tanha13 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 13:31:53

مەركىزى بانكا ئاشكارا ھالدا «ئېشىنچا پۇلدان»نىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئىتراپ قىلدى.

ئېشىنچا پۇلدان » (余额宝) بازارغا سېلىنغاندىن تارتىپ﯐ باشتىن ئاياغ كىشىلەرنىڭ گۇمانىي پوزىتسىيىسى ئىچىدە قەيسەرلىك بىلەن 264 كۈننى ئۆتكۈزدى﯐ بىراق 4- مارتتىن تارتىپ﯐ «ئېشىنچا پۇلدان» ئۆزىنىڭ ﻫاياتلىق تەقدىرىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىغان بولدى.



4-مارت مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى﯐ مەركىزى بانكا باشلىقى جوۋ شىياۋ چۈەن ئاشكارا ﻫالدا :««ئېشىنچا پۇلدان» قاتارلىق پۇل-مۇئامىلە مەﻫسۇلاتلىرى دۆلەت تەرىپىدىن چەكلەنمەيدۇ» دەپ ئىپادە بىلدۈردى. ئۇ :«ئىنتېرنېت پۇل-مۇئامىلە كەسپى بولسا يېڭى شەيئى بولۇپ﯐ بۇرۇنقى سىياسەت﯐ باشقۇرۇش ۋە تەڭشەش ئۇسۇللىرى بۇنىڭغا تولۇق ماس كېلىپ بولالمايدۇ﯐ شۇڭا بىزنىڭ بۇ خىل سىياسەتلەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ﯐دۆلەتنىڭ ئالاقىدار پۇل-مۇئامىلە سىياسىتى چوقۇم دەۋر ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ قەدىمىگە ماسلىشىشى كېرەك﯐ ﻫازىرقى ئىقتىسادى سىياسەتنىڭ بەزى تەرەپلىرى تولۇق ئەمەس﯐ يەنە بەزى تەرەپلەردە يوچۇق ساقلانغان﯐ ﻫەتتا يەنە بەزى تەرەپلەردە ناتوغرا رىقابەت ﻫادىسىمۇ بار﯐ بۇلارنىڭ ﻫەممىسى بىزنىڭ توختىماستىن سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ﯐ ئىنتېرنېت پۇل-مۇئامىلە كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئېﻬتىياجلىق.»دەپ كۆرسەتتى.



شۇ كۈنى مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزاسى﯐ مەركىزى بانكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يې گاڭمۇ ئاشكارا ﻫالدا «ئېشىنچا پۇلدان»دەك ئىنتېرنېت پۇل-مۇئامىلە مەﻫسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىشى ۋە يىڭىلىق يارىتىشىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن﯐ بىراق بۇ ئىككەيلەن بىردەك بۇنىڭدىن كىيىن ئىنتېرنېت مالىيە مەﻫسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەركىزى بانكا بۇ قىتىم ئۆزىنىڭ «ئېشىنچا پۇلدان»غا بولغان مەيدانىنى ئاشكارلاشتىن بۇرۇن﯐ ئىنتېرنېت پۇل-مۇئامىلە مەﻫسۇلاتلىرىنىڭ توغرا-خاتا﯐ ﻫەق-ناﻫەقلىق مەسىلىسى ﻫەممىلا يەردە مۇلاﻫىزە قىلىنىپ﯐«ئىككى يىغىن »نىڭ قىززىق تىمىسىغا ئايلانغان بولۇپ﯐ يىغىن ۋەكىللىرىنىڭ بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسىمۇ ﻫەر خىل بولغان.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ﯐ بانكا نازارەت ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەسلىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى سەي ئې شېڭ قوللاش تەرەپدارىدا بولۇپ﯐ ئۇ :«بانكا بىلەن «ئېشىنچا پۇلدان»نى دۈشمەنلەشتۈرۈپ قويماسلىق كىرەك﯐ يىڭى شەيئىلەرگە تەرەققىيات نەزىرى بويىچە توغرا مۇئامىلە قىلىش لازىم﯐ ئېشىنچا پۇلدان بانكا ئۆسۈمىنىڭ بازارلىشىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ﯐ نۆۋەتتە بانكا ساﻫەسىدە ئېشىنچا پۇلدان﯐ ماليە ئارىچىسى ( 财付通) قاتارلىقلارنى ئادەتتىكى ئامانەت بويىچە باشقۇرۇش ساداسى كۈچەيمەكتە﯐ بىراق ئادەتتىكى بانكا نازارەت سىستىمىسى بويىچە بۇلارنى باشقۇرغاندا چوقۇم چاتاق چىقىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.



