دىنىي ئېتىقاد تۈسىنىمۇ ئېلىپ كەلدى . بۇ زارا ئاسرىزمدىن ئىلگىرى قۇياشقا چوقۇنۇش ، تەبىئەت ئىلاھچىلىقى شەكلىدە ۋە زارا ئاسترىزمدىن كېيىنكى ئاخرۇمازداغا سېغىنىش ، دىنىي ئىلاھىيەتچىلىك شەكلىدە ئىككى باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى " (ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن " نەۋرۇز بايرىمى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قاتلىمى توغرىسىدا " ماقالىسى ) . نەۋرۇزنىڭ قايسى كۈنى باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئاسترونۇملار ، جۈملىدىن ئەبۇر رەيھان بىرونى ، ئۆمەر ھەييام .... قاتارلىقلار "قوزى" (ھەمەل) بۇرجىدا باشلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ . " ھەتتا زارا ئاسترىزىمنىڭ مۇقەددەس كىتابى ‹‹ ئاۋېتسا ››دىمۇ نەۋرۇزنى قوزى بۇرجى بىلەن باشلىنىدۇ " دەپ يېزىلغان . زارا ئاسترىزىمنىڭ مۇقەددەس كىتابى ‹‹ ئاۋېتسا ›› مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردە يېزىلغان.
   
       ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن كۆك تەڭرىگە تېۋىنغان ئۇيغۇرلارئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا ئىسىم قۇيۇپ ‹‹ئاق قۇزا›،ئاتلىق يۇلتۇزغائىنسانلارغا قۇت- بەخىت بەرگۈچى ئىلاھ دەپ تېۋىنغان ۋە ‹‹ئاق قوزا›› ئاينىنىڭ تۇنجى كۈنىنى يېڭى كۈن (نەۋرۇز ) دەپ قۇتلۇقلاشقان،بۇ(ھازىرقى مىلادىيە كالىندارى بويىنچە 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدۇر).

ھازىرغا قەدەر تۈركىي خەلقلەردە بۇخىل ئادەت-ئەنئەنە ،قائىدە ئورتا ئاسىيادىن بالقانغا ھەتتاكى ئامرىكىدىكى قىزىل دەرلىلەر ئارىسىدىمۇئۆز ئىپادىسىنى كۆرسەتمەكتە. ھەر يىلى يەنە 3-ئاينىڭ21 - كۈنىدىن 23-كۈنىگىچەبۇ كۈن قۇتلۇقلىنىدۇ.بۇ كۇندە   ‹‹كۆجۆ›› دېگەن ئالاھىدە تاماق تەييارلىنىدۇ.مازارلىق زىياپىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ ،زىياپەتتە ،ھالۋا ،پولو ۋە تۈرلى تاماق تارتىلىدۇ،ناغرا ،سۇرناي چېلىنىپ، تۈرلى تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى،ئەل نەغمە ئويۇنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۈگۈنگە قەدەر ،تۈرك قەۋىملىرى ئارىسىدا ،خىرىستىيان بولغانچۇۋاشلار ، بۇددىس بولغان تۇۋالار ۋە مۇسۇلمان بولغان قىرغىز ،ئازەرىيلەرمۇبۇ بايرامنى قۇتلۇقلايدۇ . ئەگەر ئۇشىئە –ئالەۋى بايرىمى بولسا ئىدى،خىرىستىيان دىنىغا ئېىقات قىلىدىغان تۈركقەۋىملىرى قۇتلۇقلىماس ئىدى، بۇددىس تۈركلەرنىڭ بۇ بايرامنى بىللە قۇتلۇقلىغىنىبۇ بايرامنىڭ دىنىي سەۋەپتىن بولمىغانلىقىنى ئۇچۇقلاشتۇرىدۇ.تۈرك دۇنياسىدائىسلامدىن ئىلگىرى 12 ھايۋان نامىدىكى مۆچەل تەقۋىمنى قوللىناتتى، تۈركلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ،بۇ دىن ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ،ھىجىرىيە تەقۋىمىنى(كالىندارىنى) قوللىنىشقا باشلىغان.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى ,بەزى ئېتنىك گۇرۇپىلار تەرىپىدىنسىياسى ئۆلچەم ,سىناق قىلىپ      قوللۇنىشنى ئستىمەكتە . بۇنىڭ ئۈچۈن نەۋرۇزنىڭ كېلىپ چىقىشىنى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە - رىۋايەتلەرگە ، مەسىلىلەرگەباغلاشتۇرۇپ تەتقىق قىلىنماقتا .
نەۋرۇز – يېڭى يىل بايرىمىنى قۇتلۇقلاش ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردايۈزدىن كۆپراقرىۋايەتنىڭ بولغانلىقى كۆرۈلمەكتە ، مەسىلەن:
-نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى--- تۈركلەرنىڭ ئەرگەنەكۈن دىنچىققان كۈنىدۇر.
   - نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى—ھەزرىتى ئەلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدۇر .
- نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى— ئاتەشپەرەسلەردىن قالغان بىر بايرامدۇر .
- نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى— تەڭرىنىڭ دۇنيانى ياراتقان كۈنىدۇر( كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭلەشكەن ۋاقتىدا ).
- نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى—ئىنسان نەۋرۇز كۈنى يارىتىلغان.
- نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى—قۇتلۇق خەلقنىڭ بايرام كۈنىدۇر .
- نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى— تۈركلەردە باھار بايرىمى كۈنىدۇر.
- نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى— ئىران ۋە ئافغانىستانتەقۋىمىگە كۆرەرەسمىي يىل باشىدۇر .
- نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى— تۈركلەردەتۆمۈر تاۋلاش بايرام كۈنىدۇر .
- نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى—نۇھ پەيغەمبەر ،نۇھتۇفان بالاسىدىن كېيىن يەنە نەۋرۇز كۈنىيەرگە قەدەم باسقان .


- نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى— ئەكىنلىكنى ،مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش بايرام كۈنىدۇر.
- نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى— باھارنىڭ باشلانغان كۈنىدۇر .
-نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى— پەيغەمبەر مۇھەممەدنىڭمەككىدىن مەدىنىگەھىجرەت قىلغان كۈنىدۇر.
- نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى— ھەزرىتى ئەلى بىلەن پاتىمەنىڭ توي قىلغان كۈنىدۇر .
-نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى— ياھۇت ھەزرەتنىڭ نۆھنىڭ كېمىسىنى زىيارەت قىلغان كۈنىدۇر.
بۇ نىڭدىن شۇنى چۈشۈنىۋېلىشقا بۇلىدىكى ، نەۋرۇز– يېڭى يىل بايرىمى— تۈرك قەۋىملىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن، قۇتلۇقلاپ كەلگەن،مىللىي تىرىلىش ، دۆلەت قۇرغان كۈنىدۇر .
(IGDirli.com.www   تۈركلەردە يېڭى يىل:)
ئۇيغۇرلار ئىسلامدىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ بۇخىل ئەنئەنە داۋاملاشقان . 11-ئەسىردە ئۇيغۇر قارا خانىيلار قاغانلىقى (مىلادى 850-1212)دا ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرى :‹‹دىۋانى لوغەتىت تۈرك›› ناملىق ئەسىرىدە : ‹‹ يېڭى كۈندىن كېيىنكى تۇنجى باھار ئاينى ئوغلاق ئاي دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاي ئۇلۇغ ئوغلاق ئاي دىيىلىدۇ.چۈنكى بۇئايدائوغلاقلار چوڭىيىدۇ .ئىنسانلار ۋەجانلىقلار نەۋرۇز بىلەن جانلىنىدۇ .نەۋرۇز –جاھانبەخىت-سائادىتىنىڭئانىسى،بەرىكەت ۋە خوشاللىقنىڭمەنبەسىدۇر . بۇ سەۋەپتىن كىشىلەربىر بىرىگە كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلەپسېخىلارچە خوشاللىقىنى نامايەن قىلىدۇ ›› .( مەھمۇد كاشغەرى : ‹‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك››، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،ئۇيغۇرچە ،1-توم 452-بەت)

