ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ تەرجىمالى
تۈرلۈك ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرى بىلەن ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللىنىشىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ كەلگەن تالانىتلىق شائىر ۋە پەيلاسوپ ئابدۇشۈكۈر مەھەممەتئىمىن 1934– يىلى 9– ئاينىڭ 28– كۈنى ئاتۇش ناھىيىسى مەشەت رايونىنىڭ باغئېرىق كەنتىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلدى. يەتتە يېشىدا ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ مەكتەپكە كىردى. كېيىن قەشقەردە دىنى تەربىيە كۆردى. 1950– يىلى تۇلۇق ئوتتۇرىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىردى. 1952– يىلى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاسپرانتلىققا قوبۇل قىلىنىپ، غەربى شىمال ئۇنىۋېرستېتىدا تەلىم ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ‹‹كېسىلگەن قۇلاق›› ناملىق تۇنجى ھېكايىسى 1951– يىلى 8– ئايدا ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› دە ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ نۇرغۇن شېئىر، نەسىر ھەمدە ھېكايە، نەسىرلەرنى يازدى، ‹‹رۇبائىيات، ‹‹رۇبائىيلار››، ‹‹چوغلۇق››، ‹‹قارلىق تاغ شەجەرىسى››، ‹‹ئومۇمىي ئىستېتىكا››، ‹‹فارابىي ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى››، ‹‹ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە››، ‹‹شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا– ئۇسسۇل سەنئىتى›› قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىندى.
پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ كۆپلۈكى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تىرەنلىكىمۇ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن شېئىرلىرىدىكى بىر ئالاھىدىلىك. شائىرنىڭ شېئىرلىرى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن پەلسەپىۋى پىكىرلىرى، پىكىرلىرىنىڭ مۇكەممەللىكى، پىكىرنىڭ تۇلۇق ئاياقلاشقانلىقى بىلەن كىشىنى تۇلۇق قايىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ھەربىر كۇپلېتى بىر رۇبائىغا ئوخشايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ شېئىرلىرى لىرىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە، ئۇلار لىرىكىنىڭ يېقىملىق سازى بىلەن يۈرەكنىڭ نازۇك تارىلىرىنى تىترىتەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن كىشىنى مەستخۇش قىلغۇچى سادا چىقىرالايدۇ.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، جوڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، غەربىي دىيار سەنئەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يىپەك يولى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دەيدۇكى: بىلىم–ئىنسانىيەت ياراتقان ھەقىقەت ۋە قۇدرەت خەزىنىسى. ئىنسان بىلىش بىلەن ھايۋاندىن ، بىلىم بىلەن بىلىمسىز ناداندىن پەرق قىلىدۇ.
(1995-1934)
مەنبە:شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم مەن ئۇقۇغان كىتاپلاردا ئالىمىمىزنى 1933-يىلى تۇغۇلغان دەپ كۆرگەنتىم؟ رەھمەت سىزگە، ئۆزىمىزنىڭ ئالىملىرىنى تۇنۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپسىز بىزلەرنى
بەت:
[1]