Yolluqtekin يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 12:51:05

مەرىپەت ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز- رەھمان ۋايىت توغرىسىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Yolluqtekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-20 12:59

ئاقسۇ-تارىم مەرىپەت ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز- رەھمان ۋايىت توغرىسىدا
خوجا نىياز (ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى دوتسېنتى)
2014-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى
(بۇ رەسىم 1993-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى مېنىڭ ئائىلەمدىكى چاي سۆھبىتىدە، ئۇستازلاربىلەن چۈشكەن سۈرەت ئىچىدىن كېسىپ ئېلىنغان، يېقىندا چۈشكەن ئوچۇقراق رەسىملىرىنى تېپىشقا مۇمكىن بولمىدى)

ئاقسۇ مائارىپىنىڭئاساسلىق قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ، ئاقسۇ-تارىم مائارىپئاسمىنىدا چاقنىغانچولپان ،ئەل سۆيگەن ،ئەلگىمۇ كۆيگەن، ئاتاغلىق مائارىپچى تىرىشچان، تەدبىرچى ، مەكتەپ قۇرۇش،پىلانلاش ماھىرى ،پېداگوك-رەھمان ۋايىت1932-يىلى كەلپىن ناھىيىسىنىڭ يۈرچى يېزىسى توم ئېرىق كەنتىدەتۇغۇلغان. ئۇقۇش يېشىغا يەتكەندەمەھەللىدىكى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ ،دىنىي بىلىملەرنى ئىگەللىگەن. كېيىن كەلپىن ناھىيە بازىرىدائېچىلغان پەننىي مەكتەپكە ئوقۇشقا تىزىملانغان.
      رەھمان ۋايىت1949-يىلى ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا مەكتىۋى (ئورنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئورنىدا ئىدى) گەئوقۇشقا قۇبۇللانغان، كېيىن ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا تاللىنىپ ،1951-يىلى9-ئايدىن 1953-يىلى 7-ئايغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتوتى (شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى) نىڭ بىيو-خېمىيە كەسپىدە 3يىل ئوقۇغان .ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قارا شەھەر ناھىيىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە خىزمەت قىلغان ،كۆپ ئۆتمەي ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان . 1953 -يىل ئاخىرىدائاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرغا يۆتكۈلۈپ كەلگەن. ئۇ بۇ جەرياندا دەسلەپ بىيو-خېمىيە ئوقۇتقۇچىسى، ئىلمىي مۇدىر كېيىن ئوقۇتۇش ۋە مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ئىقتىدارىغا ئاساسەن ،مەكتەپ مۇدىرى بۇلۇپ ئىشلىگەن . 1959-يىلى 10-ئايدىن 1961-يىلى 4-ئايغىچە مەركىزى مىللەتلەر ئىنىستىتوتىغا 2يىللىق خەن تىلى ئۆگۈنۈش ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. بۇ ھايات ئۇنىڭغا سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ھاياتى-ئىش پائالىيەتلىرى ،ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن قىلۋاتقان ئىلمىي ئەمگەكلىرى ، قاتارلىقلار بىلەن تۇنۇشۇش،ئۆگۈنۈشئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە قىلغان .
ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدەخېلى ئېغىر دەرت-ئەلەملەرنىتارتىشقا مەجبۇرلانغان ........؟
   1973-يىلدىن1982-يىلغىچە ئاقسۇ مائارىپىنىڭ بۈشىكى بولغان ئاقسۇ دارىل مۇئەللىمن (پېداگوگىكا مەكتىۋى)دە   مەكتەپ مۇدىرى بۇلۇپ ئىشلىگەن.ئۇ چاغدا ئاقسۇ پېداگوگىكا مەكتىۋىتۈرلۈك سەۋەپ ،زىددىيەتلەر سەۋەبىدىن ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسىدىكى ئورنىدىنقۇمتام دېھقانچىلىق مەيدانىغا يۆتكەلگەن ،ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمۇ بۈلۈپ تاشلانغان ، شارائىت، مۇھىت ناچار ، قىيىنچىلىقۋە زىددىيەتلەر كۆپ، قالدۇق مەسىلىلەرمۇ كۆپ، يېڭى مەسىلىلەرمۇ ھەل قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ،قىسقىسى ‹‹چاڭگىسى بۇزۇلغان قۇشتەك ››مەكتەپنىڭ ھەممە ئىشلىرى پاراكەندىچىلىك ،تەرتىپسىزلەشكەن ،ھەممە ئىنتىلۋاتقان ،ئەممائىشلار ئارزۇلىغاندەكبولمايۋاتقان شارائىتتا ،ئاقسۇ شەھرىدىن13 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە ئىسمى بار جىسمى يوق ، مەكتەپنى يېڭىلاپ قۇرۇش ،مۇستەكەملەش،ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان.
    ئۇ تىرىشچان، تەدبىرچى ، مەكتەپ قۇرۇش، باشقۇرۇش ،پىلانلاش ماھىرى ئىدى.ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچى -خزمەتچىلەرنى خاتىرجەم تۇرمۇش شارائىتىغائېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئائىلىلىكلەر قوروسىنى سالدۇرۇپ تارقاق ئولتۇراقلاشقانلارنى   بىر-بىرلەپ ماكانلاشتۇرغان. ئوقۇتۇش سۈپپىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلار سانى1975-يىلى 400 گە يەتكۈزگەن ، مەكتەپ مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ شورتاڭ قاقاسلىقتا كەڭ ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچى،خىزمەتچىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ، شۇ چاغدىكى شارائىتقا ئاساسەن ،كەتمەن بىلەن 200مولۇقباغ ۋە 500مولۇق سالا ئېتىز بەربا قىلىپ ،مەكتەپ مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرگەن،ئاشلىق تېرىغان .
ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى ئاخىرلىشىپ ،نورمال خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتى ئاستا –ئاستا ئەسلىگە كېلىپ ، كىشىلەر بۇرۇقتۇرمۇلۇق ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، مەكتەپھەقىقى ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن.
   بۇ ۋاقىتتا رەھمان ۋايىت1- قىلىپئوقۇتۇشتىكى سۈپەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتقان،ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرغان، ئوقۇتقۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، كېلەچەككەئۈمۈتلەندۈرۈپ ،جەمىيەتتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ،ۋەتىنىمىزنىڭكېلېچەك ئىزباسارلىرى،خوجايىنلىرىنى تەربىيەلەشتە ‹‹ ئۆگۈتۈم- مائارىپ ئىشلىرى ،بىردىن بىرچىقىش يۇلىمىز ،تاللىشىمىز» دەپ بۇ ئىدىيەدە چىڭ تۇرغان. ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن(پېداگوگىكا ) مەكتىۋى ئۇكىشىنىڭ يىتەكلىشى،باشلىشى بىلەنتەرەققىي قىلىپ ،جەمىيەتكەمەدەنىيەت ساپاسى شۇ زامانغالايىق نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ ،يىتىشتۈرۈپ ، ئاقسۇ جۈملىدىن شىنجاڭ مائارىپى ئۈچۈن ئۆچمەس شانلىق بىر سەھىپە ياراتقان.