ئۇيغۇرلاردا قاچاندىن بېرى ‹‹نەۋرۇز ›› سۆزىنىڭ‹‹دىۋانى لوغەتىت تۈرك›› تە خاتىرلەنگەن ‹‹يېڭى كۈن ›› سۆزىنىڭ ئورنىغاقوللىنىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس.قەدىمكى ئەنئەنىلەردىن قارىغاندابۇ بايرامنىڭ ۋاختى ئىككى ھەپتەيەنى ئونبەش كۈن قىلىپ بەلگىلەنگەن. ھازىر 7كۈندىن 3كۈنگىچەقىلىپ خاتىرلىنىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ " قۇتادغۇ بىلىك" داستانىدا نەرۇزنىڭ باشلىنىش كۈنى ھەققىدە :

قۇياش ياندى بولغاي يەنە ئورنىغا ،
بېلىق قۇيرىغىدىن قوزى بۇرنىغا .

دېگەن بىيىت ئارقىلىق يىل ئاخىرلىشىپ ، يەنى 12 - مۆچەل (بېلىق) ئۆتۈپ ، 1- مۆچەل (قوزى بۇرنى) نىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ، زېمىستان قىش ئۆتۈپ كېتىپ ، ئىللىق باھار پەسلىنىڭ ئۆز جىلۋىسىنى كۆرسەتكەنلىكىنى (نورۇزنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ) بايان قىلغان .
"نەۋرۇز" زېمىستان قىش تۈگەپ ، پۈتۈن تەبىئەت ئويغانغان ، قار - مۇز ۋە توڭلار ئېرىپ ، ئەگىزلەر ۋە ئېرىق - ئۆستەڭلەردە سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىشقا باشلىغان ، دەل - دەرەخ ، گۈل - گىياھلارغا سۇ يۈگۈرۈپ ، كۆكىرىپ چېچەكلەشكە يۈز تۇتقان ، دېھقانلار ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كىرىشىدىغان گۈزەل باھار پەسلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . بۇ ھال " قۇتادغۇ بىلىك " داستانىدا ، ناھايىتى روشەن ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن.

2.ئۇيغۇرلاردانەۋرۇزئەنئەنىسى پائالىيىتىتۆۋەندىكىدەك ئېلىپ بېرىلىدۇ.

