بۇ تېمىغا كىرىپ 88 سوم مۇكاپات ئېلىۋېلىڭ - ئىزدەش ماھارىتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار.پۇلنى ئېلىش ئۈچۈن، تېمىنى ناھايىتى تەپسىلىي، ئەستايىدىل ئوقۇڭ، بىر سۆزنى ئوقۇماي ئالدىراپ ئاتلاپلا كەتسىڭىز ئالالماي قالىسىز.
تور بېكىتىمىزنىڭ ئۈستى قىسىمىدا بىر ئىزدەيدىغان مەزمۇن دەپ خېتى چىقىپ تۇرىدىغان ئىزدەشكۆزنىكى بار.
بۇ كۆزنەكنى يەنە تاپالمايدىغان ياكى كۆرمىگەنلەرگە رەسىم بىلەن كۆرسىتىپ قۇياي، مۇشۇ رەسىمنى سېلىشتۇرسىڭىز قەيەردە ئىكەنلىكىنى تاپالايسىز.
كومپيۇتېردا تورغا چىققاندا ئىزدەش كۆنىكىبۇ يەردە
يانفۇندا تورغا چىققاندا ئىزدەش كۆزنىكى بۇ يەردە
مۇشۇ كۆزنەككە سىز روھلانغا مەلۇم نەرسىنى بىلىش، ئۆگىنىش، چۈشۈرۋېلىش ئۈچۈن كىرگەن بولغاندىكىن ، شۇ ئۆزىڭىز ئىھتىياجلىق نەرسىنىڭ ئەڭ مۇھىم، ھالقىلىق بىر ياكى بىر قانچە (بىرنى ياكى بىر يېرىمنى يېزىشنى تەۋسىيە قىلىمىز)كىرگۈزۈڭ.
مەسىلەن: سىز پويىز بېلىتىنى قانداق سېتىۋېلىشنى ئۆگەنمەكچى، ئۇنداقتا ئىزدەش كۆزنىكىگە پويىز دېگەن خەتنىلا كىرگۈزۈپ ، كەينىدىكى كۆك رەڭلىك لوپا ئەينەكنىڭ بەلگىسىنى بېسىڭ، ۋاھ، مانا بىلىم، نىمانداق كۆپ ۋاگۇنلۇق پويىزلار، مەن ئىزدىگەننىڭ ھەممىسى چىقتى.
يەنە سىزگە كونسىپىك، دەرسلىك دېتالى، يېزا ئېگلىك بانكىسىنىڭ تور كەسپى، تېلىگىرافنىڭ يېڭى پائالىيەت تېمىسى، روت ئېلىش دەرسى، ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەر، شوپۇرلۇق سىستېمىسى، win8 بىلىملىرى لازىممۇ؟
ھە ، ئەمىسە يەنە ئوخشاش تارتىنماي بىر باشتىن كېلىڭ.
كونسىپىك، دەرسلىك دېتالىدىن مەلۇم يىللىق، مەلۇم مەۋسۇم، مەلۇم پەننىڭ لازىممۇ؟ شۇنىڭدىن ماس بىرسىنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ بېقىڭ.
مەسىلەن:
خېمىيە دەرسدەپ ئىزدەڭ، خېمىيە دەرسلىكدەپ ئىزدەڭ،2-يىللىق جۇغراپىيە دەپ ئىزدەڭ، نەق ماتىرىيال چىقماي قالسا ، بەزىلەر ماتىرىيالنى يوللىغاندا ئىملاسىنى خاتا يېزىپ يوللاپ قۇيۇشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا جۇغىراپىيە دەپ سىزمۇ خاتا ئىملادائىزدەشنى سىناپ بېقىشنى ئۇنۇتماڭ.
يۇقارقىغا ئوخشاش، سىزگە لازىملىق، ئىزدىگەن مەزمۇننىڭ ئەڭ ھالقىلىق سۆزىنىلا كىرگۈزۈپ ئىزدەش نەتىجىسى ئىچىدىن تاللىۋالسىڭىز سىزگە ئىنتايىن قولايلىق بولىدۇ.