   ئەسكەرتىش:ئەمما 1989-يىللارغا قەدەرشۇ زامانداقاتناش يوللىرى راۋان ئەمەس،تاشلىق يول ،قاتناش ۋاستىلىرى ناچار بۇلۇپ(ھازىرقىدەك قاتناش شارائىتى يوق ئىدى)، كىشىلەر يولدا ئۇچرىغانلىلى قاتناش ۋاستىلىرى ( ھارۋا، ۋېلىسپىت، قارا ماشىناقاتارلىقلارغا تايىنىپ ،غەرىپكەيۈرۈپ ئاقسۇ شەھەر ئىچىگە كىرەتتى. ،ھازىرقى خەلق مەيدانى ۋە ئاق مەسچىتكە بارىدىغان يول (شاڭگاڭ بازىرى ئالدىدىكى)ئاقسۇنىڭ شەھرىنىڭ شەرىقى چېگراسى بۇلۇپ ،ئۇنىڭ شەرقى شەھەر دائىرسىگە كىرمەيتى. كىشىلەربۇ جايدا توپلۇنۇپ كېلەشىدە ،قايتاشىدا قاتنايدىغان ماشىنا يوق ،يوللاردا توپلۇشۇپ قاتنىغىلى بولىدىغانۋاستىلەرنى ئىزدەيتى.
       كەڭئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى ،خىزمەتچى ئاتا-ئانىلارتۈرلۈك سەۋەپلەرگە كۆرە ، مەكتەپنىڭ شەھەر ئەتراپىدا بولۇشنى ،بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ‹‹تىلىسەڭ تاپارسەن دېگەندەك ›› ، رەھمان ۋايىت ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، يول تېپىپ مېڭشقا ئىزلەندى .كۆپ باش قاتۇردى، ئالاقىدار ئورۇن، مۇناسىۋەتلىكرەھبەر ،ۋىلايەت رەھبەرلىرى،ئۈرۈمچىدىكى بىرقىسىم رەھبەر ،ساۋاقداش ،مۇتەخەسىسلەر بىلەنسۆھبەت قۇرۇپ ،ئالاقلىشىپ، ئاقسۇ دارىل مۇئەللىمىن (پېداگوگىكا ) مەكتىۋىنى13كىلومېتىر يىراقلىقتىن ،ئاقسۇ شەھەر ئەتراپىغا يۆتكەپ ئەكىلىشكە بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتكەن.
   ئەسكەرتىش: شۇ كۈنلەردەشىنجاڭئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى مەركىزى –ئۈرۈمچىدىنسەيدۇللا سەيپۇللايوپ قاتارلىق رەھبەرلەرئاقسۇغا كەلگىنىدە ئاقسۇ دارىل مۇئەللىمىن مەكتىۋىنى كۆزدىن كۈچۈرۈپ ،«ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىڭلار بولىدىكەن ،ئەمما مەكتىۋىڭلارئورنى شەھەردىنيىراق بۇلۇپ قاپتۇ» دەپ كۆرسەتمە بەرگەن ئىكەن.
    ‹‹ تىرىشچانلىق نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ»، دېگەندەك 1980 - يىلنىڭ ئاخىرى،ئاقسۇ ۋىلايىتى رەھبەرلىكى تەرىپىدىن ،مەكتەپ ئورنىنى يۆتكەش تەلىپىگە تەستىق سالغان.   نەتىجىدە، تىرىشچان، تەدبىرچى ، مەكتەپ قۇرۇش،پىلانلاش ماھىرى-رەھمان ۋايىت1981-يىلى 2-ئايدىن باشلاپئاقسۇ شەھرىگە 3 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاقسۇقەشقەر يۇلى شىمالىي تەرىپىگە، ئاقسۇ پېداگوگىكا مەكتىۋىنى يېڭىلاپ قۇرۇپ چىقىش ،مەكتەپ ئورنىنى پىلانلاش ،ئوقۇتۇش بىناسى سېلىش ،قاتارلىقتۈرلۈك جىددىي خىزمەتلەرگە ئاتلىنىپ ، ئاقسۇتارىخدامەكتەپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەتشەرەپلىك ئىشنى يەنە بىر قېتىمغەلبىلىك ئورۇنلاپ ،كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشلانغان ۋەقەلىپ تورىدىن ئورۇن ئالغان.
