ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 13:45:56

ئىئانە يىغىلىش ئەھۋالىدىن دوكىلات

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، بىز 14-چىسلا چۈشتىن كېيىن، كىرىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز مېھرى مۇھاببەتكە مۇھتاج ناملىق توردا ئىئانە توپلاش پائالىيتىنى تەشكىللىگەندىن كېيىن، بۇ ئۇچۇر تېزلىكتە ھەر قايسى تور بېكەت ۋە ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق تارقىلىپ، كۆپلىگەن ساخاۋەتچى قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە توردا ئىئانە قىلىش سۇپىسىغا نەق پۇل ئىئانە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئىئانە قىلغۇچىلار ئىچىدە بىر قېتىمدىلا ئەڭ يۇقىرى ئىئانە قىلغانلار 500 يۈەن (ئىسمى ئاشكارىلانمايدۇ)، تۆۋىنى 10 يۈئەندىن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر تاۋباۋ سۇپىسىدا ئىئانىگە يوللانغان پۇل 6400 يۈئەن، بۇنىڭدىن ئىئانە تاپشۇرغۇچى تەرەپ جەزىملەپ (确认收货) ھېساباتقا ھەقىقى كىرگەن پۇل 3860 يۈئەن.

توردا ئىئانە قىلىش سۇپىسىنىڭ ئادرىسى: http://item.taobao.com/item.htm?id=37273102686

توردا ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ ۋاقتىدا جەزىملەپ (确认收货) قىلۋېتىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

ئۇچۇرلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارە بولۇشى ئۈچۈن يۇقارقى تاۋباۋ ئادرىسىدىن باشقا ھەر قانداق پۇل ئىئانە قىلىش ئۇچۇرى ئېلان قىلىنمىدى، ۋاقىپ بولغايسىلەر.



مۇناسىۋەتلىك تېما:
كىرىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز مېھرى مۇھاببەتكە مۇھتاج
/thread-29362-1-1.html

روھلان تور بېكىتى
2014-يىل 2-ئاينىڭ 16-كۈنى

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 13:49:32

بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن، تورداشلار ئىئانىنى قايسى ئۇسۇلدا كىمگە بېرىش، كىم ئاپىرىپ بېرىش ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى قاتناشتۇرسا بولىدۇ.
بىز چوقۇم ئەڭ ياخشى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىئانە تاپشۇرغۇچىلار ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى خاتىرجەم قىلشىقا تىرىشىمىز.
خوتەندىكى باشقۇرغۇچىلىرىمىز ۋە باشقىلار بولسا ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىلپ قويساڭلار بولاتتى.

شىرى يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 13:56:59

مەن ئىچكىردە ئۇقۇشتا بوپقالدىمدە بولمىسا ئۆزۈم بىرقوللۇق ئاپىرىپ بىرەتتىم شۇنداقتىمۇ روھلاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇۋەزىپىنى تالىشىپ ئورۇندايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن

rabbiy يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 14:46:28

مەن شەھەر ئىچىدىن، لىكىن مەندە ماشىنا يوق، خوتەن بىلەن كېرىيەنىڭ ئارلىقى نەچچە يۈز كىلومىتىر كېلىدۇ،ئەڭ يااخشىسى كېرىيە شەھەر ئىچىدىن تورداش تاپساق بولاتتى ئىشەنچىلىكتىن

بىجىرىم يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 14:52:44

خوتەندىنمۇ خېلى جىقئەزالار بارغۇ روھلاندا.ھەمىمىزگە تونۇلغان خوتەنلىك باشقۇرغۇچىلاردىن يوقمۇ.

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 18:08:02

مەن ئالاقلىشىپ باقاي باللار بار ئىدى پەقەت بولمىسا ئۆزۇم بارمەن.

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 18:08:47

مىنىڭ ئويۇم قاغىلىقتا شۇنداق بولسىمۇ ئۇجايلارنى ياخشى بىلمەن.

intizar88 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 21:28:55

ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىئانىنى ئاشۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارنىڭ ئۆز قۇلىغا تاپشۇرۇپ بىرىدىغان ئىشنى قىلايلى،

سىپىل يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 22:15:23

مىنىڭ ئۈيۈم لوپتا ، كېرىيە ئارىش ئوتتۇرا مەكتەپتە 6يىل ئىشلەپ لوپقا يۆتكىلىپ كەلگەن ، تورداشلار ئىشەنسە بۇۋەزىپىنى مەن ئۇرۇنلاشنى خالايمەن.

278592655 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 22:01:17

بۇ ئىئانىلەرنى شۇ ئېغىر كۈندە قالغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭئۆزىگە ئۆز قۇلۇڭلار بىلەن تاپشۇرۇپ بىرشىڭلارنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن   ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن سىلەرگە........
بۇ پاك قان ئەجىرلەرگە كەلگەن ئىئانىلەرنىڭ مەينەت يۇندا قۇدۇقىغا چۈشۈپ كىتىشتىن ئەنسىرەيمەن تەكلىۋىم مۇشۇنچىلىكلا
بەت: [1] 2
: ئىئانە يىغىلىش ئەھۋالىدىن دوكىلات