مەن بىرلا قېتىمدا ئىزدەپ تاپىدىغىنى دەپ،باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق 2-مەۋسۈم ماتېماتىكا دەرسىدىن سېلىندىرنىڭ ھەجىمىنى ھېسابلاش دەرسلىك دېتالىدەپ ئىزدىسىڭىز مۇتلەق چىقمايدۇ ھەم تاپالمايسىز، چۈنكى مۇنبەرنىڭ تېما ماۋزۇسىغا پەقەتلا 180 ئېنگىلىزچە ھەرپ پاتىدۇ، بۇنچە تەپسىلىي يېزىپ تېما يوللاشقا ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس.
ئىزدەشتىن يەنە بىر قانچە سىز بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ھۈنەرلەر بار.
سىز ئىزدىمەكچى بولغان تېمىنىڭ قايسى سەھىپىدە ئىكەنلىكىنى ئېنىق جەزىملەشتۈرەلىسىڭىز، ئاۋال شۇ سەھىپىگە كىرىڭ، ئاندىن ئىزدەش كۆزنىكىنىڭ كەينىدىكى يازما دېگەن سۆزنى چېكىپ، ئۇنىڭدىن سەھىپە دېگەننى تاللاپ، ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىز ئىزدەش دائىرسى كىچىكلەپ، تېخىمۇ دەل تاپالايسىز.
يازما ئىزدەشتىن باشقا يەنە ئەزا ئىزدەش ئىقتىدارىمۇ بار بولۇپ، ئەگەر سىز مەلۇم بىر تېمىنى قايسى ئەزانىڭ يوللىغانلىقىنى ئېنىق بىلسىڭىز يۇقارقىغا ئوخشاشلا سەھىپە دېگەننى تاللىماي ئەزا دېگەننى تاللىسىڭىز، ئەزالارنىمۇ ئىزدەپ تاپالايسىز ۋە ئۇلارنى چېكىپ ئېچىپ تېمىسىنى كۆرەلەيسىز.
مانا ئەمدى سىز روھلاندىن بىلىم، ماتىرىيال ئىزدەش ئۇسۇلىنى ۋە بىلىۋالدىڭىز، ئىزدەش كۆزنىكىنى تېپىۋالدىڭىز، ئاۋۇ 88 يۈئەنگە تېگىشمەيدىغان بىلىم، ماتىرىيالنى روھلانغا ئىشتىياق باغلىغان تورداشلىرىمىز بىر پۇڭ ھەق ئالماي ھەقسىز تەمىنلىدى، بەلكىم بۇ ماتىرىيالنىڭ سوممىسى ۋاقتى كەلگەندە 88888 سومدىنمۇ ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن (بۇنى ماتىرىيال ئىزدەش جەريانىدا چوقۇم ھېس قىلالايسىز)
ئەمدى سىز روھلانغا كىرىپلا،ئىزدەشنى باسماي تېما يوللاشنى بېسىپ، ئىلگىرى ھەل بولۇپ بولغان مەسىلىنىمۇ ئاھ ياردەم، جىددى ياردەم ماۋزۇلۇق تېما يوللايدىغان ئىشقا خاتىمە بېرىشنىمۇ ئۆگىنىۋالدىڭىز.
ئەمدى سىز كىيۇ-كىيۇدا ماڭا ئۇچۇر قىلىپلا ماڭا مۇنداق نەرسە لازىمتى دېسىڭىز مەن www.rohlan.com دا بار، ئىزدەپ بېقىڭ دەيدىغان ، سىز بولسىڭىز ئۇنداق قىلماي ماڭا ئاشۇ نەقلا چۈشۈرۈش ئادرىسىنى، شۇ تېمىنىڭ ئۆزىنىڭ نەق ئادرىسىنىلا ئەۋەتىپ بېرىڭ دەيدىغان ۋاقىتلىرىڭىزمۇ كەلمەسكە كەتتىغۇ دەيمەن ھە، چۈنكى سىز ئىزدەش دەيدىغان توردىكى ئەڭ نوچى بىلىمدىن تېگىدىن چۈشىنىۋالدىڭىز، ئېگەللىۋالدىڭىزدە.