   دەل شۇ ۋاقىتتا ، 1982-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى رەھبەرلىگى ، رەھمان ۋايىتنىئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكەقايتا مۇدىر قىلىپ يوتكىگەن. ئۇ بۇ ۋاقىتتا خەلقنىڭ كۈتكەن ئۈمۈدىنى يەردە قويماي ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك1- ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۈلگۈلۈك مەكتەپكە ئايلاندۇرۇش ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ،بارلىق تىرىشچانلىقىنى ئاتىغان. ئۇ قەيەرگە بارسا شۇيەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، مىللىي مائارىپنى گۈللەندۈرۈش نۇرىنى چاشقان . پىرىنسىپتا چىڭ تۇرغان ،ھەممە ئىشتائامما بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرغان ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ئەمما ،خىزمەتتە   بوشاڭلىق قىلغان،مەسئۇليەتسىزلىك قىلغان ،كۆز بۇيامچىلىق قىلغانلارغا دەل ۋاقتىدا تېگىشلىك تەربىيە بەرگەن .
    1983-يىلىدۆلەتلىك مائارىپ كۆمېتىتنىڭ گۇاڭجۇدا ئېچىلغان، يىغىنىدا «ھەرقايسى جايلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، تېزدىن مائارىپ ئىنىستىتوتى قۇرۇپ چىقىش پىلانلاش، تەستىقلاش يىغىنى» داشىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بىر يېرىم مىليۇن نۇپۇس ئۈچۈن بىرئالىي مەكتەپ- ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى قۇرۇشقا تەستىق سالغان. 1984-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى رەھبەرلىرى ،‹‹ ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىدىن » دىن ئىبارەت ،ئالىي بىلىم يۇرتىنىقۇرۇپ چىقىش ،بۇنىڭ ئۈچۈن كىمنىڭبۇئىشنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىقىش مەسىلىسىدە ،كۆپ قېتىمپىلانلاش ئېلىپ بېرىپ ، ئاخىرى يەنىلا ، رەھمان ۋايىتنىڭ    تالانتىغا ،مەكتەپ قۇرۇش ئىقتىدارىغا ، ئوقۇتۇش سۈپپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ماھارىتىغا ئاپىرىن ئوقۇپ ، 3-قېتىم ئاقسۇ تارىخدائالىي بىلىم يۇرتىنىقۇرۇپ چىقىش ئىشقا مەسئۇل قىلغان . ئۇ بۇشەرەپلىك ۋەزىپىنى تاماملاپ ،ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىنى ئالىي بىلىم يۇرتىغا ئايلاندۇرغان ، ئاقسۇ قەشقەر ،خوتەن ۋىلايىتى،قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستى،بۆرىتالا موڭغۇل ئوبلاستىقاتارلىق جايلاردىنخىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى9كەسىپ بويىنچە ، قوبۇل قىلغان، ئوقۇتۇش سۈپپىتىنى چىڭ تۇتقان .شۇ كۈنلەردەئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ كومېتېتى ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىنى ھەر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ كۈرۈپ ، «ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىنى مەكتەپ باشقۇرۇش،ئوقۇتۇش سۈپپىتى،ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇن قۇرلۇشى جەھەتتىن قارىغاندا ،جەنۇبىيشىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى بۇلۇش شەرتىنى ھازىرلاپسىلەر ، يولداش رەھمان ۋايىت قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپسىلەر » ، دەپئىشلەنگەن خىزمەتلەرنى خۇلاسىلاپ قايىتقان .
    ئەپسۇسكى،يولداش رەھمان ۋاھىت ئاقسۇ مەدەنىي مائارىپ تەرەقىياتىئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاپ ،جىددىي ئىشلەۋاتقان كۈنلەردە، 1988-يىلى ئاقسۇ ۋالىي(مەمۇرىي )مەھكىمىسى يولداش رەھمان ۋايىتنىئاقسۇ ۋالىي مەھكىمىسىمائارىپ مۇپپەتىش ئىشخانىسى مۇدىرى دەپ يۆتكىگەن، بۇ ئىش ، ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىدىكىلەر ئۈچۈن،يولداش رەھمان ۋاھىت ئۈچۈن ،شۇ جۈملىدىن ئاقسۇ-تارىم خەلقى ئۈچۈن ،ئاسماندىن مۆلدۈدۈر چۈشكەندەك ،ھەممە كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدىغان ،ئېچىندۇرىدىغان،ئەپسۇسلىنارلىق ۋەقە بولغان........؟.
