نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 15:21:33

ئىنسان ئورتاق ئاجىزلىقى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەپرەت007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-25 18:43

بىر ئالىم كىلونلاش تېخنىكىسىنى بىلىدىكەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ئالىم ئەزرائىلنىڭ ئۆزىنى ئىزدەۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تىپىپ،كىلون تىخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ،ئۆزىگە ئوخشاش ئادەمدىن 12 نى ياساپ چىقىپ،ئەزرائىلنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ،ھاياتىنى ساقلاپ قالماقچى بوپتۇ.
ئالىمنىڭ كىلون تىخنىكىسى كامالەتكە يەتكەن بولۇپ،ئوپمۇ ئوخشاش 13 ئادەمنى كۆرگەن ئەزرائىل ئۇلارنى پەرقلەندۈرەلمەي،كەيپى ئۇچقان ھالدا كىتىپ قاپتۇ.
بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي ئىنسان ئورتاق تەبىئىتىنى بەش قولدەك ئىگىلىگەن ئەزرائىل ھەقىقى پەرقلەندۈرۈش چارىسىنى تىپىپتۇ.
ئەزرائىل 13 ئادەمنىڭ قىشىغا بىرىپ ئۇلارغا:
_ئەپەندىم سىز ھەقىقەتەن تالانىت ئىگىسى ئىكەنسىز،بۇلارنى كەم كۈتسىز كىلونلاپسىز،تولىمۇ ئەپسۇس،يەنىلا ئەسىرىڭىزدە كىچىككىنە نۇقسان بارلىقىنى بىلۋالدىم،-دەپتۇ.
ئەزرائىلنىڭ گىپى تۈگىمەي تۇرۇپلا،ھىلىقى ئالىم چىچاڭشىپ تۇرۇپ:
-بۇ مۇمكىن ئەمەس،تېخنىكام كامالەتكە يەتكەن،نەدە نۇقسان بار ئىكەن? دەپتۇ.
ئەزرائىل كۈلۈپتۇ ھەم ئالىمنىڭ يۈرىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
-دەل مۇشۇ يەردە، دەپتۇ-دە،كۆرەڭلىگەن ھالدا ئۇنىڭ جىنىنى ئاپتۇ.

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-2-22 15:25:07

خۇلاسە:
ئادەملەر بىر ئېغىز تەنقىد ياكى ماختاش سۆزى تۈپەيلىدىن ھەمىشە ئۆز ئاجىزلىقىنى چاندۇرۇپ قويىدۇ.

دىلراس يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 01:08:24

بۇ لوقمان ھەكىمنىڭ ھېكايىسدىن ئۆزگەرتىلىپتۇ .

abdullah يوللانغان ۋاقتى 2014-2-25 08:34:20

ئادەملەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىنتايىن مەنمەنچى ،تەكەببۇر كىلىدۇ. بۇ ئىنسان تەبىئىيتىدىكى ئاجىزلىق .بۇنىڭغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ.
بەت: [1]
: ئىنسان ئورتاق ئاجىزلىقى