ئاتامانلار كۇلۇبى قۇرۇلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تور بېكەت ئاتامانلىرى، تور بەت ياساش ھەۋەسكارلىرىنۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە تور بەت ياساشنى ئۆگىنىدىغانلار، ئۆگىنىۋاتقانلار، ۋە تور بېكەت ئېچىۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ مۇنبەر قاتارلىقلارنى ئېچىۋاتقانلار بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئېگللەيدۇ، ئەمما بىر قىسىم ئاتامانلار تور بېكەت بىلىملىرى، ئۇسلۇبلىرى، قىستۇرمىلىرىغا قارىتا بىلىمى كەمچىل بولغانلىقتىن،بىر قىسىم تور بېكەت ياساش، ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈش، قىستۇرما ئۆزلەشتۈرۈشتە بەلگىلىك تەجرىبىگە ئېگە تورداشلار بىرلىشىپ، بۇ كۇلۇبنى قۇرۇپ چىقتۇق.
سىز چوقۇم ئۆزىڭىز ئېھتىياجلىق بولغان بىلىم ، قىستۇرما، ئۇسلۇبلارغا ئېگە بولالايسىز، ئۇچرىغان مەسىلىلىرىڭىزنى ھەل قىلالايسىز.
ئۆزىڭىز تۈزگەن، تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇب، قىستۇرمىلارنى ۋە قىممەتلىك بىلىملىرىڭىزنى ھەقلىق تارقىتىپ، بەلگىلىك كىرىمگە ئېرىشەلەيسىز.
قىسقىسى سىز بۇ ئاتامانلار كۇلۇبىدا نۇرغۇن بىلىملەرگە ئېگە بولۇپلا قالماي يەنە ئۆزىڭىزنىڭ بازىرىنى ئاچالايسىز.
كۇلۇب ئادرىسىمىز: http://atamanbiz.com
ھەرقايسى ئاتامانلار، ئاتامان بولماقچى بولىۋاتقانلار، ھەۋەسكارلارنىڭ قوللىشىنى، ھەمدەمدە بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
ھازىر مەزمۇنلار بىر قەدەر ئاز بولۇشى مۇمكىن، بىز تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقىغا قارىتا يېڭى-يېڭى ئۇسلۇب، قىستۇرمىلار ۋە بىلىملەرنى ئېلان قىلىپ تۇرىمىز. مۇشۇنداق كەسپى بېكەتلەرنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ۋە تورچىلىقىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى قوللايمەن. يانفون بىلەن كىرسەم ئاۋات يازمىلار دەپ باركەن. لېكىن، يازما يوق.
ئاۋات بولمىسىمۇ ئادەتتىكى يازما بولسىمۇ كۆرۈپ باقسام بولىتى. مەنمۇ كەسپى تور بەتلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن توغرا بۇبىر قۇتلۇق ئېش بوپتۇ ئۇيغۇر كومپىيوتىر چىلىقىمزنڭ كىيىنكى تەرەقياتى. ئۈچۈن بىرياخشى باشلىنىش ۋھى ما ۋۇ كھتتا خوش خەۋەر بوپتۇ ناھايتى ياخشى بۇپتۇ،بىرلىكتە تىرىشايلى. بەك ياخشى بۇپتۇ؟
بەت:
[1]