1993-يىلىدەم ئېلىشقاچىقىپ كەتكەن .
   ئاقسۇ مائارىپىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىسى ،ئاقسۇ مائارىپ ئاسمىنىدا چاقنىغانچولپان،ئەل سۆيگەن ،مائارىپچىرەھمان ۋايىت 2014-يىلى1-ئاينىڭ 6-كۈنى (دۈشەنبە)ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 6دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە 82-يېشىدا    ئاقسۇ مائارىپ ئىدارىسىدىكى ئۆز ئۆيىدە ئارزۇ –ئارمانلىرىنى كۆرەلمەيبۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى.ئاقسۇ مەرىپەت ئاسمىنىدىن بىر يۇلتۇز ئۆچتى...
    بۇ خەۋەر تارقىلىش بىلەن ، نەچچە مىڭلىغانئاقسۇ خەلقى ،يىراق يېقىندىكىلەر ،توپ-توپ ھالەتتەسۆغاققا قارىماي ، نامازغا يىتىپ كېلىپ،مەرھۇمغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەپ ،ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئورۇنداشقا قاتناشتى.نامىزى يېڭى بازار خوجا مەھەللەمەسچىتتە چۈشۈرۈلۈپ ،ئاقسۇدىن كونا شەھەر(ھازىرقى ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى ئونسۇ)گە ماڭغان يولدىكى دۆلەت مۇداپىئە پولكى (گوفاڭ تۇەن)نىڭ شىمالىي تەرىپىگە يانداشقان دۆڭلىكتىكى تۇپراق بېشى-مازارلىققا قۇيۇلدى. تۇپراق بېشى مەرھۇمنىڭ نامىزىغا كەلگەنلەر بىلەن لىق تولدى. روھىغا ئاتاپ ئىككى دۇنيالىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى......
    رەھمان ۋايىتنىڭ ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتوتىنى قۇرۇپ چىقىشتىكى پائالىيىتى

ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى قۇرۇلۇش باسقۇچىدا بولغاچقا ،« ئىسمى بار جىسمى يوق» ،ئاقسۇ شەھرىنىڭ يار ئۈستىدىكى گىيا ئۈنمەس شورتاڭتۇپراق يەرگە يەنى يېڭىدىن يۆتكەپ ،قايتا قۇرۇلغان « ئاقسۇ پېداگوگىكا مەكتىۋى»( دارىل مۇئەللىمىن)نىڭ شىمالىغا ئۇدۇل ،(قارىمۇ –قارشى) ھالەتتە قۇرۇپ چىقىش پىلانلانغان .
مەكتەپ قۇرۇش ئىشلىرىغا 1985-يىلى رەھمان ۋايىت باش مەسئۇل قىلىنغان.
1) رەھمان ۋايىتنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى ،ئورۇنلاشتۇرۇشى،بىلەنئاقسۇ پېداگوگكامەكتىۋىدىن مائارىپ ئىنىستىتوتىغا يۆتكەپ چىقىلغان –ھادى شادى، قېيىم يۈسۈپ ،مۇھەممەد داۋۇت ،سادەت خانىمقاتارلىقلارنىڭيېقىندىن قوللاپ قۇۋەتلىشىبىلەنبۇ شورتاڭقاقاس يەردە مەكتەپ قۇرۇش ،پىلانلاش جاپالىق ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان.مەكتەپ قۇرۇش ئىقتىسادى،قۇرلۇشنى ھۆددىگە بېرىش ۋىلايەتدىن كونتۇرۇل قىلىنغان. تۇنجى قېتىمئوقۇتۇش بىناسى سېلىش گومىنداڭ قۇرلۇش شىركىتىگە بېرىلگەن .
