نۇرۇز بايرىمىدا سۆزلەنگەن سۆز
نۇرۇز بايرىمىدا سۆزلەنگەن سۆزنورۇز كەلدى جاھانغا، باھار بولۇر كۈندۇر بۈگۈن،
دەرەخلەرگە سۇ يۈگۈرۈپ، بىخ ئۇرار كۈندۇر بۈگۈن.
دېھقانلار قوش ھەيدەپ، ئۇرۇق سالۇر كۈندۇر بۈگۈن،
ئىش بېشى سائەت كۈنى، ئامبار تولار كۈندۇر بۈگۈن.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇقۇتقۇچى –ئۇستازلار ئۇقۇغۇچى- ساۋاقداشلار
رەھبەرلەر ،ھەممەڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىغا مەرھابا.
«نورۇز» (Noruz) ئەسلىدە پارىسچە سۆز، ئۇ «نەۋرۇز»سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆزگەرگەن شەكلى ، سۆز مەنىسى جەھەتتىن «باھار يامغۇرى»، «تۇنجى باھار كۈنى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ بايرام قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى (ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى)، يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭبىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ.
«نورۇز» سۆزىنىڭ ئەسلى ئېتىمولوگىيىسى پارىسچە بولغىنى بىلەن، بۇ بايرام ئۇيغۇرچە «يېڭى كۈن» يەنى «يىل يېڭىلانغان كۈن»دېگەن سۆز مەنىسى بىلەن ئۇزاق دەۋرلەردىن بېرى ئۇيغۇرلار مەدەنىي تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلگەن. «پارس تىلى قىزغىنلىقى»ئارقىسىدا، تىلىمىزدىكى «يېڭى كۈن» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئورنىدا پارسچە «نەۋرۇز» (Nawruz) سۆزى قوللىنىلىدىغان بولغان. «نەۋرۇز» سۆزى ئىستېمال جەريانىدا تەدرىجىي تاۋۇش ئۆزگىرىشى ياساپ «نورۇز» شەكىلىگە كەلگەن.
نۇرۇز بايرىمى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي تىللىق خەلىقلەردىن باشقا پارس تىللىق خەلقلەرنىڭمۇ ئوخشاش بىر مەۋسۇم، ئوخشاش بىر كۈندە قۇتلۇقلايدىغان بايرىمى بۇلۇپ، تاجىكلار بىلەن پارىسلارنىڭ ئورتاق بايرىمىدۇر. شۇڭا بۇ بايرام مەيلى ئېتىمۇلوگىيە ياكى فولكلور نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ، بەلگىلىك مەنبەداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە.
پارتىيىنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-ئۇمۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا قايتا يول ئېچىلغاندىن كېيىن، ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ رەڭگارەڭلىكىگە ئاساس بولۇپ كەلگەن بۇ ئەنئەنىۋى شادلىق بايرىمى قايتا ھاياتىي كۈچ ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.
ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېقىندىن قوللىشى ۋە خەلقنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنىڭ كۈنسايىن ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ بايرام تېخىمۇ زور كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلۈش پۇرسىتىگە ۋە يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئېرىشتى.
نورۇز-ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپلا قالماي، يەنە قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق تۈكىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ شۇنداقلا تاجىك قاتارلىق شەرقىي ئىران تىللىق مىللەتلەرنىڭمۇ ئەنئەنىۋى باھار بايرىمىدۇر. ئۇنىڭ يەنە بىر رېئال ئەھمىيىتى شۇكى، نورۇز-شادلىق بايرىمى، ئۆملۈك-ئىناقلىق، بىرلىك-ئىتتىپاقلىق، ئامانلىق ۋە ئەمگەك بايرىمى بولغاچقا، ئۇ خەلقىمىز ئارىسىدا ئەسىرلەردىن بېرى ئۆزىنىڭ خاسىيىتىنى يوقاتماي، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى بايلىقى سۈپىتىدە ئارزۇلىنىپ ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلدى.
پارتىيىنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش چاقىرىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ بايرام ئۆزنىڭ قۇبۇل قىلىشچانلىقى، خالىلىقى ۋە رەڭگارەڭلىكى بىلەن خەلىقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى جارى قىلدۇرۇش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكتەربىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
ياخشى ماتىريالكەن تەۋەررۈك قۇتلۇق بايرىمىز ھەققىدىكى بىشارەتلەردىن مۇقەددىمىگە يول ئېچىپ بېرىپسىز، رەھمەت! ياخشى ماتىريالكەن.رەخمەت
بەت:
[1]