بىراق ئېشىنچا پۇلدانغا قارشى تۇرغۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس﯐ مەمىلىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزاسى﯐ سودىگەر چاقىرىش بانكىسىنىڭ سابىق باشلىقى ما ۋىي خۇا نىڭ قارىشىچە :««ئېشىنچا پۇلدان»غا ئوخشاش پۇل فوندلىرىنىڭ رولى پەقەت كاپتالنى بانكا سىستىمىسى ئىچىدە ئايلاندۇرۇش بولۇپ﯐ ﻫىچقانداق ئىقتىسادى ئەﻫمىيىتى يوق». بۇنىڭدىن بۇرۇن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسى ئىقتىساد قانېلىنىڭ باﻫاچىسى نىيۇ ۋىن شىن «ئېشىنچا پۇلدان»نى مەنئىي قىلىش نەزەريىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ﯐ بازاردا كەڭ كۆلەمدە تالاش تارتىش پەيدا قىلغان.

تىيەن سى فوندىنىڭ بۇ ﻫەپتىدە ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە ﯐ «ئېشىنچا پۇلدان» ئابونتى ئاللىقاچان 81 مىليونغا يەتكەن بولۇپ﯐ ﻫەر بىر ئابونتنىڭ مەبلىغى ئوتتۇرا ﻫىساپ بىلەن4307يۈەندىن ﻫىساپلىغاندا «ئېشىنچا پۇلدان»نىڭ يىغىندى كاپتالى 350 مىليارت يۈەنگە يىقىنلاشقان.

گەرچە توختىماستىن خىرىدارلار كۆپىيىپ﯐ ئومۇمىي مەبلەغ ئېشىۋاتقان بولىسمۇ﯐ لىكىن ئىنتېرنېت پۇل-مۇئامىلە مەﻫسۇلاتلىرىنىڭ پايدىسىنىڭ ئازلاپ كېتىش يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيۋاتىدۇ. گەرچە ﻫۆكۈمەت تەرەپ ئاشكارا ﻫالدا چەكلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ﯐ ئەمما نازارەتنىڭ كۈچىيىشى ئارقىسىدا﯐ قانداق قىلىپ كېتىپ قىلىۋاتقان كونا خىرىدارلارنى تۇتۇپ قىلىش﯐ مايۈنگە ئوخشاش خوجايىنلارنىڭ ئەڭ مۇﻫىم ئويلىشىدىغان مەسىلىسى بولۇپ قالدى.

مۇزات0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 15:35:57

ئېشىنچا پۇلدان » (余额宝) غا پۇل يۆتكەپ پايدىسىنى ئېلىپ باققانلار بارمىدۇ ؟؟؟

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 15:46:46

مۇزات007发表于2014-03-06 15:35:57 static/image/common/back.gif
ئېشىنچا پۇلدان » (余额宝) غا پۇل يۆتكەپ پايدىسىنى ئېلىپ باققانلار بارمىدۇ ؟؟؟

ئۇنىڭ پايدىسى ھەقىقەتەن بولۇپ قويىدۇ، مەن سىناپ باققان.
来自安卓客户端

مۇزات0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 15:58:35

ADiL يوللىغان ۋاقتى2014-3-6 15:46
ئۇنىڭ پايدىسى ھەقىقەتەن بولۇپ قويىدۇ، مەن سىناپ باققا ...

قانچىلىك سوممىغا قانچىلىك نىسبەتتە پايدا بېرىدىغاندۇ ؟؟ بانكىلار بىلەن ئوخشاشمىدۇ ؟؟مەنمۇغۇ كۆپ كۆردۈم لېكىن تازا ئىشەنچ قىلالمىغاچقا سىناپ باقمىغان ئىدىم !

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 17:46:52

مۇزات007 يوللىغان ۋاقتى2014-3-6 15:58
قانچىلىك سوممىغا قانچىلىك نىسبەتتە پايدا بېرىدىغاند ...

ئۆسۈمى كۆپ پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ، ئەمما بانكىدىن نەچچە ھەسسە قولايلىق ، ئۆچرەت تۇرمايمىز، جەدىۋەل توشقۇزمايمىز، خالىغاندا يەنە ئېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

باھادىر8 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 18:03:15

نېمە ئۇ «ئېشىنچە پۇلدان» دېگەن؟

orhunbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-3-6 22:29:56

مايۈن ئەمدى ئەنسىرىمىسىمۇ بۇلىدىكەندە!

ئەسقەر29 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 09:35:33

مەن ئىشلىتىۋاتىمەن..ئادەتتە 100يۇئەنگەكۈنىگە تەخمىنەن2پۇڭ ئۆسۈم چىقىدىكەن. بۇگۈنكى ئۆسۈم نىسبىتى 5.835% كە. بۇرۇنقىدىن خېلى بەك تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ.

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 12:41:13

مەن سىناپ باققان200سومغا7مو 5 پۇڭپايدا بېرىپتۇ

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2014-3-7 12:41:47

پايدىسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس
بەت: [1] 2
: مەركىزى بانكا ئاشكارا ھالدا «ئېشىنچا پۇلدان»نىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئىتراپ قىلدى.