2) 1985-يىلىكۈزدەبىر تەرەپتىن مەكتەپ قۇرۇش ئېلىپ بېرىش يەنەبىر تەرەپتىن ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردىن خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىنتۇنجى قارار ،ئىككى يىللىق «ماتىماتكا كەسپى» گەقۇبۇل قىلغان. سىنىپ ئورنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىكمائارىپ ئىدارىسىئائىلە قوروسى ئىچىدىكى   ياتاغلىق سىنىپتائېچىلغان .
3) 1986-يىلى 7- ئايلاردائالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ھەر قايسى پەن-كەسىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاقسۇ مائارىپئىنىستىتوتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تاللاپ قۇبۇللانغان. مەن خوجا نىياز(ئەسەر ئاپتۇرى)ئەنە شۇلار قاتارىدا بولغاچقا ، كېيىنكى ھاياتىم مۇشۇ مەكتەپتەئوقۇتقۇچىلىق قىلىش،تۈرلۈك ئىشلارغا شاھىت بۇلۇش ،بۇلۇپمۇ رەھبىرىمىزرەھمان ۋايىت قاتارلىقلار بىلەن ئاخىرغىچە يېقىندىن ھەمسۆھبەتتە بۇلۇش بىلەن ئۆتكەن.
4) مىللىي مائارىپنىڭ سۈپپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرەش ئۈچۈن يەنە بىرقىسىمكەسىپىي سەۋىيەسى يۇقۇرى، داڭلىق ئۇقۇتقۇچىلار ،ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ھەر قايسى ناھىيە،يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلەردىنيۆتكەپ ئەكىلىپ ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنى تۇلۇقلىغان .
5)ئاقسۇ ۋىلايىتى نۇپۇسىدا شۇ چاغادا ئۇيغۇرلار نۇپۇسنىڭ 92%نى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بولغاچقائاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ كومىتىتىنىڭ ۋەئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئۈچتە بىر نىسپەتتە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش(ئۇيغۇر قاتارلىقلاردىن ئۈچ سىنىپ ، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلغاندا خەنددىن بىرسىىنىپقۇبۇل قىلىش )پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان.
6)ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىنى كەلگۈسىدە جەنۇبىي شىىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ،ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇن قۇرلۇشىنى چىڭ تۇتۇش ئېلىپ بارغان.
7)ھەرقايسى كەسىپلەردەئۇيغۇرچە دەرىسلىك كام مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپنىڭدەرىسلىك ئۆلچىمى ،تەلىۋى بۇيىنچە ئوقۇتقۇچىلارنى دەرىسلىك تۈزۈشكە ئۇيۇشتۇرغان.
8) دەرىس ئاڭلاش ،يۇشۇرۇن تەكشۇرۇش ،پىكىر ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ،كۈرۈلگەن كەمچىلىكلەرنى ۋاقتىدا تۈزۈتۈپ، ياش ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەپ،كەسىپكە پىششىق ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.
9)داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ،لېكسىيە سۆزلەشكە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نۇتقى ،دەرىس ئۈتۈش ئۇسۇللىرى ،ماھارىتى قاتارلىقلاردىن ئۆگۈنۈش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان.
10) دەرىستىن سىرىتقى مەدەنىي تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ ،ئوقۇتقۇچى،ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ   ئاكتىپلىغىنى قوزغاپ،مەكتەپ ھاياتىنى جانلاندۇرغان،ھەم ئۆگۈنىدىغان ھەم كۆڭۈل ئاچىدىغان يەنى ئۆگۈنۈش بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى بىرلەشتۈرگەن خۇشالكەيپىيات مۇھىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
رەھمان ۋايىت بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن روھ
1) كەسىپنى سۈيۈش ،مائارىپنى سۈيۈش ،ۋەتەننى-خەلقنى سۈيۈش ئىدىيىسىنى، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ياش ئوقۇتقۇچىلار قەلبىگە سىڭدۈرۈپ،ئۇلارغا مىراس قالدۇرۇرۇپ كەتتى.
