بىلىمگە قىزىقىدىغانلار يوقكەن، قانداق قىلارمىز...
مەن تۆنۆگۈن كەچتە ئاڭ ئاخىرقى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە بىر ئىتوتنى تېپىپ ، ئۇنىڭغا «ناخشىنى ئالامەت ئوقۇيدىكەن ماۋۇ» دەپ ماۋزۇ قۇيۇپ بىكەتكە يوللاپ قويغان ئىدىم، سىناق نەتىجىسىدىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى ھازىر تورغا كىرىدىغان زىيارەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى بىلىم، ماتىرىيال، ھۈنەر دېگەنلەرگە قىزىقمايدىكەن، يەنىلا ئامېرىكىدا يانار تاغ پارتىلىدى، ھېندىستاندا بىر ئايال كوچىدا كىيىمىنى سېلىۋەتتى، 3 چاقلىق پويىز ياسالدى، ناخشىنىڭ قاتىلى يوللاندى، ئاپىسىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن بالىغا گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم ئېلان قىلىندى، مىسىردا بىر ئايال بىر قېتىمدا 10 بوۋاق تۇغدى، .... دېگەندەك تايىنى يوق نەرسىلەرنى كۆرۈشكە ئامراق ئىكەن .يۇقارقى رەسىم بۇنى ئېنىق ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ، يەنى تۆتۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ يوللانغان تېمىنىڭ كۆرۈلىشى بىلەن تۆنۆگۈن كېچە سائەت 2 لەردە يوللانغان تېمىنىڭ كۆرۈلىشى بۇنى ئېنىق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، بۇ ھەر قانداق بىر بىلىمخۇمار ، كەلگۈسىنى ئويلايدىغان، كاللىسى ساق ھەر قانداق بىر ئادەمنى ئويغا سالماي قالمايدۇ .
ھەركىشىنىڭ قىزىقىشى ئوخشاش بولمايدۇ. توردا بىلىم ئىزدەيدىغانلارمۇ، ھەرخىل ئۇچۇر ئىزدەيدىغانلارمۇ، دەيدىغانغا ‹گەپ› ئىزدەيدىغانلارمۇ بار. بۇنىڭغا ئۆزۈڭلىنى ئۇرۇپ كەتمەڭلا ئاغىنەم . ھەر كاللىدا ھەر خىيال دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ تور دۇنياسى دىگەن ئاجايىپ بولىدۇ. ئادەمنىڭ قىزىقىشىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. ئادەملەرمۇ ھەرخىل بولىدۇ. شۇڭا تورغا كىرىدىغان ئادەملار ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسە ئىزدەيدۇ ئەمەسمۇ؟
بۇ بىر نورمال ئىش ،ھازىر كىشلىرىمىز ئىتوتقا قارىغاندابىلىمنى ئىزدەيدىغانلاركۆپىرەك.
بۇ بىر نورمال ئىش ،ھازىر كىشلىرىمىز ئىتوتقا قارىغاندابىلىمنى ئىزدەيدىغانلاركۆپىرەك.
阿不力米提 يوللانغان ۋاقتى2010-8-11 21:09 http://bilim.rohlan.biz/static/image/common/back.gif
ئەگەر سىز دېگەندەك بولسا بىر كۈن ئىچىدە ئەڭ ئاۋال يوللانغان تېمىلارنىڭ كۈرۈلغشى قېتىم سانى 40 قېتىمغا بارماي، ئاۋۇ «ناخشىنى ئالامەت ئوقۇيدىكەن ماۋۇ» دېگەن تېمىنىڭ كۆرۈلىشى 65 كە بېرىپ كەتمىگەن بولاتتى .
دەل سىز دېگەننىڭ ئەكسىچە بولغاچقا مېنى بۇ ئىش بەكلا ئويلاندۇردى .
ئەلۋەتتە بۇ تەرەپلەردە بىلىمگە قىزىقىدىغانلار بىر قەدەر ئازكەن ، مانا مەن ھازىر تور خانىدا ، لېكىن بىلىم تور بەتلىرى ياكى تېمىلىرىنى كۆرۈپ زىيارەتتە بولىۋاتقانلار مەندىن بېلىكى يوقتەك قىلامدۇ نىمە . ئويۇن ئوينايدىغانلار ، توردا مۇھاببەتلىشىدىغان ، كىنو ، ئىتوت كۆرۈدىغانلار ئەڭ كۆپ ساننى ئىگىلەيدىكەن . بىلىم كۆرگىسى بولسىمۇ ھە كېيىن كۆرىۋالساق بولىۋېرىدۇ . دەپ كىنوغا ئالدىرايدىكەن . دەرسىلىكلەرنىڭ تىمىسىنى ئالامەت دەرسلىككەن ماۋۇ، بۇ قانداق دەرسلىك ئەمدى دىگەندەك كىشىنى قىززىقتۇرىدىغان قىلىپ قۇيۇشنىڭ ئورنى تېخى يوق دەڭلار، بۇنداق قىلساق تىما مەزمۇنغا ماس كەلمەي قالىدۇ. كۆڭۈل ئاياشنىڭ ئورنى ھەم ھاجىتى يوق،توت دىمەك ئۇيۇن ،كۆڭۈل ئېچىش ......دىمەك بۇ ھەققى گەپنى دىگەندە بىز كۆپ ئاڭلايدىغان ھەم تورغا كىرگەندە كۆرۈپ تۇردىغان،ئەھۋال،بىزنىڭ نۇرغۇن كىشلىرمىز تور دۇنياسىنى ئۇيۇن،شەھۋانىيلىك،مۇھەببەتلىشش مەيدانى،كىشنى كېرەكتىن چىقىرۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ،ئاتا-ئانىلارمۇ باللىرنى شۇڭلاشقا تۇسىدۇ ئەمەسمۇ،ئۈمىدۋار بولايلى،ھازىر بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى، كېيىنچە تېخمۇ ياخشى بۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن،ماڭا قايسىدۇر بىر كشى سەن پاتقاق ئىچىدىكى بىراۋنى قۇتقۇزمەن دىسەڭ ئۇنىڭ قۇتۇلغۇسى بولسا سەن بىر تال ئارغامچا تاشلاپ بەرسەڭمۇ ئۆزى قۇتۇلدۇ بولمىسا سەن ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ سۆرەپ ماڭساڭمۇ سىنى ئۆزى بىلەن قۇشۇپ پاتقاققا سۆرەپ كىرىدۇ دىگەن ،بۇنداق ئەھۋاللار تەدىرجى ئوڭشىلىپ كېتىشى مۇمكىن.
بەت:
[1]