‹بىلىۋىلىڭ› ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا NuRaLiJaN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-14 16:13ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش لازىم:
بىرىنچى، ئوقۇغۇچىلارنى خەنزۇچە سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش. نۆۋەتتە، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، يېزىلاردىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا، باشلانغۇچمەكتەپلەرنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ئەسلىھەلەرنىڭ تولۇق بولماسلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئارىلىشىش پۇرسىتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلار خەنزۇ تىلىنى ئاڭلاپ چۈشەنمەيدىغان، سۆزلىگەنلىرى خەنزۇ تىلىنىڭ ئۆلچەملىك ئىپادىلەش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇڭا، خەنزۇچە تىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالايدىغان ئوقۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، كەچۈرمىشلىرىنى چۆرىدىگەن تېمىدا خەنزۇچە سۆزلىشىش پائالىيىتىنى ئوقۇغۇچىلار ئارا پات – پات ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈش لازىم.
ئىككىنچى، ئوقۇغۇچىلارنى خەنزۇچە ئوقۇش مەشىقىگە يېتەكلەش لازىم. ئوقۇتۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە تىل سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا. شۇڭا، خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مەشقى قىلدۈرۈشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم.
ئۈچىنچى، خەنزۇ تىلىنىڭ ئېغىز تىلىدىكى توغرىلىقى ۋە راۋانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئوقۇغۇچىلار خەنزۇچە ئېغىز تىلى ئالاقىسىدە، خەنزۇچە ئىپادىلىمەكچى بولغان سۆزنىڭ توغرا ۋە راۋان بولىشى ئۈچۈن، خەنزۇ تىلى ئېغىز تىلى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق، راۋان، مەزمۇننى توغرا ئىپادىلەيدىغان، مەنتىقىغا ئۇيغۇن بولغان سۆزلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
تۆتىنچى، ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇچە سۆز – جۈملىلەردىكى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ھېس قىلدۇرۇش لازىم. تىل – مەدەنىيەتنىڭ ئاساسى ۋە مۇھىم ئالاقىلىشىش قورالى بولۇپ، بەلگىلىك مەدەنىيەت بىلىمى تىل ئەمەلىيىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا ئېغىز تىلى دەرسلىكىدە مەدەنىيەت بىلەن تىل ئەمەلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈشى لازىم. مەسىلەن: ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئېيتقىلى بولمايدىغان سۆزلەرنى سىپايە سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلەشكىمۇ بولىدىغانلىقىنى، يەنى،息安 ,世永 ,世过 ,世逝 ,世去،牲牺 ,逝病 ,目闭 ,天升 ,故亡 قاتارلىق سۆزلەرنى ئىشلەتكەندە ئۆلگۈچىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، مەرتىۋىسى ۋە ئۆلۈمنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن، ‹‹ئالەمدىن ئۆتتى››، ‹‹ۋاپات بولدى››، ‹‹كۆز يۇمدى››، ‹‹بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى››، ‹‹قازا قىلدى››، ‹‹ھاياتلىق چىرىغى ئۆچتى››، ‹‹بەختسىزلىككە ئۇچرىدى››، ‹‹تۈگەپ كەتتى››، ‹‹قۇربان بولدى››، ‹‹شېھىت كەتتى››، ‹‹ئۆلدى›› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ.
所厕上، دېگەن سۆزنى ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلىگەندە ‹‹خالىي جايغا بېرىش، ھاجەتكە بېرىش، قولۇمنى يۇيۇپ كېلەي›› دەپ سىپايىلەشتۈرۈپ قوللانسا، تىل ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدۇ رەخمەت سىزگە ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز!
بەك ياخشى تىمە يوللاپسىز ، رەخمەت . ئەرزىمەيدۇ !
بەت:
[1]