2) ئەمەلىيەتچان،شەكىلۋازلىقتىن خالى، مەسئۇليەتچان ،خىزمەتتە تەلەپچان ،تۇرمۇشتا ئاددى –ساددە ، مال-دۇنيا، كەيپى –ساپاغا بېرىلمەيدىغان ،ئۆز نەپسىگە چوغ تارتمايدىغان، خۇشەمەتچىلىك ،سۇخەنچىلىك قىلمايدىغان ھەم خوشامەتچىلىكنى ياقتۇرمايدىغان، ئۇنداقلارنى يېنىغا تارتمايدىغان، ئۇچۇق-يۇرۇق، ئاق كۆڭۈل ، ئاداۋەت ساقلىمايدىغانگۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتنى قالدۇرۇپ كەتتى.
3) ئالىم، ئۆلىمالارنى دوس تۇتىدىغان،ئېقتىساسلىقلارنى بايقىيالايدىغان ھەم ئۇلارنى قوللايدىغان ،يىتەكلەيدىغان ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۈلىدىغان پەزىلەتنى قالدۇرۇپ كەتتى.
4) ۋەتەن ،مىللەت غېمىنى يەپ ،ۋەتەن سۈيەرلەرنى ئالقىشلاپ ،ۋەتەن تەغدىرى،مىللەت تەغدىرى ئۈچۈن بارلىقىنى تەغدىم قىلىش ئىدىيىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى.
5) ۋەتەن سۈيۈش ئۈچۈن ئىلىم-پەن تېخنىكا ئگىلەپ ، ئۇنى ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش لازىم، ئىلىم-پەنسىز، تېخنىكاسىز   ھېچقانداق ئىشنى ئورۇنلىغىلى،شۇ جۈملىدىن ۋەتەننىڭكېلەچىگىنى ياراتقىلى بولمايدۇ، دېگەن ئىدىيىنى قالدۇرۇپ كەتتى.
6) ئۇقەيەرگە بارسا شۇ يەرنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ، مىللىي مائارىپنى گۈللەندۈرۈش نۇرىنى چاچىدىغان رەھنى قالدۇرۇپ كەتتى .
7) ئائىلىسگە سادىق بۇلۇش ،ئەۋلاتلىرىنى ياراملىق،بىلىملىك قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش روھىنى قالدۇرۇپ كەتتى.
   گەرچە پېشقەدەم مائارىپچىئاتاغلىق پېداگوك ،ئۇستازبىزدىن ئايرىلغان بولسىمۇ ،ئۇ بىزگە، مەڭگۈ ئولمەس،مىللىي مائارىپقا ئۆزىنى بېغىشلاش ، مائارىپ ئارقىلىق قەد كۈتۈرەش ، گۈللىنىش،مەڭگۈ مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىش يۇلى ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت بىر يولنى كۆرسۈتۈپ كەتتى.
       مانا بۇلارئاتاغلىق مائارىپچى رەھمان ۋايىتتىنبىز مەڭگۈ ئۆگۈنىدىغان تەرەپلەردۇر.
    2014-يىلى3-ئاي نىڭ 7-كۈنى

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 18:13:29

راخمان ۋاھىت ئۇستازغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر:
ئاقسۇ مائارىپىنىڭ تۆھپىكارى –راخمان ۋاھىت。
/thread-28833-1-1.html
ئەقىدە مىلودىيىسى (مەرھۇمراخمان ۋاھىدنى ئەسلەيمەن) [پاسىل]
/thread-30054-1-1.html

بەت: [1]
: مەرىپەت ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز- رەھمان ۋايىت توغرىسىدا