13899720018 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-14 19:06:07

ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن چىكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇش ت...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tursun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-3-19 21:53

       مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن چىكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى
小学控制辍学管理制度
ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن چىكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇش ئۈچۈن بۇ تۈزۈم تۈزۈلدى :
1.ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن چىكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قاتتىق باشقۇرۇش ئۈچۈن ، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا بولغان باشقۇرۇش بىلەن ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنىڭ باھالاشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى باھالاشتا لاياقەتسىز ، يىللىق باھالاشتا ئەلا باھالىماسلىق ، ئوقۇغۇچىنى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كېلىش بىلەن ئوقۇغۇچى ، ئاتا – ئانىلاردىن كەچۈرۈم سوراش   .
2. ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتىپ ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوقۇتقۇچى ياكى سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىنى قايتۈرۈپ كېلىشكە مەسئۇل بولىدۇ ، ئەگەر بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىمىگەن سىنىپ مۇدىرى ياكى ئوقۇتقۇچى ئىلغار سىنىپ مۇدىرى بولۇپ باھالانمايدۇ ، يىللىق بالالاشتا ئىلغارلىق بېرىلمەيدۇ .
3.ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىۋىنى ياخشى تۇرغۇزۇپ ، تۈرلۈك دۆلەتنىڭ مەكتەپنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭغا قاراتقان تۈرلۈك ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ تەلىۋى بويىچە ئۇلارغا ياردەم بېرىپ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن چىكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېىش سىنىپ مۇدىرى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغامەسئۇل بولۇش .
4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپنىڭ چىكىنىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بويىچە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ،پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، چىكىنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنىڭ باھالاشنىڭ ، نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم تۈزۈمى قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىكىنىشنى قاتتىق كونتۇرۇل قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش .
5. مەكتەپ ئاتا – ئانىلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ ،ئاتا – ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيەۋىي تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ، ئاتا – ئانىلارنىڭ مەكتەپ خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئۆستۈرۈپ داۋاملىق ئالاقە قىلىپ بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش .
6. ھەر قايسى ئىدارە ئورگان ، مەكتەپ ، ئاساسىي قاتلام ، يېزا كەنتلەر بىلەن ئالاقە خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، جەميەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ، تۈرلۈك مىھرى – شەپقەت يەتكۈزۈش ئورۇنلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ، بۇ ئارقىلىق يىتىم – يىسىر قارانچۇقى بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن چىكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
7. مېيىپ ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتىپ ئۇلارنىڭ چىكىنىشنى كەلتۈرگەن ئوقۇتقۇچى ياكى سىنىپ مۇدىرلارغا ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە كەسپى ئەخلاققا خىلاپلىق قىلغان بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .

13899720018 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-14 19:10:35

يۇقۇردىكى چىكىنگەن ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇشقا دائىر ماتىريال ئۆزەمگە بەك مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئىزدەپ تاپالماي ، ئىزدىنىپ شۇنچىلىكلا تەييارلىيالىدىم . بەلكىم تولۇق ئەتراپلىق بولمىغان بولىشى مۇمكىن ، پايدىلىش جەريانىدا بىللە ئورتاقلىشىپ ، يەنىمۇ كەم ئورۇنلارنى تولۇقلاش مەقسىتىدە يوللىدىم ، پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .

مەمەت5 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-15 00:19:27

رەخمەت ،بۇنىڭغا ئازراق مەزمۇن قوشساق مۇكەممەل تۈزۈم قىلىپ چىققىلى بولغۇدەك ،بارىكاللا ،رەخمەت تىرىشىڭ .
بەت: [1]
: ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن چىكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇش ت...