ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 03:17:07

ئىئانە يىغىش توختىتىلىدۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار، بىز روھلان تور بېكىتى تاۋباۋ تورى ئارقىلىق توردا ئىئانە قىلىش سۇپىسى ھازىرلاپ، بىر قىسىم بېكەتلەردە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نەچچە يۈزلىگەن قېرىنداشلىرىمىز تەرەپ-تەرەپتىن بۇ سۇپىغا كىرىپ ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ ئىئانە يوللىدى.
بىر قېتىمدا قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى ئىئانە 500 سوم بولدى، تېما ئېلان قىلىنغان 6 كۈندىن بۇيان ئومۇمى يوللانغان ئىئانە 7110 سوم، 支付宝 ھېساباتقا ئەمەلى كىرگەن ئىئانە 5900 سوم بولدى، ئارلىقتىكى پۇللار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ 确认收货 قىلىشنى ئۇنتۇپ قېلىشى ياكى بىلەلمەسلىكى سەۋەبىدىن تېخى ھېساباتقا كىرمىدى، ئىئانىنىڭ ۋاقتىدا تولۇق يىغىلىپ، كىرىيەدىكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئازراق بولسىمۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئئانە قىلىشنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ، پۇللارنى تېزرەك يىغىش قارارىغا كەلدۇق.
确认收货 قىلمىغان تورداشلىرىمىزنىڭ ۋاقتىدا تاۋباۋ ھېساباتىغا كىرىپ، مال تاپشۇرۋېلىشنى جەزىملەش كۇنۇپكىسىنى بېسىۋېتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.



ھازىرقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا كىرىيەدىكى قىيىنچىلىق مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولغان، كىشىلەرنىڭ تاماق، ئىسسىنىش، كىيىم كېچەك مەسىلىلىرىمۇ ھەل بولۇپ بولغان، شۇڭا روھلاندىكى بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلار ۋە بىر قىسىم ئۇستازلىرىمىزدىن پىكىر ئېلىش ئارقىلىق بۇ يىغىلغان ئىئانىنى شۇ ناھىيدە ئېغىر ئاپەت يۈز بەرگەن يېزا ياكى كەنىتتىكى مەلۇم بىر مەكتەپكە بېرىپ، شۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش قوراللىرى ئېلىپ بېرىش ياكى شۇ كەنىتتە، يېزىدا ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچى بولسا شۇ بىر ياكى بىر نەچچە ئوقۇغۇچىغىلا ياردەم قىلىشنى ئويلاشتۇق، كەڭ ئىئانە تاپشۇرغۇچىلار ۋە تورداشلارنىڭ قىممەتلك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

توردا يامراپ يۈرگەن گەپ سۆزلەرنىڭ بۇ تېمىغا چاپلانماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن، ئۇ ئىشلارنىمۇ ھەل قىلىدىغان ئادەم بار.
ئالدىنقى مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:
/thread-29362-1-1.html
/forum.php?mod=viewthread&tid=29410

uqkun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 07:56:24

كىرىيەدىكى قىيىنچىلىق مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولغان، كىشىلەرنىڭ تاماق، ئىسسىنىش، كىيىم كېچەك مەسىلىلىرىمۇ ھەل بولۇپ بولغان، شۇڭا روھلاندىكى بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلار ۋە بىر قىسىم ئۇستازلىرىمىزدىن پىكىر ئېلىش ئارقىلىق بۇ يىغىلغان ئىئانىنى شۇ ناھىيدە ئېغىر ئاپەت يۈز بەرگەن يېزا ياكى كەنىتتىكى مەلۇم بىر مەكتەپكە بېرىپ، شۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش قوراللىرى ئېلىپ بىرىش
قوللايمەن.

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 10:48:28

كىريەدىكى بۇرادەرلەر مەكتەبنى ئالاقىلىشىب قويۇب بوبتۇ ئىنىق ساننى بۇگۇن بىردۇ ئاللاھ خالىسا،

مەرىپەت يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 12:25:19

ئۇرۇنلۇق پىكىر بوپتۇ، قوللايمەن.

kowruk. يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 12:40:00

روھلانغا تور كورگۇچتە كىردىم ئەزالىق نامىمنىمۇ كىرگۇزدىمبىراق تىما يوللاش دىگەن يىرنى تاپالمىدىم    ياردەم قىلساڭلار قانداق تىما يوللايمەن   

elyar1025 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 13:27:12

kowruk. يوللىغان ۋاقتى2014-2-20 12:40
روھلانغا تور كورگۇچتە كىردىم ئەزالىق نامىمنىمۇ كىرگۇز ...

كاللا دېسە پاقالچاق دەيدىغانلارنىزە مۇشۇنداق

سىپىل يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 17:45:36

ئوبدان بوپتۇ، ئاللا ئىشلىرىمىزنى ئۇڭۇشلۇق قىلغاي

دىلجەم يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 17:52:47

بۇ ياخشى پىكىر بوپتۇ!

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 21:53:30

تەكشۇرلۇشچە كىريە ناھىسى ئاچچان يىزا مەركىزى تولۇقسىز ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ بىر چىغى 800 نەچچە ئوقوغىچىسى بار ئىكەن .مۇشۇلارنىڭ يىرمىغا بۇيۇم تارقاتقىلى بولسا ياخشى بوللاتتى.

شىرى يوللانغان ۋاقتى 2014-2-20 23:03:17

ئىدىرىسچان ئەپەندىمنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن
بەت: [1] 2
: ئىئانە يىغىش توختىتىلىدۇ