شۇڭا سىز 88 سوم ئېلىش نىيىتىڭىزدىن ۋاز كېچىپ، ماۋۇ تېمىنى 8 تەڭگە ياكى قىزغىنلىق، ئىناۋەت، تەجرىبە دېگەندەك ھوقۇقىڭىز يەتكەن دائىرىدە مۇكاپاتلاپ قۇيارسىز. {:5_163:} {:5_163:}
قىممىتى 88888 سوملۇق بىلىم، ماتىرىيالنى تاپىدىغان بىۋاستە ئادرىسنىمۇ قالدۇرۇپ قۇياي، مەرھەمەت
بەكرى007 يوللىغان ۋاقتى2014-2-12 01:44
بۇتىماناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ,سىىزنى قانداق مۇكاپات ...
يانفۇندا بولىدىغان بولمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلماپتىمەن، تۇتىۋېلىپ نېمە كەپتۇ دەيسىز. {:5_171:} بۇتىماناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ,سىىزنى قانداق مۇكاپاتلايمىز.ياكى مىنىڭ تەڭگىلىرىمدىن خالىغىنىڭىزچە ئېلىۋېلىڭ. مەنساقلاشكارتىسىدىكىئۈچۈرلۈپ كەتكەنئەپلەرنىتېلفۇنئۈزىدىلائەسلىگەكەلتۈرىدىغاندېتالبامىدۇدەپئىزدەشرايونىدىنئىزدەپباقسام،كومپىيوتېرنىڭباكەن.تېلفۇننىڭيوق.مۇشۇتوغرىسىداتېمايازسسامتەستىقلانمىدىبولغاي.ياكىئۇنداقدېتالمەۋجۇتئەمەسمۇ؟ ھا ھا 88يۈئەنلىكئبىلم، شۇندا ئەستايىدىل ئۇقۇپ كەپ كۈلۈپ تېلىقىپ قالدىم، كومىدىيەچى بوپ قاپسىز جۇمۇ، لىكىن مەن بىلەتتىم، كۈلكەمنى باسالمايۋاتىمەن، ھا ھا ھا ھھھھھھاااااااا ھو ھې مۇنداق ئىشمىتى بۇ شۇنداق ، بەزىدە باللىلار ئالدىدا كومپىيوتېرتۇرۇپ مەندىن مانى قانداق قىلىمىز، ئانى قانداق قىلىمىز دېسە، مەن قاراپ بىقىپ توردىن تىپىلىىدىغان نەرسە بولسا، كومپىيوتىرنى كىنو كۆرۇشكىلا ئىشلەتمەي ئانچە مۇنچە تور بەتلەردىن ئۆزەڭلار ئۇچۇرغان مەسىلىلارنىڭ ھەل قىلىش چارىسنى ئىزدەشنىمۇ ئۇگۇنۇپ قوياڭلا ئاداش ،ئۆز ۋاقتىدا ماڭىمۇھىچكىم دەپ بەرمىگەن ئۆزەم ئىزدەپ ئۈگەنگەن، بوپتۇ، ئەگەردە پەقەت تاپالمىساڭلار ئاندىن مىنى چاقىرىڭلا، دەپ جاۋاپ بىرەتتىم. بەكمۇ ياخشى يوللۇنۇپتۇ بۇ تىما بەزى ئاۋارچىلىقتىن ئەمدىلەتتىن قۇتۇلۇشقا پايدىسى زور بولغىدەك، بۇلۇپمۇ يىڭىدا ئەزا بولغان دوسلارنىڭ نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ يۈرمەس رەھمەت ئادىلكا توردىن پايدىلنالمىغانلار ئۈچۇن ياخشى دەرىسلىك بوپتۇ بۇ تىما پەرزىمدىكىدەكلا چىقتى....