ئىئانە پۇلنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالىدىن خۇلاسە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلانداشلار ياخشىمۇ سىلەر .روھلان تور بېكىتىنىڭ ئاتامانى ئادىلجاننىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2014-يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنى توردا كىرىيەدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇندىكى قېرىنداشلارغا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش ، توردا ئىئانە توپلاش پائالىيتى باشلانغان بولۇپ، بۇ تېما بىرلا ۋاقىتتا روھلان ، مىسرانىم، ئىنتىل، نۇرقۇت، بىجىرىم، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى، كېرىيە تورى، ئالىپ، ئەندىزە تورى، ئۇيغۇرچە روم تورى، ئۇستازىم تورىقاتارلىق تور بېكەتلەرگە يوللانغان بولۇپ مۇنبەردىكى كۆرۈلىشى تېزلىكتە ئېشىپ، بىر ھەپتە ئىچىدە 7110 سوم ئىئانە پۇل يىغىلدى.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:
/thread-29362-1-1.html
/thread-29503-1-1.html
بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئىئانە قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى سومما 500 سومغا يەتتى، تۆۋىنى 10 سومدىن كەم بولمىدى، بىر قىسىم كىشىلىرىمىز بۇ ئىشىمىزغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى ۋە ھەرقايسى ئۈندىدار توپلىرى، كىيۇ كىيۇ توپلىرىدا تارتىقىتىشقا ھەمدەمدە بولدى، بىز بۇ يەردە ئۆزىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بۇ ساخاۋەتچى كىشىلىرىمىزگە، ياردەمگە ئېرىشكەن ئاشۇ ئوماق سەبىيلەر نامىدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
شۇنىڭغا ئەگىشىپ، يىغىلغان بۇ ئىئانە پۇللارنىڭ روھلان تورى قۇرغۇچىسىنىڭ يانچۇقىغا كىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىدىن ئەنسىرىگەنلەرمۇ بولدى.
شۇڭلاشقا بىز بۇ قېتىملىق توردا ئىئانە توپلاش پائالىيتىدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىپ، تورداشلارغا ئومۇميۈزلۈك ئاشكارلاشنى لايىق تاپتۇق، ئەسلىدە كونىلارنىڭ «ئوڭ قولۇڭ بەرگەننى سول قولۇڭ تۇيمىسۇن» دېگىنىدەك قىلساق بولاتتى، ئەمما يۇقىرىدا دېيىلگەندەك گەپ-سۆزلەرنىڭ بولۇنىشى ئېنىق بولغاچقا بىر قىسىم ئەمەلى كۆرۈنمە سۈرەتلەرنى ئاشكارلىدۇق.
توردا ئىئانە توپلاش سۇپىسى ئارقىلىق يىغىلغان ئىئانىنى ۋاقتىدا قىيىنچىلىقى بارلارغا نەقلەشتۇرۈش ئۈچۈن تورداشلاردىن بىر قانچىمىز 2-ئاينىڭ 24-كۇنى خوتەن ۋىلايەتكىرىيە ناھىيسنىڭ ئاتچان يىزىسدا بۇيۇملارنى نەقلەشتۇرۇش پائالىيتى ئىلىپ باردۇق .
بىز خۇتەن شەھردىن 180 كىلومېتىر يول يۈرۇپ چۈشتىن كىيىن سائەت 4 ئەتراپىدا كىرىيە ناھىيلىك خەلق ھۆكىمەتكە يېتىپ كەلدۇق، ھۆكىمەتتە بىر قىسىم رەسمىيەتلەر ئۆتىلىپ سائەت 4:30 يىرىم ئەتراپىدا ناھىيە بازىردىن 60 كىلۇمىتىر يىراقلىقتىكى ئاتچان يىزىسىغا قاراپ يول ئالدۇق، سائەت 5:30 ئەتراپىدا ئاتچان يىزا مەركىزى باشلانغۇچ ۋە تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە يىتىپ كەلدۇق،بۇ بۇ ۋاقىتتا كەچ كىرىپ قالغاچقا ھەم ئوقۇغۇچىلار تىخىغچە مەكتەپتىن قايتىمغاچقا بىز ئىلىپ چىققان ماددى بۇيۇملارنى دەرھال تارقىتىشقا باشلىدۇق، كەيپىيات شۇنداق ياخشى بولدى ،بىز ئىلىپ چىققان 260 دانە ئوقۇغۇچىلار سومكىسى،2500 دانە خاتىرە دەپتەر 350 دانە چوڭ خاتىرە،800 دانە قەلەمۋە ياتاقتا ياتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسسىق چاي ئىچىشى ئۈچۈن 2 دانە قىزىق چاي ساقلاش تۇڭى (保温桶) قاتارلىق مادى بۇيۇملار بۇ مەكتەپتىكى ئوقوتقۇچى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قولغا يەتكۈزۈلدى.