نەۋرۇز بايرىمى توققۇز رەسىميەت بۇيىچە ئۆتكۇزۇلىدۇ.
1) كونايىلنى ئۇزۇتۇپ ،يېڭى يىلنى قۇتلۇقلاش.بۇنىڭ ئۈچۈن نەۋرۇز ناغرسى، ناغرا سۇنايلار چېلنىپ، يۇرۇپ–يۇرۇتلارغا نەۋرۇز بايىرىمنىڭ يېڭى باھارنىڭ يىتىپ كەلگەنلكىى جاكارلنىدۇ.   نەۋرۇزنىڭ باشلانغانلىقى ئېلان قىلىنىدۇ. ئۆيمۇ –ئۆي ئارىلاپ ‹‹نەۋرۇز ئەشرەپ، نەۋرۇز بەگ ،نەۋرۇز سالام، نەۋرۇز كەل›› قاتارلىق ئويۇنلار كۆرسىتىلىدۇ.
2)نەۋرۇز-يېڭى يىل تازىلقى قىلىش .نەۋرۇز ناغرسى ئاڭلغان جامائەت كونا يىلنى ئۇزۇتۇت، يېڭى يڭلنى،يېڭى باھارنى كۇتىۋىلش يۇزسىدىن بارىلق بۇلۇڭ–پۇشقاقلار ئالا قويماي تازىلنىدۇ،يەرلەرگە سۈپسۈزۈك باھار سۇلىرى ئۆيلەردىكى ئىدشلار باھار سۈيىگە لىق تۇلدۇرۇلىدۇ.
3) سوغوق قوغلاش. بۇ ئاساسەن بايرامىنڭ بىرىنچى كۇنى كەچتە ئېلىپ بېرىلدىغان پائالىيەت بۇلۇپ، ياشلار سوغوقىنى ھەجۋىي قىلپ، ئوت يېقىپ ،قاپاق كۆيدۇرۇپ، جۇتنى قوغلاپ،باھارنى كۇتىۋالىدۇ،كېچىچە ئوخلماي يۇرۇت–يۇرۇت مەھەللەردە قوشاق قېتىپ،سوغوقىنى قوغلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ .،يول بۇيىدا سوغوق تاماق يىيلدۇ.
4) ‹‹نەۋرۇزغا چىقىش›› ‹‹نەۋرۇز ئېشى يىيىش ۋە ‹‹نەۋرۇز دۇئاسى ›› قىلىش. ھەر مەھەللىنىڭ مەركىزىدەچوڭ قازانلار ئېسىلىپ ‹‹كۆجە››تاماق پىشۇرىلىدۇ . ھەممە كىشى بۇتاماقتىن ئېغىزلىنىدۇ ، ئىبادەتكە قاتنىشىدۇ ،ئاندىن قول سىقىشىپكۆرۇشۇپۆپ بىربىرى بىلەنمۇبارەك بولسۇن دىيىشىپقىزغىن ئالقىشلىشىدۇ.بۇ بىرلىكتە يەپ ئىچمەك، دۇئا قىلماق، بۇلۇپبىرلىك ،باراۋەرلىكنى ئىپادىلەيدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن يىلدىكى ئىشلاردىن ئۈستىدىن يەكۈن چىقىرىلىپ، يېڭى يىل ئىشلىرى پىلانىتۈزۈلىدۇ ،نەۋرۇز پائالىيىتىدە قىلىنىدىغان ئىشلار ئېلان قىلىنىپ ،تۈرلۈك تەييارلىقلارنى ھازىرلاش ئۇختۇرىلىدۇ. نەۋرۇز ئېشى يىيىش. بۇ ئىككىنچى كۇنى ئەتىگەندە ھەر كىشى قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە ،مەھەللىدىكى بۇ پائالىيەتكەئاتاپ ،ئۇن،ياغ،شەكەر ،قۇرۇق يىمىش،نان ۋە باشقا خىلمۇ-خىل يىمەكلىكلەرنى كەلتۈرىدۇ. جامائەت بىر يەرگە جەم بۇلۇپ، تاپقان–تەرگىننى بۇيىچە،چوڭ داش قازاندا يەتتە خىل دان ياكى توققۇز خىل يىمەكلكتىن نەۋرۇز ئېشى تەييارىلنىدۇ،بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان چوڭ–كىچىك قىرى ياش ھەممىسى ئېغىز تېگشدۇ.‹‹نەۋرۇز دۇئاسى ›› كىشىلەر پاكىز،يارىشىملىق كىيىملىرىنى كېيىشىپ ، مازار-تۇپراق بېشىنى يوقلاپ،ئۈلۈپ كەتكەنلەرنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ ،دۇئا قىلىشىدۇ.بۇ ‹‹نەۋرۇز دۇئاسى ››دىيىلىدۇ.
5)كىشىلەر بىر بىرىنى يوقلىشىدۇ، ياردەمگە مۇھتاجلارغاياردەم قىلىشىدۇ،كېسەللەرنى ،ئاجىز،مېيىپلارنى يوقلايدۇ. يامان ئىش-ھەرىكەتتە بولغانلارغا نەسىھەت قىلىدۇ. ئارائازلىشىپ قالغانلار ، قۇلۇم قوشنىلار ياراشتۇرىلىدۇ. ئۆيلىنىش يېشىغا توشقانلارغا ھەر خىل تەشەببۇسلار قىلىنىدۇ.
6)نەۋرۇز سەيلىسى– بۇ پائالىيەت ساپ ھاۋالىق چىچەك بىلەن پۇركەنگەن باغدا سۇنىنڭ بۇيلىرىدا ئۆتكۇزلىدۇ، ھەر يەردە ئات سەيلىسى،بەزمە سەيلىسى، تاغ سەيلىسى،يۇرت سەيلىسى، كۆك سەيلىسىگە ئوخشاش تۈرلىك سەيلە پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرىلىدۇ. بۇ جايداھۇنەر–كاسىپلار، مەدداھلار، ناخىشچلار، ئۇسىسۇلچلار ،ئەلىنەغمىچلەر،يازغۇچى،شائىرلار نەزمە ئوقۇشىشۇپ ئۆز ماھارىتنى كۆرسىتدۇ ھەمدە جامائەت ئۆز پەرزەنتىلرىنى ھەر خىل ئۇسىتازلارغا شاگىرتلققا بېرشىدۇ. ھىكايە ،داستان ئېيتىش،جەڭ قىسسەلىرىنى ،مەشھۇر زاتلارنى تۇنۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.مەددالار داستان ۋە قىسسەلەرنى ئېيتىشىدۇ. ئەل نەغمىچىلەر ‹‹نېۋرۇز نامە›› ئۇقۇشىدۇ. مەسىلەن:

