xahruh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-26 23:49:32

Excel دا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشتىن ياردەم سورايمەن

سالام دوسلار، Microsoft Office Excelجەدىۋېلىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش بېشىمدا تاغ تۇيۇلماقتا ،
بەزى بەلگىلەرنىڭ ئورنى قېچىپ كېتىپ ،مەسلەن«» بەلگىسى ، خەت بۇنىڭ سىرتىغا چىقىۋېلىپ ،يەنا
(1)،(1) دىگەن بەلگە، باش قىسمىدا چىقماي ئاخىرىدا چىقىۋېلىپ ،يەنا بەزىدە )( شەكلىدە چىقىۋېلىپ
كاللامنى ئوچاق قىلىۋەتتى ،،،،،قانداق قىلسام بۇلىدۇ.

yamanbala يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 01:25:15

Excelدا خەت يازغاندا باشتا سان، تىرناق، چېكىت، پەش... دېگەندەك ئالاھىدە ھەرپ تىزمىلىرى بىز دېگەن يەردە تۇرمايدۇ، شۇڭاExcel گە ئۇيغۇرچە خەت يېزىشتىن بۇرۇن جەدىۋەل قۇرۇق ۋاقتىدا ئاۋال جەدىۋەلنىڭ ئوڭدىن -سولغا قاراپ يېزىلىشى، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاتارلىقلارنى تەڭشىۋېلىڭ، ئاندىن سىز دېگەندەك ھالەتكە كەلتۈرەلەيسىز.

xahruh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 10:11:03

yamanbala يوللىغان ۋاقتى2014-2-27 01:25
Excelدا خەت يازغاندا باشتا سان، تىرناق، چېكىت، پەش... دېگ ...

يەنىلا بولمايدىكەن،سىزنىڭ چ چ نۇمۇرىڭز قانچە ،ياردىم قىلسىڭز

yamanbala يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 11:48:51

xahruh يوللىغان ۋاقتى2014-2-27 10:11
يەنىلا بولمايدىكەن،سىزنىڭ چ چ نۇمۇرىڭز قانچە ،ياردىم ...

چ چ نومۇرۇم: 553086159

شىرمەت يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 13:04:51

ئەڭ ياخىشى ئۈنۈمگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ھۆسنىخەت艺术字 قىلىپ قىستۇرۇڭ.

bengbash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 17:28:35

يازماقچى بولغان كاتەكچىنىڭ خاسلىقىدىن توغرىلاش دېگەن يەردىن ئوڭدىن باشلىنىش دېگەننى تاللىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2014-2-27 17:54:01

بۇنىئىشلىتىپ بېقىڭ
http://yunpan.cn/Q4HGJyqygmqUS

xahruh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 10:48:11

ئەلنۇرى يوللىغان ۋاقتى2014-2-27 17:54
بۇنىئىشلىتىپ بېقىڭ
http://yunpan.cn/Q4HGJyqygmqUS

ئاخماق قىلىۋاتامسىز ؟مەن تېلفۇن ئۇرۇشنىڭ گېپىنى قىلغىنىم يوققۇ

پەتتار يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 13:32:19

ئاۋال ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزمەكچى بولغانكاتەكنى تاللاپ،كومپىيوتېرنى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە تەڭشەپ ،مائوسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ 设置单元格格式نى چېكىڭ ،ئاندىن چىققان تىزىملىكتىن ئاستىدىكى 文字方向نىڭ ئاستىدىكى قارا ئۈچ بۇلۇڭ بەلگىسىنى چېكىپ ،总是从右到左 نى تاللاپ قويسىڭىز باش ئاغرىقىڭىز ساقىيىدۇ.

kaplan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 15:44:09

ئەڭ ياخشى ئامالMicrosoft ExcelXPنى قاچلاش
http://upload.ouliu.net/i/20140228154331l2qkt.jpeg
لىكىن ئۇنىڭ 64بىتلىقى يوق جۇما
بەت: [1]
: Excel دا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشتىن ياردەم سورايمەن