ۋە بۇ جەرياندا ئاپەت يۇز بەرگەن رايۇننىڭ ئەمىلى ئەھۋالى ۋە ياردەمگە كىلۋاتقان نەق پۇل ۋە مادى بويۇملارنىڭقولغا تىگىش ئەھۋالىنى تەپسىلى بىلىپ بىر قىسىم كىشلەرنىڭ توردا ئېغۋا تارقىتىپ دىگنىدەك يوقاپ كىتىش ئەھۋالنىڭ يوقلىقىنى بىلدۇق.
بۇ قېتىملىق پائالىيتىمىزگە روھلان مۇنبىرىدىن مەن(ئىدرىسجان) دىن باشقا يەنە مۇنبەردىكى مېھرى خانىم كىرىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك تۇنۇشلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىشلارغا ھەمدەمدە بولدى.
تۆۋەندە نەق مەيداندىن بىر قىسىم كورنۇشلەر:
ناھايتى ئەھمىيەتلىك ئىش بۇپتۇ، ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى ئاسان قىلسۇن. سىلەر بولساڭلارمۇ ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولدۇڭلار. ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بولۇپتۇ. بۇ مەن روھلان مۇنبىرىگە قايتىپ كەلگەندىن بۇيان ئاڭلىغان ئەڭ ياخشى خۇشخەۋەر بولدى. روھلان تورىغا ئاپىرىن! بۇ قىتىمقى يەر تەۋرەش بىز ئۇيغۇرلارنى يەنە بىر قىتىم بىر يەرەگە جەم قىلدى مەن كۆرگەن ئاڭلىغىمنغا قارغىنىمدا شۇ جايدىكى ئاساسى قاتلامدىكى ئىشچى خىزمەتچى كادىلارمۇ بۇ خەيرى ساخاۋەت ئىشلىردىن بەك تەسىرلىنىپتۇ ، مەن تىخى ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ شىركەت كارخانلىردىن كىلىپ خلى كوپ قىسىم پۇل ۋە ماددى بويۇم تارقىتىپتۇ مەنمۇ شۇلارنىڭ كەلگەنلىكىدىن قوللاپ قۇۋەتلىگەنلىكىدىن بەك مەمنۇن بولدۇم.تىخى ھازىرغىچە ئىئانە پالىئيتى داۋام قىلماقتا مەن خىلى كوپ قسىم كىشلەرنىڭ بۇ ساپلىق ئىشلارغا داخىل بولغانلىقىنى بىلدىم. ئەسسىلامۇئەلەيكۇم ئېزىز قېرىنداشلىرىم مەنمۇ كېريەدىن روھلاندىكى قېرىنداشلارنىڭ يىغىلغان ئىئانە پۇللارنىڭ دەل جايىغا تەككۈزگىنىدىن مەن بەك سۈيۈندۇم ،روھلاندىكى قېرىنداشلارنىڭ بۇ ساخەۋەتلىك ئىشلىرىنى تۇنۇشلىرىمدىنئاڭلاپ بەكمۇ خوش بولدۇمكەڭ تورداشلىرىمنىڭ قۇلىغا دەرت بەرمىسۇن ،تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك كۈنلىرىنىڭ ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۈتىشىنى ،قىلغان ساخەۋەتلىك ئىشلىرىنىڭ يوللىرىنى راۋان قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،امىن! ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى قىلىپسىلەرسىلەرگەئاپىرىن بۇدۇنيامىھىر مۇھەببەت بىلەن گۈرەل ئەنۋەر يوللىغان ۋاقتى2014-2-26 22:46
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بولۇپتۇ. بۇ مەن روھلان مۇنبىر ...
ئەنۋەرجان سىز 2010تىزىملىتىپتىكەنسىز 2014يىلى قايتا كەپسىز4يىل نەلەردە يۇرگەنسىز يامان قىززىقىپ قالدىم يا مۇرات007 يوللىغان ۋاقتى2014-2-27 00:23
ئەنۋەرجان سىز 2010تىزىملىتىپتىكەنسىز 2014يىلى قايتا كەپ ...
سىزگە ئوخشاش ھە دېگەندە دوستلار چەمبىرىكىدىكى مەزمۇننى روھلانغا چاپلىغاچقا 4 يىل روھلان تۈرمىسىدە يېتىپ چىقتى . {:6_268:}{:6_277:} ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى قىلىپسىلەرسىلەرگەئاپىرىن بۇدۇنيامىھىر مۇھەببەت بىلەن گۈرەل ADiL يوللىغان ۋاقتى2014-2-27 00:35
سىزگە ئوخشاش ھە دېگەندە دوستلار چەمبىرىكىدىكى مەزمۇن ...
ۋوۇنىمدىگەن قوروۇنۇچلۇق ئالدىن ئەسلەرتىش بەرگىنىڭىزگە كوپ رەخمەت …ئالامەتقۇسىلەئاۋال يازمامنى سولايسىلە ئۇنۇڭدىنكىيىن مىنى ھا ھا ھا ھى ھى ھىمەن چەكلىنىشتىن قوقارىمەن شۇڭا دەششەت دىققەت قىلارىمەن