                                 كەلدى نەۋرۇز –يىل باشى، كەتتى كۆڭۈلنىڭ چىرىكىنى،
                                 نەۋرۇز دىبان كەلۇرلەرخاتۇنلارنىڭ تۈركىنى،
                              گۈللەر قىسىۇر قىز ئوغۇل، ئەگرى قويار بۆكىنى،
                                 مەجلىس قىلىپ ئويناشۇر، ئاچار كۆڭۈل مۈلكىنى،
                                 قايغۇ مېھنەتلەر كېتىپ ،يايرىشار كۈندۇر بۈگۈن .

7)نەۋرۇز يارشى– بۇ پائالىيەت مۇسابىقە تۇرنى ئالغان بۇلۇپ، تۈرلىك شەكىلدىكى خەلق تەنتەربىيە پائالىيىتى، ئەل نەغمە، نەۋرۇز مۇقام مەشرەپلىرى، ساما ئۇيىنلىرى، مەددالىق،سەرۋازلىق ،دارۋازلىق، ئاتلىق تەنتەربىيە پائالىيىتى ،ئوغلاق تارتىش،چېلىشىش، ئات چاپتۇرۇش، چەۋگەن توپ تەنھەىكىتى ،بۇقا سوقاشتۇرۇش (خەتىرى كۆپ بولغاچقا ئېلىپ بېرىلمايدىغان بولدى) ،تۇخا سۇقاشتۇرۇش، تۈرلىك قىزىقچىلىقلار ،چاقپىلەك ،گۈلەڭگە ئۇيۇنلىرى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدۇ، كەچتە ئوغلاق ئالغان كىشى يۇرۇت ئىچدە مەشىرەپ ئۇيۇشىتۇرىدۇ..
8)نەۋرۇز مەشىرىپى–بۇ مەشىرەپكە يىگىت بېشى(يۇرۇت ئاقىساقلى ياكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان كىشلەرنىڭ ئىتىراپ قىلشىغا ئىرشىكەن كىشى) سايلىندۇ, پاشىشاپ،مىرشاپلار سايلىنپ مەشىرەپ تەرتىپنى قۇغىدايدۇ،ئۇتتۇز ئوغۇل،توققۇز قىز مەشىرەپكە باش بۇلۇپ،پۇتا ئويناش بېيت ئېيتتش،ھەر خىل جازا تۇرلىرى(يەنى كىشلەرنى ئەدەپ–ئەخلاق ئۇنىدەيدىغان) بىرلىپ مەشىرەپ ئەۋجگە كۆتىرلىدۇ.
9)نەۋرۇزلۇق تىلەك.بايرامىنىڭ 3–كۇنىنى يۇرۇتىكى ھەر بىر ئائىلە تاپىقنى بۇيىچە قازان ئېسىپ بۇ يىل تىنچ–ئامانلىق بۇلۇشى،زىرائەتلەرنىڭ بالا–ئاپەتىتن ساق–سالامەت ئوتۇشى،قىلغان ئىشىلرىغا بەرىكەت، جان–جانىۋارلارغا كۆپ تۇلە ئېلشنى مەقىسەت قىلپ، نەزىر بىرىدۇ،يولىدىن ئوتىكەن–كەچكەنلەر ھەم بارىلىق يۇرۇت ئەھلى ھەر–بىر كىشنڭ تاماققا ئېغىز تىگىپ،دۇئا بىرىدۇ،ئاخىرىدا جامائەت،يېقىن ئۇرۇق–تۇققانلار، دوسىتلار ئۆز–ئارا بىر–بىرگە ئامان–ئىسەنلىك ياخىشى تىلەك تىلشىپ بايرام ئاخىرلشىدۇ.
قىسقىسى نەۋرۇز-يېڭى يىل بايرىمى ، پائالىيىتى ئارقىلىق قىش زىمىستاننى قوغلاش، ئاسايىشلىق يېڭى باھارنى كۈتىۋېلىش ، يېڭى يىلنىڭ يېڭىچە خوشاللىق ئەكىلىشىنى تىلەش ، يېشىللىققا پۈركەنگەن تەبىئەتنى كۈيلەش ، كىشىلەرنى ئىلىم مەرىپەتكە ئۈندەش ، ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىش ، ساخاۋەتلىك ۋە دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق ئىلغار ئىجتىمائىي مەزمۇنلار ئەلىس ئەتتۈرىلىدۇ. شۇڭا ئۇ، تەبىئەت بايرىمى، مولھۇسۇل بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، ئىناقلىق-ئۇيۇشۇش بايرىمى، ھۈنەر كەسىپ بايرىمى، تەنتەربىيە بايرىمى،شاتلىق بايرىمى ،كۆرەك قىلىش بايرىمى ،ئەدەبىيات –سەنئەت بايرىمى ،مىللىي-خاسلىقنى كۆرسىتىشبايرامى،قىسقىسى ئەلنىڭ تۈرلۈك ھۈنەر-كەسىپ ،تېخنىكىلىرىنى نامايىش قىلىدىغان، ئۆگۈتىدىغان،ھەرتەرەپلىمەئىقتىدار يېتىلدۈرىدىغان ،ئېچىۋېتىلگەن ،خەلق مەكتىۋىدۇر.
ئىزاھاتلار:
