13899720018 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 13:25:21

مەكتەپنىڭ 2014-ئوقۇش يىللىق مەكتەپ خىراجىتىنى ئىشلىتىش پىلانى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tursun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-19 14:31

مەكتەپنىڭ 2014-ئوقۇش يىللىق مەكتەپ خىراجىتىنى ئىشلىتىش پىلانى
يۇقۇرى دەرىجىلىك مائارىپ مالىيە تارماقلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئوقۇش ياردەم پۇلىنى كۆپەيتىپ، مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاشقا ھەر جەھەتتىن ياردەم بىرىۋاتىدۇ . بىز مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈش، مەكتەپنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاش، مەكتەپنىڭ ھويلا ئارام مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ، مەكتەپ خىراجىتىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك كونكىرىتنى خىزمەتلەرنى ئىشلەيمىز:
نىشانىمىز-پارتىينىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ،پارتىيىنىڭ ئاممىۋىي لۇشىيەن تەربىيەسىنى ھەقىقى ئۆگىنىپ ، مائارىپ قانۇنىنىڭ تەلەپلىرى بويىچە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بىرىش بىلەن بىرگە ھەر قايسى جەھەتتىكى تەربىيىلەرنى ئەتراپلىق ئېلىپ بېرىپ مائارىپنى خەلق ئۈچۈن، بالىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ ، شارائىت يارىتىپ شۇ ئاساستا ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى جانلىق ئىلىپ بىرىپ ئەخلاقىي ، ئەقلىي ،جىسمانىي ،گۈزەللىك جەھەتتىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلغان ئىزباسارلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت.
بۇنىڭ ئۈچۈن :
1. مەكتەپ خىراجىتىنى مەكتەپ قىياپىتىنى ئۆگەرتىشكە ئىشلىتىش .
مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىكى ، ھويلا ئارام ئىچىدىكى كۆكەرتىشكە دائىر ئورۇنلارنى كۆكەرتىپ، مەكتەپنىڭ يىشىللىشىش نىسبىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا گۈل-گىياھ ، دەل –دەرەخلەرنى ئاسراش توغرىسىدا تەربىيە بىرىش ، باشقۇرۇش ئاسراش ،نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش .ۋاختىدا ئوتاپ ۋاختىدا سۇغۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مەۋسۇمدا ئىككى قېتىم ئوغۇتلاش. بايراق سوپۇسى ئەتراپىغا قاچا گۈللەرنى قويۇش، تۇتاش بولغان گۈللۈك ياساپ ۋەمەكتەپ ئىچىدىكى ، شەكلى ئۆڭگەن ،بۇزۇلغان تەشۋېقات دوسكىلىرىنى يېڭىلاش ئۆزگەرتىش.
گۇل – گېياھ يېشىللاشتۇرۇشچېڭ تۇتۇلۇپ مەكتەپ مۇھىتىنىياخشىلاش مەكتەپ ئىچىدىكى مەنزىرە دەرەخلىرىگە بولغان پەرۋىشنى ياخشى ئىشلەش ، مۇھىت تازلىقى خىزمىتىنى ، پاكىزلىشىشنىبولۇپمۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا پاكىز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ، بارلىق كېرەكلىك ئۈسكۈنىلەرنى ۋاختىدا تولۇقلاپ بىرىلىدۇ .   
مەكتەپنىڭ مۈلۈك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ، مۈلۈكلەرنى ئاسراش بىلەن بۇزۇلغانلىرىنى ۋاختىدا تولۇقلاش ۋە رېمۇنت قىلىش، ئوقۇغۇچىلارغا مال مۇلۈكنى ئاسراش مەسئۇلىيەتنامىسى تۈزۈپ بۇزۇلۇشنىڭ ، يۈتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پايدىلىنىشنى ئەمەلىلەشتۈرۈش . ھەر خىل پايدىلىنىش ئەسۋاپلىرىنى ئىشلىتىشدە مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى قوللىنىلىنىدۇ.
2. مەكتەپ خىراجىتىنى ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمەت قىلدۇرۇش .
ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن مەكتەپ مالىيە بۆلۈمئوقۇتۇش ۋە تەلىم – تەربىيە، مەكتەپ شارائىتلىرىنى ياخشىلاپ ، ئوقۇتۇشقا لازىملىقتۈرلۈك پىلان دەپتەر، سىياھ ،بوردەرسىلىك كىتاپ قاتارلىقلار ۋاقتىدا تەييارلىنىپ بىرىلىدۇ . مەكتەپ ئېچىشتىن بۇرۇن ۋە ئوقۇش باشلاشتىن ئىلگىرى مەكتەپ مەمۇريىتىئومۇميۈلۈك تەكشۈرۈلۈپ ، ئوقۇتۇش ۋە تەلىم – تەربىيىگە كاشىلا بولىدىغان ئامىللار تىزگىنلەپ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار كېلىشتىن بۇرۇن تەييارلىق خىزمىتىنى ئىشلەش ، يىل بېشىدا بىر مەۋسۈملۈك ئوقۇتۇش ، تۈرلۈك پائالىيەتكا لازىملىق بولغان ماتىرياللارنى ئالدىن تەييارلاش .
ئوقۇش باشلانغان تۈنجى ھەپتىسى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىلغار سىنىپ، ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار خىزمەتچىلەر رىغبەتلەندۈرلىدۇ. ماددى بويۇم بىلەن مۇكاپاتلىنىپ ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى ئاشۇرۇش، ئۇنىڭدىن باشقا دەرس ۋە باشقا پائالىيەتلەردە ئالاھىدە ياخشى بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ، تۈرلۈك مۇسابىقە پائالىيەتلە رئارقىلىق مەكتەپكە شەرەپ كەلتۈرگەن ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاشقاكېرەكلىك بويۇملار ئالدىن تەييارلاشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرلىشىغا ئۈچۈنبىرقىسىم ئالاھىدە، مۇھىم بولغانتەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى ئۈسكۈنىلەرنىتولۇقلاپ ئېلىش ، ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش.   
3. مەكتەپ خراجىتىنى مەكتەپنىڭقىرائەتخانىىسىنىرەتلەپ تولۇقلاپئوقۇ – ئوقۇتۇش ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇش.
ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن ھەر خىل ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەخلاق تەربىيىگە دائىر ماتىرياللارنىدائىم ئۆز ۋاقتىدا تولۇقلاپ ئومۇمىي خىراجەتنىڭ 55%تىنىئوقۇ – ئوقۇتۇشقا ئاجىرتىش . مەكتەپ خىرائەتخانىسىغا يىلدا يېڭىدىن پەن تېخنىكىغا ئائىت ماتىرياللارنى ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ۋاختىدا تولۇقلاپ تۇرۇش،ئوقۇتقۇچىئوقۇغۇچىلارغا پايدىلىنىش ئۈنۈمى بار بولغان كىتاپ ماتىرياللارنى ئېلىپ تولۇقلاش .
4. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇيالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بىرىش.
5. كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىللېرىدىن قولكومپىيۇتور ، رەسىم ئاپاراتى ، پايدىلىنىش كىتاپ ، ئۈستەل ئورۇندۇق سېتىۋېلىپ كۆپ ۋاستىلىق ئۆيدىن پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش .سىنىپلاردىكى ئۈستەل ئورۇندۇقلارنىئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرۈپرېمونت قىلىنىپ، ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئېشلىرىغا ياخشى ياردەمچى قىلىپ ئوقۇتۇش سۈپۈتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە قارىتىش .
6. مەكتەپ خىراجىتىنى ئوقۇتقۇچىلارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشكە قارىتىپ ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھازىرقى يىڭى زامانىۋىيمائارىپ ئۇچۇرلىرىنى ، تەلىۋىنى ئۆگىنىشكە قارىتىش بىلەن بىلىم يېڭىلاشقا ، تەجىرىبە ئالماشتۇرۇشقا يىتەكلەش لازىم . ئوقۇتقۇچىلار داۋاملىق تۈردە يېڭىلىق يارىتىشى ، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشى ، مەكتەپ بۇ جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلارغا ئەۋزەل شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىشى كېرەك .

13899720018 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 13:27:06

بۇ ماتىريالدىن كۆپچىلىك بىللە ئورتاقلىشايلى ،كەم ئورۇنلار بولسا بىللە ھەمكارلىشىپ تولۇقلىساق دەيمەن.

yusuf3032 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-19 14:27:36

بەت: [1]
: مەكتەپنىڭ 2014-ئوقۇش يىللىق مەكتەپ خىراجىتىنى ئىشلىتىش پىلانى