ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 17:59:16

كىرىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز مېھرى مۇھاببەتكە مۇھتاج

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار.
2-ئاينىڭ 12-كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيسىنى مەركەز قىلغان 7.3 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ئۈندىدار، تور، چ چ قاتارلىق ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىدىن خەۋەر تاپتۇق.
بۇ ھەقتە مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن رەھبەرلىرىمىزمۇ جىددى قاراپ يول يۇرۇق بېرىپ، پۈتۈن خەلقنى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايۇندىكى ئاممىنى قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.
بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئادرىسىلىرى:
http://www.bijirim.com/hkorux.asp?id=1610&tur=3
http://www.bijirim.com/hkorux.asp?id=1603&tur=3
http://www.bijirim.com/hkorux.asp?id=1604&tur=3
http://www.bijirim.com/hkorux.asp?id=1613&tur=3
http://www.bijirim.com/hkorux.asp?id=1615&tur=3

گەرچە بىز ئائىلە، خىزمەت سەۋەبىدىن ئۆز قېرىنداشلىرىمىز ئاپەتكە ئۇچرىغاندا نەق مەيدانغا بېرىپ ئۇلارغا ياردەملىشەلمىسەكمۇ، ئاشۇ ئۆيلىرى ئۆرۈلگەن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور زىيانغا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كۆڭلىمىزنى بىلدۈرۈش قېرىنداشلىرىمزىنىڭ قىيىنچىلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلىشىغا ياردەم بېرىش بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدۇ.
ۋاقىت قىس، شۇڭا تورداشلارغا قولايلىق يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىلگىركىدەكلا روھلان تاۋباۋ تور دۇكىنىدا توردا ئىئانە قىلىش سۇىسى تەييارلاندى.
ئەڭ تۆۋەن چەكلىمە 10 يۈەن قىلىپ بەلگىلەندى، كۆپ ئىئانە قىلماقچى بولغانلار سېتىۋېلىش سانىنى خالىغانچە بەلگىلەپ كۆپ ئىئانە قىلسا بولىدۇ.
يىغىلغان ئىئانە پۇل تور بېكىتىمىزدىكى ئىشەنچىلىك باشقۇرغۇچىلىرىمىز ياكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشپ ئاپەت رايۇنىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

بىر نەچچە كۈن بىر نەچچە قاپ تاماكىنى ئاز چەكسەڭ، گۆش پولونىڭ ئورنىغا ئۆي لەغمىنى يەۋەتسەكلا بۇ ئىئانە قىلغان پۇل كۆزىمىزگە كۆرۈنمەيدۇ.

شۇڭلاشقا قېرىنداشزلىرىمىزنىڭ جىددى ھەركەتكە كېلىپ، ئۆز ئارا خەۋەر يەتكۈزۈپ، قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

بۇ تېمىنى ھەر قايسى ئۈندىدار، كىيۇ-كىيۇ توپلىرى، تور بېكەت، مۇنبەرلەرگە مەنبەسى ئەسكەرتىلمەي ئۇلانما قىلساق بولىدۇ.

توردا ئىئانە تاپشۇرۇش ئادرىسى: http://item.taobao.com/item.htm?id=37273102686

بۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق بانكا كارتىسى ئېلان قىلىنمىدى (ئىشەنچىلىك بولۇشى ئۈچۈن)
شۇڭلاشقا بۇ تېما ئۆز ئارا كۆچۈرلۈش، تارقىتىلىش جەريانىدا قوشۇلۇپ قالغان بانكا كارتىسى بىردەك ئىناۋەتسىز، ئۇنىڭ بۇ ئىئانە بىلەن ئالاقىسى يوق، شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ مۇشۇ گەپنى ئېنىق ئەسكەرتىپ قۇيۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

توردا ئىئانە تاپشۇرۇش ئادرىسى: http://item.taobao.com/item.htm?id=37273102686
توردا ئىئانە تاپشۇرۇشنى بىلمىسىڭىز بىلىدىغانلار بىلەن ئالاقىلىشپ، شۇلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق تاپشۇرۇڭ.