1)          ئېرگېنېكۈن دىن چىقىش كۈنى- تۈركلەرنىڭ ئېرگېنېكۈن دىن قوزغۇلۇپ چىققان كۈنىباھارنىڭ كەلگەن كۈنى بۇلۇپ ، بۇ كۈننى قۇتۇلۇش كۈنى دەپ ، ھەريىلى يىل باشىدا چوڭ كۆلەمدىكى قۇتلۇقلاش،خاتىرلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ   . ئۇيغۇر ئېلىدىنبالقانغا قەدەرپۈتۈن تۈرك قەۋىملىرى ۋە قەبىلىلىرى تەرىپىدىنمىلادىدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىردىن بۈگۈنگە قەدەر ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21- كۈنى قۇتلۇقلاش ئېلىپ بارىدۇ .
ئەپسانىلەرگە كۆرە ،   تۈركلەرنىڭ پۈتۈن قەۋىملىرى بىرلىشىپ ، تۈركلەردىن ئۆچ ئالماقچى بولغان تەرەپكە ئاتلانغان ۋە 10كۈن ئۇرۇش قىلغان ،ئۇرۇشتا تۈركلەرنى يېڭىشقاكۆزى يەتمىگەن قارشى تەرەپ ، ھىلە ئىشلىتىپ تۈركلەرنى يەڭگەن. تۈركلەرنىڭ پۈتۈنچاتىرلىرىنى،ماللىرىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقاندىن كېيىن ،تۈركلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەن. كىچىكلىرىنى قۇل قىلىپ ئېلىپ كەتكەن. كۆك تۈرك خانى ئېلخاننىڭ كىچىك ئوغلى قىيىن بىلەن يېقىنى توكۇز خوتۇنلىرى بىلەن بىرلىكتەئاسارەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن   قېچىشتىن باشقا يۇلى قالمىغاچقا ، قېچىپ بىر يەرگە كېلىپ قالغان . ئۇلار بۇيەرگە ئەرگەنەكوندەپ ئاتىغان. بۇيەر بەك مۇنبەت بولغاچقا ئۇلار بۇيەردە400يىل تۇرغان. ئۇلار كۆپۈيۈپ،بۇيەرگەسىغمىغان، كىشىلەر ئەرگەنەكوندىن چىقىش كېرەكلىگىنى دىيىشىپ ، ئۇلاربۇ تاغنى تۈمۈر بىلەن تىشىپ،تاشقىرغا چىققان .دۈشمەنلىرىنى يېڭىپ ،ئۆچىنى ئالغان. بۇ ۋاقىتتائۇلارنىڭباشلىقى(ھۆكۈمرانى) بۆرتەچىنە=بوزقۇرت ئىدى،بۇ كۈن يېڭى يىلنىڭباشلانغان كۈنى بۇلۇپ ،كۆك تۈركلەردەبايرام دەپقۇتلۇقلاشقا باشلىغان . (http://blog. Millet. Com. tr/   )
2)         12ھايۋانلىق تۈرك تەقۋىمىدە – بىر كۈن 12 بۆلۈمگە ئايرىلغان ،ھەر بۆلىمىگە ۋاقىت-چاغ ئاتى بېرىلگەن.بىر چاغ ئىككى سائەت ، بىر كۈن 24 سائەتكەئايرىلغان،يىل باشى   كېچە بىلەن كۈندۈزتەڭلەشكەن 3-ئاينىڭ 21-كۈنىبۇلۇپ ، نەۋرۇز كۈنى بۇلۇپقۇتلۇقلىنىدۇ. بۇ يېڭى يىل باشلانغان كۈن دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تارىخىدا ئۇيغۇر قاغانى ئۆتكەن كۈندىكى ۋەقەلەرنى ئەسلەپ، بۇ ۋەقەنىڭ قانچىنچى يىلى قانچىنچى ئايدا قايسى كۈنى يۈز بەرگەنلىكىنى ئوچۇق دەلىللىليەلمىگەن، كۆپ مەسلىھەت قىلىشلار ئارقىلىق، ئاخىرى بىز ئەجدادلار ئۆتكەن كۈندىكى ۋەقەلەرنى ئەسلەشتە قانداق خاتالاشساق، ئەۋلاتلارمۇ شۇنداق كۈنگە قالىدۇ، شۇڭا بۈگۈندىن باشلاپ، يېڭى يىل - باھار كۈنىنى بەلگىلەپ چىقىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ھايۋانلار ئىلى دەرياسىغا ھەيدەلسۇن، قايسى ھايۋان بالدۇر دەريادىن ئۆتۈپ، قارشى قىرغاققا چىقالىسا شۇ يىل بېشى بولسۇن، قالغانلىرى مۇشۇ تەرتىپ بۇيىچە ئېلىپ بېرىلسۇن دەپ قارار قىلغان ئىكەن.
بىز ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركى مىللەتلەر شۇنىڭدىن باشلاپ، يېڭى يىل—باھار بايرىمىنى ھەر يىلى قۇتلۇقلاپ كېلىۋاتىمىز.
2014-يىل 3-ئاينىڭ 6-كۈنى (ئاقسۇ)

