AtamanBiz يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 22:26:06

غالىپجان شەمشى ۋە ئىلىكيۇرت



غالىپجان شەمشى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھيىسىدىن، بىناكارلىق قۇرۇلما ئىنژىنېرى، سانائەت پەنلىرى دوكتۇرى. ئۇيغۇر تىلى، خەنزۇ تىلى، ئىنگىلىز تىلى ۋە ياپۇن تىللىرىنى بىلىدۇ. ھازىر شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ بىناكارلىق قۇرلۇش ئىنىستىتۇتىدا ئۇقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. 2013-يىلى 3-ئايدا، ياپۇنىيە خاچىنوخې سانائەت ئۇنۋېرسىتېتىدا سانائەت پەنلىرى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.
غالىپجان شەمشى ئۇيغۇر دېتالچىلىقى ۋە تورچىلىقىدا، ئىلىكيۇرت ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى بىلەن تۇنۇلغان دىيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلى يۇنىكود (Unicode) ئۆلچىمى تېخى بارلىققا كەلمىگەن ۋاقىتتا، ئىلىكيۇرت ئانسى (ANSI) كودلۇق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ناھايتى كوپ تۆھپە قوشقان. شۇ ۋاقىتلاردا، ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرنىڭ 80-90% ئىلىكيۇرتنىڭ «Ilik Uigur Tuz» خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچىسى بىلەن ياسىلاتتى. ئىلىكيۇرت خەت نۇسخىسى، شۇ ۋاقىتتىكى كومپيۇتېر شارائىتىدا، ئىكراندا ناھايتى ئېنىق ۋە كىچىك بولغاچقا، ئۇيغۇرچە بىكەت ياسىغۇچىلارنىڭ ياخشى كۆرىشىگە مۇيەسسەر بولغان. ئەينى ۋاقىتتىكى سەلكىن، دىيارىم ۋە بىلىك تور بىكەتلىرى ئىلىكيۇرت كىرگۈزچىسى ۋە خەت نۇسخىسى بىلەن باشلانغان.
يۇنىكود (Unicode) ئۆلچىمى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئىلىكيۇرت كىرگۈزگۈچىسى يەنىلا توختاپ قالمىغان، Uyghur XXX Unicode نامىدا، 50 خىل يۇنىكود (Unicode) كېڭەيتىلگەن رايۇن ئۆلچىمىدىكى نەپىس خەت نۇسىخىللىرىنى بىر قوللۇق ئىشلەپ چىققان، بۇ خەت نۇسخىللىرى كېيىن باشقا يۇنىكود (Unicode) ئاساسى رايۇن خەت نۇسخىللرىنى ياساشقا، مەلۇم دەرىجىدە ئورنەكلىك ياكى پايدىلىنىش رولىنى ئوينىغان.



2008-يىلى ئىلىكيۇرت بىكەت تەرجىمە قىلىش دېتالىنى ئىشلەپ بازارغا سالغان. بۇ دىتال خەنزۇچە بىكەت تەرجىمە قىلىش ۋە بىكەت باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ناھايتى قولايلىق بولۇپ، نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ياختۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئىرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە دۇكان باشقۇرۇش دىتالى، خاتىرە دەپتەر قاتارلىق باشقا ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى دېتاللىرى بار بولۇپ، بۇ دېتاللار ئۇيغۇرچىنى كومپيۇتىردا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ نەمۇنىسى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.
قىسىقىسى، غالىپجان شەمشى ئۆز كەسپى بىناكارلىق قورۇلما كەسپىدىكى لايھىلەش ۋە تەتقىقات جەھەتتىن نەتىجىللىرى كۆرۈنەرلىك بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇرتىلىنى كومپيۇتېردا ئۇمۇملاشتۇرۇش ۋە تور ساھاسىدە ئىشلىتىش جەھەتتە قوشقان تۆھپىسى كۆرىنەرلىك. ھەقىقى بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ئۇيغۇر ئىختىساسلىقلىرنىڭ بىرى.

تور بېكىتى:
http://www.ilikyurt.netئۇيغۇرچە
http://www.ilikyurt.net/ilik_science/default.aspخەنزۇچە
مەنبە: ئاتامانلار كۇلۇبى: http://atamanbiz.com

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 22:33:15

غالىپجان ئەپەندىنى بىز ئاقسۇلۇقلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ پەخرى دېيىشكە بولىدۇ.
ئۆزىنىڭ كەسپىدە ئۇتۇق قازانغاندىن باشقا بىزنىڭ ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىمىز ۋە تورچىلىقىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ.

1darwix يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 23:42:47

غالىپجان شەمشى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھيىسىدىن، بىناكارلىق قۇرۇلما ئىنژىنېرى، سانائەت پەنلىرى دوكتۇرى. ئۇيغۇر تىلى، خەنزۇ تىلى، ئىنگىلىز تىلى ۋە ياپۇن تىللىرىنى بىلىدۇ. مانىڭدىكى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدۇ دىگەننى ئارتۇقچە يىزىپ قويدىمۇ نىمە؟

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 23:48:33

مەن بۇرۇن غالىپكامنىڭنامىنى ئاڭلاپ باققانلىكىن رەسىمىنى كۆرۇپ باقمىغان ئىدىمبۇگۇن رەسمىنى كۇرۇشكە مۇيەسسەر بۇلدۇم

karwan217 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 00:51:52

1darwix يوللىغان ۋاقتى2014-3-6 23:42
غالىپجان شەمشى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھيىسىدىن،...

مىنىڭچە ئاشۇنداق يازمىسا <ئۇيغۇرچە بىلمەمدكەن ؟ >دەپ قۇسۇر ئىزدەيدىغانلار چىقىدۇ.

KaxkarPs يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 10:22:14

مەن بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان بۇگۇن بىلىۋالدىم

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 12:19:11

بىز ئۇنىڭ دۇكان تاللا باشقۇرۇش سېستىمسى ۋە ئەزا باشقۇرۇش سېستىمسى ۋە   تور بىكەت كودىنى تەرجىمە قىلىش دىتالىنى ئىشلەتكەن ھەمبىر نەچچىنى سېتىۋالغان باھاسى ئەرزان ھەم قوللىنىشچانلىقى   يۇقىرى

روھلان يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 17:29:27

مۇشۇنداق تىرىشچان خەلقسۆيەر ئەربابلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھ تېنىنى سالامەت ئىشلىرىنى ئاسان قىلغاي.
بەت: [1]
: غالىپجان شەمشى ۋە ئىلىكيۇرت