تېما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىۋاتىدۇ، ئىئانە قىلىنغان پۇلنىڭ ۋاقتىدا قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈلىشى ئۈچۈن، ۋاقتىدا 确认收货 قىلىۋېتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 18:47:09

بۇ تېما دوستلار چەمبىرىكى ۋە روھلاننىڭ 50 مىڭ كىشىلىك ئۈندىدار سالونىدا تەشۋىق قىلىنغاندىن باشقا يەنە نۇرغۇن تور بېكەتلەر تېز سۈرئەتتە تارقىتىشقا ھەمدەمدە بولدى.
بۇ تېما يوللانغان تور بېكەت ئادرىسلىرى:
مىسرانىم: http://bbs.misranim.com/thread-119168-1-1.html
ئىنتىل؛ http://www.intil.biz/home/thread-15275-1-1.html
بىجىرىم: http://bijirim.com/hkorux.asp?id=1618&tur=3
كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى: http://bbs.xjcfan.com/thread-3898-1-1.html
نۇرقۇت: http://www.nurqut.net/ud/thread-18875-1-1.html
كېرىيە تورى: http://www.kereye.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1025
باغداش: يوللانغان تېما تەستىقلانمىدى
ئەلكۈيى: يوللانغان تېما تەستىقلانمىدى
.ئانا تۇپراق: يوللانغان تېما تەستىقلانمىدى
ئالىپ؛ http://alip.biz/thread-26427-1-1.html
ئەندىزە تورى: http://www.andiza.net/forum.php?mod=viewthread&tid=1990&page=
ئۇيغۇرچە روم تورى؛ http://www.romuy.com/forum.php?mod=viewthread&tid=991
ئۇستازىم تورى: http://ustazim.net/thread-1911-1-1.html
.............
داۋاملىق قوشۇلىدۇ، باشقىلار يوللاپ قويغان ئادرىسلارنى تەۋسىيە قىلىڭلار

yarkanboy يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 18:15:32

ئاپلا ئادىلجان ئاۋۇتىلفۇندا سىكاننىرلاپ تىلفۇنغا يوللايدىغان يەر قېنى ...

تېخى ئالدىراش ماۋۇ تىمىنى تىلفۇندىكى دوسلاغا يوللايمەن دەپ تىلفۇننى تەييار قىلىپ قارىسام يوق...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 18:24:09

ئۆي بولمىسا قىلىن كىيىمگە بەك ئېھتىياجلىق بۇلىدۇ، كىيمىگەن ئىسسىق چاپىنىم بار ئىدى، مەھەللىگە تىلفون قىپ باقاي، يىغىۋاتامدىكىن...

askar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 19:00:19

ئادىلجان مەن سىز قالدۇرغان تاۋباۋ ئادىرسىنى ئاچسام خەتەرلىك ئۇلىنىش دەپ ئىچىلمىدى قاراپ باققان بولسىڭىز 。

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 19:05:26

askar يوللىغان ۋاقتى2014-2-14 19:00
ئادىلجان مەن سىز قالدۇرغان تاۋباۋ ئادىرسىنى ئاچسام خە ...

ئۈندىداردا ئاچسا خەتەرلىك دەپ توسىۋالىدىكەن ماۋۇ تېڭشۈندىكىلەر، شۇڭا ئادرىسنى كۆچۈرۋېلىپ، تور كۆرگۈچكە چاپلاپ ئېچىڭ.

karwan728 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 19:40:02

تورنى ئېچىپلا ناھايتى ياخشى تېمىدىن بىرنى كۆردۈم مانا.
ئۇلۇغ ئاللاھ ئاپەت رايۇندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئامانلىق ۋە ئاسانلىق بەرگەي.

سەييارە يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 20:46:11

    ئاپەت رايونىدىكى قېرىنداشلار ئامان-ئېسەن بولسىلا، باشقا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كەتكىلى بۇلىدۇ، اللە ئىشلىرىڭلارنى ئاسان قىلغاي!...

قۇتزات يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 21:28:29

مەن بايا پۇل تاپشۇرغان، لېكىن سىلەر تەرەپتىن ھېچقانداق مال ئەۋەتكەنلىك ئەسكەرتىشى بېرىلمىدى.
مۇشۇ تاۋباۋنىڭ ئاپتوماتىك مال ئەۋەتىش ئۇسۇلىنى بىلىدىغانلار بولسا تەلىم بەرسەڭلار.

uyghur038 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 21:37:12

ناھايىتى ياخشى بوپتۇ ، ئاللاھ ئەجرىڭلارنى يەردە قويمىغاي ....

تىلفۇنغا پۇل تۆلىگەندەك ئاسانلا قىلىۋەتكەن بولسىڭىزچۇ .........
بەت: [1] 2 3
: كىرىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز مېھرى مۇھاببەتكە مۇھتاج