تۇلپار001 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 16:20:46

ھارمىغايسىز نەۋرۇز توغرىسىدا ناھايىتى ئەتراپلىق ئىزدىنىپسىز. بۇنى ھەممە ئادەم بولۇپمۇ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى چوقۇم بىلىۋالمىسا بولمايدۇ.

13239983181 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 17:00:13

ئەتراپلىق ئىزدىنىپسىز. بۇنى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىلا ئەمەس. ھەممىمىز بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك.

ahat0902 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 18:08:48

نۇرۇز توغرىسىدا تولىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىپسىز. رەھمەت سىزگە

ئەركىن03 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 21:11:31

قوللىرىڭىزغا بەرىكەت ياغسۇن،ھارمىغايسىز ،نەۋرۇز بايرىمى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ،بىزنى نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە قىلدىڭىز،رەھمەت....ھارمىغايسىز.

sapdil88 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 22:08:46

ناھايىتى ئەتراپلىق يىزىپسىز ،قوللىرىڭىزغا بەرىكەت ياغسۇن،ھارمىغايسىز ،نەۋرۇز بايرىمى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ،بىزنى نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە قىلدىڭىز،رەھمەت....ھارمىغايسىز.

bagrax يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 22:16:58

نورۇز ھەققىدە خېلى چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت . قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ، قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىسۇن .

alnap630803 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 15:03:04

نورۇز ھەققىدە خېلى چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت

zulpikar0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 15:09:48

ئەپسۇس ،بىزلەرگە ..............................................

تۇرسۇن يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 15:59:58

نورۇز ھەققىدە خېلى چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگەبولدۇم ،كۆپ رەھمەت
بەت: [1] 2 3
: نەۋرۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇيغۇرلاردا نەۋرۇز ئەنئەنىلىرى